Аль-МухтасарАль‑Бакара · 2:1–50

Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском

البقرة

Аль-Бакара

Корова · Мединская · 286 аятов

2:1Страница 2

الٓمٓ ١

Алиф. Лам. Мим.

ئەلىف، لام، مىم، بۇ ھەرپلەر بىلەن قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ بەزىسى باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرپلەر يالغۇز كەلگەندە (ئەلىف، بە، تە، سە...)ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق مەنا ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ ھەرپلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكمىتى ۋە ئەھمىيەتلىرى بار، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ھېكمىتى يوق ھېچقانداق نەرسە بولمايدۇ. ھەرپلەرنىڭ مۇھىم ھېكمەتلىرىدىن: ئەرەپلەر سۆزلىشىدىغان ۋە بىلىدىغان ھەرپلەرنىڭ ئۆزىدىن قوراشتۇرۇلغان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىش، شۈنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ سۈرىدە كەلگەندەك نۇرغۇن سۈرىلەردە ھەرپلەردىن كېيىن قۇرئان كەرىم زىكىر قىلىنغان

2:2Страница 2

ذَٰلِكَ ٱلۡكِتَٰبُ لَا رَيۡبَۛ فِيهِۛ هُدٗى لِّلۡمُتَّقِينَ ٢

Это Писание, в котором нет сомнения, является верным руководством для богобоязненных,

بۇ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش تەرەپتىن بولسۇن ياكى لەپزى ۋە مەنالىرى تەرەپتىن بولسۇن، ئۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوقتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئاللاھتىن قورققۇچىلارنى تەقۋادارلىققا يېتىدىغان يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر

2:3–4Страница 2

ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡغَيۡبِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ ٣

которые веруют в сокровенное, совершают намаз и расходуют из того, чем Мы их наделили,

وَٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَ وَبِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ ٤

которые веруют в ниспосланное тебе и ниспосланное до тебя и убеждены в Последней жизни.

مۆئمىنلەر غەيىبكە ئىشىنىدۇ، غەيىب دېگەن: سەزگۈر ئەزالار بىلەن بىلىنمەيدىغان، بىزدىن غايىب بولغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن، قىيامەت كۈنىگە ئوخشاش ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار نامازنى ئاللاھ تائالانىڭ يولغا قويغىنىغا مۇۋاپىق شەرتلەر بىلەن، پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، پەرز قىلىنغان زاكاتنى ياكى قوشۇمچە خەيرى-ساخاۋەتلەرنى ئاللاھ تائالا رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە نازىل قېلىنغان بارلىق ۋەھيىگە ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماستىن ئىشىنىدۇ، ئاخىرەتكە ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى جازا-مۇكاپاتلارغا كەسكىن ئىشىنىدۇ.

2:5Страница 2

أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ ٥

Они следуют верному руководству от их Господа, и они являются преуспевшими.

ئۇلار توغرا يولدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئۇلار ئارزۇلىرىغا يېتىش ۋە ئەنسىرىگەن نەرسىلەردىن قۇتۇلۇش بىلەن دۇنيا-ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىدۇر

2:6Страница 3

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ ءَأَنذَرۡتَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تُنذِرۡهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ٦

Воистину, неверующим безразлично, предостерег ты их или не предостерег. Они все равно не уверуют.

ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمىغان، ئازغۇنلۇقنى ۋە ھەددىدىن ئېشىشنى داۋاملاشتۇرغانلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقلىق بولدى، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ياكى ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ ئوخشاش.

2:7Страница 3

خَتَمَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ وَعَلَىٰ سَمۡعِهِمۡۖ وَعَلَىٰٓ أَبۡصَٰرِهِمۡ غِشَٰوَةٞۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ ٧

Аллах запечатал их сердца и слух, а на глазах у них - покрывало. Им уготованы великие мучения.

چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىنى دىلىدىكى باتىل نەرسىلەر بىلەن قۇلۇپلاپ پېچەتلىۋەتتى، قۇلاقلىرىنىمۇ پېچەتلىدى، ئۇلار ھەقگە بويسۇنۇش ۋە ھەقنى ئاڭلاش تەرىقىسىدە ئاڭلىمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئوپ-ئوچۇق ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارغا كاتتا ئازاب بار

2:8Страница 3

وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَمَا هُم بِمُؤۡمِنِينَ ٨

Среди людей есть такие, которые говорят: «Мы уверовали в Аллаха и в Последний день». Однако они суть неверующие.

ئىنسانلاردىن بىر گورۇھ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرىدىن ئەنسىرەپ تىللىرى بىلەن ئىمان كەلىمىسىنى دەيدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىنى مۆئمىن دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ماھىيەتتە كاپىردۇر

2:9Страница 3

يُخَٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَمَا يَخۡدَعُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ ٩

Они пытаются обмануть Аллаха и верующих, но обманывают только самих себя и не осознают этого.

