Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском
النحل
Ан-Нахль
Пчелы · Мекканская · 128 аятов
16:1Страница 267
أَتَىٰٓ أَمۡرُ ٱللَّهِ فَلَا تَسۡتَعۡجِلُوهُۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ ١
Веление Аллаха придет, и не пытайтесь это ускорить. Преславен Он и превыше того, что они приобщают в сотоварищи!
ئى كاپىرلار! سىلەرنىڭ ئازابىڭلاردىن ئاللاھ ھۆكۈم قىلغان نەرسە يېقىنلاشتى، ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ ئۇنى تەلەپ قىلماڭلار، ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئالىدۇر
16:2Страница 267
يُنَزِّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ بِٱلرُّوحِ مِنۡ أَمۡرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ أَنۡ أَنذِرُوٓاْ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱتَّقُونِ ٢
Он ниспосылает ангелов с духом (откровением) по Своему велению тому из Своих рабов, кому пожелает: «Предостерегайте тем, что нет божества, кроме Меня. Бойтесь же Меня».
ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغان كىشىگە قىلغان ھۆكۈملىرىنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ۋەھيى بىلەن نازىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى! مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئى ئىنسانلار! مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىمدىن يىراق بولۇش بىلەن مەندىن قورقۇڭلار.
16:3Страница 267
خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ تَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ ٣
Он сотворил небеса и землю ради истины. Он превыше тех, кого они приобщают в сотоварищи!
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ھالەتتە ياراتتى، ئۇلارنى بىكارغا ياراتمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىق ۋە كاتتىلىقىنى ئىسپاتلاش .ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ كاپىرلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن .پاكتۇر
16:4Страница 267
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن نُّطۡفَةٖ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٞ مُّبِينٞ ٤
Он сотворил человека из капли, и после этого тот открыто пререкается.
ئاللاھ ئىنساننى ئېتىبارسىز سېپىرمىدىن ياراتتى، باسقۇچمۇ باسقۇچ ئۆسۈپ يېتىلدى، ئۇ ئىنسان ھەقنى يوق قېلىش ئۈچۈن باتىل بىلەن .قاتتىق جىدەل قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ جىدىلى ئاشكارىدۇر
16:5Страница 267
وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ ٥
Он также сотворил скот, который приносит вам тепло и пользу. Вы также употребляете его в пищу.
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق چارۋىلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى. ئۇنىڭ يۇڭ ۋە تېۋىتلىرىدىن ئېسىنىشىڭلارمۇ مۇشۇ مەنپەئەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭ سۈتى، تېرىسى، ئۈچۇسى ۋە سىلەر يەيدىغان گۆشىدە يەنە بىر مەنپەئەت باردۇر.
16:6Страница 267
وَلَكُمۡ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسۡرَحُونَ ٦
Они украшают вас, когда вы пригоняете их обратно вечерами и выводите на пастбище по утрам.
ئۇ چارۋىلارنى كەچتە يايلاقتىن قايتۇرۇپ قوتانغا كېرگۈزگەندە ۋە ئەتىگەندە يايلاققا ئېلىپ ماڭغاندا، سىلەر ئۈچۈن ئۇ چارۋىلاردا زىننەت باردۇر.
16:7Страница 268
وَتَحۡمِلُ أَثۡقَالَكُمۡ إِلَىٰ بَلَدٖ لَّمۡ تَكُونُواْ بَٰلِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ ٱلۡأَنفُسِۚ إِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ ٧
Они перевозят ваши грузы в края, достичь которых вы могли бы только ценой больших усилий. Воистину, Господь ваш - Сострадательный, Милосердный.
بىز سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن مۇشۇ چارۋىلار سىلەرنىڭ ئېغىر يۈك-تاقىلىرىڭلارنى سەپەرلەردە سىلەر جاپا-مۇشەققەت تارتىپ يېتىپ بارىدىغان شەھەرلەرگە كۆتۈرۈپ بارىدۇ، ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار شەپقەتلىكتۇر، بۇ چارۋىلارنى سىلەرگە .بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن مېھرىباندۇر
16:8Страница 268
وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ ٨
Он сотворил коней, мулов и ослов, чтобы вы ездили на них верхом и для украшения. Он творит также то, о чем вы не ведаете.
ئاللاھ تائالا ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى سىلەرنىڭ مېنىشىڭلار، يۈك ئارتىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا زىننەتلىنىپ چېقىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ نەرسىلەرنى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ زىننىتى قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزى يارىتىشنى خالىغان نەرسىلەردىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ.
