Аль-МухтасарИбрахим · 14:1–45

Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском

ابراهيم

Ибрахим

Ибрахим · Мекканская · 52 аята

14:1Страница 255

الٓرۚ كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ لِتُخۡرِجَ ٱلنَّاسَ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذۡنِ رَبِّهِمۡ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ ١

Алиф. Лам. Ра. Мы ниспослали тебе Писание, чтобы ты вывел людей с дозволения их Господа из мраков к свету - на путь Могущественного, Достохвального

ئەلىف، لام، را، سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا مۇشۇنداق ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان. ئەي پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان كەرىم سېنىڭ ئىنسانلارنى كۇپرى، نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئىمانغا، ئىلىمگە ۋە ھىدايەتكە، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەر ئىشىدا مەدھىيەگە لايىق زات ئاللاھ تائالانىڭ يولى بولغان ئىسلام دىنىغا يېتەكلىشىڭ ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر.

14:2Страница 255

ٱللَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَوَيۡلٞ لِّلۡكَٰفِرِينَ مِنۡ عَذَابٖ شَدِيدٍ ٢

Аллаха, Которому принадлежит все, что на небесах и на земле. Горе от тяжких страданий неверующим,

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى يەككە - يېگانە ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ يالغۇز قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىق زاتتۇركى، مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا شېرىك قىلىنماسلىقى كېرەك. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب ھامىنى كېلىدۇ.

14:3Страница 255

ٱلَّذِينَ يَسۡتَحِبُّونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا عَلَى ٱلۡأٓخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبۡغُونَهَا عِوَجًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلِۭ بَعِيدٖ ٣

которые предпочитают мирскую жизнь Последней жизни, сбивают других с пути Аллаха и искажают его. Они пребывают в глубоком заблуждении.

كاپىرلار دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆتكۈنچى مەنپەئەتلەرنى ئاخىرەتتىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس نېئمەتلەردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن بۇراپ، ھېچكىمنىڭ ماڭماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىنى قارىلاشقا ۋە ھەقىقەتتىن تايدۇرۇپ، توغرىلىقتىن چەتنىتىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. مۇشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە ئاشۇ كىشىلەر ھەقتىن ۋە توغرىدىن ئىنتايىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.

14:4Страница 255

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوۡمِهِۦ لِيُبَيِّنَ لَهُمۡۖ فَيُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ ٤

Мы отправляли посланников, которые говорили на языке своего народа, чтобы они давали им разъяснения. Аллах вводит в заблуждение, кого пожелает, и ведет прямым путем, кого пожелает. Он - Могущественный, Мудрый.

بىز ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسەك، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى قەۋمىنىڭ چۈشىنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان ھالەتتە ئەۋەتتۇق. بىزنىڭ ئۇنى قەۋمىنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئەۋەتكىنىمىز يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆز ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ئازغۇن قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۆز پەزلى بىلەن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ، يارىتىش ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

14:5Страница 255

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَآ أَنۡ أَخۡرِجۡ قَوۡمَكَ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ وَذَكِّرۡهُم بِأَيَّىٰمِ ٱللَّهِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ ٥

Мы отправили Мусу (Моисея) с Нашими знамениями и повелели: «Выведи свой народ из мраков к свету и напомни им дни Аллаха». Воистину, в этом - знамения для каждого терпеливого и благодарного.

بىز مۇسانى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق ھەمدە ئۇنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلۈندۈردۇق، شۇنداقلا ئۇنى ئۆز قەۋمىنى كۇپرى ۋە جاھالەتتىن ئىمان ۋە ئىلىمگە چىقىرىشقا، ئاللاھ ئۇلارغا نېئمەتلەر ئاتا قىلغان پاراۋان كۈنلەرنى ئەسلىتىشكە بۇيرۇدۇق. شەكسىزكى ئاشۇ كۈنلەردە ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقىنى، قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە مۇئمىنلەرگە نېئمەت ئاتا قىلغانلىقىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئالامەتلەر بار. مانا بۇ ئاللاھنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدە سەۋرچان، داۋاملىق ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەت ۋە مەرھەمەتلىرىگە شۈكرى قىلىدىغان كىشىلەر مەنپەئەت ئالالايدىغان ئەھۋالدۇر.

14:6Страница 256

وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ أَنجَىٰكُم مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَسُومُونَكُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبۡنَآءَكُمۡ وَيَسۡتَحۡيُونَ نِسَآءَكُمۡۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَآءٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَظِيمٞ ٦

Вот Муса (Моисей) сказал своему народу: «Помните милость, которую Аллах оказал вам, когда спас вас от народа Фараона. Они подвергали вас ужасным мучениям, резали ваших сыновей и оставляли в живых ваших женщин. Это было для вас великим испытанием (или великой милостью) от вашего Господа».

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، بەنىي ئىسرائىلدىن ئىبارەت قەۋمىگە ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلىتىپ: ئەي قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، ئەينى چاغدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن ساقلاپ قالدى. ئۇلار سىلەرنى شۇنداق قاتتىق قىينايتتىكى، ئاراڭلاردا مۇسانىڭ سەلتەنىتىنى تارتىۋالىدىغان بىرەر بالا تۇغۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئوغۇل پەرزەنتلىرىڭلارنى بوغۇزلىۋېتەتتى. خىزمىتىگە سېلىپ، خورلاش ئۈچۈن قىزلىرىڭلارنى ھايات قالدۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا سىلەر ئۈچۈن سەۋرچانلىق ئۈستىدىكى كاتتا سىناق بار ئىدى. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ مۇشۇنداق خاپىلىقلارغا سەۋر قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پىرئەۋن تەۋەلىكىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلىدى.

