Аль-МухтасарЮсуф · 12:54–104

Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском

Юсуф 12:54–104

12:54Страница 242

وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ ٱئۡتُونِي بِهِۦٓ أَسۡتَخۡلِصۡهُ لِنَفۡسِيۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُۥ قَالَ إِنَّكَ ٱلۡيَوۡمَ لَدَيۡنَا مَكِينٌ أَمِينٞ ٥٤

Царь сказал: «Приведите его ко мне. Я сделаю его своим приближенным». Побеседовав с ним, он сказал: «Сегодня при нас ты обрел положение и доверие».

يۇسۇفنىڭ پاكلىقى ئاشكارىلىنىپ، پادىشاھ ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھۇزۇرىدىكىلەرگە: يۇسۇفنى يېنىمغا ئەكېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمى قىلىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇسۇفنى ئەكېلىشتى. پادىشاھ يۇسۇف بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ئىلمى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: ئەي يۇسۇف! شەكسىزكى سەن ئەمدى ھۇزۇرىمىزدا مەرتىۋىلىك، ئابرويلۇق ۋە ئىشەنچلىك ئادەمگە ئايلاندىڭ، دېدى.

12:55Страница 242

قَالَ ٱجۡعَلۡنِي عَلَىٰ خَزَآئِنِ ٱلۡأَرۡضِۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٞ ٥٥

Он сказал: «Назначь меня управлять хранилищами земли, ибо я - знающий хранитель».

يۇسۇف پادىشاھقا: مېنى مىسىرنىڭ خەزىنىلىرى ۋە ئاشلىق - تەمىناتلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك خەزىنىدار بولۇپ، ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىمەن، دېدى.

12:56Страница 242

وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَتَبَوَّأُ مِنۡهَا حَيۡثُ يَشَآءُۚ نُصِيبُ بِرَحۡمَتِنَا مَن نَّشَآءُۖ وَلَا نُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٥٦

Так Мы наделили Йусуфа (Иосифа) властью на земле. Он мог поселиться там, где желал. Мы одаряем Своей милостью, кого пожелаем, и не теряем вознаграждения творящих добро.

بىز يۇسۇفنى ئاقلاپ، زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلغىنىمىزدەك، مىسىردا ھوقۇقدار قىلىش ئارقىلىقمۇ ياخشىلىق قىلدۇق. ئۇ ئۆزى خالىغان يەردە تۇرالايدۇ. بىز دۇنيادا بەندىلىرىمىزدىن ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز ھەمدە كېمەيتمەستىن تولۇق بېرىمىز.

12:57Страница 242

وَلَأَجۡرُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ ٥٧

Воистину, вознаграждение в Последней жизни лучше для тех, которые уверовали и были богобоязненны.

ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە تەييارلىغان ساۋاب دۇنيادىكى مۇكاپاتتىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.

12:58Страница 242

وَجَآءَ إِخۡوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَعَرَفَهُمۡ وَهُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ ٥٨

Братья Йусуфа (Иосифа) прибыли в Египет и явились к нему. Он узнал их, а они его не узнали.

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى مىسىرغا مال - ماتالىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرگىنىدە يۇسۇف ئۇلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئەمما ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى. چۈنكى ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن ھەمدە ئۇلار يۇسۇفنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن ۋاقىتتا ئۇ تېخى كىچىك بالا بولۇپ، تەقى - تۇرقى خېلىلا ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى.

12:59Страница 242

وَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمۡ قَالَ ٱئۡتُونِي بِأَخٖ لَّكُم مِّنۡ أَبِيكُمۡۚ أَلَا تَرَوۡنَ أَنِّيٓ أُوفِي ٱلۡكَيۡلَ وَأَنَا۠ خَيۡرُ ٱلۡمُنزِلِينَ ٥٩

Снабдив их провизией, он сказал: «Привезите ко мне вашего брата по отцу. Разве вы не убедились, что я сполна наполняю меру и что я - самый гостеприимный из хозяев?

يۇسۇف ئۇلارغا تەلەپ قىلغان ئاش - ئوزۇقلارنى بەرگەندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يەنە قانداش بىر تۇغقىنىدىنمۇ بىرى بارلىقىنى، ئۇنى دادىسىنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقىنىدا ئۇلارغا: (كېلەر قېتىم) قانداش بىر تۇغقىنىڭلارنىمۇ ئالغاچ كېلىڭلار، ئۇنىڭغىمۇ ئاشلىق يۈكلەپ بېرەي. ئۆزۈڭلارمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن ئۆلچەمنى تولۇق قىلىمەن، باشقىلارنىڭ ھەققىنى قىسىۋالمايمەن ھەمدە مېھمانلارنى ئەڭ ياخشى كۈتىمەن.

12:60Страница 242

فَإِن لَّمۡ تَأۡتُونِي بِهِۦ فَلَا كَيۡلَ لَكُمۡ عِندِي وَلَا تَقۡرَبُونِ ٦٠

Если же вы не привезете его ко мне, то я не стану отмеривать вам. И тогда даже не приближайтесь ко мне».

ئەگەر ئۇ قېرىندىشىڭلارنى ئەكەلمىسەڭلار، سىلەرنىڭ قانداش بىر تۇغقىنىمىز بار دېگەن سۆزۈڭلار يالغان بولىدۇ، ئۇ چاغدا مەن سىلەرگە قەتئىي ئاشلىق بەرمەيمەن، مېنىڭ دۆلىتىمگە يېقىن يولىغۇچى بولماڭلار، دېدى.

12:61Страница 242

قَالُواْ سَنُرَٰوِدُ عَنۡهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَٰعِلُونَ ٦١

Они сказали: «Мы постараемся уговорить его отца. Мы непременно сделаем это».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا جاۋابەن: بىز چوقۇم ئۇنى دادىسىدىن سوراپ، ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىمىز، ئەمرىڭىزنى كەم - كۈتسىز بەجا كەلتۈرىمىز، دېيىشتى.

12:62Страница 242

وَقَالَ لِفِتۡيَٰنِهِ ٱجۡعَلُواْ بِضَٰعَتَهُمۡ فِي رِحَالِهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَعۡرِفُونَهَآ إِذَا ٱنقَلَبُوٓاْ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ ٦٢

Он велел своим слугам: «Положите их деньги во вьюки, чтобы они узнали о них, когда возвратятся к своим семьям. Быть может, они вернутся».