ئۇلار نادانلىقىدىن ئىماننى ئاشكارا قىلىپ، كۇپىرنى يوشۇرۇپ ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىدۇق دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنى ئالدايدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر. مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ سۈپىتى ۋە ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ

2:10Страница 3

فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ فَزَادَهُمُ ٱللَّهُ مَرَضٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡذِبُونَ ١٠

Их сердца поражены недугом. Да усилит Аллах их недуг! Им уготованы мучительные страдания за то, что они лгали.

بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا شەكلىنىش بار، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شەكلىنىشتىن ئىبارەت بولغان كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى، جازا قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. ئاللاھنى، ئىنسانلارنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەق دىننى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا دەرتلىك ئازاب بار

2:11Страница 3

وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ لَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ قَالُوٓاْ إِنَّمَا نَحۡنُ مُصۡلِحُونَ ١١

Когда им говорят: «Не распространяйте нечестия на земле!». - они отвечают: «Только мы и устанавливаем порядок».

ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىشتىن چەكلەنسە، ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىنى بىز ئىسلاھ قىلغۇچى، ئىسلاھات ئىگىلىرى دەپ ئويلايدۇ

2:12Страница 3

أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡمُفۡسِدُونَ وَلَٰكِن لَّا يَشۡعُرُونَ ١٢

Воистину, именно они распространяют нечестие, но они не осознают этого.

ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار بولۇپ، بۇنى تۇيمايدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئوپ-ئوچۇق بۇزۇقچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايدۇ.

2:13Страница 3

وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ ءَامِنُواْ كَمَآ ءَامَنَ ٱلنَّاسُ قَالُوٓاْ أَنُؤۡمِنُ كَمَآ ءَامَنَ ٱلسُّفَهَآءُۗ أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلسُّفَهَآءُ وَلَٰكِن لَّا يَعۡلَمُونَ ١٣

Когда им говорят: «Уверуйте так, как уверовали люди», - они отвечают: «Неужели мы уверуем так, как уверовали глупцы?». Воистину, именно они являются глупцами, но они не знают этого.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلسا، ئۇلار مەسخىرە قىلىپ، كۆزگە ئىلماي: بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق بولسىمۇ لېكىن ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ

2:14Страница 3

وَإِذَا لَقُواْ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوۡاْ إِلَىٰ شَيَٰطِينِهِمۡ قَالُوٓاْ إِنَّا مَعَكُمۡ إِنَّمَا نَحۡنُ مُسۡتَهۡزِءُونَ ١٤

Когда они встречают верующих, то говорят: «Мы уверовали». Когда же они остаются наедине со своими дьяволами, они говорят: «Воистину, мы - с вами. Мы лишь издеваемся».

ئۇلار مۆئمىنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلاردىن قورقۇپ: سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق دەيدۇ، مۆئمىنلەردىن ئايرىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، بىز ھەقىقەتتە سىلەرگە ئەگىشىمىز، سىلەر بىلەن بىللە، لېكىن مۆئمىنلەرنى زاڭلىق ۋە مەسخىرە قىلىپ كۆرۈنۈشتە ئۇلارغا ماسلىشىمىز، دەيدۇ.

2:15Страница 3

ٱللَّهُ يَسۡتَهۡزِئُ بِهِمۡ وَيَمُدُّهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ ١٥

Аллах поиздевается над ними и увеличит их беззаконие, в котором они скитаются вслепую.

ئۇلارنىڭ مۆئمىنلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقىنىڭ باراۋىرىدە، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، جازا ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا ئۇلارغا مۇسۇلمانلارغا بېرىلگەن ھۆكۈم ئىجرا بولىدۇ، ئەمما ئاخىرەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلىقى ۋە نىپاقلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئازغۇنلۇق ۋە ھەددىدىن ئېشىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىلىنىش ۋە ھەيرانلىقتا قالىدۇ

2:16Страница 3

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلضَّلَٰلَةَ بِٱلۡهُدَىٰ فَمَا رَبِحَت تِّجَٰرَتُهُمۡ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ ١٦

Они - те, которые купили заблуждение за верное руководство. Но сделка не принесла им прибыли, и они не последовали прямым путем.

ئۇلار ئەقىلسىزلەردۇر، چۈنكى ئۇلار ئىماننى كۇپىرغا ئالماشتۇردى، ئۇلار ئاللاھقا بولغان ئىماننى زېيان تارتقانلىقى ئۈچۈن بۇ تىجارىتىدە پايدا ئالالمىدى ۋە توغرا يول تاپقۇچىمۇ بولمىدى.

2:17Страница 4

مَثَلُهُمۡ كَمَثَلِ ٱلَّذِي ٱسۡتَوۡقَدَ نَارٗا فَلَمَّآ أَضَآءَتۡ مَا حَوۡلَهُۥ ذَهَبَ ٱللَّهُ بِنُورِهِمۡ وَتَرَكَهُمۡ فِي ظُلُمَٰتٖ لَّا يُبۡصِرُونَ ١٧

Они подобны тому, кто разжег огонь. Когда же огонь озарил все вокруг него, Аллах лишил их света и оставил их в темноте, где они ничего не видят.