14:7Страница 256

وَإِذۡ تَأَذَّنَ رَبُّكُمۡ لَئِن شَكَرۡتُمۡ لَأَزِيدَنَّكُمۡۖ وَلَئِن كَفَرۡتُمۡ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٞ ٧

Вот ваш Господь возвестил: «Если вы будете благодарны, то Я одарю вас еще большим. А если вы будете неблагодарны, то ведь мучения от Меня тяжки».

ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە ئۇقتۇرغان مۇنۇ پاساھەتلىك ئۇقتۇرۇشىنى ئەسلەڭلار: ئەگەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ ئەلۋەتتە سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نېئمەت ۋە ئىلتىپاتلار ئاتا قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، شۈكۈر قىلمىساڭلار، شەكسىزكى ئۆز نېئمىتىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، شۈكۈر قىلمىغانلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىقتۇر.

14:8Страница 256

وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِن تَكۡفُرُوٓاْ أَنتُمۡ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا فَإِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ ٨

Муса (Моисей) сказал: «Если вы и все обитатели земли станете неверующими, то ведь Аллах - Богатый, Достохвальный».

مۇسا قەۋمىگە ئېيتتى: ئى قەۋمىم! ناۋادا سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى بارچە ئىنسانلار كاپىر بوپكەتكەن تەقدىردىمۇ، سىلەرنىڭ كۇپرىڭلارنىڭ زىيىنى يەنىلا ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ئۆز زاتىدا ھەمدۇ-ساناغا لايىق زاتتۇر. ئىمان ئېيتقۇچىلارنىڭ ئىمانى ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك ئىنكارچىلارنىڭ كۇپرىسىمۇ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

14:9Страница 256

أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَبَؤُاْ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ قَوۡمِ نُوحٖ وَعَادٖ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لَا يَعۡلَمُهُمۡ إِلَّا ٱللَّهُۚ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَرَدُّوٓاْ أَيۡدِيَهُمۡ فِيٓ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَقَالُوٓاْ إِنَّا كَفَرۡنَا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ وَإِنَّا لَفِي شَكّٖ مِّمَّا تَدۡعُونَنَآ إِلَيۡهِ مُرِيبٖ ٩

Разве до вас не дошли вести о народе Нуха (Ноя), адитах и самудянах? И тех, кто жил после них? Никто, кроме Аллаха, не ведает о них. К ним приходили посланники с ясными знамениями, но они клали пальцы в рот и говорили: «Мы не веруем в то, с чем вы посланы, и нас терзают смутные сомнения относительно того, к чему вы призываете».

ئەي كاپىرلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ ۋە ئاد قەۋمى، ھۇد قەۋمى، سالىھ قەۋمى بولغان سەمۇد ئاھالىسى، شۇنداقلا ئۇلاردىن كېيىن ئۆتكەن، سانىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك قىلىنغانلىق خەۋىرى سىلەرگە كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئاچچىقتىن بارماقلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ پەيغەمبەرلىرىگە: شەكسىزكى بىز سىلەر ئەۋەتىلگەن دىنغا كاپىر بولدۇق، شەكسىزكى بىز شۇنداق بىر گۇمان ئىچىدىدۇرمىزكى، بۇ گۇمان بىزنى سىلەر چاقىرىۋاتقان ئىشتىن شەكلىنىشكە ئۈندەۋاتىدۇ.

14:10Страница 256

۞ قَالَتۡ رُسُلُهُمۡ أَفِي ٱللَّهِ شَكّٞ فَاطِرِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يَدۡعُوكُمۡ لِيَغۡفِرَ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُؤَخِّرَكُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ قَالُوٓاْ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا تُرِيدُونَ أَن تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعۡبُدُ ءَابَآؤُنَا فَأۡتُونَا بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ ١٠

Посланники говорили им: «Неужели вы сомневаетесь в Аллахе - Творце небес и земли? Он призывает вас, чтобы простить ваши грехи и предоставить вам отсрочку до назначенного времени». Они говорили: «Вы - такие же люди, как и мы. Вы хотите увести нас от того, чему поклонялись наши отцы. Приведите же нам ясное доказательство».

پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا جاۋابەن: ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ۋە قۇلچىلىق قىلىنىشتا يالغۇز ئىكەنلىكىدە شەك بارمۇ؟ ھالبۇكى ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى ھەمدە ئىلگىرىكى ئۇلارنى ئۆرنەكسىز بارلىققا كەلتۈرگۈچىدۇر. ئۇ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن سىلەرنى ئۆزىگە ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىدۇ، سىلەرنى بۇ دۇنيادا بېكىتىلگەن ئەجىلىڭلار توشقانغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ، دېدى. قەۋمى ئۇلارغا: سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان سىلەر، بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. سىلەر بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز بۇرۇندىن چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولۇۋاتىسىلەر. قېنى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن بىزگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، دېدى.

14:11Страница 257

قَالَتۡ لَهُمۡ رُسُلُهُمۡ إِن نَّحۡنُ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۖ وَمَا كَانَ لَنَآ أَن نَّأۡتِيَكُم بِسُلۡطَٰنٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ١١

Посланники говорили им: «Мы - такие же люди, как и вы. Однако Аллах одаряет Своей милостью того из Своих рабов, кого пожелает. Мы не можем явить вам знамение без соизволения Аллаха. Пусть же верующие уповают только на Аллаха!

پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا جاۋابەن: بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانلارمىز. بىز بۇ تەرەپتە سىلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىمىزنى ئىنكار قىلمايمىز. لېكىن بۇ ئوخشاشلىق ھەممە تەرەپتە ئوخشاش بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ئالاھىدە نېئمەت ئاتا قىلىپ، ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلىككە تاللايدۇ. بىز سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ئاللاھنىڭ خاھىشىسىز كەلتۈرەلمەيمىز. چۈنكى ئۇنى كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئىمكانىيىتىمىزدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ يەككە - يېگانە ئاللاھ تائالانىڭ قولىدىدۇركى، ئۇ ئاشۇنداق مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشكە قادىردۇر. ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان مۇئمىنلەر بارچە ئىشلىرىدا يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىدۇ.

14:12Страница 257

وَمَا لَنَآ أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى ٱللَّهِ وَقَدۡ هَدَىٰنَا سُبُلَنَاۚ وَلَنَصۡبِرَنَّ عَلَىٰ مَآ ءَاذَيۡتُمُونَاۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ ١٢

Отчего же нам не уповать на Аллаха, если Он повел нас нашими путями? Мы непременно стерпим причиняемые вами мучения. Пусть же уповающие уповают только на Аллаха!».

بىزنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشتىن قايسى كۈچ، قايسى باھانە توسۇپ قېلىۋاتىدۇ؟ ھالبۇكى ئاللاھ بىزنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ داغدام يولغا يېتەكلىگەن تۇرسا. ئەلۋەتتە بىز سىلەرنىڭ ئىنكار قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىشىڭلارغا سەۋر قىلىمىز. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار بارچە ئىشلىرىدا يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.

14:13Страница 257

وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِرُسُلِهِمۡ لَنُخۡرِجَنَّكُم مِّنۡ أَرۡضِنَآ أَوۡ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَاۖ فَأَوۡحَىٰٓ إِلَيۡهِمۡ رَبُّهُمۡ لَنُهۡلِكَنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ ١٣

Неверующие говорили своим посланникам: «Мы изгоним вас с нашей земли, или же вы вернетесь в нашу религию». Тогда Господь внушал им: «Мы непременно погубим беззаконников

پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلار پەيغەمبەرلىرىگە قارشى پاكىت كەلتۈرەلمىگەن چاغدا: بىز سىلەرنى چوقۇم يۇرتىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىمىز ياكى سىلەر ئۆز دىنىڭلاردىن يېنىپ، بىزنىڭ دىنىمىزغا كىرىسىلەر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلارغا: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغان زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، دەپ ۋەھىي قىلدۇق.

14:14Страница 257

وَلَنُسۡكِنَنَّكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَافَ مَقَامِي وَخَافَ وَعِيدِ ١٤

и поселим вас на земле после них. Так будет с теми, кто боится предстать предо Мной и боится Моей угрозы».

ئەي پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! بىز چوقۇم كاپىرلارنى ھالاك قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەر يۈزىدە سىلەرنى يەرلەشتۈرىمىز. ئىنكارچى كاپىرلارنى ھالاك قىلىش، ئۇلارنى ھالاك قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۇئمىنلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مەزكۇر نېئمەت مېنىڭ كاتتىلىقىمىنى ۋە داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېسىدىن چىقارمىغان ھەمدە مەن ئاگاھلاندۇرغان ئازابتىن قورققان كىشىلەر ئۈچۈندۇر.

14:15Страница 257

وَٱسۡتَفۡتَحُواْ وَخَابَ كُلُّ جَبَّارٍ عَنِيدٖ ١٥

Они молили о победе, и каждый упорный притеснитель оказывался в убытке.

پەيغەمبەرلەر پەرۋەردىگارىدىن دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىشنى تىلىدى، ھەقىقەتكە بويۇن ئەگمىگەن ھەمدە ھەق ئاشكارا بولسىمۇ ئەگەشمىگەن ھەر قانداق تەكەببۇر زىيان تارتتى.

14:16Страница 257

مِّن وَرَآئِهِۦ جَهَنَّمُ وَيُسۡقَىٰ مِن مَّآءٖ صَدِيدٖ ١٦

А впереди его ожидает Геенна, и поить его будут гнойной водой.

قىيامەت كۈنى بۇ تەكەببۇرنىڭ ئالدىدا جەھەننەم بار بولۇپ، ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ جەھەننەمدە دوزاخ ئەھلىنىڭ جاراھەتلىرىدىن ئېقىپ چىققان قان - يېرىڭلار بىلەن سۇغۇرىلىدۇ، لېكىن بۇ زەردابلار ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالمايدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئۇسسۇزلۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئازابلار بىلەن داۋاملىق ئازابلىنىپ تۇرىدۇ.

14:17Страница 257

يَتَجَرَّعُهُۥ وَلَا يَكَادُ يُسِيغُهُۥ وَيَأۡتِيهِ ٱلۡمَوۡتُ مِن كُلِّ مَكَانٖ وَمَا هُوَ بِمَيِّتٖۖ وَمِن وَرَآئِهِۦ عَذَابٌ غَلِيظٞ ١٧

Он будет пить ее глотками, но едва ли сможет проглотить ее. Смерть будет подступать к нему со всех сторон, однако он не умрет, ибо перед ним будут тяжкие мучения.