يۇسۇف قول ئاستىدىكىلەرگە: بۇلارنىڭ مال - ماتالىرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، يۇرتلىرىغا قايتقانلىرىدا ئۇلارنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىۋالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قالسۇن. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ يۇسۇفكە بولغان سەمىمىيىتىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن مال - ماتالىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن قېرىندىشىنىمۇ ئېلىپ قايتا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

12:63Страница 242

فَلَمَّا رَجَعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَبِيهِمۡ قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مُنِعَ مِنَّا ٱلۡكَيۡلُ فَأَرۡسِلۡ مَعَنَآ أَخَانَا نَكۡتَلۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ ٦٣

Вернувшись к отцу, они сказали: «Отец наш! Нам не будут больше отмеривать зерно. Отпусти с нами нашего брата, и мы получим свою меру. Воистину, мы будем оберегать его».

ئۇلار دادىسىنىڭ يېنىغا بارغىنىدا ئۇنىڭغا يۇسۇفنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئىززەت - ئىكراملىرىنى سۆزلەپ بېرىپ: ئەي ئاتا! مۇبادا ئۇكىمىز بۇنيامىننىمۇ بىرگە ئېلىپ بارمىساق بىزدىن ئاشلىق مەنئىي قىلىندى، شۇڭا ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن. ئەگەر ئۇنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ تولۇق ئاشلىق ئالالايمىز. بىز ساڭا ئۇكىمىزنى ساق - سالامەت قايتۇرۇپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنى قوغدايدىغانغا ۋەدە بېرەيلى، دېيىشتى.

12:64Страница 243

قَالَ هَلۡ ءَامَنُكُمۡ عَلَيۡهِ إِلَّا كَمَآ أَمِنتُكُمۡ عَلَىٰٓ أَخِيهِ مِن قَبۡلُ فَٱللَّهُ خَيۡرٌ حَٰفِظٗاۖ وَهُوَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ ٦٤

Он сказал: «Неужели я доверю его вам так, как доверил прежде его брата? Аллах охраняет лучше. Он - Милосерднейший из милосердных».

دادىسى ئۇلارغا ئېيتتى: مەن بۇنىڭ ئىشىدىمۇ سىلەرگە خۇددى بۇندىن بۇرۇن قېرىندىشى يۇسۇفنىڭ ئىشىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇفنىڭ ئىشىدا سىلەرگە ئىشەنگەن ئىدىم، سىلەرمۇ ئۇنى قوغدايدىغانلىقىڭلار توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭلار، ئەمما ۋەدەڭلاردا تۇرمىدىڭلار. شۇڭا ئەمدى سىلەرنىڭ بۇنى قوغدايدىغانلىقىڭلار توغرىسىدا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ئىشەنمەيمەن، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ ئۆزى قوغدىماقچى بولغان كىشىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغۇچىدۇر ھەمدە رەھىم قىلىشنى خالىغان كىشىگە ئەڭ رەھىملىكدۇر.

12:65Страница 243

وَلَمَّا فَتَحُواْ مَتَٰعَهُمۡ وَجَدُواْ بِضَٰعَتَهُمۡ رُدَّتۡ إِلَيۡهِمۡۖ قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مَا نَبۡغِيۖ هَٰذِهِۦ بِضَٰعَتُنَا رُدَّتۡ إِلَيۡنَاۖ وَنَمِيرُ أَهۡلَنَا وَنَحۡفَظُ أَخَانَا وَنَزۡدَادُ كَيۡلَ بَعِيرٖۖ ذَٰلِكَ كَيۡلٞ يَسِيرٞ ٦٥

Когда они развязали свои вьюки, то обнаружили, что их деньги были возвращены им. Они сказали: «Отец наш! Что еще можно пожелать? Нам вернули наши деньги. Мы обеспечим пропитанием наши семьи, сбережем нашего брата и получим вдобавок верблюжий вьюк. Эта мера не будет обременительной».

ئۇلار ئەكەلگەن ئاشلىق تاغارلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئاچقاندا ماللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدى - دە، دادىسىغا: بىز بۇ ئېسىل كىشىنىڭ مۇشۇنچىۋالا ئىززەت - ئىكراملىرىغا نائىل بوپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭدىن نېمىنى كۈتىمىز. ئاشلىقلار ئۈچۈن تۆلىگەن پۇللىرىمىز مانا، ئۇ ئېسىل كىشى بىزگە ئىلتىپات قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. بىز ئائىلىمىزگە ئوزۇق - تۈلۈكمۇ ئەكېلىمىز، قېرىندىشىمىزنىمۇ سەن ئەنسىرىگەن خەتەردىن قوغدايمىز، شۇنداقلا ئۇنى يېنىمىزغا ئېلىۋالساق بىر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق ئالالايمىز. چۈنكى بىرەر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق بېرىش ئۇ ئېسىل كىشىگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، دېيىشتى.

12:66Страница 243

قَالَ لَنۡ أُرۡسِلَهُۥ مَعَكُمۡ حَتَّىٰ تُؤۡتُونِ مَوۡثِقٗا مِّنَ ٱللَّهِ لَتَأۡتُنَّنِي بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يُحَاطَ بِكُمۡۖ فَلَمَّآ ءَاتَوۡهُ مَوۡثِقَهُمۡ قَالَ ٱللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٞ ٦٦

Он сказал: «Я не отпущу его с вами, пока вы не поклянетесь Аллахом, что непременно вернетесь с ним, если только вы не попадете в окружение». Когда же они поклялись ему, он сказал: «Аллах является Попечителем и Хранителем того, что мы сказали».

دادىسى ئۇلارغا: سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولۇپ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم قالمىغانلىقتىن ئۇنى قوغداپ، قايتۇرۇپ كېلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىساڭلارلا ماڭا بۇنيامىننى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىدىغانغا چىن ۋەدە بەرمىگۈچە مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ سىلەر بىلەن بىرگە ئەۋەتمەيمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەئقۇبقا چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ۋەدە بېرىۋېدى، يەئقۇب: بىزنىڭ دېيىشكەنلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى بىزگە كۇپايە، دېدى.