ئاللاھ تائالا ئاشۇ مۇناپىقلار ئۈچۈن ئوتتىن ۋە سۇدىن ئىبارەت بولغان ئىككى تۈرلۈك ئوخشۇتۇشنى بايان قىلدى: ئۇلارنىڭ ئوتتىن بولغان ئوخشىتىلىشى: ئۇلار يورۇقلۇق ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىگە ئوخشايدۇ، ئوتنىڭ نۇرى پارلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ نۇرىدىن مەنپەئەتلىنىشنى ئويلىغاندا، ئوتنىڭ يالقۇنى پەسلەپ، چوغى قېلىپ، يورۇقلىقى كېتىپ قالىدۇ-دە، ئوت ياققۇچىلار ئەتراپتىكى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەي يولىنى تاپالمايدۇ.

2:18Страница 4

صُمُّۢ بُكۡمٌ عُمۡيٞ فَهُمۡ لَا يَرۡجِعُونَ ١٨

Глухие, немые, слепые! Они не вернутся на прямой путь.

ئۇلار گاس بولۇپ ھەقنى قوبۇل قىلىش تەرىقىسىدە ئاڭلىمايدۇ، ھەقنى سۆزلەشتىن گاچىدۇر، ھەقنى كۆرۈشتىن كۆردۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقىدىن قايتمايدۇ

2:19Страница 4

أَوۡ كَصَيِّبٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فِيهِ ظُلُمَٰتٞ وَرَعۡدٞ وَبَرۡقٞ يَجۡعَلُونَ أَصَٰبِعَهُمۡ فِيٓ ءَاذَانِهِم مِّنَ ٱلصَّوَٰعِقِ حَذَرَ ٱلۡمَوۡتِۚ وَٱللَّهُ مُحِيطُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ ١٩

Или же они подобны тем, кто оказался под ливнем с неба. Он несет мрак, гром и молнию. Они же в смертельном страхе затыкают уши пальцами от грохота молний. Воистину, Аллах объемлет неверующих.

ئۇلارنىڭ سۇدىن بولغان ئوخشىتىلىشى: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن گۈلدۈرمامىلىق، چاقماقلىق قاراڭغۇ كېچىدە قاتتىق يامغۇر چۈشكەندە قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار چاقماق ئاۋازىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالىدۇ، ئاللاھ كاپىرلارنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلار ئاللاھنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ

2:20Страница 4

يَكَادُ ٱلۡبَرۡقُ يَخۡطَفُ أَبۡصَٰرَهُمۡۖ كُلَّمَآ أَضَآءَ لَهُم مَّشَوۡاْ فِيهِ وَإِذَآ أَظۡلَمَ عَلَيۡهِمۡ قَامُواْۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمۡعِهِمۡ وَأَبۡصَٰرِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ٢٠

Молния готова отнять у них зрение. Когда она вспыхивает, они отправляются в путь, когда же опускается мрак, они останавливаются. Если бы Аллах пожелал, Он лишил бы их слуха и зрения. Воистину, Аллах способен на всякую вещь.

چاقماقنىڭ قاتتىق چېقىشى ۋە نۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئۇلار كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقلىقىدا ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، يورۇقلۇق تۈگىگەندە، قاراڭغۇ-زۇلمەتتە قىلىپ ھەرىكەتلىنىشكە قادىر بولالمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر بولغان قۇدرىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كەتكۈزىۋېتەتتى، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئەزالىرىنى ئۇلارغا قايتۇرمايتتى. يامغۇر قۇرئان كەرىمنىڭ مىسالىدۇر، چاقماق ئاۋازى قۇرئان كەرىمدىكى چەكلىمىلەرنىڭ مىسالىدۇر، چاقماقنىڭ يورۇقى ئۇلار ئۈچۈن بەزى ۋاقىتتا ھەقنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقىنىڭ مىسالىدۇر، گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قۇلىقىنى ئېتىۋىلىشى ئۇلارنىڭ ھەقنى قوبۇل قىلماستىن، ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنىڭ مىسالىدۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى مىسال بىلەن مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاق ئوخشىتىش بولسا، مەنپەئەتلىنەلمەسلىكتۇر، ئوتنىڭ مىسالىدا بولسا: ئوتنى يورۇتقۇچى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشى ۋە قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسىدىن مەنپەئەتلىنەلمىدى، سۇنىڭ مىسالىدا بولسا: يامغۇردا قالغان كىشىلەر گۇلدۈرماما ۋە چاقماقنىڭ گۈلدۈرلىشى ۋە قورقۇشىدىن باشقا نەرسىدىن مەنپەئەتلىنەلمىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناپىقلارمۇ ئىسلامدىن قوپاللىق ۋە رەھىمسىزلىكتىن باشقىنى كۆرمەيدۇ

2:21Страница 4

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱعۡبُدُواْ رَبَّكُمُ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ ٢١

О люди! Поклоняйтесь вашему Господу, Который сотворил вас и тех, кто был до вас, - быть может, вы устрашитесь.