ئۇ زەرداب بەك ئاچچىق، ھەم قىزىق، ھەم سېسىق بولغانلىقتىن ئارقىمۇ-ئارقا ئىچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ، لېكىن ئۇنى يۇتالمايدۇ. ئۇ دۇچار بولغان ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن ئۆلۈم كېلىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆلۈپ، بۇ ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ. بەلكى مۇشۇنداق ئازابلانغان پېتى تىرىك قالىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان باشقا قاتتىق ئازابمۇ بار.

14:18Страница 257

مَّثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡۖ أَعۡمَٰلُهُمۡ كَرَمَادٍ ٱشۡتَدَّتۡ بِهِ ٱلرِّيحُ فِي يَوۡمٍ عَاصِفٖۖ لَّا يَقۡدِرُونَ مِمَّا كَسَبُواْ عَلَىٰ شَيۡءٖۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَٰلُ ٱلۡبَعِيدُ ١٨

Деяния тех, кто не уверовал в своего Господа, подобны пеплу, над которым пронесся сильный ветер в ветреный день. Они не смогут распоряжаться ничем из того, что приобрели. Это и есть глубокое заблуждение.

كاپىرلارنىڭ سەدىقە قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىش دېگەندەك ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئىشلىرى خۇددى قاتتىق بوران چىققان كۈندىكى شامال ئۇچۇرتۇپ كەتكەن كۈلگە ئوخشايدۇ. شامال ئۇنى كۈچ بىلەن كۆتۈرۈپ، ھەر تەرەپكە سورۇۋېتىدۇ - دە، ئۇنىڭدىن ھېچ ئەسەر قالمايدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ كۇپرىسى سورۇۋەتكەچكە، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلمىغان بۇنداق ئەمەل توغرا يولدىن يىراق ئازغۇنلۇقتۇر.

14:19Страница 258

أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَأۡتِ بِخَلۡقٖ جَدِيدٖ ١٩

Разве ты не видишь, что Аллах сотворил небеса и землю ради истины? Если Он пожелает, то уведет вас и приведет другие творения.

ئەي ئىنسان! شەكسىزكى ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتقانلىقىنى، بىكار ياراتمىغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئىبادەت قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنى كەلتۈرگەن بولاتتى. ئەلۋەتتە سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىدىغان ۋە ئىتائەت قىلىدىغان باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرۈش ئاللاھقا ئاساندۇر.

14:20Страница 258

وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ بِعَزِيزٖ ٢٠

Это для Аллаха не составляет труда.

سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرۈش ئاللاھقا تەس ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر زاتتۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش تەس كەلمەيدۇ.

14:21Страница 258

وَبَرَزُواْ لِلَّهِ جَمِيعٗا فَقَالَ ٱلضُّعَفَٰٓؤُاْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُنَّا لَكُمۡ تَبَعٗا فَهَلۡ أَنتُم مُّغۡنُونَ عَنَّا مِنۡ عَذَابِ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ قَالُواْ لَوۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ لَهَدَيۡنَٰكُمۡۖ سَوَآءٌ عَلَيۡنَآ أَجَزِعۡنَآ أَمۡ صَبَرۡنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٖ ٢١

Все окажутся перед Аллахом, и тогда слабые скажут тем, которые превозносились: «Воистину, мы следовали за вами. Можете ли вы хоть отчасти избавить нас от наказания Аллаха?». Они скажут: «Если бы Аллах наставил нас на прямой путь, то мы указали бы вам на него. Но теперь нам все равно: будем ли мы горевать или будем терпеть - нам негде укрыться».

پۈتۈن مەخلۇقاتلار قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن چىقىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدۇ. ئاندىن ئەگەشكۈچى ئاجىزلار يولباشچى كاتتىۋاشلىرىغا: ئەي كاتتىۋاشلار! شەكسىزكى بىز سىلەرگە ئەگىشىپ، سىلەرنىڭ بۇيرۇقۇڭلار بويىچە ئىش قىلغان، چەكلىگەنلىرىڭلارنى قىلمىغان ئىدۇق. ئەمدى سىلەر بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق بولسىمۇ قوغدىيالامسىلەر؟ دەيدۇ. يولباشچى كاتتىۋاشلار دەيدۇكى: ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغان بولسا ئىدى، بىزمۇ سىلەرنى شۇ يولغا يېتەكلىگەن ھەمدە ھەممىمىز بىردەك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلغان بولاتتۇق. لېكىن ئاللاھ بىزنى ئازغۇن قىلدى، ئاندىن بىزمۇ سىلەرنى ئازدۇردۇق. شۇڭا ئەمدى بىز مەيلى ئازابقا ۋايسايلى ياكى چىشىمىزنى چىشىمىزغا چىشلەپ تۇرايلى، ھەممىمىز ئوخشاش. بۇ ئازابتىن بىزگە ئەمدى قېچىش يوق.

14:22Страница 258

وَقَالَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لَمَّا قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ إِنَّ ٱللَّهَ وَعَدَكُمۡ وَعۡدَ ٱلۡحَقِّ وَوَعَدتُّكُمۡ فَأَخۡلَفۡتُكُمۡۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنٍ إِلَّآ أَن دَعَوۡتُكُمۡ فَٱسۡتَجَبۡتُمۡ لِيۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوٓاْ أَنفُسَكُمۖ مَّآ أَنَا۠ بِمُصۡرِخِكُمۡ وَمَآ أَنتُم بِمُصۡرِخِيَّ إِنِّي كَفَرۡتُ بِمَآ أَشۡرَكۡتُمُونِ مِن قَبۡلُۗ إِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ ٢٢

Когда дело свершится, дьявол скажет: «Воистину, обещание Аллаха было правдиво, а я обещал вам, но не сдержал данного вам слова. У меня не было над вами никакой власти. Я звал вас, и вы послушались меня. Посему не порицайте меня, а порицайте самих себя. Я не могу помочь вам, а вы не можете помочь мне. Я не причастен к тому, что ранее вы поклонялись мне». Воистину, беззаконникам уготованы мучительные страдания.

جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرگەن ۋاقىتتا ئىبلىس مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە راست ۋەدە قىلغان ئىدى ھەمدە سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. مەن سىلەرگە يالغاندىن ۋەدە قىلغان ئىدىم، شۇڭا سىلەرگە بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم. مېنىڭ دۇنيادا سىلەرنى كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇققا زورلىغۇدەك كۈچۈم يوق ئىدى، لېكىن سىلەرنى كۇپرىغا چاقىرىپ قويدۇم، ئاسىيلىقنى چىرايلىق كۆرسەتتىم، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا ئەگىشىشكە ئالدىرىدىڭلار. شۇڭا ئەمدى ئۆزۈڭلارنىڭ ئازغۇنلۇقى ئۈچۈن ماڭا مالامەت قىلماي، ئۆزۈڭلارغا مالامەت قىلىڭلار. چۈنكى شۇنداق قىلىش ئەڭ لايىق مالامەتتۇر. مەن سىلەردىن ئازابنى قايتۇرۇش ئارقىلىق سىلەرنىڭ نىجاتكارىڭلار بولالمايمەن، سىلەرمۇ مەندىن ئازابنى قايتۇرۇش ئارقىلىق مېنىڭ نىجاتكارىم بولالمايسىلەر. شەكسىزكى مەن سىلەرنىڭ قۇلچىلىق قىلىشتا مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغىنىڭلارنى ئىنكار قىلىمەن. دۇنيادا ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغان دەرتلىك ئازاب بار.

14:23Страница 258

وَأُدۡخِلَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا بِإِذۡنِ رَبِّهِمۡۖ تَحِيَّتُهُمۡ فِيهَا سَلَٰمٌ ٢٣

Те, которые уверовали и совершали праведные деяния, будут введены в Райские сады, в которых текут реки. Они пребудут там вечно с дозволения своего Господа. Их приветствием там будет слово: «Мир!».

زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئەكسىچە، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار سارايلىرى ۋە دەل - دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا سالاملىشىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ، پەرۋەردىگارىمۇ ئۇلارغا سالام بېرىدۇ.

14:24Страница 258

أَلَمۡ تَرَ كَيۡفَ ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا كَلِمَةٗ طَيِّبَةٗ كَشَجَرَةٖ طَيِّبَةٍ أَصۡلُهَا ثَابِتٞ وَفَرۡعُهَا فِي ٱلسَّمَآءِ ٢٤

Разве ты не видишь, как Аллах приводит притчи? Прекрасное слово подобно прекрасному дереву, корни которого прочны, а ветви восходят к небу.

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانىڭ تەۋھىد كەلىمىسى ئۈچۈن قانداق مىسال بايان قىلغانلىقىنى بىلمىدىڭمۇ؟ تەۋھىد كەلىمىسى بولسا "ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر" دېگەن سۆز بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ياخشى دەرەخ خورمىغا ئوخشاتتى. ئۇنىڭ يىلتىزى يەر ئاستىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ياخشى يىلتىزلىرى ئارقىلىق سۇ ئىچىدۇ، شېخى بولسا ئاسمانغا تاقاشقان بولۇپ، شەبنەمدىنمۇ سۇ ئىچىدۇ ھەمدە ساپ ھاۋانى سۈمۈرىدۇ.

14:25Страница 259

تُؤۡتِيٓ أُكُلَهَا كُلَّ حِينِۭ بِإِذۡنِ رَبِّهَاۗ وَيَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ ٢٥

Оно плодоносит каждый миг с дозволения своего Господа. Аллах приводит людям притчи, - быть может, они помянут назидание.

بۇ ياخشى دەرەخ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ھەر ۋاقىت تەملىك مېۋە بېرىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ مۇشۇنداق مىساللارنى بايان قىلىدۇ.

14:26Страница 259

وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٖ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ ٱجۡتُثَّتۡ مِن فَوۡقِ ٱلۡأَرۡضِ مَا لَهَا مِن قَرَارٖ ٢٦

А скверное слово подобно скверному дереву, которое можно вырвать с поверхности земли, ибо нет у него прочности.

ناچار، شېرىك سۆزنىڭ مىسالى ناچار دەرخكە ئوخشايدۇ، ئۇ ئاچچىق تاۋۇز بولۇپ، ئۇنىڭ پېلىكى يۇلۇپ تاشلانغان، نە يىلتىزى زېمىندا مۇستەھكەم ئەمەس، نە شاخلىرى كۆككە كۆتۈرۈلگەنمۇ ئەمەس. ئۇ قۇرۇپ، شامال ئۇنى ئۇچۇرۇۋېتىدۇ. كۇپرى كەلىمىسىنىڭ ئاقىۋىتى يوقۇلۇشقا مەھكۇملۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ساھىبىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمۇ ئاللاھ تەرەپكە ئۆرلىمەيدۇ.