12:67Страница 243

وَقَالَ يَٰبَنِيَّ لَا تَدۡخُلُواْ مِنۢ بَابٖ وَٰحِدٖ وَٱدۡخُلُواْ مِنۡ أَبۡوَٰبٖ مُّتَفَرِّقَةٖۖ وَمَآ أُغۡنِي عَنكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍۖ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُۖ وَعَلَيۡهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ ٦٧

Он сказал: «Сыновья мои! Не входите через одни ворота, а войдите через разные. Я ничем не смогу помочь вам вопреки воле Аллаха. Решение принимает только Аллах. На Него одного я уповаю, и пусть только на Него уповают уповающие».

دادىسى ئۇلارغا ئالاھىدە تاپىلاپ: مىسىرغا ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، بۆلۈنۈپ باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىرىڭلار، بۇ بىراۋنىڭ ھەممىڭلارغا بىراقلا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ساغلام تەدبىردۇر. مەن بۇ گەپلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئىرادە قىلغان بىرەر زىياننىڭ ئالدىنى ئالالايمەن ياكى ئاللاھ ئىرادە قىلمىغان بىرەر پايدىنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن دېگەن مەقسەتتە دېمەيۋاتىمەن. ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، بارچە ئىش پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مەن بارچە ئىشلىرىمدا يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. شۇڭا پۈتۈن تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۆز ئىشلىرىدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.

12:68Страница 243

وَلَمَّا دَخَلُواْ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَهُمۡ أَبُوهُم مَّا كَانَ يُغۡنِي عَنۡهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍ إِلَّا حَاجَةٗ فِي نَفۡسِ يَعۡقُوبَ قَضَىٰهَاۚ وَإِنَّهُۥ لَذُو عِلۡمٖ لِّمَا عَلَّمۡنَٰهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ ٦٨

Они вошли так, как им велел отец. Он ничем не мог помочь им вопреки воле Аллаха, но таким было желание души Йакуба (Иакова), которое он удовлетворил (или которое было удовлетворено). Воистину, он обладал знанием, поскольку Мы научили его, но большая часть людей не знает этого.

ئۇلار قېرىندىشىنى ئېلىپ يولغا چىقتى. دادىسىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە شەھەرگە باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىردى. لېكىن ئۇلارنىڭ باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىرگەنلىكى ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈۋەتكەن ئىشتىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىزھار قىلغان مېھىر - شەپقىتى بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز قىل تەۋرىمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا شۇنداق قىلىشنى تاپىلىغان ئىدى. ئۇ بىزنىڭ بىلدۈرۈشىمىز ئارقىلىق تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە سەۋەب قىلىشنى ياخشى بىلەتتى. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ.

12:69Страница 243

وَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيۡهِ أَخَاهُۖ قَالَ إِنِّيٓ أَنَا۠ أَخُوكَ فَلَا تَبۡتَئِسۡ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٦٩

Когда они вошли к Йусуфу (Иосифу), он прижал к себе своего брата и сказал: «Воистину, я - твой брат. Пусть не печалит тебя то, что они совершали».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇكىسى بۇنيامىننى ئېلىپ يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرگەندە يۇسۇف ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇلىقىغا: مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ يۇسۇف بولىمەن، شۇڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىلغان يولسىز ئەزىيەتلىرىگە ۋە بىزگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەنلىكىگە قايغۇرمىغىن، دەپ پىچىرلىدى.

12:70Страница 244

فَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمۡ جَعَلَ ٱلسِّقَايَةَ فِي رَحۡلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا ٱلۡعِيرُ إِنَّكُمۡ لَسَٰرِقُونَ ٧٠

Снабдив их провизией, он положил чашу в мешок своего брата. А затем глашатай закричал: «О караванщики! Вы - воры».

يۇسۇف قول ئاستىدىكىلەرنى قېرىنداشلىرىنىڭ تۆگىلىرىگە ئاشلىق يۈكلەپ بېرىشكە بۇيرۇغان ۋاقىتتا ئۇكىسى بۇنيامىننى يېنىدا ئېلىپ قېلىشقا باھانە تېپىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىغا تۇيدۇرماستىن پادىشاھنىڭ ھاجەتمەنلەرگە ئاشلىق ئۆلچەپ بېرىدىغان قاچىسىنى بۇنيامىننىڭ تاغىرىغا تىقىپ قويدى. يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا كەينىدىن بىر جاكارچى قوغلاپ كېلىپ: ئەي ئاشلىق يۈكلەپ ماڭغان تۆگىچىلەر! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر، دەپ ۋارقىرىدى.

12:71Страница 244

قَالُواْ وَأَقۡبَلُواْ عَلَيۡهِم مَّاذَا تَفۡقِدُونَ ٧١

Повернувшись к ним лицом, братья сказали: «Что вы потеряли?».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن جاكارچى بىلەن ھەمراھلىرىغا قاراپ: بىزنى ئوغرى تۇتقۇدەك نېمەڭلار يوقاپ كەتتى؟ دېدى.

12:72Страница 244

قَالُواْ نَفۡقِدُ صُوَاعَ ٱلۡمَلِكِ وَلِمَن جَآءَ بِهِۦ حِمۡلُ بَعِيرٖ وَأَنَا۠ بِهِۦ زَعِيمٞ ٧٢

Они сказали: «Мы потеряли чашу царя. Кто принесет ее, получит верблюжий вьюк. Я отвечаю за это».

جاكارچى بىلەن ھەمراھلىرى يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرىغا: پادىشاھىمىزنىڭ ئاشلىق ئۆلچەپ بېرىدىغان قاچىسى يوقاپ كەتتى. بىز ئاختۇرۇشتىن بۇرۇن پادىشاھنىڭ قاچىسىنى ئەكېلىپ بەرگەن كىشىگە بىر تۆگە ئاشلىق سۆيۈنچە بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل، دېدى.