ئى ئىنسانلار! سىلەر يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلارغا، ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتتى، سىلەردىن ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن ئۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىدا توسانجا قېلىشىڭلار ئۈمىد قىلىنىدۇ

2:22Страница 4

ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ فِرَٰشٗا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءٗ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ فَلَا تَجۡعَلُواْ لِلَّهِ أَندَادٗا وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٢٢

Он сделал для вас землю ложем, а небо - кровлей, низвел с неба воду и взрастил ею плоды для вашего пропитания. Посему никого не равняйте с Аллахом сознательно.

ئاللاھ زېمىننى سىلەر ئۈچۈن تۆشەك قىلدى، زېمىننىڭ ئۈستىدە ئاسماننى مۇستەھكەم بىناغا ئوخشاش قىلدى، سىلەرگە نېئمەت ئاتا قىلىش بىلەن يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق زېمىندىن تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەردى. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق يەككە-يىگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر

2:23Страница 4

وَإِن كُنتُمۡ فِي رَيۡبٖ مِّمَّا نَزَّلۡنَا عَلَىٰ عَبۡدِنَا فَأۡتُواْ بِسُورَةٖ مِّن مِّثۡلِهِۦ وَٱدۡعُواْ شُهَدَآءَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ ٢٣

Если же вы сомневаетесь в том, что Мы ниспослали Нашему рабу, то сочините одну подобную суру и призовите своих свидетелей, помимо Аллаха, если вы говорите правду.

ئى ئىنسانلار! سىلەر بەندىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىم ھەققىدە شەك قىلساڭلار، بىز سىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىمىز، سىلەر قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قۇرئاندىكى سۈرىلەرنىڭ ئوخشىشىدا ئەڭ قىسقا بولسىمۇ بىرەر سۆرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، قۇرئانغا قارشى تۇرۇشتا بارلىق ياردەمچىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار

2:24Страница 4

فَإِن لَّمۡ تَفۡعَلُواْ وَلَن تَفۡعَلُواْ فَٱتَّقُواْ ٱلنَّارَ ٱلَّتِي وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلۡحِجَارَةُۖ أُعِدَّتۡ لِلۡكَٰفِرِينَ ٢٤

Если же вы этого не сделаете - а ведь вы никогда этого не сделаете, - то побойтесь Огня, растопкой которого являются люди и камни. Он уготован для неверующих.

ئەگەر ئۇنداق قىلالمىغان بولساڭلار، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر، ئازابقا ھەقلىق بولغان ئىنسانلار ۋە ئۇلار چوقۇنغان تۈرلۈك تاشلار ۋە باشقا نەرسىلەر يېقىلغۇ قېلىنىدىغان دوزاختىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تائالا دوزاخ ئوتىنى كاپىرلارغا تەييار قىلدى

2:25Страница 5

وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ كُلَّمَا رُزِقُواْ مِنۡهَا مِن ثَمَرَةٖ رِّزۡقٗا قَالُواْ هَٰذَا ٱلَّذِي رُزِقۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَأُتُواْ بِهِۦ مُتَشَٰبِهٗاۖ وَلَهُمۡ فِيهَآ أَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞۖ وَهُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ ٢٥

Обрадуй тех, которые уверовали и совершали праведные деяния, тем, что им уготованы Райские сады, в которых текут реки. Всякий раз, когда им будут подавать плоды для пропитания, они будут говорить: «Это уже было даровано нам прежде». Но им будут давать нечто похожее. У них там будут очищенные супруги, и они пребудут там вечно.

يۇقىرىدا كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئازابلار بايان قىلىندى، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىشەنگەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆئمىنلەرگە، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان قەسىرلىرى ۋە باغچىلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، ئۇلار جەننەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان ۋاقىتتا، بۇ مېۋىلەرنىڭ دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە بەك ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىز بۇرۇن دۇنيادىمۇ بۇ مېۋىلەردىن رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق دەيدۇ، ئۇلارغا شەكلى، ئىسمى كۆرۈنىشى دۇنيادا تونۇشلۇق بولغان مېۋىلەر كەلتۈرۈلىدۇ، لېكىن ئۇ مېۋىلەرنىڭ تەمى ۋە تاتلىقلىقى دۇنيادىكى مېۋىلەرگە ئوخشىمايدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا دۇنيا ئەھلىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى پاسكىنا ۋە يىرگىنىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن پاك بولغان جۈپلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتتە دۇنيادىكى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان نېئمەتلەرگە ئوخشىمايدىغان، ئۈزۈلمەي مەڭگۈ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان نېمەتلەردە بولىدۇ

2:26Страница 5

۞ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَسۡتَحۡيِۦٓ أَن يَضۡرِبَ مَثَلٗا مَّا بَعُوضَةٗ فَمَا فَوۡقَهَاۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَيَقُولُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلٗاۘ يُضِلُّ بِهِۦ كَثِيرٗا وَيَهۡدِي بِهِۦ كَثِيرٗاۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِۦٓ إِلَّا ٱلۡفَٰسِقِينَ ٢٦