16:9Страница 268
وَعَلَى ٱللَّهِ قَصۡدُ ٱلسَّبِيلِ وَمِنۡهَا جَآئِرٞۚ وَلَوۡ شَآءَ لَهَدَىٰكُمۡ أَجۡمَعِينَ ٩
Аллах указывает на прямой путь, но есть дороги, которые уводят в сторону. Если бы Аллах пожелал, то Он вас всех наставил бы на прямой путь.
ئىسلامدىن ئىبارەت بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان توغرا يولنى بايان قېلىپ بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن شەيتاننىڭ يوللىرى بار، ئىسلام يولىدىن باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى قىڭغىر يولدۇر، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قېلىشنى خالىغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ھەممىڭلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلاتتى.
16:10Страница 268
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗۖ لَّكُم مِّنۡهُ شَرَابٞ وَمِنۡهُ شَجَرٞ فِيهِ تُسِيمُونَ ١٠
Он - Тот, Кто ниспосылает с неба воду. Она служит для вас питьем, и благодаря ей произрастают растения, среди которых вы пасете скот.
ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇلۇتتىن سۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇ سۇدىن سىلەر ئېچىسىلەر، چارۋىلىرىڭلارنى سۇغۇرىسىلەر، بۇ ئارقىلىق چارۋىلىرىڭلارنى باقىدىغان ئۆت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ.
16:11Страница 268
يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ ١١
Он взращивает для вас злаки, маслины, финики, виноград и всевозможные плоды. Воистину, в этом - знамение для людей размышляющих.
يامغۇر سۈيىدىن ئاللاھ سىلەرگە سىلەر يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ سۇ بىلەن زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە باشقا تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇ سۇدا ۋە سۇ ئارقىلىق پەيدا قىلغان نەرسىلەردە ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار، بۇ نەرسىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقى نامايەندە بولىدۇ.
16:12Страница 268
وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ وَٱلنُّجُومُ مُسَخَّرَٰتُۢ بِأَمۡرِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ ١٢
Он покорил вам ночь и день, солнце и луну. Звезды также покорны по Его воле. Воистину, в этом - знамения для людей разумеющих.
ئاللاھ كېچىنى سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە راھەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، كۈندۈزنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كەسىپ قېلىش ئۈچۈن ياراتتى. قۇياشنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە ئۇنىڭدا يورۇقلۇقنى قىلدى، ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇيرىقى بىلەن يۇلتۇزلارنىمۇ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئۇنىڭ بىلەن يول تاپىسىلەر، ۋاقىتنى بىلىسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ھەقىقەتەن مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇرۇپ بېرىشتە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەرنى بىلەلەيدۇ.
16:13Страница 268
وَمَا ذَرَأَ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَذَّكَّرُونَ ١٣
Он сотворил для вас на земле разнообразие цветов. Воистину, в этом - знамение для людей поминающих.
ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمندا ياراتقان تۈرلۈك، رەڭگارەڭ كان بايلىقلىرى، ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە زرائەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئاشۇ يارىتىلغان ۋە بويسۇندۇرۇلغان نەرسىلەردە ئېبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ۋە نېمەت بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
16:14Страница 268
وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ ١٤
Он - Тот, Кто подчинил море, чтобы вы вкушали из него свежее мясо и добывали в нем украшения, которые вы носите. Ты видишь корабли, которые бороздят его для того, чтобы вы могли снискать Его милость, - быть может, вы будете благодарны.
ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزدا سەپەر قىلىشىڭلار، دېڭىز بايلىقلىرىنى چېقىرىشىڭلار، دېڭىزدىكى ساپ-تازا بېلىقلارنى يېيىشىڭلار، سىلەر ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىتلەرنى چېقىرىشىڭلار ئۈچۈن دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر، تىجارەتتىن پايدا تېپىش ۋە ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ كېمىلەر بىلەن سەپەر قىلىسىلەر. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى ئىبادەتتە يەككە-يېگانە بىلىڭلار.
16:15Страница 269
وَأَلۡقَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمۡ وَأَنۡهَٰرٗا وَسُبُلٗا لَّعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ ١٥
Он поместил на земле незыблемые горы, дабы она не колебалась вместе с вами, а также реки и дороги, дабы вы могли идти верным путем.
زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ۋە ئېغىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى بەرپا قىلدى. سىلەرنىڭ ئېچىشىڭلار، چارۋىلارنى ۋە زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى ئاقتۇردى. سىلەرنىڭ ئېزىپ كەتمەي كۆزلىگەن مەقسىدىڭلارغا يېتىشىڭلار ئۈچۈن .ماڭىدىغان يوللارنى قىلدى
16:16Страница 269
وَعَلَٰمَٰتٖۚ وَبِٱلنَّجۡمِ هُمۡ يَهۡتَدُونَ ١٦
Он создал знаки. А по звездам они находят правильную дорогу.