14:27Страница 259

يُثَبِّتُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱلۡقَوۡلِ ٱلثَّابِتِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَيُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلظَّٰلِمِينَۚ وَيَفۡعَلُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ ٢٧

Аллах поддерживает верующих твердым словом в мирской жизни и Последней жизни. А беззаконников Аллах вводит в заблуждение - Аллах вершит то, что пожелает.

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن ساباتلىق قىلىپ، ھاياتىي دۇنيادا مۇكەممەل ئىمان ئاتا قىلىدۇ، نىھايەت ئۇلار ئىمانى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قەبرىلىرىدىكى بەرزەخ ھاياتىدا سوئال - سوراق قىلغاندىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈش ۋە كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى توغرىدىن ۋە ھىدايەتتىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز ئادالىتى بىلەن ئازغۇن قىلىشنى خالىغان كىشىنى ئازدۇرۇۋېتىش، ئۆز پەزلى بىلەن ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىبارەت خالىغان ئىشنى قىلىدۇ، ئۇنى ھېچبىر مەجبۇرلىغۇچى بولمايدۇ.

14:28Страница 259

۞ أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ بَدَّلُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ كُفۡرٗا وَأَحَلُّواْ قَوۡمَهُمۡ دَارَ ٱلۡبَوَارِ ٢٨

Разве ты не видел тех, которые обменяли милость Аллаха на неверие и ввергли свой народ в Обитель погибели -

قۇرەيشلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كاپىر بولغانلارنىڭ ھالىنى كۆردۈڭ، ئۇلار ھەرەمدە ئامانلىققا ئېرىشىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە چۆمگەن ۋاقىتتا بۇ نېئمەتنى كۇپرىغا تېگىشتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىپ، قەۋمى ئىچىدىن ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئېلىپ بېرىشتى.

14:29Страница 259

جَهَنَّمَ يَصۡلَوۡنَهَاۖ وَبِئۡسَ ٱلۡقَرَارُ ٢٩

Геенну, в которой они будут гореть? Как же скверно это местопребывание!

ئۇلارنىڭ ھالاكەت گىرداۋى جەھەننەم بولۇپ، ئۇلار شۇ جەھەننەمگە كىرىدۇ ھەمدە جەھەننەمنىڭ قىزىق ھارارىتىنى تېتىيدۇ. ئۇلارنىڭ بارار جايى نېمىدېگەن يامان؟

14:30Страница 259

وَجَعَلُواْ لِلَّهِ أَندَادٗا لِّيُضِلُّواْ عَن سَبِيلِهِۦۗ قُلۡ تَمَتَّعُواْ فَإِنَّ مَصِيرَكُمۡ إِلَى ٱلنَّارِ ٣٠

Они признавали равных Аллаху, чтобы сбить других с Его пути. Скажи: «Пользуйтесь благами, но ваш путь лежит в Огонь».

مۇشرىكلار ئۆزلىرى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرنىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەر ۋە ئوخشاشلارنى قىلدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئىچىگە چۆمگەن شەھۋەتلىرىڭلار ۋە ھاياتىي دۇنيادا شەك - شۈبھە تارقىتىش ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىڭلار. شەكسىزكى قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا بارىدىغان يېرىڭلار يوق.

14:31Страница 259

قُل لِّعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُنفِقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا بَيۡعٞ فِيهِ وَلَا خِلَٰلٌ ٣١

Скажи тем из Моих рабов, которые уверовали, чтобы они совершали намаз и расходовали явно и тайно из того, чем Мы их наделили, пока не наступит день, когда не будет ни торга, ни дружбы.

ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگەن رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن ۋاجىب بولغان ۋە مۇستەھەب بولغان سەدىقىلەرنى رىيا بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار مەخپىي ھالەتتە، باشقىلارنىڭ سىلەرنى ئۈلگە قىلىشىنى خالىساڭلار ئاشكارا ھالەتتە بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەر قانداق سودا ۋە بېرىلىدىغان ھەر قانداق بەدەل قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچكىمنىڭ ئۆز دوستىغا قىلغان شاپائىتىمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن سەدىقىگە ئالدىراڭلار.

14:32Страница 259

ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ لِتَجۡرِيَ فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡهَٰرَ ٣٢

Аллах - Тот, Кто создал небеса и землю, ниспослал с неба воду и взрастил ею плоды для вашего пропитания, подчинил вам корабли, которые плывут по морям по Его воле, подчинил вам реки,

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز پەيدا قىلدى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، ئاندىن ئاشۇ سۇ ئارقىلىق سىلەرگە رىزىق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈرلۈك - تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقاردى، سىلەرگە سۇ يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماس ھالەتتە ماڭىدىغان كېمىلەرنى خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى، ئۆزۈڭلارمۇ ئىچىپ، چارىپايلىرىڭلارنى ۋە زىرائەتلىرىڭلارنى سۇغۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزۇپ بەردى.

14:33Страница 259

وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ دَآئِبَيۡنِۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ ٣٣

подчинил вам солнце и луну, непрестанно движущиеся по своим орбитам, подчинил вам ночь и день.

قۇياش بىلەن ئاينى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن توختاپ قالماي ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلدى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىمۇ سىلەر ئۈچۈن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، كېچىنى ئۇخلاپ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنى بولسا تۈرلۈك پائالىيەتلىرىڭلارنى قىلىپ، جان بېقىشىڭلار ئۈچۈن بەرپا قىلدى.