Воистину, Аллах не смущается приводить притчи о комаре или том, что больше него. Те, которые уверовали, знают, что это - истина от их Господа. Те же, которые не уверовали, говорят: «Чего хотел Аллах, когда приводил эту притчу?». Посредством нее Он многих вводит в заблуждение, а многих наставляет на прямой путь. Однако вводит Он в заблуждение посредством нее только нечестивцев,

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، پاشا ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق ياكى كېچىكرەك نەرسىنى مىسال قىلىدۇ، ئىنسانلار مۇشۇ مىسالنىڭ تەرىپىدە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: مۆئمىنلەر ۋە كاپىرلار، ئەمما مۆئمىنلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە بۇ مىسالنىڭ ئارقىسىدا ھېكمەت بارلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما كاپىرلار بولسا مەسخىرە قىلغان ھالەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ پاشا، چېۋىن ۋە ئۆمۇچۈككە ئوخشاش ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان نەرسىلەرنى مىسال كەلتۈرىشىدىكى سەۋەبنى سورايدۇ، بۇنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ: بۇ مىساللاردا ئىنسانلارنى ئىمتىھان قىلىش، يول كۆرسۈتۈش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت بۈيۈك بىر ھېكمەت بار، ئاللاھ تائالا مۇشۇ مىساللار بىلەن بۇ توغرىدا پىكىر قېلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار كۆپ ساندىكى كىشىلەردۇر، بۇ مىسالنىڭ سەۋەبى بىلەن ۋەز-نەسىھەت ئالغان كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ، ئۇلارمۇ كۆپتۇر، ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارغا ئوخشاش ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان، ئازغۇنلۇققا دۇچار بولغان كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ

2:27Страница 5

ٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهۡدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مِيثَٰقِهِۦ وَيَقۡطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ ٢٧

которые нарушают завет с Аллахом после того, как они заключили его, разрывают то, что Аллах велел поддерживать, и распространяют нечестие на земле. Именно они окажутся в убытке.

ئاللاھ ئۇلاردىن يالغۇز ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر خەۋەر بەرگەن ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش توغرىسىدا ئەھدە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلاشقا بۇيرىغان سىلە-رەھىمنى ئۈزۈش، زېمىندا گۇناھ-مەسىيەت تارىتىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشقا ئوخشىغان رەزىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيا-ئاخىرەتتە تولۇق نەسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

2:28Страница 5

كَيۡفَ تَكۡفُرُونَ بِٱللَّهِ وَكُنتُمۡ أَمۡوَٰتٗا فَأَحۡيَٰكُمۡۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ ٢٨

Как вы можете не веровать в Аллаха, тогда как вы были мертвы, и Он оживил вас? Потом Он умертвит вас, потом оживит, а потом вы будете возвращены к Нему.

ئى كاپىرلار سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ھەيران قالارلىق! ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىنى ئۆزۈڭلاردا كۆرۈۋاتىسىلەر، سىلەر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئېدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى پەيدا قىلدى، تىرىلگۈزدى، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى ئىككىنچى قېتىم ۋاپات تاپقۇزۇپ، ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.

2:29Страница 5

هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ ٢٩

Он - Тот, Кто сотворил для вас все, что на земле, а затем обратился к небу и сделал его семью небесами. Ему известно о всякой вещи.

ئاللاھ ئۆزى يالغۇز زېمىندىكى دەريا-ئۆستەڭ، دەل-دەرەخ قاتارلىق سانىنى ساناپ بولغىلى بولمايدىغان بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، سىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىسىلەر، ئاندىن ئاسمانغا ئۆرلەپ يەتتە قات ئاسماننى تەدرىجى ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئىلمى كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

2:30Страница 6

وَإِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي جَاعِلٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ خَلِيفَةٗۖ قَالُوٓاْ أَتَجۡعَلُ فِيهَا مَن يُفۡسِدُ فِيهَا وَيَسۡفِكُ ٱلدِّمَآءَ وَنَحۡنُ نُسَبِّحُ بِحَمۡدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَۖ قَالَ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ ٣٠

Вот твой Господь сказал ангелам: «Я установлю на земле наместника». Они сказали: «Неужели Ты поселишь там того, кто будет распространять нечестие и проливать кровь, тогда как мы прославляем Тебя хвалой и освящаем Тебя?». Он сказал: «Воистину, Я знаю то, чего вы не знаете».

ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە ئۆزىنىڭ زېمىندا ئىنسان يارىتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئورۇنباسار بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالادىن(بىلىش ۋە توغرا يول تېپىش مەقسىتىدە) زېمىندا ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئورۇنباسار قىلىپ يارىتىشنىڭ ھېكمىتىنى سوراپ، ئۇلار زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ، ناھەق قان تۆكىدۇ، بىز بولساق ساڭا ئىتائەت قىلىمىز، سېنى پاك دەپ مەدھىيلەيمىز، توختىماستىن سېنى يۈكسەكلىكىڭ ۋە مۇكەممەللىكىڭ بىلەن ئۇلۇغلايمىز دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: مەن ئۇلارنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا مەقسەت ۋە ئۇلارنى يارىتىشتىن ئىبارەت بولغان پارلاق ھېكمەتتىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن دەيدۇ

2:31Страница 6

وَعَلَّمَ ءَادَمَ ٱلۡأَسۡمَآءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمۡ عَلَى ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ فَقَالَ أَنۢبِـُٔونِي بِأَسۡمَآءِ هَٰٓؤُلَآءِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ ٣١

Он научил Адама всевозможным именам, а затем показал их (творения, нареченные именами) ангелам и сказал: «Назовите мне их имена, если вы говорите правду».

ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بارلىق جانلىق-جانسىز نەرسىلەرنىڭ ئىسىم-ئاتالغۇلىرى ۋە مەنالىرىنى تەلىم بەردى، ئاندىن ئىسىملىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىلدۇرۇلگەن نەرسىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسۈتۈپ: سىلەر ئۆز قارىشىڭلاردا بىز بۇ مەخلۇقتىن ئىززەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك دېگەن سۆزۈڭلاردا سەمىمى بولساڭلار، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسملىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار دەيدۇ.

2:32Страница 6

قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ لَا عِلۡمَ لَنَآ إِلَّا مَا عَلَّمۡتَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ ٣٢

Они ответили: «Пречист Ты! Мы знаем только то, чему Ты научил нас. Воистину, Ты - Знающий, Мудрый».

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەمچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىپ، پەزلى-ھېكمەتنى ئاللاھقا قايتۇرۇپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى پاك دەپ ئۇلۇغلايمىز، سېنىڭ ھۆكمىڭ ۋە قانۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرمەيمىز، بىز سەن بىزگە ئىلىمدىن تەلىم بەرگەن نەرسىنى بىلىمىز، سەن بارلىق نەرسىلەرنى بىلىسەن، قانۇنىڭ ۋە قۇدرىتىڭدىن ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويىدىغان ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن دەيدۇ.

2:33Страница 6

قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ أَنۢبِئۡهُم بِأَسۡمَآئِهِمۡۖ فَلَمَّآ أَنۢبَأَهُم بِأَسۡمَآئِهِمۡ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ غَيۡبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَأَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا كُنتُمۡ تَكۡتُمُونَ ٣٣

Он сказал: «О Адам! Поведай им об их именах». Когда Адам поведал им об их именах, Он сказал: «Разве Я не говорил вам, что знаю сокровенное на небесах и земле, и знаю, что вы совершаете открыто и что утаиваете?».

شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: پەرىشتىلەرگە بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىدىن خەۋەر بەرگىن دەيدۇ، ئادەم ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەلىم بەرگەندەك خەۋەر بېرىدۇ، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە: مەن سىلەرگە ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئىشىڭلاردىن ئاشكارا ۋە كۆڭلۈڭلەردە يوشۇرغاننىمۇ بىلىپ تۇرىمەن دېمىگەنمىدىم، دېدى.

2:34Страница 6

وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰ وَٱسۡتَكۡبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ ٣٤

Вот Мы сказали ангелам: «Падите ниц перед Адамом». Они пали ниц, и только Иблис отказался, возгордился и стал одним из неверующих.

ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت-ئېھتىرام سەجدىسى قىلىشقا بۇيرىغان ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشقا ئالدىراپ تىزدىن سەجدە قىلدى، جىنلاردىن بولغان ئىبلىس ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئادەمگە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغۇچىلاردىن بولدى.

2:35Страница 6

وَقُلۡنَا يَٰٓـَٔادَمُ ٱسۡكُنۡ أَنتَ وَزَوۡجُكَ ٱلۡجَنَّةَ وَكُلَا مِنۡهَا رَغَدًا حَيۡثُ شِئۡتُمَا وَلَا تَقۡرَبَا هَٰذِهِ ٱلشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ ٣٥

Мы сказали: «О Адам! Поселись в Раю вместе со своей супругой. Ешьте там вволю, где пожелаете, но не приближайтесь к этому дереву, а не то окажетесь одними из беззаконников».

بىز ئادەمگە: ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتتىكى نەرسىلەردىن قېينالماستىن كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار. سىلەر مېۋىسىنى يېيىشتىن چەكلەنگەن مۇشۇ دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىڭلار، بولمىسا بۇيرۇقۇمغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر.

2:36Страница 6

فَأَزَلَّهُمَا ٱلشَّيۡطَٰنُ عَنۡهَا فَأَخۡرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِۖ وَقُلۡنَا ٱهۡبِطُواْ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ وَلَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُسۡتَقَرّٞ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ ٣٦

Дьявол же побудил их споткнуться о него и вывел их оттуда, где они находились. И тогда Мы сказали: «Низвергнитесь и будьте врагами друг другу! Земля будет для вас обителью и предметом пользования до определенного срока».

شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەبىھ ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەتتا ئاللاھ ئۇلارنى يېيىشتىن چەكلىگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈش ئارقىلىق خاتالاشتۇردى، ئاللاھ بۇ ئىككىسىنى جازالاپ جەننەتتىن چىقاردى، ئۇ ئىككىسىگە ۋە شەيتانغا: بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالەتتە زېمىنغا چۈشۈڭلار، سىلەر زېمىندا ئەجىلىڭلار توشۇپ، قىيامەت بولغانغا قەدەر زېمىندىكى نېمەتلەردىن مەنپەئەتلىنىڭلار دېدى

2:37Страница 6

فَتَلَقَّىٰٓ ءَادَمُ مِن رَّبِّهِۦ كَلِمَٰتٖ فَتَابَ عَلَيۡهِۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ ٣٧

Адам принял слова от своего Господа, и Он принял его покаяние. Воистину, Он - Принимающий покаяние, Милосердный.

ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى، ئۇ دۇئالار ئىلھام ئارقىلىق بلدۈرۈلدى، ئۇ سۆزلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: «ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز، دېدى» [ئەئراپ سۈرىسى 23-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايتى مېھرىباندۇر

2:38Страница 7

قُلۡنَا ٱهۡبِطُواْ مِنۡهَا جَمِيعٗاۖ فَإِمَّا يَأۡتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدٗى فَمَن تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٣٨

Мы сказали: «Низвергнитесь отсюда все!». Если к вам явится руководство от Меня, то те, которые последуют за Моим руководством, не познают страха и не будут опечалены.

ئۇلارغا: ھەممىڭلار جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈڭلار، سىلەرگە مېنىڭ پەيغەمبىرىم ئارقىلىق مەن تەرەپتىن يول كۆرسەتكۈچ كەلسە، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ئاخىرەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىگىمۇ قايغۇرمايدۇ، دېدۇق.

2:39Страница 7

وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ ٣٩

А те, которые не уверуют и сочтут ложью Наши знамения, будут обитателями Огня. Они пребудут там вечно.

كاپىر بولغانلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.

2:40Страница 7

يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَوۡفُواْ بِعَهۡدِيٓ أُوفِ بِعَهۡدِكُمۡ وَإِيَّٰيَ فَٱرۡهَبُونِ ٤٠

О сыны Исраила (Израиля)! Помните милость, которую Я оказал вам. Будьте верны завету со Мной, и Я буду верен завету с вами. Меня одного страшитесь.

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يەئقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئارقىمۇ-ئارقا بەرگەن نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار ۋە ئۇ نېئمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە ئىشىنىش ۋە قانۇن-پرىنسىپلىرىمغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. مەنمۇ: سىلەرنى دۇنيادا ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، قىيامەت كۈنىدە ئېسىل مۇكاپات بېرىشتىن ئىبارەت بولغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارنى بۇزماڭلار

2:41Страница 7

وَءَامِنُواْ بِمَآ أَنزَلۡتُ مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَكُمۡ وَلَا تَكُونُوٓاْ أَوَّلَ كَافِرِۭ بِهِۦۖ وَلَا تَشۡتَرُواْ بِـَٔايَٰتِي ثَمَنٗا قَلِيلٗا وَإِيَّٰيَ فَٱتَّقُونِ ٤١

Уверуйте в то, что Я ниспослал в подтверждение того, что есть у вас, и не становитесь первыми, кто отказался уверовать в это. Не продавайте Мои знамения за ничтожную цену и Меня одного бойтесь.

ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدا، ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرىكى تەۋراتتا كەلگەنگە مۇۋاپىق بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ھوقۇق ۋە يۈز ئابرۇيدىن بولغان ئازراق نەرسىگە مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سېتىۋەتمەڭلار، مېنىڭ غەزىبىم ۋە ئازابىمدىن قورقۇڭلار

2:42Страница 7

وَلَا تَلۡبِسُواْ ٱلۡحَقَّ بِٱلۡبَٰطِلِ وَتَكۡتُمُواْ ٱلۡحَقَّ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٤٢

Не облекайте истину в ложь и не скрывайте истину, тогда как вы знаете ее.

مەن پەيغەمبىرىمگە نازىل قىلغان ھەقنى ئۆزۇڭلار توقىغان باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار، سىلەر ئىشەنچ بىلەن بىلىپ تۇرۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىدىن كىتابىڭلاردا بايان قىلىنغان ھەقىقەتنى يوشۇرماڭلار

2:43Страница 7

وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱرۡكَعُواْ مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ ٤٣

Совершайте намаз, выплачивайте закят и кланяйтесь вместе с кланяющимися.

نامازنى پەرز-ۋاجىپ، سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا قىلغان پۇل-ماللارنىڭ زاكىتىنى چېقىرىڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار

2:44Страница 7

۞ أَتَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبِرِّ وَتَنسَوۡنَ أَنفُسَكُمۡ وَأَنتُمۡ تَتۡلُونَ ٱلۡكِتَٰبَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ ٤٤

Неужели вы станете призывать людей к добродетели, предав забвению самих себя, ведь вы же читаете Писание? Неужели вы не образумитесь?