ئاللاھ سىلەرنىڭ كۈندۈزدە يولنى توغرا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا يول بەلگىلىرىنى قىلدى، كېچىدە يولنى توغرا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئاسماندا .يۇلتۇزلارنى قىلدى
16:17Страница 269
أَفَمَن يَخۡلُقُ كَمَن لَّا يَخۡلُقُۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ ١٧
Разве Тот, Кто творит, подобен тому, кто не творит? Неужели вы не помяните назидание?
مۇشۇ نەرسىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغانلارغا ئوخشاش بولامدۇ؟. ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى، ئبادەتتە يەككە-يېگانە بولغۇچى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئويلىمامسىلەر؟. ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار.
16:18Страница 269
وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ ١٨
Если вы станете считать милости Аллаха, то не пересчитаете их! Воистину, Аллах - Прощающий, Милосердный.
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان كۆپ نېئمەتلىرىنى ساناشقا ئۇرۇنۇپ باقساڭلار، ئۇ نېمەتلەرنىڭ كۆپلىكى ۋە تۈرلۈك بولغانلىقىدىن ئۇنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىشتىن غاپىل بولغانلىقىڭلاردىن ئىبارەت كەمچىلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر. سىلەرگە مېھرىبانلىقىدىن سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ۋە نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتماسلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئۇ نېمەتلەرنى ئۈزۈپ قويمايدۇ.
16:19Страница 269
وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعۡلِنُونَ ١٩
Аллах ведает то, что вы утаиваете, и то, что вы совершаете открыто.
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ مەخپى قىلغان ۋە ئاشكارا قىلغان بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا .ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ
16:20Страница 269
وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ ٢٠
А те, к кому они обращаются с молитвами вместо Аллаха, не могут ничего сотворить, тогда как сами они были сотворены.
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلىرى كېچىكىنەك بىر نەرسىنىمۇ يارىتالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلىرى ئىبادەت قىلىنغۇچىلار تەرىپىدىن ياسالغاندۇر، ئۇلار قانداقمۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرى قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا ئىبادەت .قىلىدۇ؟
16:21Страница 269
أَمۡوَٰتٌ غَيۡرُ أَحۡيَآءٖۖ وَمَا يَشۡعُرُونَ أَيَّانَ يُبۡعَثُونَ ٢١
Они мертвы, а не живы, и не знают они, когда будут воскрешены.
ئۇلار قوللىرى بىلەن ياساپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسە ھېچ قانداق ھاياتلىقى بولمىغان، ئىلىم-ئىدراكى بولمىغان ۋە چۈشەنچىسى بولمىغان جانسىز نەرسىلەر بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىگە چوقۇنغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
16:22Страница 269
إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۚ فَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ قُلُوبُهُم مُّنكِرَةٞ وَهُم مُّسۡتَكۡبِرُونَ ٢٢
Ваш Бог - Бог Единственный. Но сердца тех, которые не верует в Последнюю жизнь, отрицают истину, а сами они - высокомерные гордецы.
سىلەرنىڭ ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق بولغان مەبۇدىڭلار ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يەككە-يىگانە ئاللاھدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشقا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرى ئاللاھدىن قورقۇش تۇيغۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار قىيامەتتىكى ھېساب ۋە ئازابقا ئىشەنمەيدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ھەقكە بويسۇنمايدۇ.
16:23Страница 269
لَا جَرَمَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡتَكۡبِرِينَ ٢٣
Несомненно, Аллах знает то, что вы утаиваете, и то, что вы обнародуете. Воистину, Он не любит высокомерных.
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان ھەممە ئەمەللىرىنى راستىنلا بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىبادەت قىلىشتا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆزىگە بويسۇنمىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.
16:24Страница 269
وَإِذَا قِيلَ لَهُم مَّاذَآ أَنزَلَ رَبُّكُمۡ قَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٢٤
Когда им говорят: «Что ниспослал вам Господь?». - они говорят: «Это - легенды древних народов!».
ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى يالغانغا چېقارغان كاپىرلارغا: ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟دېيىلسە، ئۇلار: ھېچ نەرسە نازىل قېلىنمىدى، ئۇ ئۆز ئېچىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يالغان-توقۇلمىلىرىنى پەيدا قىلدى، دەيدۇ.
16:25Страница 269
لِيَحۡمِلُوٓاْ أَوۡزَارَهُمۡ كَامِلَةٗ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَمِنۡ أَوۡزَارِ ٱلَّذِينَ يُضِلُّونَهُم بِغَيۡرِ عِلۡمٍۗ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ ٢٥
Пусть они понесут свою ношу целиком в Последний день, а также ношу тех невежд, которых они ввели в заблуждение. Как же отвратительна их ноша!
ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ، نادانلىق ۋە قارغۇلارچە ئەگىشىش بىلەن ئۆزلىرى ئىسلامدىن ئازدۇرىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى نېمىدېگەن قەبىھ!.
16:26Страница 269
قَدۡ مَكَرَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَأَتَى ٱللَّهُ بُنۡيَٰنَهُم مِّنَ ٱلۡقَوَاعِدِ فَخَرَّ عَلَيۡهِمُ ٱلسَّقۡفُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَأَتَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ ٢٦
Козни строили еще те, которые жили до них, но Аллах разрушил основание их строения. Крыша обрушилась на них сверху, и мучения постигли их оттуда, откуда они их не ожидали.
مەككە كاپىرلىرىدىن ئىلگىرىكى ئۆتكەن ئاشۇ كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۈچۈن ھىلە-مىكىرلەرنى ئىشلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىر قۇرۇلمىسىنى تۈپ-يىلتىزىدىن ۋەيران قىلدى، بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئۆگزىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا، ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى، ئۇلار ئالغان تەدبىرلەر ئۆزلىرىنى ئازابدىن ھىمايە قىلىدۇ دەپ ئويلايتتى، ئەكسىچە ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ھالاك قىلىندى.
16:27Страница 270
ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يُخۡزِيهِمۡ وَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تُشَٰٓقُّونَ فِيهِمۡۚ قَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ إِنَّ ٱلۡخِزۡيَ ٱلۡيَوۡمَ وَٱلسُّوٓءَ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ ٢٧
А потом, в День воскресения, Он опозорит их и скажет: «Где же Мои сотоварищи, о которых вы спорили?». Те, которым было даровано знание, скажут: «Воистину, сегодня неверующих постигнут позор и зло».
ئاندىن قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۇلارغا ئازابىنى تەييارلايدۇ، ئۇلارنى خار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قېنى سىلەرنىڭ ئىبادەتتە مەن بىلەن شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن سىلەر مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم ۋە مۆئمىن بەندىلىرىمگە دۈشمەنلىك قىلدىڭلار؟. رەببانىي ئۆلىمالار: ھەقىقەتەن خارلىق ۋە ئازاب قىيامەت كۈنىدە كاپىرلارغا ھەقلىق بولىدۇ، .دەيدۇ
16:28Страница 270
ٱلَّذِينَ تَتَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ظَالِمِيٓ أَنفُسِهِمۡۖ فَأَلۡقَوُاْ ٱلسَّلَمَ مَا كُنَّا نَعۡمَلُ مِن سُوٓءِۭۚ بَلَىٰٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٢٨
Те, кого ангелы умертвили, когда они грешили во вред себе, изъявят покорность и скажут: «Мы не совершили никакого зла». Им ответят: «О нет! Воистину, Аллаху известно о том, что вы совершали.
ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغان ھالەتتە ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولغان پەرىشتىلەر جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ئۆلۈم كەلگەندە تەسلىم بولۇپ بويسۇنىدۇ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىلىقتىن ئىبارەت ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە پايدىسى تېگىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارغا: يالغان ئېيتتىڭلار، سىلەر ئاسىيلىق قېلىش بىلەن كاپىر بولدۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ دۇنيادا قىلىۋاتقان قىلمىشىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ.
16:29Страница 270
فَٱدۡخُلُوٓاْ أَبۡوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ فَلَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلۡمُتَكَبِّرِينَ ٢٩
Войдите во врата Геенны и пребудьте там вечно. Как же скверна обитель возгордившихся!».
ئۇلارغا: قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابى بىلەن مەڭگۈ تۇرۇش تەقدىر قېلىنغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كېرىڭلار دېيىلىدۇ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغانلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان-ھە!.
16:30Страница 270
۞ وَقِيلَ لِلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ مَاذَآ أَنزَلَ رَبُّكُمۡۚ قَالُواْ خَيۡرٗاۗ لِّلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٞۚ وَلَدَارُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞۚ وَلَنِعۡمَ دَارُ ٱلۡمُتَّقِينَ ٣٠
Когда богобоязненных спрашивают: «Что ниспослал вам Господь?». - они говорят: «Благо». Тем, кто творил в этом мире добро, будет воздано добром. А Последняя обитель будет еще лучше. Как же прекрасна Обитель богобоязненных!
پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا: پەرۋەردىگارىڭلار پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟، دېيىلسە، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىقلارنى نازىل قىلدى دەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلغان ۋە كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلار دۇنيادا غەلبە-نۇسرەت ۋە كەڭرى رىزىقتىن ئىبارەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغان ئاخىرەتتىكى ئەجىر-ساۋاپ ئۇلارغا دۇنيادا بېرىلگەن مۇكاپاتلاردىن ئەۋزەلدۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارنىڭ يۇرتى بولغان ئاخىرەت .دىيارى نېمىدېگەن ياخشى
16:31Страница 270
جَنَّٰتُ عَدۡنٖ يَدۡخُلُونَهَا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ لَهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَۚ كَذَٰلِكَ يَجۡزِي ٱللَّهُ ٱلۡمُتَّقِينَ ٣١
Они войдут в сады Эдема, в которых текут реки. Они получат там все, чего пожелают. Так Аллах воздает богобоязненным,
ئۇلار دائىم تۇرىدىغان قەسىر ۋە باغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقلاردا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كېرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەردىن كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بولغان تەقۋادارلار مۇكاپاتلانغان مۇشۇ مۇكاپاتقا ئوخشاش، ئىلگىرىكى ئۈممەتنىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ .مۇكاپاتلايدۇ
16:32Страница 270
ٱلَّذِينَ تَتَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ طَيِّبِينَ يَقُولُونَ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمُ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٣٢
которых ангелы умерщвляют праведниками. Они говорят: «Мир вам! Войдите в Рай благодаря тому, что вы совершали».
تەقۋادارلارنى ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولغان پەرىشتىلەر قەلبى كۇپىردىن پاك ھالەتتە قەبزى روھ قىلغاندا، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: سالام سىلەرگە! بارلىق خاتىرجەمسىزلىكتىن ئامان بولدۇڭلار، دۇنيادىكى ساغلام ئەقىدە ۋە ياخشى ئەمەللىرىڭلار سەۋەبىدىن جەننەتكە كېرىڭلار دەيدۇ.
16:33Страница 270
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ يَأۡتِيَ أَمۡرُ رَبِّكَۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ ٱللَّهُ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ ٣٣
Неужели они ждут чего-либо иного, кроме ангелов или веления твоего Господа? Так же поступали те, которые жили прежде. Аллах не был несправедлив к ним - они сами поступали несправедливо по отношению к себе.
ئاشۇ يالغانچى مۇشرىكلار پەقەت ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىگە ۋە كاسىلىرىغا ئۇرۇشنى كۈتەمدۇ ياكى دۇنيادا ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۇلارنى تۈپ-يىلتىزىدىن يوق قېلىۋىتىدىغان ئازابنىڭ كېلىشىنى كۈتەمدۇ؟. ئىلگىرىكى مۇشرىكلارمۇ مەككە مۇشرىكلىرىغا ئوخشاش پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى، ئۇلارنى ھالاك قىلغاندا ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، بەلكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاكەت گىرداۋىغا كېلىشنى خالىدى.
16:34Страница 270
فَأَصَابَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُواْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ ٣٤
Злое возмездие постигло их за то, что они творили, и окружило (или поразило) их то, над чем они издевались.
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئازاب چۈشتى. مەزكۇر ئازاب زىكىر قىلىنغاندا ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئەمدىلىكتە ئۇلارنى ھەممە تەرەپتىن قورشىدى.
16:35Страница 271
وَقَالَ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ لَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا عَبَدۡنَا مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖ نَّحۡنُ وَلَآ ءَابَآؤُنَا وَلَا حَرَّمۡنَا مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ فَهَلۡ عَلَى ٱلرُّسُلِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ ٣٥
Многобожники говорят: «Если бы Аллах захотел, то ни мы, ни наши отцы не стали бы поклоняться ничему, кроме Него, и мы не стали бы запрещать чтолибо вопреки Ему». Так же поступали те, которые жили прежде. Разве на посланников было возложено что-либо, кроме ясной передачи откровения?
ئۆزلىرىنىڭ ئىبادىتىدە ئاللاھقا ئاللاھنىڭ غەيرىنى قوشۇپ مۇشرىك بولغانلار: ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بۈلسا بىز ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كاپىرلارمۇ مۇشۇنداق باتىل دەلىللەرنى دېگەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتۇر، ھەقىقەتەن ئۇلار يەتكۈزدى، ئاللاھ كاپىرلارغا خالاش ۋە ئىختىيارلىقنى بېرىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتماستىن بىزنى ئاللاھ كاپىر بولۇشىمىزنى ئىرادە قىلغان) تەقدىر دەپ ئۆزۈر ئېيتىشىنىڭ ھېچ .ئاساسىي يوقتۇر
16:36Страница 271
وَلَقَدۡ بَعَثۡنَا فِي كُلِّ أُمَّةٖ رَّسُولًا أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱجۡتَنِبُواْ ٱلطَّٰغُوتَۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ هَدَى ٱللَّهُ وَمِنۡهُم مَّنۡ حَقَّتۡ عَلَيۡهِ ٱلضَّلَٰلَةُۚ فَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ ٣٦
Мы отправили к каждой общине посланника: «Поклоняйтесь Аллаху и избегайте тагута!». Среди них есть такие, которых Аллах наставил на прямой путь, и такие, которым было справедливо предначертано заблуждение. Ступайте же по земле и посмотрите, каким был конец неверующих.
بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئۇلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلار، شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشنى تەرىك قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەقكە بۇيرۇيدىغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئارىسىدىن ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغانلار پەيغەمبەرگە ئېشەندى ۋە پەيغەمبەر ئىلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئەگەشتى. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئاللاھقا كاپىر بولدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلدى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق بولمىدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئازغۇنلۇق ئۇلارغا زۆرۈر بولدى. زېمىندا سەيرى قىلىڭلار يالغانچىلارنىڭ ئۈسىتىگە ئازاب ۋە ھالاكەت چۈشكەندىن كېيىن ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار.
16:37Страница 271
إِن تَحۡرِصۡ عَلَىٰ هُدَىٰهُمۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَن يُضِلُّۖ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ ٣٧
Как бы ты ни хотел наставить их на прямой путь, Аллах не наставляет на прямой путь тех, кого Он вводит в заблуждение, и не будет у них помощников.
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن كۈچۈڭنىڭ يېتىشچە ئۇلارنى دەۋەت قىلىشقا تېرىشساڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىسمەن بولساڭمۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قلساڭمۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزى ئازدۇرىۋەتكەن كىشىنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھدىن باشقا ياردەم بەرگۈچى ۋە ئۇلاردىن ئازابنى مەنئىي قىلغۇچى يوقتۇر.
16:38Страница 271
وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَا يَبۡعَثُ ٱللَّهُ مَن يَمُوتُۚ بَلَىٰ وَعۡدًا عَلَيۡهِ حَقّٗا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ ٣٨
Именем Аллаха они принесли величайшие клятвы о том, что Аллах не воскресит мертвецов. О нет! Это произойдет согласно истинному обещанию, но большинство людей не знает этого.
ئۇلار قاتتىق قەسەم بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، قىلغان قەسەملىرىنى تەكىتلەپ: ھېچ قانداق دەلىلسىزلا ئاللاھ ئۆلۈكنى تېرىلدۈرەلمەيدۇ دەيدۇ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تېرىلدۈرىدۇ. بۇ ئاللاھدىن بولغان راست ۋەدىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ ئۆلۈكنى تېرگۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، نەتىجىدە ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ.
16:39Страница 271
لِيُبَيِّنَ لَهُمُ ٱلَّذِي يَخۡتَلِفُونَ فِيهِ وَلِيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰذِبِينَ ٣٩
Он разъяснит им то, в чем они расходились во мнениях, и неверующие узнают, что они были лжецами.
مۇشرىكلار ئىختىلاپ قىلىشقان؛ ئاللاھنىڭ بىرلىكى، ئۆلگەندىن كىيىن تېرىلىش ۋە نۇبۇۋۋەت قاتارلىق ئىشلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىكلارنىڭ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرىدۇ.
16:40Страница 271
إِنَّمَا قَوۡلُنَا لِشَيۡءٍ إِذَآ أَرَدۡنَٰهُ أَن نَّقُولَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ ٤٠
Когда Мы хотим чего-либо, то стоит Нам сказать: «Будь!». - как это сбывается.
ئەگەر بىز ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى قەبىردىن قوزغاشنى خالىساق، بىزنى ئۇنداق قىلىشىمىزدىن چەكلەپ قويىدىغان ھېچقانداق چەكلىمە يوق، بىز بىر نەرسىنى خالىساق "ۋۇجۇتقا كەل" دەيمىز دەرھال بولىدۇ.
16:41Страница 271
وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ فِي ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا ظُلِمُواْ لَنُبَوِّئَنَّهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗۖ وَلَأَجۡرُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ ٤١
Тех, которые переселились ради Аллаха после того, как подверглись притеснениям, Мы одарим прекрасным жилищем в этом мире, а вознаграждение в Последней жизни будет еще больше. Если бы они только знали!
كاپىرلار زۇلۇم قىلىپ ئازابلىغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ كاپىرلارنىڭ يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىپ چىققانلارنى ئەلۋەتتە دۇنيادا ئىززەت-ئىكرامغا مۇشەررەپ قىلىمىز. ئەلۋەتتە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر، چۈنكى ئۇ جەننەتتىن ئىبارەت بۈيۈك نېئمەتكە نائىل بولىدۇ. ئەگەر ھىجرەت قېلىشتىن كېچىكىپ قالغانلار ھىجرەت قىلغانلارغا بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ كاتتىلىقىنى بىلگەن بولسا ئېدى ئەلۋەتتە ھىجرەت قىلىشتىن كىچىكىپ قالمايتتى.
16:42Страница 271
ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ ٤٢
Это - те, которые проявляют терпение и уповают только на своего Господа.
ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ چېققان ئاشۇ مۇھاجىرلار ئۆز قەۋمىنىڭ ئەزىيەتلىرىگە، ۋەتىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىشقا، ئاللاھقا ئېتائەت قېلىشتا سەۋىر قىلغانلىقلىرى، بارلىق ئىشلىرىدا يەككە-يېگانە پەرۋەردىگارىغا تايانغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ كاتتا مۇكاپاتلارنى ئاتا قىلدى.
16:43Страница 272
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِمۡۖ فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ ٤٣
Мы посылали до тебя посланниками только мужей, которым внушали откровение. Если вы не знаете, то спросите обладателей Напоминания.
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز سەندىن ئىلگىرى ئىنسانلاردىن پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى نازىل قىلىمىز، پەرىشتىلەردىن پەيغەمبەر ئەۋەتمىدۇق، بۇ بىزنىڭ داۋاملىشىۋاتقان يولىمىز، ئەگەر سىلەر بۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلمىسەڭلار، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن سوراپ بىقىڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرىشتە بولماستىن بەلكى ئىنسان ئىكەنلىكىدىن .خەۋەر بېرىدۇ
16:44Страница 272
بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلزُّبُرِۗ وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلذِّكۡرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيۡهِمۡ وَلَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ ٤٤
Мы отправляли посланников с ясными знамениями и Писаниями. А тебе Мы ниспослали Напоминание для того, чтобы ты разъяснил людям то, что им ниспослано, и для того, чтобы они призадумались.
بىز ئىنسانلاردىن بولغان ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى روشەن دەلىللەر ۋە نازىل قېلىنغان كىتابلار بىلەن ئەۋەتتۇق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ساڭا قۇرئاننى كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر قېلىشى، ئويلىنىشى ۋە قۇرئان ئۆز ئېچىگە .ئالغان نەرسىلەردىن ۋەز-نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق
16:45Страница 272
أَفَأَمِنَ ٱلَّذِينَ مَكَرُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن يَخۡسِفَ ٱللَّهُ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضَ أَوۡ يَأۡتِيَهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ ٤٥
Неужели те, которые строят злые козни, не опасаются того, что Аллах заставит землю поглотить их, или мучения постигнут их оттуда, откуда они их не ожидают?
كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن ھىلە-مىكىر ئىشلەتكەنلەر قارۇننى يەرگە يۇتقۇزىۋاتقاندەك ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزىۋېتىشىدىن ياكى ئۇلار كۈتمىگەن جايدىن ئۆزلىرىگە ئازاب .كېلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟
16:46Страница 272
أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ فِي تَقَلُّبِهِمۡ فَمَا هُم بِمُعۡجِزِينَ ٤٦
Или того, что Он схватит их, пока они мечутся, и они не смогут избежать этого?
ياكى ئۇلار تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك كەسىپ قىلىش ئۈچۈن سەپەرلەردە كېتىۋاتقاندا ئازابقا يولۇقۇشىدىن قورۇقمامدۇ؟، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە ئۇنى چەكلىيەلمەيدۇ.
16:47Страница 272
أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ عَلَىٰ تَخَوُّفٖ فَإِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٌ ٤٧
Или того, что Он схватит их, когда их охватит ужас? Воистину, твой Господь - Сострадательный, Милосердный.
ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھدىن قورۇققان ھالىتىدە ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىشىدىن خاتىرجەم بولدىمۇ؟، ئاللاھ ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئازابلاشقا قادىر. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە كۆيۈمچاندۇر، مېھرىباندۇر، بەندىلىرىنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئالدىراپ جازالىمايدۇ.
16:48Страница 272
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَىٰ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٖ يَتَفَيَّؤُاْ ظِلَٰلُهُۥ عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَٱلشَّمَآئِلِ سُجَّدٗا لِّلَّهِ وَهُمۡ دَٰخِرُونَ ٤٨
Неужели они не наблюдали за вещами, которые созданы Аллахом? Они обладают тенью, которая склоняется вправо и влево, падая ниц пред Аллахом и оставаясь смиренной.