14:34Страница 260

وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلۡتُمُوهُۚ وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَظَلُومٞ كَفَّارٞ ٣٤

Он даровал вам все, о чем вы просили. Если вы станете считать милости Аллаха, то не сможете сосчитать их. Воистину, человек несправедлив и неблагодарен.

ئاللاھ سىلەرگە تەلەپ قىلغان ۋە تەلەپ قىلمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەردى، ئەگەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى سانايمىز دېسەڭلەرمۇ، ئۇنىڭ تۈرلىرى ۋە مىقدارىنىڭ كۆپلۈكىدىن ساناپ بولالمايسىلەر. ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە دەپ بەرگەنلىرى ئۇلاردىن بىر قانچە مىسالدۇر. شەكسىزكى ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە كۆپ تۇزكورلۇق قىلغانلىقتىن ئۆزىگە ھەقىقەتەنمۇ زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.

14:35Страница 260

وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِيمُ رَبِّ ٱجۡعَلۡ هَٰذَا ٱلۡبَلَدَ ءَامِنٗا وَٱجۡنُبۡنِي وَبَنِيَّ أَن نَّعۡبُدَ ٱلۡأَصۡنَامَ ٣٥

Вот Ибрахим (Авраам) сказал: «Господи! Сделай этот город безопасным и убереги меня и моих сыновей от поклонения идолам.

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئوغلى ئىسمائىل بىلەن ئانىسى ھاجەرنى مەككە جىلغىسىدا قويۇپ قويغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئائىلەمنى قالدۇرۇپ قويغان بۇ جاينى خاتىرجەم شەھەر قىلىپ بەرگىنكى، ئۇنىڭدا قان تۆكۈلمىسۇن، ھېچكىم زۇلۇمغا ئۇچرىمىسۇن. مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن.

14:36Страница 260

رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضۡلَلۡنَ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِۖ فَمَن تَبِعَنِي فَإِنَّهُۥ مِنِّيۖ وَمَنۡ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٣٦

Господи! Воистину, они ввели в заблуждение многих людей. Тот, кто последует за мной, относится ко мне. А если кто ослушается меня, то ведь Ты - Прощающий, Милосердный.

ئەي پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن بۇتلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرۇۋەتتى، چۈنكى ئۇلار بۇتلارنى ئۆزلىرىگە شاپائەت قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ، شۇنىڭغا ئالدىنىپ قالدى ۋە ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشتى. ئىنسانلاردىن كىمكى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتا ماڭا ئەگىشىدىكەن، شەكسىزكى ئۇ مېنىڭ تەۋەيىم ۋە ئەگەشكۈچىلىرىمدىندۇر. كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشتا ماڭا ئەگەشمەيدىكەن، ئەي پەرۋەردىگارىم! سەن ھەقىقەتەن كەچۈرۈم قىلىشنى خالىغان بەندەڭنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شەپقەتلىكسەن.

14:37Страница 260

رَّبَّنَآ إِنِّيٓ أَسۡكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيۡرِ ذِي زَرۡعٍ عِندَ بَيۡتِكَ ٱلۡمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱجۡعَلۡ أَفۡـِٔدَةٗ مِّنَ ٱلنَّاسِ تَهۡوِيٓ إِلَيۡهِمۡ وَٱرۡزُقۡهُم مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَشۡكُرُونَ ٣٧

Господь наш! Я поселил часть моего потомства в долине, где нет злаков, у Твоего Заповедного дома. Господь наш! Пусть они совершают намаз. Наполни сердца некоторых людей любовью к ним и надели их плодами, - быть может, они будут благодарны.

ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئەۋلادلىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى ئوغلۇم ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى گىياھسىز، سۇسىز بىر چۆلدە قويۇپ قويدۇم. ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مەن ئۇلارنى ناماز ئوقۇسۇن دەپ شۇ ئۆينىڭ يېنىدا قالدۇردۇم. ئەي رەببىم! ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى مۇشۇ شەھەرگە مايىل قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنىڭ نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن.

14:38Страница 260

رَبَّنَآ إِنَّكَ تَعۡلَمُ مَا نُخۡفِي وَمَا نُعۡلِنُۗ وَمَا يَخۡفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِن شَيۡءٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِ ٣٨

Господь наш! Тебе ведомо то, что мы утаиваем, и то, что мы обнародуем. Ничто не скроется от Аллаха ни на земле, ни на небесах.

ئەي پەرۋەردىگارىمىز! شەكسىزكى سەن بىز يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرىسەن. نە زېمىندا، نە ئاسماندا ئاللاھ تائالاغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بەلكى ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئېھتىياجلىرىمىز ۋە موھتاجلىقىمىزمۇ مەخپىي قالمايدۇ.

14:39Страница 260

ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى ٱلۡكِبَرِ إِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ ٣٩

Хвала Аллаху, который даровал мне на старости лет Исмаила (Измаила) и Исхака (Исаака). Воистину, мой Господь внимает мольбе.

جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇركى، ئۇ مېنىڭ سالىھلارنىڭ قاتارىدىن قىلغىن، دېگەن دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، ئۇ ماڭا ياشىنىپ قالغان بولساممۇ ھاجەردىن ئىسمائىلنى، سارەدىن ئىسھاقنى ئاتا قىلدى. شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم ئۆزىگە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر.

14:40Страница 260

رَبِّ ٱجۡعَلۡنِي مُقِيمَ ٱلصَّلَوٰةِ وَمِن ذُرِّيَّتِيۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلۡ دُعَآءِ ٤٠

Господи! Включи меня и часть моего потомства в число тех, кто совершает намаз. Господь наш! Прими мою мольбу.