سىلەرنىڭ باشقىلار ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە بۇيرۇپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭلار نېمە دېگەن نۇمۇسسىزلىق! سىلەر تەۋراتنى ئوقۇيسىلەر، ئۇنىڭدىكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگىشىش ۋە پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقنى بىلىسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنمەمسىلەر؟

2:45Страница 7

وَٱسۡتَعِينُواْ بِٱلصَّبۡرِ وَٱلصَّلَوٰةِۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى ٱلۡخَٰشِعِينَ ٤٥

Обратитесь за помощью к терпению и намазу. Воистину, намаз является тяжким бременем для всех, кроме смиренных,

دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىدە سىلەرنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە ئاللاھقا يەتكۈزىدىغان ناماز ئوقۇش ۋە سەۋىر قىلىش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە مۇھاپىزەت قىلىدۇ. شۇنداقلا سىلەرگە يېتىدىغان زىياننى كەتكۈزۈۋېتىدۇ، ھەقىقەتەن ناماز كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن باشقىلارغا قېيىن ۋە مۇشەققەتلىك ئىشتۇر

2:46Страница 7

ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُواْ رَبِّهِمۡ وَأَنَّهُمۡ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ ٤٦

которые убеждены в том, что они встретятся со своим Господом и что они возвратятся к Нему.

ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىغان ۋە قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىشىنىدىغانلار تەقۋادار كىشىلەردۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىگە مۇناسىپ ھالدا مۇكاپاتلايدۇ

2:47Страница 7

يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَنِّي فَضَّلۡتُكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ ٤٧

О сыны Исраила (Израиля)! Помните о милости, которую Я оказал вам, а также о том, что Я возвысил вас над мирами.

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يەئقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى! مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلىرىمنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق بىلەن شۇ زاماندىكى بارلىق جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار

2:48Страница 7

وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا لَّا تَجۡزِي نَفۡسٌ عَن نَّفۡسٖ شَيۡـٔٗا وَلَا يُقۡبَلُ مِنۡهَا شَفَٰعَةٞ وَلَا يُؤۡخَذُ مِنۡهَا عَدۡلٞ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ ٤٨

Страшитесь того дня, когда ни один человек не принесет пользы другому и когда не будет принято заступничество, когда нельзя будет откупиться и когда им не будет оказана поддержка.

ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىنى تەرك قىلىش بىلەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى بىلەن ئۆزۇڭلارنىڭ ئارىسىدا توساق قىلىڭلار، ئۇ كۈندە كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مەنپەئەتنى جەلىپ قىلىپ، زېياننى دەپئى قىلىشتا ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ، زېمىن تولغىدەك ئالتۇن بولسىمۇ ھېچ كىشىدىن پىديە ئېلىنمايدۇ، ئۇ كۈندە گۇناھكار-كاپىرلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ، شاپائەت قوبۇل قىلىنمىسا، پىديە ئېلىنمىسا ۋە ياردەمگە ئېرىشەلمىسە، قەيەرگە قاچىدۇ؟!

2:49Страница 8

وَإِذۡ نَجَّيۡنَٰكُم مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَسُومُونَكُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبۡنَآءَكُمۡ وَيَسۡتَحۡيُونَ نِسَآءَكُمۡۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَآءٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَظِيمٞ ٤٩

Вот Мы спасли вас от рода Фараона. Они подвергали вас ужасным мучениям, убивали ваших сыновей и оставляли в живых ваших женщин. Это было для вас великим испытанием (или великой милостью) от вашего Господа.

ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سىلەرنىڭ نەسلىڭلارنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاھانەت قىلىش ۋە بەك خارلاش ئۈچۈن قىزلىرىڭلارنى ھايات قويۇپ خىزمەتكە سېلىشتىن ئىبارەت بولغان تۈرلۈك ئازابدىن قۇتقۇزغانلىقىنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش، سىلەرنىڭ شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭلاردىن بولغان زور سىناقتۇر

2:50Страница 8

وَإِذۡ فَرَقۡنَا بِكُمُ ٱلۡبَحۡرَ فَأَنجَيۡنَٰكُمۡ وَأَغۡرَقۡنَآ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ وَأَنتُمۡ تَنظُرُونَ ٥٠

Вот Мы разверзли для вас море, спасли вас и потопили род Фараона, тогда как вы наблюдали за этим.

بىزنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىمىزنى ياد ئېتىڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنىڭ مېڭىشىڭلار ئۈچۈن قۇرۇق يول قىلدۇق، سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، دۈشمىنىڭلار بولغان پىرئەۋن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر قاراپ تۇرغان ھالەتتە غەرق قىلدۇق

Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии

Содержание

Аят аль-Курси36Аль-Кахфстр. 42джуз 15Бухари 1Муслим 2999

Вид

Тема
Размер текста
Вид

Read in English