ئاشۇ يالغانچى كاپىرلار ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرىگە تەپەككۈر قىلىش نەزىرى بىلەن قارىمامدىغاندۇ؟، قۇياشنىڭ ھەركىتى ۋە كۈندۈزدىكى سەيرى قېلىشىغا ئەگىشىپ ئۇ نەرسىلەرنىڭ سايىلىرى ئوڭ ۋە سول تەرەپكە مايىل بولۇپ تۇرىدۇ، كېچىدە ئايغا ئەگىشىدۇ، ئۇ نەرسىلەر تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆز پەرۋەردىگارىغا ھەقىقى سەجدە قىلىدۇ.
16:49Страница 272
وَلِلَّهِۤ يَسۡجُدُۤ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن دَآبَّةٖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ ٤٩
Перед Аллахом падают ниц все обитатели небес и земли, животные и ангелы, и они не проявляют высокомерия.
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ھەممە جانلىق نەرسىلەر يالغۇز ئاللاھقا سەجدە قېلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ يالغۇز ئاللاھقا سەجدە قېلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا .ئىبادەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قېلىپ باش تارتمايدۇ
16:50Страница 272
يَخَافُونَ رَبَّهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ وَيَفۡعَلُونَ مَا يُؤۡمَرُونَ۩ ٥٠
Они боятся своего Господа, Который над ними, и совершают то, что им велено.
پەرىشتىلەر دائىم ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىپ تۇرۇش بىلەن تۇرۇغلۇق ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى زاتتىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىپ بۇيرىغاننى تولۇق ئورۇندايدۇ.
16:51Страница 272
۞ وَقَالَ ٱللَّهُ لَا تَتَّخِذُوٓاْ إِلَٰهَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِۖ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَإِيَّٰيَ فَٱرۡهَبُونِ ٥١
Аллах сказал: «Не поклоняйтесь двум богам, ибо есть только один Бог. Меня одного бойтесь».
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بارلىق بەندىلىرىگە: ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ھەقىقى ئىبادەت قېلىنغۇچىنىڭ بىر ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر، ئۇنىڭ ئىككىنچىسى يوق ۋە ھېچ شېرىكى يوق، مەندىنلا قورقۇڭلار، مەندىن باشقا ھېچكىمدىن قورۇقماڭلار.
16:52Страница 272
وَلَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَهُ ٱلدِّينُ وَاصِبًاۚ أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَتَّقُونَ ٥٢
Ему принадлежит то, что на небесах и на земле. Ему одному надлежит поклоняться. Неужели вы станете бояться кого-либо помимо Аллаха?
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە يارىتىلىش، ئىگىدارچىلىق ۋە تەدبىر قىلىش جەھەتتە يالغۇز بىر ئاللاھنىڭدۇر. ئىتائەت قىلىش، بويسۇنۇش ۋە ئىخلاس قىلىش يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ غەيرىدىن قورقامسىلەر؟، قورۇقماڭلار، بەلكى يەككە-يېگانە ئاللاھدىن .قورقۇڭلار
16:53Страница 272
وَمَا بِكُم مِّن نِّعۡمَةٖ فَمِنَ ٱللَّهِۖ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فَإِلَيۡهِ تَجۡـَٔرُونَ ٥٣
Все блага, которые вы имеете, - от Аллаха. И если вас касается беда, то вы громко зовете Его на помощь.
ئى ئىنسانلار! سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ئەمەس. سىلەرگە بىرەر بالا-مۇسىبەت، كېسەللىك ياكى كەمبەغەلچىلىك يەتسە سىلەرگە يەتكەن نەرسىنى ئۈستۈڭلاردىن كۆتۈرىۋېتىش ئۈچۈن يالغۇز بىر ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر، يالغۇز ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھ .نېئمەتلەرنى ئاتا قېلىدۇ ۋە ئازابنى كۆتۈرۋېتىدۇ
16:54Страница 272
ثُمَّ إِذَا كَشَفَ ٱلضُّرَّ عَنكُمۡ إِذَا فَرِيقٞ مِّنكُم بِرَبِّهِمۡ يُشۡرِكُونَ ٥٤
Когда же Он избавляет вас от беды, то некоторые из вас начинают приобщать сотоварищей к своему Господу,
ئاللاھ سىلەرنىڭ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قېلىپ سىلەرگە يەتكەن زىياننى كۆتۈرۈۋەتسە، سىلەردىن بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئاللاھقا ئىبادەتتە باشقىنى شېرىك قىلىدۇ، بۇ قانداق يۈزسىزلىك!؟.
Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии