Аль-МухтасарАн‑Нахль · 16:55–101

Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском

Ан-Нахль 16:55–101

16:55Страница 273

لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡۚ فَتَمَتَّعُواْ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ ٥٥

чтобы не уверовать в то, что Мы даровали им. Пользуйтесь благами, и скоро вы узнаете.

ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش نېئمەتلىرىگە تۈزكورلۇق قىلىشىغا ئىلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەنگە قەدەر سىلەر .مەنپەئەتلىنىۋاتقان نېئمەتتىن بەھرىمان بولۇڭلار دېيىلىدۇ

16:56Страница 273

وَيَجۡعَلُونَ لِمَا لَا يَعۡلَمُونَ نَصِيبٗا مِّمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡۗ تَٱللَّهِ لَتُسۡـَٔلُنَّ عَمَّا كُنتُمۡ تَفۡتَرُونَ ٥٦

Они отдают долю из того, чем Мы их наделили, ради того, что им неизвестно. Клянусь Аллахом, вы будете спрошены обо всем, что измышляете!

مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان، جانسىز، پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلىرىنى بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللىرىغا شېرىك قېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇتلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى مۇشرىكلار! سىلەر قىيامەت كۈنىدە ماللىرىڭلاردىن نېسىۋە قېلىپ بەرگەن ۋە ئىلاھ دەپ گۇمان قىلغان بۇتلىرىڭلار .توغرىسىدا ئەلۋەتتە سۇئال قىلىنىسىلەر

16:57Страница 273

وَيَجۡعَلُونَ لِلَّهِ ٱلۡبَنَٰتِ سُبۡحَٰنَهُۥ وَلَهُم مَّا يَشۡتَهُونَ ٥٧

Они приписывают Аллаху дочерей. Пречист Он! Себе же они оставляют тех, кого хотят.

مۇشرىكلار قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ ئېتىقاد قېلىدۇ، ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ، ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قېلغان ئىشلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر، كۆڭلى مايىل بولغان ئوغۇل ئەۋلادلارنى ئۆزلىرىگە قىلىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جىنايەت .بولامدۇ!؟

16:58Страница 273

وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِٱلۡأُنثَىٰ ظَلَّ وَجۡهُهُۥ مُسۡوَدّٗا وَهُوَ كَظِيمٞ ٥٨

Когда кому-либо из них сообщают весть о девочке, лицо его чернеет, и он сдерживает свой гнев.

مۇشرىكلارنىڭ بىرىگە قىزى تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېرىلسە، خەۋەر بېرىلگەن نەرسىنى قاتتىق ئۆچ كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن چىرايلىرى قارىداپ كېتىدۇ، دىلى غەم-قايغۇغا توشۇپ كېتىدۇ، ئاندىن ئۆزىگە رازى بولمىغان نەرسىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ!.

16:59Страница 273

يَتَوَٰرَىٰ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ مِن سُوٓءِ مَا بُشِّرَ بِهِۦٓۚ أَيُمۡسِكُهُۥ عَلَىٰ هُونٍ أَمۡ يَدُسُّهُۥ فِي ٱلتُّرَابِۗ أَلَا سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ ٥٩

Он прячется от людей из-за дурной вести. Оставит ли он себе ребенка с позором или же закопает ее в землю? Воистину, скверны их решения!

قىز تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنىۋالىدۇ، كۆڭلىدە: بۇ قىزنى خارلىق ۋە كۆڭلى سۇنغان ھالدا تۇتۇپ قالامدۇ ياكى توپىغا ئاستىغا تېرىك كۆمۈۋېتەمدۇ؟ مۇشرىكلارنىڭ قىلغان ھۆكمى نېمىدېگەن قەبىھ!، ئۇلار ئۆزلىرىگە ياقتۇرمىغاننى پەرۋەردىگارى ئۈچۈن ھۆكۈم بېرىدۇ.

16:60Страница 273

لِلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ مَثَلُ ٱلسَّوۡءِۖ وَلِلَّهِ ٱلۡمَثَلُ ٱلۡأَعۡلَىٰۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ ٦٠

Скверно описание тех, кто не верует в Последнюю жизнь, а описание Аллаха - самое возвышенное, ведь Он - Могущественный, Мудрый.

ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلار ئۈچۈن ئوغۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇش، نادانلىق ۋە كۇپىردىن ئىبارەت يامان سۈپەتلەر بار، ئاللاھ ئۈچۈن كاتتىلىق، كامالەت، بىھاجەتلىك ۋە ئىلىم قاتارلىق ماختالغۇچى سۈپەتلەر بار. ئاللاھ غالىب بولۇپ، ھېچ بىراۋ ئۇنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. يولغا قويغان .ھۆكۈملىرىدە، بەلگىلىمىلىرىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

16:61Страница 273

وَلَوۡ يُؤَاخِذُ ٱللَّهُ ٱلنَّاسَ بِظُلۡمِهِم مَّا تَرَكَ عَلَيۡهَا مِن دَآبَّةٖ وَلَٰكِن يُؤَخِّرُهُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗىۖ فَإِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ لَا يَسۡتَـٔۡخِرُونَ سَاعَةٗ وَلَا يَسۡتَقۡدِمُونَ ٦١

Если бы Аллах стал наказывать людей за их несправедливость, то не оставил бы на земле ни одного живого существа. Однако Он предоставляет им отсрочку до назначенного срока. Когда же наступит их срок, они не смогут отдалить или приблизить его даже на час.

ئەگەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئىنسانلارنى زۇلۇم قىلغانلىقى ۋە كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئازابلايدىغان بولسا ئىدى، زېمىن يۈزىدە پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ئىنسان ۋە ئۆمۈلەپ يۈرىدىغان ھايۋان قالمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز ئىلمىدە بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ، ئۆز ئىلمىدىكى بەلگىلەنگەن مۇددەت كەلگەندە، قىلچىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ ۋە قىلچىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ.

16:62Страница 273

وَيَجۡعَلُونَ لِلَّهِ مَا يَكۡرَهُونَۚ وَتَصِفُ أَلۡسِنَتُهُمُ ٱلۡكَذِبَ أَنَّ لَهُمُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ لَا جَرَمَ أَنَّ لَهُمُ ٱلنَّارَ وَأَنَّهُم مُّفۡرَطُونَ ٦٢

Они приписывают Аллаху то, что им самим неприятно. Их языки лживо возвещают о том, что им уготовано наилучшее. Несомненно, им уготован Огонь, и они будут покинуты.

ئۇلار ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىلىشنى ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئۇلار تىللىرى بىلەن يالغان سۆزلەپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئېسىل مەرتىۋىلەرنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزى راست بولسا چوقۇم ئۇلار قىيامەت كۈنىدە دېگەنلىرىدەك تېرىلدۈرىلىدۇ، دوزاخ ئۇلارغا لايىق بولدى، ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ، دوزاختىن ئەبەدى چىقمايدۇ.

16:63Страница 273

تَٱللَّهِ لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَىٰٓ أُمَمٖ مِّن قَبۡلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ ٦٣

Клянусь Аллахом, Мы до тебя направляли посланников к народам, но дьявол приукрасил для них их деяния. Сегодня он является их покровителем и помощником, и им уготованы мучительные страдания.

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن بىز سېنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق. شەيتان ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ شېرىك، كۇپۇر، گۇناھ-مەسىيەت قاتارلىق ئەمەللىرىنى چېرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلار شەيتاننى قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىدىغان مەدەتكار دەپ ئويلىدى، ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە دەرتلىك ئازاب بار.

16:64Страница 273

وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّا لِتُبَيِّنَ لَهُمُ ٱلَّذِي ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ ٦٤

Мы ниспослали тебе Писание, дабы ты разъяснил им то, в чем они разошлись во мнениях, а также как руководство к прямому пути и милость для верующих людей.

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز قۇرئان كەرىمنى ساڭا پەقەت بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇلار ئىختىلاپ قېلىشقان تەۋھىد، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. قۇرئان كەرىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنگەن مۆئمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر، ھەقىقەتەن قۇرئاندىن ئۇلارلا .مەنپەئەتلىنىدۇ

16:65Страница 274

وَٱللَّهُ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ ٦٥

Аллах ниспослал с неба воду и оживил ею мертвую землю. Воистину, в этом - знамение для людей внимающих.

ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدرۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ كەتكەن زېمىننى ياشنىتىپ زېمىندىن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى چېقىرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈرۈشتە، زېمىندىن زىرائەتلەرنى چېقىرىشتا، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنى تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەندە قېلىدىغان روشەن دەلىللەر .بار

16:66Страница 274

وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهِۦ مِنۢ بَيۡنِ فَرۡثٖ وَدَمٖ لَّبَنًا خَالِصٗا سَآئِغٗا لِّلشَّٰرِبِينَ ٦٦

Воистину, в домашней скотине для вас - назидание. Мы поим вас тем, что образуется в их животах между пометом и кровью, - чистым молоком, приятным для пьющих.

ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر ئۈچۈن تۆگە، كالا ۋە قويلاردا بىر ۋەز-نەسىھەت بار، بىز سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ئارتۇق نەرسىلەر بىلەن، جىسمىدىكى قاننىڭ ئارىسىدىن چىققان سۈت بىلەن سۇغۇرىمىز، مۇشۇنداق جايدىن ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان ساپ- سۈزۈك سۈت چېقىدۇ.

16:67Страница 274

وَمِن ثَمَرَٰتِ ٱلنَّخِيلِ وَٱلۡأَعۡنَٰبِ تَتَّخِذُونَ مِنۡهُ سَكَرٗا وَرِزۡقًا حَسَنًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ ٦٧

Из плодов финиковых пальм и виноградников вы получаете опьяняющий напиток и добрый удел. Воистину, в этом - знамение для людей размышляющих.

سىلەر ئۈچۈن بىز سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن خورمە ۋە ئۈزۈم مېۋىلىرىدە سىلەرگە ئىبرەت باركى، سىلەر ئۇنىڭدىن ئەقىلنى كەتكۈزىۋېتىدىغان ياخشى بولمىغان شاراپلارنى ياسايسىلەر، ۋە ئۇنىڭدىن يەنە خورما، قۇرۇق ئۈزۈم، ئاچچىقسۇ، ۋە خورما تالقىنى قاتارلىق مەنپەئەتلىنىدىغان چېرايلىق رىزىقلارنى قېلىسىلەر، ھەقىقەتەن يۇقىرىدا زىكىر قېلىنغاندەك بەندىلەرگە ئىنئام قىلىنغان نەرسىلەردە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بار.

16:68Страница 274

وَأَوۡحَىٰ رَبُّكَ إِلَى ٱلنَّحۡلِ أَنِ ٱتَّخِذِي مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا وَمِنَ ٱلشَّجَرِ وَمِمَّا يَعۡرِشُونَ ٦٨

Твой Господь внушил пчеле: «Воздвигай жилища в горах, на деревьях и в строениях.