12:73Страница 244

قَالُواْ تَٱللَّهِ لَقَدۡ عَلِمۡتُم مَّا جِئۡنَا لِنُفۡسِدَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كُنَّا سَٰرِقِينَ ٧٣

Братья сказали: «Клянемся Аллахом! Вы знаете, что мы не прибыли для того, чтобы распространять нечестие. Мы не являемся ворами».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزنىڭ گۇناھسىزلىقىمىزنى، ئوغرى ئەمەسلىكىمىزنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر، چۈنكى ئەھۋالىمىز سىلەرگە ئايان. بىز مىسىرغا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۆمرىمىزدە ئوغرىلىق قىلىپ باقمىغان، دېيىشتى.

12:74Страница 244

قَالُواْ فَمَا جَزَٰٓؤُهُۥٓ إِن كُنتُمۡ كَٰذِبِينَ ٧٤

Они сказали: «Каким же будет возмездие ему, если вы лжете?».

جاكارچى بىلەن ھەمراھلىرى: ناۋادا سىلەر «بىز ئوغرى ئەمەس» دېگەن دەۋايىڭلاردا يالغانچى بوپقالساڭلار، سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا ئوغرىغا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟ دېدى.

12:75Страница 244

قَالُواْ جَزَٰٓؤُهُۥ مَن وُجِدَ فِي رَحۡلِهِۦ فَهُوَ جَزَٰٓؤُهُۥۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّٰلِمِينَ ٧٥

Братья сказали: «Тот, в чьем вьюке она будет найдена, будет задержан в наказание. Так мы воздаем беззаконникам».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇلارغا: بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ئوغرىلانغان نەرسە كىمنىڭ يۈكىدىن تېپىلسا، ئوغرىلىق قىلغۇچى مېلى ئوغرىلانغان كىشىگە قۇللۇققا تۇتۇپ بېرىلىدۇ. بىز ئوغرىلارغا مۇشۇنداق قۇل قىلىش جازاسى بېرىمىز، دېدى.

12:76Страница 244

فَبَدَأَ بِأَوۡعِيَتِهِمۡ قَبۡلَ وِعَآءِ أَخِيهِ ثُمَّ ٱسۡتَخۡرَجَهَا مِن وِعَآءِ أَخِيهِۚ كَذَٰلِكَ كِدۡنَا لِيُوسُفَۖ مَا كَانَ لِيَأۡخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ ٱلۡمَلِكِ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُۚ نَرۡفَعُ دَرَجَٰتٖ مَّن نَّشَآءُۗ وَفَوۡقَ كُلِّ ذِي عِلۡمٍ عَلِيمٞ ٧٦

Он начал с их мешков до того, как обыскал мешок своего брата, а затем вытащил чашу из мешка своего брата. Мы научили Йусуфа этой хитрости, ибо по законам царя он не мог задержать своего брата, если бы того не захотел Аллах. Мы возносим по степеням тех, кого пожелаем, и выше любого обладающего знанием есть более знающий.

يۇسۇفنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى يۇسۇفنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۇسۇف تەدبىرىنى مەخپىي تۇتۇش ئۈچۈن قان قېرىندىشى بۇنيامىننىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئاختۇرۇشتىن بۇرۇن باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا قان قېرىندىشى بۇنيامىننىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇپ، پادىشاھنىڭ يۈتكەن قاچىسىنى ئۇنىڭ يۈك - تاقلىرى ئىچىدىن تاپتى. بىز يۇسۇفكە قېرىندىشىنىڭ يۈك - تاقلىرى ئارىسىغا پادىشاھنىڭ قاچىسىنى يوشۇرۇپ قويۇش تەدبىرىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك، قېرىنداشلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئوغرىنى قۇل قىلىپ جازالاش ئادىتىدىن پايدىلىنىپ قېرىندىشىنى يېنىدا ئېلىپ قېلىشتىن ئىبارەت باشقا بىر تەدبىرنىمۇ كۆرسەتتۇق. چۈنكى يۇسۇف مۇبادا ئۆز پادىشاھىنىڭ ئوغرىنى دۇمبالاش ۋە ئوغرىلانغان نەرسىنى تۆلىتىش قانۇنى بويىچە مۇئامىلە قىلغان بولسا بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا باشقىچە يول تۇتۇشنى خالىغان بولۇپ، ئۇ شۇنداق قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. بىز يۇسۇفنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىنىمىزدەك، بەندىلىمىزدىن خالىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز. ھەر قانداق ئىلىم ئىگىسى ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىلگۈچى زات باردۇر. ھەممەيلەننىڭ ئىلمى ئۈستىدە ئاللاھنىڭ ئىلمى باردۇركى، ئۇ ھەر نەرسىنى ياخشى بىلىپ تۇرىدۇ.

12:77Страница 244

۞ قَالُوٓاْ إِن يَسۡرِقۡ فَقَدۡ سَرَقَ أَخٞ لَّهُۥ مِن قَبۡلُۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفۡسِهِۦ وَلَمۡ يُبۡدِهَا لَهُمۡۚ قَالَ أَنتُمۡ شَرّٞ مَّكَانٗاۖ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا تَصِفُونَ ٧٧

Они сказали: «Если он украл, то ведь еще раньше воровал его брат». Йусуф (Иосиф) утаил это в своей душе и не открылся им, а только подумал: «Ваше положение еще более отвратительно, и Аллаху лучше знать о том, что вы измышляете».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى: ئەگەر بۇنيامىن ئوغرىلىق قىلغان بولسا، بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇندىن بۇرۇن ئۇنىڭ قان قېرىندىشى يۇسۇفمۇ ئوغرىلىق قىلغان ئىدى، دېيىشتى. يۇسۇف ئۇلارنىڭ بۇ گەپدانلىقىدىن ئاغرىنغانلىقىنى يوشۇرۇپ، ئۇلارغا بىلدۈرمىدى ھەمدە كۆڭلىدە ئۇلارغا: بۇ سىلەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ بار بولغان ھەسەتخورلۇقۇڭلار ۋە ناچارلىقىڭلاردۇركى، مۇشۇ يەردىمۇ شۇ ناچارلىقنىڭ ئۆزىنى تەكرار سادىر قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بۇ بوھتانىڭلارنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدى.

12:78Страница 244

قَالُواْ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡعَزِيزُ إِنَّ لَهُۥٓ أَبٗا شَيۡخٗا كَبِيرٗا فَخُذۡ أَحَدَنَا مَكَانَهُۥٓۖ إِنَّا نَرَىٰكَ مِنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٧٨

Они сказали: «О повелитель! Его отец - многолетний старик. Задержи вместо него кого-либо из нас. Мы видим, что ты - один из творящих добро».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى يۇسۇفكە: جانابلىرى! ئۇنىڭ دادىسى ياشىنىپ قالغان بىر مويىسپىت كىشى بولۇپ، ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىغا ئارىمىزدىن باشقا بىرىنى تۇتۇپ قالغان بولسىلا. بىز سىلىنى بىزگە ۋە باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلىلىرىگە قاراپ ياخشىلاردىن دەپ بىلىمىز. شۇڭا بىزگە بۇ ئىشتىمۇ ياخشىلىق قىلغان بولسىلا، دېدى.

12:79Страница 245

قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِ أَن نَّأۡخُذَ إِلَّا مَن وَجَدۡنَا مَتَٰعَنَا عِندَهُۥٓ إِنَّآ إِذٗا لَّظَٰلِمُونَ ٧٩

Он сказал: «Упаси нас Аллах задержать кого-нибудь вместо того, у которого мы нашли нашу вещь. Поступив так, мы стали бы одними из беззаконников».

يۇسۇف: گۇناھسىز كىشىگە جىنايەت ئارتىپ، پادىشاھنىڭ قاچىسىنى يېنىدىن تېپىۋالغان كىشىدىن باشقا بىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن. ئەگەر بىز ئۇنداق قىلساق، گۇناھسىز كىشىنى جازالاپ، ھەقىقىي جىنايەتچىنى قويۇۋەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە زالىملاردىن بولىمىز، دېدى.

12:80Страница 245

فَلَمَّا ٱسۡتَيۡـَٔسُواْ مِنۡهُ خَلَصُواْ نَجِيّٗاۖ قَالَ كَبِيرُهُمۡ أَلَمۡ تَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ أَبَاكُمۡ قَدۡ أَخَذَ عَلَيۡكُم مَّوۡثِقٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَمِن قَبۡلُ مَا فَرَّطتُمۡ فِي يُوسُفَۖ فَلَنۡ أَبۡرَحَ ٱلۡأَرۡضَ حَتَّىٰ يَأۡذَنَ لِيٓ أَبِيٓ أَوۡ يَحۡكُمَ ٱللَّهُ لِيۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ ٨٠

Отчаявшись, они уединились для совета, и старший из них сказал: «Помните ли вы о том, что отец заставил нас поклясться Аллахом и что раньше вы неправедно поступили с Йусуфом (Иосифом)? Я ни за что не покину этой страны, пока отец не разрешит мне или пока Аллах не примет Свое решение относительно меня. Воистину, Он - Наилучший из судий.

ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشىدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كېيىن ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن باشقىلاردىن چەترەك بىر يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى: مەن سىلەرگە دادىمىزنىڭ قوغداشقا كۈچۈڭلار يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىساڭلارلا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغانلىقىنى ئەسلىتىمەن. بۇندىن بۇرۇن يۇسۇفنىڭ ئىشىدىمۇ خاتالىق سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە داداڭلارغا بەرگەن ۋەدەڭلاردا تۇرمىغان ئىدىڭلار. شۇڭا مەن تاكى دادام يېنىغا قايتىپ كېلىشكە رۇخسەت قىلغانغا قەدەر ياكى ئاللاھ تائالا ماڭا قېرىندىشىمنى ئېلىپ كېتىشنى مۇيەسسەر قىلغانغا قەدەر مىسىردىن ئايرىلمايمەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇركى، ئۇ ھەق ۋە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ.

12:81Страница 245

ٱرۡجِعُوٓاْ إِلَىٰٓ أَبِيكُمۡ فَقُولُواْ يَٰٓأَبَانَآ إِنَّ ٱبۡنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدۡنَآ إِلَّا بِمَا عَلِمۡنَا وَمَا كُنَّا لِلۡغَيۡبِ حَٰفِظِينَ ٨١

Возвращайтесь к отцу и скажите: "Отец наш! Твой сын украл. Мы свидетельствуем только о том, что знаем, и не ведаем о сокровенном.

ئۇلارنىڭ چوڭ ئاكىسى مۇنداق دېدى: سىلەر دادىمىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئوغلۇڭ ئوغرىلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى ئۇنى ئوغرىلىقىنىڭ جازاسى ئۈچۈن قۇللۇققا تۇتۇۋالدى. بىز پەقەت ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەننى دەۋاتىمىز، پادىشاھنىڭ قاچىسىنىڭ ئۇنىڭ يۈك - تاقلىرى ئارىسىدىن چىققىنى راست. بىز ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئەگەر بۇنى بىلگەن بولساق ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ساڭا ۋەدە بەرمەسكەنمىز، دەڭلار.

12:82Страница 245

وَسۡـَٔلِ ٱلۡقَرۡيَةَ ٱلَّتِي كُنَّا فِيهَا وَٱلۡعِيرَ ٱلَّتِيٓ أَقۡبَلۡنَا فِيهَاۖ وَإِنَّا لَصَٰدِقُونَ ٨٢

Спроси жителей селения, в котором мы были, и караванщиков, с которыми мы вернулись. Воистину, мы говорим правду"».

ئەي ئاتا! دېگەنلىرىمىزنىڭ راستلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بىز ئارىسىدا تۇرۇپ باققان مىسىرلىقلاردىن ھەمدە بىز بىلەن بىرگە ماڭغان كارۋاندىكىلەردىن سوراپ باققىن، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش جاۋاب بېرىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە ساڭا دېگەنلىرىمىزدە ھەقىقەتەن راست ئېيتتۇق.

12:83Страница 245

قَالَ بَلۡ سَوَّلَتۡ لَكُمۡ أَنفُسُكُمۡ أَمۡرٗاۖ فَصَبۡرٞ جَمِيلٌۖ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَأۡتِيَنِي بِهِمۡ جَمِيعًاۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ ٨٣

Он сказал: «О нет! Это ваши души ввели вас в соблазн, и лучше проявить терпение. Возможно, Аллах возвратит мне всех вместе. Воистину, Он - Знающий, Мудрый».

ئۇلارغا دادىسى مۇنداق دېدى: ھەقىقىي ئەھۋال سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقىدىن بولغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭ ئاكىسى يۇسۇفكە ئورا كولىغىنىڭلاردەك بۇنىڭغىمۇ ئورا كولاشنى نەپسىڭلار سىلەرگە پەردازلاپ كۆرسەتكەن گەپ. شۇڭا مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ھەمدە بۇ ھەقتە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە دەرت تۆكمەيمەن. چوقۇمكى ئاللاھ ماڭا يۇسۇفنى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇكىسى ۋە ئاكىسىنى بىراقلا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. شەكسىزكى ئۇ مېنىڭ ھالىمنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، مېنىڭ ئىشىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

12:84Страница 245

وَتَوَلَّىٰ عَنۡهُمۡ وَقَالَ يَٰٓأَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَٱبۡيَضَّتۡ عَيۡنَاهُ مِنَ ٱلۡحُزۡنِ فَهُوَ كَظِيمٞ ٨٤

Он отвернулся от них и сказал: «Как жаль Йусуфа (Иосифа)!». И его глаза покрылись бельмами от печали, которую он сдерживал.

يەئقۇب ئۇلارنىڭ يېنىدىن يىراقلىشىپ: ئاھ يۇسۇف! دېدى. ئۇ يۇسۇفنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ كۆزىنىڭ قارىچۇقى ئاپئاق بوپكەتكەن بولۇپ، شۇنچىۋالا قايغۇ - ھەسرەت ئىچىدە تۇرۇپمۇ، قايغۇسىنى باشقىلاردىن يوشۇراتتى.

12:85Страница 245

قَالُواْ تَٱللَّهِ تَفۡتَؤُاْ تَذۡكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوۡ تَكُونَ مِنَ ٱلۡهَٰلِكِينَ ٨٥

Они сказали: «Клянемся Аллахом, ты не перестанешь поминать Йусуфа (Иосифа), пока не ослабеешь или не умрешь».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى دادىسىغا: ئەي ئاتا! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يۇسۇفنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇۋېرىپ كېسىلىڭمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ ياكى تۈگىشىپ كېتىسەن، دېيىشتى.

12:86Страница 245

قَالَ إِنَّمَآ أَشۡكُواْ بَثِّي وَحُزۡنِيٓ إِلَى ٱللَّهِ وَأَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ ٨٦

Он сказал: «Мои жалобы и печаль обращены только к Аллаху, и я узнаю от Аллаха то, чего вы не знаете.

دادىسى ئۇلارغا: بېشىمغا كەلگەن بۇ دەرت - ئەلەملەرنى پەقەت يېگانە ئاللاھقىلا شىكايەت قىلىمەن. مەن ئۇنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان شەپقىتىنى، ئېھسانىنى ۋە چارىسىزلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇسىبەتكە ئۇچرىغۇچىغا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، دېدى.

12:87Страница 246

يَٰبَنِيَّ ٱذۡهَبُواْ فَتَحَسَّسُواْ مِن يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَاْيۡـَٔسُواْ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ لَا يَاْيۡـَٔسُ مِن رَّوۡحِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡقَوۡمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ ٨٧

О сыновья мои! Ступайте и разыщите Йусуфа (Иосифа) и его брата и не теряйте надежды на милость Аллаха, ибо отчаиваются в милости Аллаха только люди неверующие».

ئۇلارغا دادىسى مۇنداق دېدى: ئەي ئوغۇللىرىم! بېرىپ، يۇسۇفنىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ بېقىڭلار، ئاللاھنىڭ چوقۇم بەندىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. شەكسىزكى ئۇنىڭ ئاسانچىلىق بېرىشىدىن پەقەت كاپىرلارلا ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

12:88Страница 246

فَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَيۡهِ قَالُواْ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهۡلَنَا ٱلضُّرُّ وَجِئۡنَا بِبِضَٰعَةٖ مُّزۡجَىٰةٖ فَأَوۡفِ لَنَا ٱلۡكَيۡلَ وَتَصَدَّقۡ عَلَيۡنَآۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَجۡزِي ٱلۡمُتَصَدِّقِينَ ٨٨

Войдя к нему, они сказали: «О повелитель! Нас и наш род поразила беда. Мы прибыли с небольшим товаром. Отмерь нам меру сполна и окажи нам милость. Воистину, Аллах вознаграждает творящих добро».

ئۇلار دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: بىز نامراتلىشىپ ئېغىر كۈنگە قالدۇق، شۇڭا تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ماتالار بىلەن كەپقالدۇق. شۇنداقتىمۇ بىزگە ئىلگىرى ئاشلىق بەرگىنىڭىزدەك يەنە تولۇق ئاشلىق بېرىشىڭىزنى، ئۇنىڭغا قوشۇپ سەدىقە قىلىشىڭىزنى ياكى ھېچبولمىسا ماتالىرىمىزنىڭ ناچارلىقىنى كۆرمەسكە سېلىشىڭىزنى سورايمىز. شەكسىزكى ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىدۇ، دېدى.

12:89Страница 246

قَالَ هَلۡ عَلِمۡتُم مَّا فَعَلۡتُم بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذۡ أَنتُمۡ جَٰهِلُونَ ٨٩

Он сказал: «Поняли ли вы, как вы поступили с Йусуфом (Иосифом) и его братом, когда были невежественны?».

يۇسۇف ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، دىلى يۇمشىدى ھەمدە ئۇلارغا تونۇشلۇق بېرىپ: نادان ۋاقتىڭلاردا يۇسۇفكە ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى ھەمدە قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ؟! دېدى.

12:90Страница 246

قَالُوٓاْ أَءِنَّكَ لَأَنتَ يُوسُفُۖ قَالَ أَنَا۠ يُوسُفُ وَهَٰذَآ أَخِيۖ قَدۡ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَآۖ إِنَّهُۥ مَن يَتَّقِ وَيَصۡبِرۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٩٠

Они сказали: «Неужели ты - Йусуф (Иосиф)?». Он сказал: «Я - Йусуф, а это - мой брат. Аллах облагодетельствовал нас. Воистину, если кто богобоязнен и терпелив, то ведь Аллах не теряет вознаграждения творящих добро».

ئۇلار ئالاقىزادە بولۇپ: سەن زادى يۇسۇفمۇ؟ دېيىشتى. يۇسۇف ئۇلارغا: ھەئە، مەن يۇسۇف، سىلەر يېنىمدا كۆرۈۋاتقان بۇ كىشى مېنىڭ قان - قېرىنداش ئىنىم. ئاللاھ تائالا بىزنى بېشىمىزغا كەلگەن خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەرتىۋىمىزنى يۇقىرى قىلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىپ، بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلارغا سەۋر قىلىدىكەن، بۇنداق ئادەمنىڭ قىلغانلىرى ئېھساننىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئاللاھ ئېھسان قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا ساقلاپ قويىدۇ، دېدى.

12:91Страница 246

قَالُواْ تَٱللَّهِ لَقَدۡ ءَاثَرَكَ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَإِن كُنَّا لَخَٰطِـِٔينَ ٩١

Они сказали: «Клянемся Аллахом! Аллах предпочел тебя нам. Мы же были грешниками».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قىلغانلىرى ئۈچۈن ئۆزرىخاھلىق ئېيتىشىپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ ساڭا مۇكەممەل خىسلەتلەرنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق سېنى بىزدىن ئارتۇق قىپتۇ. بىز ساڭا قىلغانلىرىمىزدا ناچارلىق قىلىپ، زالىملاردىن بوپتىمىز، دېيىشتى.

12:92Страница 246

قَالَ لَا تَثۡرِيبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَۖ يَغۡفِرُ ٱللَّهُ لَكُمۡۖ وَهُوَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ ٩٢

Он сказал: «Сегодня я не стану укорять вас. Да простит вас Аллах, ибо Он - Милосерднейший из милосердных.

يۇسۇف ئۇلارنىڭ ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلىپ: بۈگۈن سىلەرنى جازالاپ، كايىپ ئولتۇرمايمەن، پەقەت ئاللاھتىن سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ئەڭ رەھىمدىل زاتتۇر، دېدى.

12:93Страница 246

ٱذۡهَبُواْ بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلۡقُوهُ عَلَىٰ وَجۡهِ أَبِي يَأۡتِ بَصِيرٗا وَأۡتُونِي بِأَهۡلِكُمۡ أَجۡمَعِينَ ٩٣

Ступайте с моей рубахой и накиньте ее на лицо моего отца, и тогда он прозреет, а потом привезите ко мне всю свою семью».

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ كۆزى تۇتۇلۇپ قالغىنىنى ئېيتقاندا يۇسۇف كۆڭلىكىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىپ: مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئاپىرىپ دادامنىڭ يۈزىگە قويۇڭلار، ئۇنىڭ كۆزى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئاندىن پۈتۈن ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىڭلارنى ئېلىپ يېنىمغا كېلىڭلار، دېدى.

12:94Страница 246

وَلَمَّا فَصَلَتِ ٱلۡعِيرُ قَالَ أَبُوهُمۡ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَۖ لَوۡلَآ أَن تُفَنِّدُونِ ٩٤

Как только караван покинул Египет, их отец сказал: «Воистину, я чувствую запах Йусуфа (Иосифа), если только вы не считаете меня выжившим из ума стариком».

كارۋان مىسىرغا قاراپ يولغا چىقىپ، شەھەردىن ئۇزاقلاشقان چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىغا ۋە يېنىدىكى باشقا يۇرتداشلىرىغا: شەكسىزكى مەن يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن. ئەگەر سىلەر مېنى قېرىپ ئالجىپ قالغان، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى ئۇقمايدۇ، دېمەيدىغان بولساڭلار، (مەن يۇسۇفنى ھايات دەيتتىم) دېدى.

12:95Страница 246

قَالُواْ تَٱللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَٰلِكَ ٱلۡقَدِيمِ ٩٥

Они сказали: «Клянемся Аллахом, ты пребываешь в своем старом заблуждении».

يەئقۇبنىڭ يېنىدىكى بالىلىرى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىز يۇسۇفنىڭ يېنىڭىزدا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشۈش ئىشىدا ھېلىھەم ئىلگىرىكى قۇرۇق خىياللىرىڭىز ئىچىدىكەنسىز، دېدى.

12:96Страница 247

فَلَمَّآ أَن جَآءَ ٱلۡبَشِيرُ أَلۡقَىٰهُ عَلَىٰ وَجۡهِهِۦ فَٱرۡتَدَّ بَصِيرٗاۖ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ ٩٦

Когда же прибыл добрый вестник, накинул рубаху на его лицо и тот прозрел, он сказал: «Разве я не говорил вам, что мне известно от Аллаха то, чего вы не знаете?».

يەئقۇبنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشخەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن كىشى يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئۇنىڭ يۈزىگە تاشلىۋېدى، كۆزى دەرھال ئېچىلدى. بۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىغا: مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ لۇتفى ۋە ئېھسانىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىمنى ئېيتمىغانمىدىم؟ دېدى.

12:97Страница 247

قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا ٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَا ذُنُوبَنَآ إِنَّا كُنَّا خَٰطِـِٔينَ ٩٧

Они сказали: «Отец наш! Попроси прощения нашим грехам. Воистину, мы были грешниками».

يەئقۇبنىڭ ئوغۇللىرى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا قىلغان - ئەتكەنلىرى ئۈچۈن دادىسىغا ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ: ئەي ئاتا! بىزنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسىڭىز. شەكسىزكى بىز يۇسۇفكە ۋە ئۇنىڭ قان - قېرىندىشىغا ئەسكىلىك قىلىپ ھەقىقەتەن خاتا قىپتۇق، دېيىشتى.

12:98Страница 247

قَالَ سَوۡفَ أَسۡتَغۡفِرُ لَكُمۡ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ ٩٨

Он сказал: «Я попрошу моего Господа простить вас, ведь Он - Прощающий, Милосердный».

دادىسى ئۇلارغا: مەن چوقۇم پەرۋەردىگارىمدىن سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيمەن. شەكسىزكى ئۇ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر، دېدى.

12:99Страница 247

فَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيۡهِ أَبَوَيۡهِ وَقَالَ ٱدۡخُلُواْ مِصۡرَ إِن شَآءَ ٱللَّهُ ءَامِنِينَ ٩٩

Когда они вошли к Йусуфу (Иосифу), он прижал к себе родителей и сказал: «Входите в Египет без опаски, если этого пожелает Аллах».

يەئقۇب بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ مىسىردىكى ئوغلى يۇسۇف تەرەپكە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرگەندە يۇسۇف دادىسى ۋە ئانىسىنى باغرىغا باستى ھەمدە قېرىنداشلىرىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە: مىسىرغا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن خاتىرجەم كىرىڭلار، بۇ يەردە سىلەرگە ھېچقانداق يامانلىق كەلمەيدۇ، دېدى.

12:100Страница 247

وَرَفَعَ أَبَوَيۡهِ عَلَى ٱلۡعَرۡشِ وَخَرُّواْ لَهُۥ سُجَّدٗاۖ وَقَالَ يَٰٓأَبَتِ هَٰذَا تَأۡوِيلُ رُءۡيَٰيَ مِن قَبۡلُ قَدۡ جَعَلَهَا رَبِّي حَقّٗاۖ وَقَدۡ أَحۡسَنَ بِيٓ إِذۡ أَخۡرَجَنِي مِنَ ٱلسِّجۡنِ وَجَآءَ بِكُم مِّنَ ٱلۡبَدۡوِ مِنۢ بَعۡدِ أَن نَّزَغَ ٱلشَّيۡطَٰنُ بَيۡنِي وَبَيۡنَ إِخۡوَتِيٓۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٞ لِّمَا يَشَآءُۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ ١٠٠

Он поднял своих родителей на трон, и они вместе с братьями пали ниц перед ним. Он сказал: «Отец мой! Это - толкование моего давнего сна. Господь мой сделал его явью. Он облагодетельствовал меня, освободив из темницы, и привел вас из пустыни после того, как дьявол посеял вражду между мною и моими братьями. Воистину, мой Господь добр, к кому пожелает. Воистину, Он - Знающий, Мудрый.

يۇسۇف ئاتا - ئانىسىنى ئۆز تەختىدە ئولتۇرغۇزدى، ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمئىي ئون بىر كىشى يۇسۇفكە سەجدە قىلىش ئارقىلىق سالام قىلدى. بۇ قۇلچىلىق سەجدىسى ئەمەس، بەلكى ھۆرمەت سەجدىسى بولۇپ، بۇ سەجدە يۇسۇف چۈشىدە كۆرگەندەك ئاللاھنىڭ ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇسۇف دادىسىغا: سىلەرنىڭ ماڭا سەجدە قىلىش ئارقىلىق ھۆرمەت بىلدۈرۈشۈڭلار مەن ئىلگىرى كۆرگەن ھەمدە سىزگە ئېيتىپ بەرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، رەببىم ئۇنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ مېنى زىنداندىن چىقىرىپ، شەيتان مەن بىلەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىنى بۇزۇۋەتكەندىن كېيىن سىلەرنى سەھرادىن يېنىمغا كەلتۈرۈپ ماڭا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلىدى. شەكسىزكى رەببىم ئۆزى خالىغان ئىشنى ئىنچىكە پىلانلىغۇچىدۇر، شەكسىزكى ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، پىلانىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، دېدى.

12:101Страница 247

۞ رَبِّ قَدۡ ءَاتَيۡتَنِي مِنَ ٱلۡمُلۡكِ وَعَلَّمۡتَنِي مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِۚ فَاطِرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ أَنتَ وَلِيِّۦ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۖ تَوَفَّنِي مُسۡلِمٗا وَأَلۡحِقۡنِي بِٱلصَّٰلِحِينَ ١٠١

Господи! Ты даровал мне власть и научил толковать сновидения. Творец небес и земли! Ты - мой Покровитель в этом мире и в Последней жизни. Умертви меня мусульманином и присоедини меня к праведникам».

ئاندىن يۇسۇف پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ماڭا مىسرنىڭ پادىشاھلىقىنى بەردىڭ ھەمدە چۈش تەبىرىنى ئۆگەتتىڭ. ئەي ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! سەن مېنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بارلىق ئىشلىرىمغا ئىگە بولغۇچى سەن، ئەجىلىم توشقاندا مېنى مۇسۇلغان پېتى ۋاپات تاپقۇزغىن، پىردەۋس جەننىتىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىم ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت سالىھ پەيغەمبەرلەرنىڭ قاتارىدا قىلغىن.

12:102Страница 247

ذَٰلِكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهِ إِلَيۡكَۖ وَمَا كُنتَ لَدَيۡهِمۡ إِذۡ أَجۡمَعُوٓاْ أَمۡرَهُمۡ وَهُمۡ يَمۡكُرُونَ ١٠٢

Все это - часть повествований о сокровенном, которые Мы ниспосылаем тебе в откровении. Ты не был с ними, когда они вместе принимали решение и строили козни.

ئەي پەيغەمبەر! يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغىنى يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەققىدە بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان ۋەقەلەر بولۇپ، ئىلگىرى سېنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇماتىڭ يوق ئىدى. چۈنكى سەن ئەينى چاغدا يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتمەكچى بولۇپ پىلان تۈزۈشكەن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. لېكىن بىز ساڭا ئۇنى ۋەھىي ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق.

12:103Страница 247

وَمَآ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ وَلَوۡ حَرَصۡتَ بِمُؤۡمِنِينَ ١٠٣

Большая часть людей не уверует, даже если ты страстно будешь желать этого.

ئەي پەيغەمبەر! سەن باشقىلارنىڭ ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن ھەر قانچە قىلساڭمۇ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ئارتۇقچە قايغۇرۇپ كەتمىگىن.

12:104Страница 248

وَمَا تَسۡـَٔلُهُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ ١٠٤

Ты не просишь у них вознаграждения за это, ведь это - только Напоминание для миров.

ئەگەر ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئەلۋەتتە ساڭا ئىمان ئېيتقان بولاتتى. ئەي پەيغەمبەر! سەن ئۇلارنى نە قۇرئانغا، نە دىنغا دەۋەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن مۇكاپات كۈتمەيسەن. چۈنكى قۇرئان بارلىق كىشىلەرگە پەند - نەسىھەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии

Содержание

Аят аль-Курси36Аль-Кахфстр. 42джуз 15Бухари 1Муслим 2999

Вид

Тема
Размер текста
Вид

Read in English