ئەي پەرۋەردىگارىم! مېنىمۇ نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغۇچى قىلغىن، ئەۋلادلىرىم ئىچىدىنمۇ نامازنى شۇنداق ئادا قىلىدىغانلارنى چىقىرىپ بەرگىن. ئەي پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت ۋە ھۇزۇرۇڭدا مەقبۇل قىلغىن!

14:41Страница 260

رَبَّنَا ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ يَوۡمَ يَقُومُ ٱلۡحِسَابُ ٤١

Господь наш! Прости меня, моих родителей и верующих в тот день, когда будет представлен счет».

ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مېنىڭ ۋە ئاتا - ئانامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن. (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئانى دادىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن قىلغان. لېكىن كېيىن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولغان). پۈتۈن ئىنسانلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش ئۈچۈن تۇرىدىغان كۈندە بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ مەغپىرەت قىلغىن.

14:42Страница 260

وَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱللَّهَ غَٰفِلًا عَمَّا يَعۡمَلُ ٱلظَّٰلِمُونَۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمۡ لِيَوۡمٖ تَشۡخَصُ فِيهِ ٱلۡأَبۡصَٰرُ ٤٢

Не думай, что Аллах не ведает о том, что творят беззаконники. Он лишь дает им отсрочку до того дня, когда закатятся взоры.

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالانىڭ زالىملارنىڭ ئازابىنى كېچىكتۈرگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ۋە باشقا قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز دەپ ئويلىمىغىن، بەلكى ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئازابىنى پەقەت قىيامەت كۈنىگىچىلا كېچىكتۈرىدۇ. قىيامەت شۇنداق بىر كۈنكى، كۆزلەر ئۇ كۈندە كۆرگەن قورقۇنچلۇق ئەھۋالدىن قورقۇپ چەكچىيىپ كېتىدۇ.

14:43Страница 261

مُهۡطِعِينَ مُقۡنِعِي رُءُوسِهِمۡ لَا يَرۡتَدُّ إِلَيۡهِمۡ طَرۡفُهُمۡۖ وَأَفۡـِٔدَتُهُمۡ هَوَآءٞ ٤٣

Они будут спешить с запрокинутыми головами. Взоры не будут возвращаться к ним, а их сердца будут опустошены (переполнены страхом и лишены всех иных чувств).

ئىنسانلار چاقىرغۇچى تەرەپكە ئالدىراپ قەبرىلىرىدىن تۇرغان چاغدا باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاسماننىڭ بىر تەرىپىگە قارايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي، كۆرگەنلىرىنىڭ قورقۇنچلۇقلۇقىدىن كۆزلىرى چەكچەيگەن پېتى قالىدۇ، قەلبلىرىمۇ قۇپقۇرۇق، ئەقىللىرى لال بولۇپ، كۆرۈنۈشنىڭ دەھشىتىدىن ھېچ نېمىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ.

14:44Страница 261

وَأَنذِرِ ٱلنَّاسَ يَوۡمَ يَأۡتِيهِمُ ٱلۡعَذَابُ فَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ رَبَّنَآ أَخِّرۡنَآ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖ نُّجِبۡ دَعۡوَتَكَ وَنَتَّبِعِ ٱلرُّسُلَۗ أَوَلَمۡ تَكُونُوٓاْ أَقۡسَمۡتُم مِّن قَبۡلُ مَا لَكُم مِّن زَوَالٖ ٤٤

Предостерегай людей от того дня, когда к ним явятся мучения. Тогда те, которые поступали несправедливо, скажут: «Господь наш! Дай нам отсрочку на маленький срок, и мы ответим на Твой призыв и последуем за посланниками». Им будет сказано: «Разве раньше вы не клялись, что не покинете земной мир?

ئەي پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭنى قىيامەت كۈنىدىكى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتقىنكى، ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇق قىلغانلار ئۇ چاغدا: ئەي رەببىمىز! بىزگە مۆھلەت بەرگىن، بىزدىن ئازابنى كېچىكتۈرگىن، بىزنى دۇنياغا ئازراق ۋاقىت قايتۇرغىن، ساڭا ئىمان ئېيتىۋالايلى، بىزگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئەگىشەيلى، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا كايىغان تەرزدە: سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ دۇنيادىن ئاخىرەتكە بارمايدىغانلىقىڭلار ھەققىدە قەسەم قىلمىغانمىدىڭلار؟ دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ.

14:45Страница 261

وَسَكَنتُمۡ فِي مَسَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَتَبَيَّنَ لَكُمۡ كَيۡفَ فَعَلۡنَا بِهِمۡ وَضَرَبۡنَا لَكُمُ ٱلۡأَمۡثَالَ ٤٥

Вы обитали в жилищах тех, которые были несправедливы к себе. Вам было ясно, как Мы поступили с ними, и Мы приводили вам притчи».

سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ھۇد قەۋمى ۋە سالىھ قەۋمىگە ئوخشاش ئۈممەتلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىغا يەرلەشتىڭلار. سىلەرگە ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئايان ئىدى. بىز يەنە سىلەرنى پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھنىڭ كىتابىدا نۇرغۇنلىغان مىساللارنى بايان قىلدۇقكى، سىلەر پەند - نەسىھەت ئالمىدىڭلار.

Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии

Содержание

Аят аль-Курси36Аль-Кахфстр. 42джуз 15Бухари 1Муслим 2999

Вид

Тема
Размер текста
Вид

Read in English