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام قىلىپ يول كۆرسۈتۈپ: تاغلاردا، دەرەخلەردە ئۇۋا تۇتقىن، كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ياسىغان جايلىرىدا ئۇۋا تۇتۇپ ئۇلارنى .ھەسەل بىلەن مەنپەئەتلەندۇرگىن، دېدى

16:69Страница 274

ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ فَٱسۡلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلٗاۚ يَخۡرُجُ مِنۢ بُطُونِهَا شَرَابٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ فِيهِ شِفَآءٞ لِّلنَّاسِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ ٦٩

А потом питайся всевозможными плодами и следуй по путям твоего Господа, которые доступны тебе». Из брюшков пчел исходит питье разных цветов, которое приносит людям исцеление. Воистину, в этом - знамение для людей размышляющих.

ئاندىن ئىشتىھايىڭ تارتقان تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ئىلھام قىلغان ۋە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يولدىن ماڭغىن، ئاشۇ ھەرىنىڭ قورسىقىدىن ئاق، سېرىق رەڭدىكى تۈرلۈك ھەسەللار چېقىدۇ، بۇنىڭدا كىشىلەرگە شىپا بار، ئۇنىڭ بىلەن كېسەللىرىنى داۋالايدۇ. ھەقىقەتەن ئاشۇ ھەرىگە ئىلھام قىلىش ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىن چىققان ھەسەللەردە پىكىر قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى .قۇدىرتىگە .دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار

16:70Страница 274

وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ ثُمَّ يَتَوَفَّىٰكُمۡۚ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرۡذَلِ ٱلۡعُمُرِ لِكَيۡ لَا يَعۡلَمَ بَعۡدَ عِلۡمٖ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٞ قَدِيرٞ ٧٠

Аллах сотворил вас, а затем Он умертвит вас. Среди вас есть такие, которые превращаются в дряхлых стариков и забывают все то, что знали. Воистину, Аллах - Знающий, Могущественный.

ئاللاھ سىلەرنى ئۆرنەكسىز ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلار تۈگۈگەندە سىلەرنى ۋاپات تاپتۇرىدۇ، سىلەردىن بەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يامان باسقۇچىغىچە يەنى بەك قېرىپ كەتكۈچە ياشايدىغانلار بار، ئۇ دەۋرىدە ئىلگىرى بىلگەن نەرسىلىرىنى بىلمەيدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ ھەممىگە قادىر، ئاللاھنى ھېچ .نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ

16:71Страница 274

وَٱللَّهُ فَضَّلَ بَعۡضَكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ فِي ٱلرِّزۡقِۚ فَمَا ٱلَّذِينَ فُضِّلُواْ بِرَآدِّي رِزۡقِهِمۡ عَلَىٰ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَهُمۡ فِيهِ سَوَآءٌۚ أَفَبِنِعۡمَةِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ ٧١

Аллах возвысил одних из вас над другими посредством богатства и удела. Но те, которым дарован больший удел, не хотят отдавать его своим рабам, чтобы они не уравнялись с ними. Неужели они отвергают милость Аллаха?

ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتەئەلا سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، سىلەردىن بەزىڭلارنى باي، بەزىڭلارنى كەمبەغەل، بەزىڭلارنى خوجايىن قىلسا بەزىڭلارنى ئىشلەمچى قىلدى. ئاللاھ رىزقىنى ئۈستۈن قىلغانلار قول ئاستىدىكىلەر بىلەن رىزىققا ئىگە بولۇشتا باراۋەر بولۇپ ئۇلارنى رىزىققا شېرىك قېلىۋىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن نەرسىلەرنى ئۇلارغا بەرمەيدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا قانداقمۇ رازى بولىدۇ؟، ئۇلار قۇللارنىڭ ئۆزلىرىگە شېرىك بولۇشنى ۋە ئۆزلىرى بىلەن رىزىقتا باراۋەر بولۇشىغا رازى بولمايدىغان تۇرسا؟، بۇ قانداق زۇلۇم؟! ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ بەكراق تۇزكورلۇق بولمىسا كېرەك!؟.

16:72Страница 274

وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُم بَنِينَ وَحَفَدَةٗ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِۚ أَفَبِٱلۡبَٰطِلِ يُؤۡمِنُونَ وَبِنِعۡمَتِ ٱللَّهِ هُمۡ يَكۡفُرُونَ ٧٢

Аллах сделал для вас супруг из вас самих, даровал вам от них детей, внуков и наделил вас благами. Неужели они веруют в ложь и не веруют в милость Аллаха?

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ جىنسىڭلاردىن سىلەرنىڭ ئۈنسى-ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاياللىرىڭلارنى ياراتتى، ئاياللىرىڭلاردىن ئەۋلادلارنى ۋە نەۋىرلەرنى قىلدى، سىلەرگە گۆش ۋە مېۋىلەرگە ئوخشاش پاك يېمىكلىكلەرنى رىزىق قېلىپ بەردى. بۇت-ھەيكەللەردىن ئىبارەت باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان ساناپ-تۈگەتكۈسىز نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قېلامسىلەر؟ ئاللاھقا شۈكۈر قىلمامسىلەر، يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىشەنمەمسىلەر!؟.

16:73Страница 275

وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَمۡلِكُ لَهُمۡ رِزۡقٗا مِّنَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ شَيۡـٔٗا وَلَا يَسۡتَطِيعُونَ ٧٣

Они поклоняются помимо Аллаха тому, что не имеет и не может иметь для них удел на небесах и на земле.

ئاشۇ مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئۇ بۇتلار ئۇلارغا ئاسمانلاردىن ھېچقانداق رىزىق چۈشۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ۋە زېمىندىنمۇ ھېچقانداق رىزىق چېقىرىپ بېرەلمەيدۇ، ئۇلار جانسىز ۋە ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ماددىلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە .ئىگە بولالمايدۇ

16:74Страница 275

فَلَا تَضۡرِبُواْ لِلَّهِ ٱلۡأَمۡثَالَۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ ٧٤

Никого не сравнивайте с Аллахом! Воистину, Аллах знает, а вы не знаете.

ئى ئىنسانلار! سىلەر پايدا-زىيان كەلتۈرەلمەيدىغان بۇ بۇتلارنى ئاللاھقا ئوخشاتماڭلار ۋە ئىبادەتتىمۇ ئۇنىڭغا شېرىك قىلماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن بولغان ئۇلۇغ، كاتتا سۈپەتلەرنى بىلىدۇ، ئۇنى سىلەر بىلمەيسىلەر، بۇتلىرىڭلار ئۈچۈن ئوخشاشلىقنى دەۋا قىلىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر.

16:75Страница 275

۞ ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا عَبۡدٗا مَّمۡلُوكٗا لَّا يَقۡدِرُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَمَن رَّزَقۡنَٰهُ مِنَّا رِزۡقًا حَسَنٗا فَهُوَ يُنفِقُ مِنۡهُ سِرّٗا وَجَهۡرًاۖ هَلۡ يَسۡتَوُۥنَۚ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ٧٥

Аллах привел притчу о рабе, который принадлежит другому и ни на что не способен, и человеке, которому Мы даровали прекрасный удел и который расходует его тайно и открыто. Равны ли они? Хвала Аллаху! Но большая часть людей не знает этого.

ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتەئەلا مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق بىر مىسالنى بايان قىلىدۇ: ھېچ قانداق پايدا-مەپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان، تەسەررۇپ قىلىشتىن ئاجىز بولغان بىر قۇل بىلەن، بىز بەرگەن مال-مۈلۈكنى ئەركىن خالىغانچە تەسەررۇپ قېلىدىغان، ئاشكارا-يوشۇرۇن خالىغانچە خەيرى-ئېھسان قىلىدىغان بىرى قانداقمۇ باراۋەر بولىدۇ؟، سىلەر ئۆز مۈلكىدە خالىغانچە تەسەررۇپ قېلىدىغان ئاللاھ بىلەن ئاجىز بۇتلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى قانداق باراۋەر قىلىسىلەر؟. ھەمدۇ-سانالارغا ئاللاھ ئەڭ ھەقلىقتۇر. بەلكى مۇشرىكلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتكە لايىق مەبۇد بەرھەق .ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ

16:76Страница 275

وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا رَّجُلَيۡنِ أَحَدُهُمَآ أَبۡكَمُ لَا يَقۡدِرُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَهُوَ كَلٌّ عَلَىٰ مَوۡلَىٰهُ أَيۡنَمَا يُوَجِّههُّ لَا يَأۡتِ بِخَيۡرٍ هَلۡ يَسۡتَوِي هُوَ وَمَن يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَهُوَ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ ٧٦

Аллах также привел притчу о двух мужах, один из которых - немой, ни на что не способен и обременяет своего господина. Куда бы его ни послали, он не приносит добра. Разве он равен тому, кто отдает справедливые приказы и следует прямым путем?

ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ بۇ ئىككى كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشاش يەنە بىر مىسال بايان قىلىپ بەردى: ئىككى كىشى بىرى ئاڭلىمايدىغان، سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە بىر نەرسە چۈشەنمەيدىغان گاچا، ئۇنىڭ پاڭلىقى گاچىلىقى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۆزىگە ئىگە بولغان كىشىگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ، قايسى تەرەپكە ئەۋەتسە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، تەلەپ قىلغان نەرسىگە ئېرىشىش بىلەن ئۇتۇق قازىنالمايدۇ، مۇشۇنداق ھالەتتىكى كىشى بىلەن ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئەزاسى ساغلام، تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزەلەيدىغان، كىشىلەرنى ئادالەتنى بەرپا قېلىشقا بۇيرۇيدىغان، ھېچ قانداق قىڭغىرلىقى بولمىغان روشەن توغرا يولدا بولغان بىر كىشى باراۋەر بولامدۇ؟. ئى مۇشرىكلار سىلەر قانداقمۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە مۇكەممەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاللاھ بىلەن، ئاڭلىمايدىغان ۋە سۆزلىيەلمەيدىغان، ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىياننى يوق قېلىۋېتەلمەيدىغان بۇتلارنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىسىلەر؟.

16:77Страница 275

وَلِلَّهِ غَيۡبُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَآ أَمۡرُ ٱلسَّاعَةِ إِلَّا كَلَمۡحِ ٱلۡبَصَرِ أَوۡ هُوَ أَقۡرَبُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ٧٧

Аллаху принадлежит сокровенное на небесах и на земле. Наступление Часа подобно мгновению ока или даже быстрее. Воистину, Аллах способен на всякую вещь!

ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارلىق غەيبى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىش يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر. غەيىب ئىلمى ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلىشى بىلەن چەكلەنگەن خۇسۇسىيەتتۇر. قىيامەتنىڭ ئىشىمۇ ئاللاھنىڭ بېلىشى بىلەنلا چەكلىنىلگەن غەيبى ئىلىملەردىن بولۇپ، ئەگەر ئاللاھ خالىسا قىيامەت كۆز-يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تىز ۋاقىتتا بولىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ، ئاللاھ بىر نەرسىنىڭ بولىشىنى خالىسا "ۋۇجۇتقا كەل" دەيدۇ، ئۇ بولىدۇ.

16:78Страница 275

وَٱللَّهُ أَخۡرَجَكُم مِّنۢ بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ شَيۡـٔٗا وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ ٧٨

Аллах вывел вас из чрева ваших матерей, когда вы ничего не знали. Он наделил вас слухом, зрением и сердцами, - быть может, вы будете благодарны.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ھامىلدارلىق مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن سىلەر ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە چىقاردى، سىلەرنىڭ ئاڭلىشىڭلار ئۈچۈن قۇلاقنى قىلدى، كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۆزنى قىلدى، ئەقىل ئېشلىتىشىڭلار ئۈچۈن قەلبنى قىلدى، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ئۈمىد .قېلىنىدۇ

16:79Страница 275

أَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَى ٱلطَّيۡرِ مُسَخَّرَٰتٖ فِي جَوِّ ٱلسَّمَآءِ مَا يُمۡسِكُهُنَّ إِلَّا ٱللَّهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ ٧٩

Неужели они не видели птиц, покорно летающих в небе? Никто не удерживает их, кроме Аллаха. Воистину, в этом - знамения для людей верующих.

مۇشرىكلار، بويسۇندۇرۇلغان ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان قانات ۋە يۇمشاق ھاۋادا ئۇچۇشقا تەييارلانغان قۇشلارغا قاراپ باقمامدۇ؟. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن قاناتلىرىنى يايىدۇ ۋە يېغىدۇ، ئۇلارنى ھاۋادا چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرۇشقا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇنداق قۇشلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرۇشتا ئاللاھقا ئېشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بار، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىغا دالالەت قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئىبرەت ۋە مەنپەئەت ئالىدۇ.

16:80Страница 276

وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۢ بُيُوتِكُمۡ سَكَنٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ بُيُوتٗا تَسۡتَخِفُّونَهَا يَوۡمَ ظَعۡنِكُمۡ وَيَوۡمَ إِقَامَتِكُمۡ وَمِنۡ أَصۡوَافِهَا وَأَوۡبَارِهَا وَأَشۡعَارِهَآ أَثَٰثٗا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ ٨٠

Аллах сделал для вас дома жилищами. Он также сделал для вас жилища из шкур домашнего скота, которые не обременяют вас, когда вы отправляетесь в путь или делаете привал. Он даровал вам утварь и всякие предметы из шерсти, пуха и волоса, чтобы вы пользовались ими до определенного времени.

ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە راھەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاشتىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان ئۆيلەرنى قىلدى. بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەلگەندە ئۇنى كۆتۈرۈش سىلەرگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تۆگىنىڭ، كالىنىڭ ۋە قوينىڭ تېرىلىرىدىن سەھرادا شەھەرلەردىكى ئۆيلەرگە ئوخشايدىغان چېدىرلارنى قىلدى. بىر يەرگە چۈشكەندە ئۇنى قوراشتۇرۇشمۇ ئاسان بولىدۇ، سىلەر ئۈچۈن قوي ۋە تۆگىنىڭ يۇڭى، ئۆچكىنىڭ تىۋىتى، مەلۇم مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان تولۇم، يۇڭ تاغار ۋە ئۆيگە سالىدىغان كىگىز ۋە شىرداقلارنى قىلدى.

16:81Страница 276

وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّمَّا خَلَقَ ظِلَٰلٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡجِبَالِ أَكۡنَٰنٗا وَجَعَلَ لَكُمۡ سَرَٰبِيلَ تَقِيكُمُ ٱلۡحَرَّ وَسَرَٰبِيلَ تَقِيكُم بَأۡسَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡلِمُونَ ٨١

Аллах даровал вам тень от того, что Он сотворил. Он устроил для вас убежища в горах, сотворил для вас одеяния, которые оберегают вас от жары, и доспехи, которые защищают вас от причиняемого вами вреда. Так Он доводит до конца Свою милость к вам, - быть может, вы станете мусульманами.

ئاللاھ سىلەرگە تاغلاردىن ۋە بىنالاردىن ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان سايىلەرنى قىلدى. تاغلاردىن سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن ۋە دۈشمەندىن مۇداپىئە قېلىدىغان غار، ئۆڭكۈر كامارلارنى قىلدى. سىلەرنىڭ ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە پاختا ۋە باشقا رەختلەردىن كۆينەك قاتارلىق كىيىملەرنى قىلدى. ئۇرۇشتا سىلەرنى مۇداپىئە قىلىدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى قىلدى، قورال سىلەرنىڭ جىسمىڭلارغا تەگمەيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرىكى نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغاندەك سىلەرگە نېئمىتىنى مۇكەممەل قىلىپ بېرىدۇ. سىلەردىن پەقەت يېگانە ئاللاھقىلا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىكلا .ئۈمىد قېلىنىدۇ

16:82Страница 276

فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡكَ ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ ٨٢

Если же они отвернутся, то ведь на тебя возложена только ясная передача откровения.

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى تەستىقلاش ۋە ئىمان كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت ئۇلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر. ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس.

16:83Страница 276

يَعۡرِفُونَ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ ثُمَّ يُنكِرُونَهَا وَأَكۡثَرُهُمُ ٱلۡكَٰفِرُونَ ٨٣

Они узнают милость Аллаха, а затем отрицают ее, поскольку большинство из них - неверующие.

مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى تونۇيدۇ، ئۇ نېئمەتلەر جۈملىسىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا ئەۋەتتى، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلماستىن ئۇنىڭدىن تانىدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چېقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغۇچىلاردۇر.

16:84Страница 276

وَيَوۡمَ نَبۡعَثُ مِن كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدٗا ثُمَّ لَا يُؤۡذَنُ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ ٨٤

В тот день, когда Мы выставим из каждой общины свидетеля, неверующим не позволят оправдываться, и от них не потребуют покаяния.

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىنى، ھەر بىر ئۈممەت ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ياكى كاپىر بولغانلىقىغا گۇۋاھچى بولۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ، ئاندىن كېيىن كاپىرلارنىڭ ئۆزۈر ئېيتىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى دۇنياغا قايتۇرمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەت ھېساب مەقامى ئەمەلنىڭ ماكانى ئەمەستۇر.

16:85Страница 276

وَإِذَا رَءَا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ ٱلۡعَذَابَ فَلَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمۡ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ ٨٥

Когда же беззаконники увидят мучения, то не будет им ни облегчения, ни отсрочки.

زالىم مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئازابىنى ئاشكارا كۆرگەن ۋاقتىدا ئازاب ئۇلاردىن يەڭگىللىتىلمەيدۇ، ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە مۆھلەتمۇ .بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئۇلار دوزاخقا كېرىپ ئۇ يەردە ئەبەدى مەڭگۈ قالىدۇ

16:86Страница 276

وَإِذَا رَءَا ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ شُرَكَآءَهُمۡ قَالُواْ رَبَّنَا هَٰٓؤُلَآءِ شُرَكَآؤُنَا ٱلَّذِينَ كُنَّا نَدۡعُواْ مِن دُونِكَۖ فَأَلۡقَوۡاْ إِلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلَ إِنَّكُمۡ لَكَٰذِبُونَ ٨٦

Когда многобожники увидят своих сотоварищей, они скажут: «Господь наш! Вот сотоварищи, к которым мы взывали вместо Тебя». Но они отбросят их слова и скажут: «Воистину, вы - лжецы!».

مۇشرىكلار ئاخىرتتە ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىنى ئاشكارا كۆرگەن ۋاقىتتا: پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سىلىنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىز دەيدۇ، ئۇلار بۇ سۆزنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارغا يۈكلەپ قويۇش ئۈچۈن دەيدۇ، مەبۇدلىرى ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ قىلغان ئىبادەتلىرىڭلاردا يالغانچى، ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىبادەت قېلىنىدىغان ھېچ .شېرىكى يوق، دەيدۇ

16:87Страница 276

وَأَلۡقَوۡاْ إِلَى ٱللَّهِ يَوۡمَئِذٍ ٱلسَّلَمَۖ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ ٨٧

В тот день они изъявят Аллаху покорность, и покинет их (или исчезнет) то, что они измышляли.

مۇشرىكلار تەسلىم بولىدۇ، بىر ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇتلىرىمىز شاپائەت قىلىدۇ دېگەن توقۇلما دەۋالىرى يوق .بولىدۇ

16:88Страница 277

ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ زِدۡنَٰهُمۡ عَذَابٗا فَوۡقَ ٱلۡعَذَابِ بِمَا كَانُواْ يُفۡسِدُونَ ٨٨

Для тех, которые не уверовали и сбивали других с пути Аллаха, Мы будем прибавлять мучения к мучениям за то, что они распространяли нечестие.

ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان بەدبەختلەرگە ئۇلارنىڭ بۇزۇقلىقى ۋە باشقىلارنى بۇزۇپ يولدىن ئازدۇرغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەقلىق بولغان ئازابقا ئازابنى تېخىمۇ زىيادە قېلىمىز.

16:89Страница 277

وَيَوۡمَ نَبۡعَثُ فِي كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدًا عَلَيۡهِم مِّنۡ أَنفُسِهِمۡۖ وَجِئۡنَا بِكَ شَهِيدًا عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِۚ وَنَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ تِبۡيَٰنٗا لِّكُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُسۡلِمِينَ ٨٩

В тот день Мы выставим против каждой общины свидетеля из их числа, а тебя выставим свидетелем против этих. Мы ниспослали тебе Писание для разъяснения всякой вещи, как руководство к прямому пути, милость и благую весть для мусульман.

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قىيامەت كۈنى بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقان ياكى كاپىر بولغانلىقىغا شاھىت بولىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىمىز، بۇ پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ مىللىتىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىلىدە سۆزلەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى بارلىق ئۈممەتلەرگە شاھىت قىلىپ ئەكىلىمىز. بىز ساڭا ھالال-ھارام، ساۋاب-جازا قاتارلىق بايان قىلىپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. قۇرئاننى كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغانلارغا رەھمەت قىلىپ، ئاللاھقا ئىشەنگەن مۆمىنلەرگە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان دائىملىق نېمەتلەر بىلەن خوشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن .نازىل قىلدۇق

16:90Страница 277

۞ إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَٱلۡإِحۡسَٰنِ وَإِيتَآيِٕ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَيَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡبَغۡيِۚ يَعِظُكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ ٩٠

Воистину, Аллах повелевает блюсти справедливость, делать добро и одаривать родственников. Он запрещает мерзости, предосудительные деяния и бесчинства. Он увещевает вас, - быть может, вы помяните назидание.

ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىنى ئادىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەندە ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىدۇ. ھۆكۈمدە كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولمايدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق پەقەت ھەق بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئىنسان ئۆزىگە پەرز بولمىغان خەير-ئېھسان، زۇلۇمنى ئەپۇ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قېلىدۇ، يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى بىرىشكە بۇيرۇيدۇ، ناچار سۆز ۋە زىناغا ئوخشاش قەبىھ ئىشلاردىن ۋە شەرىئەت ئىنكار قىلغان گۇناھ ئىشلاردىن چەكلەيدۇ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن، كىشىلەرگە چوڭچىلىق قېلىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ مۇشۇ ئايەتتە سىلەرنى بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن ئىشلار بىلەن سىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىدۇ، بۇ ۋەز-نەسىھەتتىن سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈمىد قىلىنىدۇ.

16:91Страница 277

وَأَوۡفُواْ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ إِذَا عَٰهَدتُّمۡ وَلَا تَنقُضُواْ ٱلۡأَيۡمَٰنَ بَعۡدَ تَوۡكِيدِهَا وَقَدۡ جَعَلۡتُمُ ٱللَّهَ عَلَيۡكُمۡ كَفِيلًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا تَفۡعَلُونَ ٩١

Будьте верны завету с Аллахом, который вы заключили; не нарушайте клятв после того, как вы их скрепите, ведь вы сделали Аллаха своим Поручителем. Воистину, Аллах ведает о том, что вы совершаете.

سىلەر ئاللاھ بىلەن تۈزۈشكەن ۋە كىشىلەر بىلەن تۈزۈشكەن بارلىق ئەھدىلەرگە تولۇق ۋاپا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ كۈچەيتكەن قەسەمنى بۇزماڭلار. سىلەر قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتا ئاللاھنى شاھىت قىلدىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

16:92Страница 277

وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّتِي نَقَضَتۡ غَزۡلَهَا مِنۢ بَعۡدِ قُوَّةٍ أَنكَٰثٗا تَتَّخِذُونَ أَيۡمَٰنَكُمۡ دَخَلَۢا بَيۡنَكُمۡ أَن تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرۡبَىٰ مِنۡ أُمَّةٍۚ إِنَّمَا يَبۡلُوكُمُ ٱللَّهُ بِهِۦۚ وَلَيُبَيِّنَنَّ لَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ ٩٢

Не уподобляйтесь той женщине, которая распустила свою пряжу после того, как скрепила нити. Вы обращаете свои клятвы в средство обмана, когда одни из вас оказываются сильнее и многочисленнее других. Так Аллах подвергает вас испытанию. А в День воскресения Он непременно разъяснит вам то, в чем вы расходились во мнениях.

سىلەر ئەقىلسىز دۆت كىشىلەردەك ئەھدىنى بۇزماڭلار، خۇددى جاپا تارتىپ يۇڭ ياكى پاختىدىن يىپ ئېگىرىپ، يىپنى پىششىق ئېگىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى بۇزۇپ، پارچە-پارچە قىلىپ ئىگىرمىگەندەك ئەسلى ھالىتىگە ئەكىلىپ قويغان ئەخمەق خوتۇنغا ئوخشاش بولماڭلار، ئۇ ئايال يىپىنى ئېگىرىش ۋە بۇزۇشتا كۆپ جاپا تارتتى، لېكىن تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمىدى. جامائەتلىرىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولىشى ئۈچۈن سىلەر قەسەملىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارنى ئالدايدىغان ۋاسىتە قېلىۋالماڭلار. سىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلامدۇ ياكى بۇزامدۇ؟ دەپ ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە دۇنيادا سىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشىڭلارنى ئەلۋەتتە روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ كۈندە ھەقنى باتىلدىن، راستنى يالغاندىن ئايرىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

16:93Страница 277

وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَلَٰكِن يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَلَتُسۡـَٔلُنَّ عَمَّا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٩٣

Если бы Аллах пожелал, то Он сделал бы вас единой общиной. Однако Он вводит в заблуждение, кого пожелает, и ведет прямым путем, кого пожелает, и вы непременно будете спрошены о том, что вы совершали.

ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ھەقكە ئىتتىپاق كەلگەن بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ھەقتىن ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن خارلاش بىلەن ئازدۇرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ پەزلى بىلەن ھەققە مۇۋەپپەق قېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە سوئال قىلىنىسىلەر.

16:94Страница 278

وَلَا تَتَّخِذُوٓاْ أَيۡمَٰنَكُمۡ دَخَلَۢا بَيۡنَكُمۡ فَتَزِلَّ قَدَمُۢ بَعۡدَ ثُبُوتِهَا وَتَذُوقُواْ ٱلسُّوٓءَ بِمَا صَدَدتُّمۡ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَكُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ ٩٤

Не обращайте свои клятвы в средство обмана, чтобы ваша стопа не поскользнулась после того, как она твердо стояла, а не то вы вкусите зло за то, что сбивали других с пути Аллаха, и вам будут уготованы великие мучения.

سىلەر قەسەملىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارنى ئالدايدىغان ۋاستە قىلىۋالماڭلار، قەسەملىرىڭلاردا خاھىشىڭلارغا ئەگىشىسىلەر، خالىغان ۋاقىتتا ئەھدىنى بۇزىسىلەر ۋە خالىغان ۋاقىتتا ۋاپا قىلىسىلەر، سىلەر شۇنداق قىلساڭلار قەدەملىرىڭلار توغرا يولدا مۇستەھكەم بولغاندىن كېيىن ئۇ يولدىن تېيىلىپ كېتىسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئازابنى تېتىيسىلەر، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئازاب بار.

16:95Страница 278

وَلَا تَشۡتَرُواْ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ ثَمَنٗا قَلِيلًاۚ إِنَّمَا عِندَ ٱللَّهِ هُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٩٥

Не продавайте данные Аллаху обеты за ничтожную цену, ибо для вас лучше то, что у Аллаха, если бы вы только знали!

سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى ۋاپا قىلىشنى تەرك قىلىپ ئەھدىنى بۇزۇشقا ئاساسەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئالماشتۇرىۋەتمەڭلار، ئەگەر بىلىسەڭلار ئەھدىنى بۇزۇش بەدىلىگە ئېرىشكەن ئازراق نەرسەڭلاردىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى دۇنيادا غەلبە-غەنىمەت، ئاخىرەتتە دائىملىق نېمەت قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشىدۇر.

16:96Страница 278

مَا عِندَكُمۡ يَنفَدُ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ بَاقٖۗ وَلَنَجۡزِيَنَّ ٱلَّذِينَ صَبَرُوٓاْ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٩٦

То, что есть у вас, иссякнет, а то, что есть у Аллаха, останется навсегда. А тем, которые проявляли терпение, Мы непременно воздадим наградой за лучшее из того, что они совершали.

ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىكى مال-دۇنيا، لەززەت ۋە نېئمەتلەر ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ تۈگەيدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى مۇكاپات باقىدۇر، ئۇنداقتا يوقالغۇچى نەرسىنى قانداقمۇ باقى قالىدىغان نەرسىدىن ئارتۇق بىلىسىلەر!؟ بەرگەن ئەھدىسىگە سەۋىر قىلىپ ئەھدىسىنى بۇزمىغانلارنى، قىلغان تائەت -ئەمەللىرىدىن ياخشىراق بولغان ساۋاپ بىلەن مۇكاپاتلايمىز. بىر ياخشىلىقنى ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدە ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئاشۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز.

16:97Страница 278

مَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَنُحۡيِيَنَّهُۥ حَيَوٰةٗ طَيِّبَةٗۖ وَلَنَجۡزِيَنَّهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٩٧

Верующих мужчин и женщин, которые поступали праведно, Мы непременно одарим прекрасной жизнью и вознаградим за лучшее из того, что они совершали.

ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىپ شەرىئەتكە مۇۋاپىق ياخشى ئەمەل قېلىدىكەن، ئۇنى دۇنيادا تائەت-ئىبادەتكە مۇۋەپپەق قىلىپ، قانائەتچانلىق، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدىغان ياخشى بىر ھاياتتا ياشنىتىمىز، ئاخىرەتتە ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن كاتتا بولغان ئەجىر-ساۋاپ بىلەن مۇكاپاتلايمىز.

16:98Страница 278

فَإِذَا قَرَأۡتَ ٱلۡقُرۡءَانَ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ ٩٨

Когда ты читаешь Коран, то ищи у Аллаха защиты от дьявола изгнанного, побиваемого.

ئى مۆمىن! قۇرئان ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىڭدا ئاللاھدىن ئۇنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق بېرىشنى سورىغىن.

16:99Страница 278

إِنَّهُۥ لَيۡسَ لَهُۥ سُلۡطَٰنٌ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ ٩٩

Воистину, он не властен над теми, которые уверовали и уповают только на своего Господа.

ئاللاھقا ئىشەنگەن، بارلىق ئىشلىرىدا يالغۇز پەرۋەردىگارىغا تايانغان كىشىلەرگە شەيتان ھەرگىزمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ.

16:100Страница 278

إِنَّمَا سُلۡطَٰنُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَوَلَّوۡنَهُۥ وَٱلَّذِينَ هُم بِهِۦ مُشۡرِكُونَ ١٠٠

Ему подвластны только те, которые считают его (дьявола) своим помощником и покровителем и которые приобщают к Нему сотоварищей.

ھەقىقەتەن شەيتان ۋەسۋەسە بىلەن ئۆزىنى دوست تۇتقان ۋە ئىغۋا قىلىش بىلەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ، ئۇلار شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ ۋە ئاللاھقا ئىبادەتتە باشقا بىرىنى شېرىك قىلىدۇ.

16:101Страница 278

وَإِذَا بَدَّلۡنَآ ءَايَةٗ مَّكَانَ ءَايَةٖ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مُفۡتَرِۭۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ١٠١

Когда Мы заменяем один аят другим, они говорят: «Воистину, ты - лжец». Аллаху лучше знать то, что Он ниспосылает. Но большая часть их не знает этого.

بىز قۇرئان ئايەتلىرىدىن بىر ئايەتنىڭ ھۆكمىنى يەنە بىر ئايەت بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرساق، ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىكى ھېكمەتنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغاننىمۇ ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار: ئى مۇھەممەد! سەن يالغانچى، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچى دەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى بەزى ھۆكۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ يۈكسەك ئىلاھى ھېكمەت بىلەن بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии

Содержание

Аят аль-Курси36Аль-Кахфстр. 42джуз 15Бухари 1Муслим 2999

Вид

Тема
Размер текста
Вид

Read in English