Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском
الفاتحة
Аль-Фатиха
Открывающая Коран · Мекканская · 7 аятов
ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرئان كەرىم ئوقۇشنى باشلايمەن، بىسمىللاھ دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن ئۈچنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولۇپ ئۇلار:1 -«ئاللاھ»يەنى ھەقىقى مەبۇد ئاللاھ بولۇپ، بۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىسمى بولۇپ، ئاللاھنىڭ غەيرى بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمايدۇ. 2-«ئەررەھمان»يەنى: چەكسىز رەھمەت ئىگىسى، ئۆز زاتىدىمۇ رەھمەت قىلغۇچىدۇر. 3-«ئەررەھىم»يەنى دائىمىي رەھمەت قىلغۇچى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتى بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رەھىم قىلىدۇ، مۆئمىنلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
مۇكەممەل، يۈكسەك سۈپەتلەردىن بولغان مەدھىيىلەرنىڭ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى يالغۇز ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى، ياراتقۇچىسى ۋە تەدبىر قىلغۇچىسىدۇر. ئالەمۇن دېگەن؛ ئالەم دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ئۇلار ئاللاھدىن باشقا ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئىلگىرىكى ئايەتتە ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانى مەدھىيلەش باردۇر.
ئۇلۇغلۇق ئاللاھ ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، قىيامەت كۈنىدە بىر كىشى يەنە بىر كىشى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. قىيامەت كۈنى: ھېساب ۋە جازا كۈنىدۇر.
1:5Страница 1
إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ ٥
Тебе одному мы поклоняемся и Тебя одного молим о помощи.
تائەت-ئىبادەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى يالغۇز ساڭىلا قىلىمىز، ساڭا سېنىڭ غەيرىڭنى شېرىك قىلمايمىز، بارلىق ئىشلىرىمىزدا پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدا، سەندىن باشقا ياردەم بەرگۈچى يوق.
بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگىن، بىزنى ئۇ يولدا قىلغىن ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغىن، بىزگە ھىدايەتنى زىيادە قىلغىن. توغرا يول دېگەن: ھېچ قانداق قىڭغىرلىقى بولمىغان روشەن ئوچۇق يول بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئىسلامدۇر
1:7Страница 1
صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ غَيۡرِ ٱلۡمَغۡضُوبِ عَلَيۡهِمۡ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ ٧
путем тех, кого Ты облагодетельствовал, не тех, на кого пал гнев, и не заблудших.
بەندىلىرىڭدىن سەن نېئمەت ئاتا قىلغان، توغرا يولغا ھىدايەت قىلغان، پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر، سالىھلارنىڭ يولىغا باشلىغىن. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار!، ھەقىقەتنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشمەي، سېنىڭ غەزىپىڭگە يولۇققان يەھۇدىلارنىڭ ۋە توغرا يول تېپىشقا ئۇرۇنماي، ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىشقا سەل قاراپ، توغرا يول تاپالماي، .ھەقىقەتتىن ئازغان خرىستىئانلارنىڭ يولىغا باشلىمىغىن
Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии