Аль-МухтасарАль‑Исра · 17:53–104

Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском

Аль-Исра 17:53–104

17:53Страница 287

وَقُل لِّعِبَادِي يَقُولُواْ ٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ يَنزَغُ بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ كَانَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٗا مُّبِينٗا ٥٣

Скажи Моим рабам, чтобы они говорили наилучшие слова, ибо дьявол вносит между ними раздор. Воистину, дьявол для человека - явный враг.

ئەي پەيغەمبەر! ماڭا ئىمان ئېيتقان مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، ناچار، يىرگىنىشلىك سۆزلەردىن ساقلانسۇن. چۈنكى شەيتان شۇنداق ناچار سۆزلەردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شەكسىزكى شەيتان ئىنساننىڭ ئوپئوچۇق دۈشمىنىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

17:54Страница 287

رَّبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِكُمۡۖ إِن يَشَأۡ يَرۡحَمۡكُمۡ أَوۡ إِن يَشَأۡ يُعَذِّبۡكُمۡۚ وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ وَكِيلٗا ٥٤

Вашему Господу лучше знать вас. Если Он пожелает, то смилостивится над вами, а если пожелает, то подвергнет вас мучениям. Мы не посылали тебя их попечителем и хранителем.

ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنى ياخشى بىلىدۇ، سىلەرنىڭ ھېچبىر ئىشىڭلار ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى خالىسا، سىلەرنى ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق رەھمەت قىلىدۇ. ناۋادا سىلەرنى ئازابلاشنى خالىسا، سىلەرنى ئىماندىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئازابلايدۇ ۋە سىلەرنى كاپىر پېتى ۋاپات تاپقۇزىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان، كۇپرىدىن توسىدىغان، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ساناپ تۇرىدىغان ھامىي قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق. سەن پەقەتلا ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرسەن.

17:55Страница 287

وَرَبُّكَ أَعۡلَمُ بِمَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَلَقَدۡ فَضَّلۡنَا بَعۡضَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ عَلَىٰ بَعۡضٖۖ وَءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ زَبُورٗا ٥٥

Твоему Господу лучше знать тех, кто на небесах и на земле. Одним пророкам Мы отдали предпочтение над другими. А Давуду (Давиду) Мы даровали Забур (Псалтирь).

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر كىمنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە نېمىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ھەقىقەتەن بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە كىتاب نازىل قىلىنىش بىلەن بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا زەبۇرنى بەردۇق.

17:56Страница 287

قُلِ ٱدۡعُواْ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُم مِّن دُونِهِۦ فَلَا يَمۡلِكُونَ كَشۡفَ ٱلضُّرِّ عَنكُمۡ وَلَا تَحۡوِيلًا ٥٦

Скажи: «Взывайте к тем, кого вы считаете богами наряду с Ним. Они не властны отвратить от вас беду или перенести ее на другого».

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەۋالغان مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر خاپىلىق كەلسە، ئۇلار ئاجىز بولغاچقا سىلەردىن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشكىمۇ، باشقىلارغا يۆتكىۋېتىشكىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاجىز نەرسە ئىلاھمۇ بولالمايدۇ.

17:57Страница 287

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ يَبۡتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ ٱلۡوَسِيلَةَ أَيُّهُمۡ أَقۡرَبُ وَيَرۡجُونَ رَحۡمَتَهُۥ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُۥٓۚ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحۡذُورٗا ٥٧

Те, к кому они взывают с мольбой, сами ищут близости к своему Господу, пытаясь опередить других. Они надеются на Его милость и страшатся мучений от Него. Воистину, мучений от твоего Господа надлежит остерегаться.

ئۇلار سىغىنىۋاتقان پەرىشتىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشماقچى بولىدۇ، تائەت - ئىبادەت بىلەن قايسى ئاللاھقا بەكرەك يېقىنلىشالايدىغانلىقى توغرىسىدا بەسلىشىدۇ ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە رەھىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئازابلىشىدىن قورقىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى ھەقىقەتەنمۇ ئېھتىيات قىلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.

17:58Страница 287

وَإِن مِّن قَرۡيَةٍ إِلَّا نَحۡنُ مُهۡلِكُوهَا قَبۡلَ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَوۡ مُعَذِّبُوهَا عَذَابٗا شَدِيدٗاۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَسۡطُورٗا ٥٨

Нет такого поселения, которое Мы не разрушим перед наступлением Дня воскресения или не подвергнем тяжким мучениям. Так было предначертано в Писании.

ھەر قانداق بىر كەنت ياكى شەھەر (ئاھالىسى)نىڭ كۇپرىلىقى تۈپەيلى بىز ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ئازاب ۋە ھالاكەت چۈشۈرىمىز ياكى ئۆلتۈرۈلۈش يا باشقا ئازابلار بىلەن قاتتىق جازالايمىز. بۇ ھالاك قىلىش ۋە ئازاب لەۋھۇلمەھفۇزدا پۈتۈلگەن ئىلاھىي ھۆكۈمدۇر.

17:59Страница 288

وَمَا مَنَعَنَآ أَن نُّرۡسِلَ بِٱلۡأٓيَٰتِ إِلَّآ أَن كَذَّبَ بِهَا ٱلۡأَوَّلُونَۚ وَءَاتَيۡنَا ثَمُودَ ٱلنَّاقَةَ مُبۡصِرَةٗ فَظَلَمُواْ بِهَاۚ وَمَا نُرۡسِلُ بِٱلۡأٓيَٰتِ إِلَّا تَخۡوِيفٗا ٥٩

Мы не отправили знамения только потому, что прежние поколения не уверовали в них. Мы даровали самудянам верблюдицу как наглядное знамение, но они поступили с ней несправедливо. Мы ниспосылаем Наши знамения только для устрашения.

مۇشرىكلار پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تەلەپ قىلغان ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش ۋە باشقا مۆجىزىلەرگە ئوخشاش ماددىي مۆجىزىلەرنى چۈشۈرمەسلىكىمىز، پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نازىل قىلغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا كاتتا ھەم روشەن مۆجىزە بولغان تۆگىنى بەردۇق. ئۇلار ئۇنىڭ مۆجىزىلىكىنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئارقىدىنلا ئۇلارنى ئازابلىدۇق. بىز پەيغەمبەرلىرىمىز ئارقىلىق مۆجىزىلەرنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز.

17:60Страница 288

وَإِذۡ قُلۡنَا لَكَ إِنَّ رَبَّكَ أَحَاطَ بِٱلنَّاسِۚ وَمَا جَعَلۡنَا ٱلرُّءۡيَا ٱلَّتِيٓ أَرَيۡنَٰكَ إِلَّا فِتۡنَةٗ لِّلنَّاسِ وَٱلشَّجَرَةَ ٱلۡمَلۡعُونَةَ فِي ٱلۡقُرۡءَانِۚ وَنُخَوِّفُهُمۡ فَمَا يَزِيدُهُمۡ إِلَّا طُغۡيَٰنٗا كَبِيرٗا ٦٠

Вот Мы сказали тебе: «Воистину, твой Господь объемлет людей». Мы сделали показанное тебе видение и дерево, проклятое в Коране, искушением для людей. Мы устрашаем их, но это лишь увеличивает их великую непокорность.

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا: پەرۋەردىگارىڭنىڭ قۇدرىتى ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى تولۇق قورشاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭ چاڭگىلىدىدۇر، ئاللاھ سېنى ئۇلاردىن قوغدايدۇ. شۇڭا سەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى يەتكۈزگىن، دېدۇق. مىراج كېچىسى بىز ساڭا كۆرسەتكەن ئىشلارنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بىر سىناق قىلدۇق. بىز قۇرئان كەرىمدە جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان زەققۇم دەرىخىنىمۇ پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق. ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە ئىشەنمىگەن يەردە بۇنىڭدىن باشقا مۆجىزىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. بىز مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى قورقۇتىمىز. لېكىن ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن نازىل قىلغان مۆجىزىلىرىمىز ئۇلارنىڭ كۇپرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىتىدۇ.

17:61Страница 288

وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ قَالَ ءَأَسۡجُدُ لِمَنۡ خَلَقۡتَ طِينٗا ٦١

Вот Мы сказали ангелам: «Падите ниц перед Адамом!». Они пали ниц, и только Иблис сказал: «Неужели я паду ниц перед тем, кого Ты создал из глины?».

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە ئادەمگە ئىبادەت سەجدىسى ئەمەس، ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار، دېدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئادەمگە سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس تەكەببۇرلۇق بىلەن ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ: مېنى ئوتتىن ياراتقان تۇرساڭ، سەن لايدىن ياراتقان بىرىگە سەجدە قىلىمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر، دېدى.

17:62Страница 288

قَالَ أَرَءَيۡتَكَ هَٰذَا ٱلَّذِي كَرَّمۡتَ عَلَيَّ لَئِنۡ أَخَّرۡتَنِ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَأَحۡتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٗا ٦٢

Иблис сказал: «Посмотри на того, кому Ты отдал предпочтение предо мною. Если ты дашь мне отсрочку до Последнего дня, то я покорю его потомство, за исключением немногих».

ئىبلىس پەرۋەردىگارىغا: سەن مەندىن ئۈستۈن قىلىپ، مېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان مەخلۇق مۇشۇ شۇمۇ؟ ئەگەر مېنى قىيامەتكىچە ھايات قالدۇرساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى سېنىڭ توغرا يولۇڭدىن ئازدۇرىمەن، پەقەت سەن ساقلاپ قالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭدۇر، دېدى.

17:63Страница 288

قَالَ ٱذۡهَبۡ فَمَن تَبِعَكَ مِنۡهُمۡ فَإِنَّ جَهَنَّمَ جَزَآؤُكُمۡ جَزَآءٗ مَّوۡفُورٗا ٦٣

Аллах сказал: «Ступай! И если кто последует за тобой, то Геенна будет для вас воздаянием, полным воздаянием.

پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: بارغىن، ساڭا مۆھلەت بەردىم، سەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئىتائەت قىلغانلارغا جەھەننەم بار. جەھەننەم سەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا بېرىلگەن تولۇق جازادۇر، دېدى.

17:64Страница 288

وَٱسۡتَفۡزِزۡ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتَ مِنۡهُم بِصَوۡتِكَ وَأَجۡلِبۡ عَلَيۡهِم بِخَيۡلِكَ وَرَجِلِكَ وَشَارِكۡهُمۡ فِي ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَوۡلَٰدِ وَعِدۡهُمۡۚ وَمَا يَعِدُهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ إِلَّا غُرُورًا ٦٤

Возбуждай своим голосом, кого сможешь, пускай в ход против них свою конницу и пехоту, дели с ними их богатства и детей и давай им обещания. Воистину, обещания дьявола - всего лишь обольщение.

سەن ئاسىيلىققا چاقىرىدىغان ئاۋازىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتىشقا كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ئادەملەرنى قوزغاتقىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنلىرىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ بارچە ئىشلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ ماللىرىغا شېرىك بولغىن، يالغان - ياۋىداقلىرىڭ بىلەن، ئۇلارنى زىناغا چىللاش بىلەن ھەمدە ئۇلارنى بىسمىللاھ دەيدىغان چاغدا ئاللاھنىڭ باشقىسىغا چوقۇندۇرۇش بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ شېرىك بولغىن، ئۇلارغا ساختا ۋەدىلەرنى ۋە قۇرۇق خىياللارنى چىرايلىق كۆرسەتكىن. شەيتان ئۇلارغا پەقەت ئۇلارنى ئالدايدىغان ساختا ۋەدىلەرنىلا بېرىدۇ.

17:65Страница 288

إِنَّ عِبَادِي لَيۡسَ لَكَ عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٞۚ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ وَكِيلٗا ٦٥

Воистину, ты не властен над Моими рабами. Довольно того, что твой Господь является их Попечителем и Хранителем».

ئەي ئبلىس! ھەقىقەتەن ماڭا ئىتائەت قىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان ئىخلاسمەن بەندىلىرىمگە سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شېرىكتىن ساقلايدۇ. بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايانغان كىشى ئۈچۈن ھامىي بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.

17:66Страница 288

رَّبُّكُمُ ٱلَّذِي يُزۡجِي لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ فِي ٱلۡبَحۡرِ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِكُمۡ رَحِيمٗا ٦٦

Ваш Господь ведет для вас по морю корабли, дабы вы могли снискать Его милость. Воистину, Он милосерден к вам.

ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ تىجارەت ۋە باشقا پايدا ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق رىزقىڭلارنى ئىزدىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق ۋاسىتىلەرنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئاللاھ سىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر.

17:67Страница 289

وَإِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فِي ٱلۡبَحۡرِ ضَلَّ مَن تَدۡعُونَ إِلَّآ إِيَّاهُۖ فَلَمَّا نَجَّىٰكُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ أَعۡرَضۡتُمۡۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ كَفُورًا ٦٧

Когда беда постигает вас в море, вас покидают все, к кому вы взывали, кроме Него. Когда же Он спасает вас и выводит на сушу, вы отворачиваетесь. Воистину, человек неблагодарен.

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر دېڭىزدا بىرەر خاپىلىق ۋە قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ھالاك بوپكېتىشتىن ئەندىشە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار ئېسىڭلارغا كەلمەي، پەقەت ئاللاھنىلا ئەسلەيسىلەر، ئاللاھتىن ياردەم سورايسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، سىلەرنى ئەندىشىدىن قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىققىنىڭلاردا ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە يالغۇز ئاللاھقىلا تىۋىنىشتىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتلارغا چوقۇنۇشقا قايتىۋالىسىلەر. ئىنسان ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغۇچى ئىدى.

17:68Страница 289

أَفَأَمِنتُمۡ أَن يَخۡسِفَ بِكُمۡ جَانِبَ ٱلۡبَرِّ أَوۡ يُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ حَاصِبٗا ثُمَّ لَا تَجِدُواْ لَكُمۡ وَكِيلًا ٦٨

Неужели вы не опасаетесь того, что Он может заставить часть суши поглотить вас или низринуть на вас ураган с камнями? Ведь тогда вы не найдете себе попечителя и хранителя!

ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزدا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقارغىنىدا سىلەرنى شۇ قۇرۇقلۇققا يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ياكى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە قىلغاندەك ئۈستۈڭلارغا ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالايدىغان بىرەر قوغدىغۇچى، ھالاكەتتىن توسۇپ قالىدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايسىلەر.

17:69Страница 289

أَمۡ أَمِنتُمۡ أَن يُعِيدَكُمۡ فِيهِ تَارَةً أُخۡرَىٰ فَيُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ قَاصِفٗا مِّنَ ٱلرِّيحِ فَيُغۡرِقَكُم بِمَا كَفَرۡتُمۡ ثُمَّ لَا تَجِدُواْ لَكُمۡ عَلَيۡنَا بِهِۦ تَبِيعٗا ٦٩

Или же вы уверены в том, что Он не вернет вас в море еще раз, чтобы наслать на вас ураганный ветер и потопить вас за неверие? Ведь тогда никто не станет мстить Нам за вас!

ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەنە بىر قېتىم دېڭىزدا قاتناتقۇزۇپ، دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا سىلەرگە قاتتىق بوران ئەۋەتىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئاللاھ قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نېئمەتلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك دېڭىزغا غەرق قىلىۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئاندىن سىلەر بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ۋە سىلەرگە يانباسىدىغان ھېچ بىرىنى تاپالمايسىلەر.

17:70Страница 289

۞ وَلَقَدۡ كَرَّمۡنَا بَنِيٓ ءَادَمَ وَحَمَلۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ كَثِيرٖ مِّمَّنۡ خَلَقۡنَا تَفۡضِيلٗا ٧٠

Мы почтили сынов Адама и позволяем им передвигаться по суше и морю. Мы наделили их благами и даровали им явное превосходство над многими другими тварями.

شەك - شۈبھىسىزكى بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەمگە پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارغا قۇرۇقلۇقتا مىنىدىغان ئۇلاغ ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، دېڭىزدا كېمىلەرگە چىقاردۇق، ئۇلارنى پاك، ھالال يېمەك - ئىچمەكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، جىنسىي تۇرمۇش ۋە باشقا تۈرلۈك لەززەتلەردىن بەھرىمەن قىلدۇق، ئۇلارنى بىز ياراتقان نۇرغۇن مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشى كېرەك.

17:71Страница 289

يَوۡمَ نَدۡعُواْ كُلَّ أُنَاسِۭ بِإِمَٰمِهِمۡۖ فَمَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَقۡرَءُونَ كِتَٰبَهُمۡ وَلَا يُظۡلَمُونَ فَتِيلٗا ٧١

В тот день Мы созовем всех людей вместе с их предводителями. Тогда те, кому книга будет вручена в правую руку, прочтут ее, и к ним не будет проявлено несправедливости даже величиной с финиковую плеву.

ئەي پەيغەمبەر! بىز ھەر بىر جامائەنى دۇنيادا ئەگەشكەن يولباشچىلىرى بىلەن بىرگە چاقىرىدىغان كۈننى ئەسلىگىن. ئۇ كۈندە نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە - ئەمالىنى خۇرسەن بولغان ھالدا ئوقۇيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ، ھەتتا خورما ئۇرۇقچىسىنىڭ كاتىكىدىكى يىپقا چاغلىق كىچىك ساۋابمۇ چالا قويماي بېرىلىدۇ

17:72Страница 289

وَمَن كَانَ فِي هَٰذِهِۦٓ أَعۡمَىٰ فَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ أَعۡمَىٰ وَأَضَلُّ سَبِيلٗا ٧٢

А кто слеп в этом мире, тот будет также слеп в Последней жизни и окажется еще более заблудшим.

دۇنيادا ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن دىلى كور بولغان كىشى قىيامەت كۈنى تېخىمۇ ئېغىر كور بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جەننەتنىڭ يولىنى تاپالمايدۇ، توغرا يولدىن ئازىدۇ. دېمەك جازا - مۇكاپات ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ ئۇسۇلى بويىچە بولىدۇ.

17:73Страница 289

وَإِن كَادُواْ لَيَفۡتِنُونَكَ عَنِ ٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ لِتَفۡتَرِيَ عَلَيۡنَا غَيۡرَهُۥۖ وَإِذٗا لَّٱتَّخَذُوكَ خَلِيلٗا ٧٣

Они чуть было не отклонили тебя от того, что Мы дали тебе в откровении, дабы ты выдумал про Нас нечто другое. Вот тогда ты стал бы их возлюбленным.

ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار بىزنىڭ نامىمىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئويدۇرۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان كەرىمدىن بۇرۇۋېتىشكە تاس قالدى. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ خالىغىنىنى قىلغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى ئۆزلىرىگە دوست قىلىۋالاتتى

17:74Страница 289

وَلَوۡلَآ أَن ثَبَّتۡنَٰكَ لَقَدۡ كِدتَّ تَرۡكَنُ إِلَيۡهِمۡ شَيۡـٔٗا قَلِيلًا ٧٤

Мы поддержали тебя, когда ты готов был уже немного склониться на их сторону.

ئەگەر بىز سېنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كېتىشكە، شۇنداقلا سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇشۇڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ھىيلە - نەيرەڭلىرى ۋە ئالدامچىلىقىدىن ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلۇشقا تاس قالغان ئىدىڭ. لېكىن بىز سېنى ئۇلارغا مايىل بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدۇق.

17:75Страница 289

إِذٗا لَّأَذَقۡنَٰكَ ضِعۡفَ ٱلۡحَيَوٰةِ وَضِعۡفَ ٱلۡمَمَاتِ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ عَلَيۡنَا نَصِيرٗا ٧٥

Тогда ты вкусил бы наказание вдвойне в этой жизни и вдвойне после смерти. И тогда никто не стал бы помогать тебе против Нас!

ئەگەر ئۇلارنىڭ ساڭا قويغان تەلىپىگە مايىل بوپكەتكەن بولساڭ، ئەلۋەتتە سېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازابلىغان بولاتتۇق، ئاندىن بىزگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىدىغان ۋە سەندىن ئازابنى قايتۇرىدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايتتىڭ.

17:76Страница 290

وَإِن كَادُواْ لَيَسۡتَفِزُّونَكَ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ لِيُخۡرِجُوكَ مِنۡهَاۖ وَإِذٗا لَّا يَلۡبَثُونَ خِلَٰفَكَ إِلَّا قَلِيلٗا ٧٦

Они чуть не изгнали тебя с земли, вытесняя тебя оттуда. Но ведь после твоего изгнания они сами оставались бы там лишь недолго.

كاپىرلار سېنى مەككىدىن چىقىرۋېتىش ئۈچۈن دۈشمەنلىك قىلىپ سېنى بىئارام قىلماقچى بولدى. لېكىن سەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئاللاھ ئۇلارنىڭ سېنى مەككىدىن چىقىرۋېتىشىنى توسۇپ قالدى. مۇبادا ئۇلار سېنى مەككىدىن چىقىرۋەتكەن بولسا ئىدى، سېنى چىقىرىۋېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھالاك بولاتتى.

17:77Страница 290

سُنَّةَ مَن قَدۡ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِن رُّسُلِنَاۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحۡوِيلًا ٧٧

Так поступали с Нашими посланниками, отправленными до тебя. Ты не найдешь изменений в Наших установлениях.

ئۇلارنىڭ سېنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھالاك بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىمۇ تۇتقان ئومۇمىي قانۇنىيتىدۇر. يەنى قانداق بىر پەيغەمبەرنى قەۋمى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب نازىل قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بىزنىڭ قانۇنىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش بايقىيالمايسەن، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس، ئومۇمىي پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسەن.

17:78Страница 290

أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِدُلُوكِ ٱلشَّمۡسِ إِلَىٰ غَسَقِ ٱلَّيۡلِ وَقُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِۖ إِنَّ قُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِ كَانَ مَشۡهُودٗا ٧٨

Совершай намаз с полудня до наступления ночного мрака и читай Коран на рассвете. Воистину, на рассвете Коран читают при свидетелях (ангелах).

كۈن ئىگىلگەندىن باشلاپ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغىن، بۇ ناماز كېچە قاراڭغۇلۇقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىنى، شۇنداقلا شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بامدات نامىزىنىمۇ ئادا قىلغىن، بامدات نامىزىدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلغىن، بامدات نامىزىغا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

17:79Страница 290

وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَتَهَجَّدۡ بِهِۦ نَافِلَةٗ لَّكَ عَسَىٰٓ أَن يَبۡعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامٗا مَّحۡمُودٗا ٧٩

Бодрствуй часть ночи, читая Коран во время дополнительных намазов. Быть может, Господь твой возведет тебя на Достохвальное место.

ئەي پەيغەمبەر! مەرتىۋەڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى كىشىلەرگە قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىدىن شاپائەتچى قىلىشىنى، شۇنداقلا ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدىغان بۈيۈك شاپائەت ماقامىنىڭ ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا تۇرۇپ، نەپلە نامازلارنى ئوقۇغىن.

17:80Страница 290

وَقُل رَّبِّ أَدۡخِلۡنِي مُدۡخَلَ صِدۡقٖ وَأَخۡرِجۡنِي مُخۡرَجَ صِدۡقٖ وَٱجۡعَل لِّي مِن لَّدُنكَ سُلۡطَٰنٗا نَّصِيرٗا ٨٠

Скажи: «Господи! Пусть мое пришествие будет правдивым, и пусть мой уход будет правдивым! Даруй мне от Тебя знамение в помощь».

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي رەببىم! مېنىڭ كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان ئورنۇمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ تائىتىڭ ۋە رازىلىقىڭدا قىلغىن، مەن ئۈچۈن ھۇزۇرۇڭدىن دۈشمىنىمگە قارشى ماڭا ياردىمى بولىدىغان كۈچلۈك دەلىل - پاكىتلارنى ئاتا قىلغىن.

17:81Страница 290

وَقُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَزَهَقَ ٱلۡبَٰطِلُۚ إِنَّ ٱلۡبَٰطِلَ كَانَ زَهُوقٗا ٨١

Скажи: «Явилась истина, и сгинула ложь. Воистину, ложь обречена на погибель».

ئەي پەيغەمبەر بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئىسلام كەلدى، ئاللاھنىڭ يارەم بېرىشتىن ئىبارەت ۋەدىسى ئىشقا ئاشتى، شېرىك ۋە كۇپرى يوقالدى. دەرۋەقە ساختا نەرسە ھەقىقەت ئالدىدا پۇت تېرەپ تۇرالماي، ئاسانلار يوقىلاتتى.

17:82Страница 290

وَنُنَزِّلُ مِنَ ٱلۡقُرۡءَانِ مَا هُوَ شِفَآءٞ وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا خَسَارٗا ٨٢

Мы ниспосылаем в Коране то, что является исцелением и милостью для верующих, а беззаконникам он не прибавляет ничего, кроме убытка.

بىز قۇرئان كەرىمدىن قەلبلەرنىڭ نادانلىق، كۇپۇرلۇق ۋە شېرىكتىن ئىبارەت ئىللەتلىرىگە شىپا بولىدىغان، دۇئا سۈپىتىدە ئوقۇلسا جىسمانىي كېسەللەرگىمۇ شىپا بولىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرگە رەھمەتتۇر. بۇ قۇرئان كاپىرلارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئاننى ئاڭلاش ئۇلارنى ئاچچىق يۇتقۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ بەك ئىنكار قىلىشىدۇ.

17:83Страница 290

وَإِذَآ أَنۡعَمۡنَا عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ أَعۡرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ كَانَ يَـُٔوسٗا ٨٣

Когда Мы даруем милость человеку, он отворачивается и удаляется в гордыне. Если же его касается беда, то он приходит в отчаяние.

بىز ئىنسانغا ساقلىق ۋە بايلىققا ئوخشاش تۈرلۈك نېئمەتلەرنى ئاتا قىلساق، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، تەكەببۇرلۇقىدىن (ھەقتىن تېخىمۇ) يىراقلاپ كېتىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا كېسەللىك ياكى كەمبەغەللىككە ئوخشاش بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، قايغۇغا پاتىدۇ.

17:84Страница 290

قُلۡ كُلّٞ يَعۡمَلُ عَلَىٰ شَاكِلَتِهِۦ فَرَبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَنۡ هُوَ أَهۡدَىٰ سَبِيلٗا ٨٤

Скажи: «Каждый человек избирает свой путь, а вашему Господу лучше знать, кто следует более прямым путем».

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەر ئىنسان ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقتا ئۆزى بىلگەنچە ئەمەل قىلسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ ھەقكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.

17:85Страница 290

وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلرُّوحِۖ قُلِ ٱلرُّوحُ مِنۡ أَمۡرِ رَبِّي وَمَآ أُوتِيتُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِ إِلَّا قَلِيلٗا ٨٥

Они станут спрашивать тебя о духе (душе или Джибриле). Скажи: «Дух - от повеления моего Господа, а вам дано знать об этом очень мало».

ئەي پەيغەمبەر! ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا سورىشىدۇ. ئۇلارغا: روھنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەرگە ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا بېرىلگەن ئىلىم ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن پەقەت ئازغىنە نەرسىدۇر.

17:86Страница 290

وَلَئِن شِئۡنَا لَنَذۡهَبَنَّ بِٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ بِهِۦ عَلَيۡنَا وَكِيلًا ٨٦

Если бы Мы захотели, то лишили бы тебя того, что дали тебе в откровении. И никто не защитил бы тебя от Нас,

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىز ساڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى دىللاردىن ۋە مۇسھەپلەردىن يوق قىلىۋېتىشنى خالىساق ئىدۇق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق، ئاندىن سەن ئۆزۈڭگە ياردەملىشىپ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدىغان بىرىنى تاپالمايتتىڭ.

17:87Страница 291

إِلَّا رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۚ إِنَّ فَضۡلَهُۥ كَانَ عَلَيۡكَ كَبِيرٗا ٨٧

не будь милости твоего Господа. Воистину, Его милость к тебе велика!

لېكىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتى بىلەن قۇرئاننى يوق قىلىۋەتمەي، قوغدالغان ھالەتتە قالدۇردۇق. پەرۋەردىگارىڭنىڭ پەزلى - مەرھەمىتى ساڭا ھەقىقەتەن كاتتا بولدى، ئۇ سېنى ئەلچى قىلدى، سەن بىلەن پەيغەمبەرلىككە خاتىمە بەردى ۋە ساڭا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى

17:88Страница 291

قُل لَّئِنِ ٱجۡتَمَعَتِ ٱلۡإِنسُ وَٱلۡجِنُّ عَلَىٰٓ أَن يَأۡتُواْ بِمِثۡلِ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لَا يَأۡتُونَ بِمِثۡلِهِۦ وَلَوۡ كَانَ بَعۡضُهُمۡ لِبَعۡضٖ ظَهِيرٗا ٨٨

Скажи: «Если бы люди и джинны объединились для того, чтобы сочинить нечто, подобное этому Корану, это не удалось бы им, даже если бы они стали помогать друг другу».

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى، ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى پاساھەتتە، تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكىدە ۋە ئىخچاملىقتا ساڭا نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىشىپ، بىر - بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدرىدىمۇ، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى ھەرگىز كەلتۈرەلمەيدۇ.

17:89Страница 291

وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٖ فَأَبَىٰٓ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورٗا ٨٩

Мы разъяснили людям в этом Коране всякие притчи, но большинство людей отвергает все, кроме неверия.

بىز ئىنسانلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ قۇرئاندا ۋەز-نەسىھەتلەر، ئىبرەتلەر، بۇيرۇقلار، چەكلىمىلەر ۋە قىسسەلەرنى تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلىپ، ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىدى.

17:90Страница 291

وَقَالُواْ لَن نُّؤۡمِنَ لَكَ حَتَّىٰ تَفۡجُرَ لَنَا مِنَ ٱلۡأَرۡضِ يَنۢبُوعًا ٩٠

Они говорят: «Ни за что мы не уверуем, пока ты не исторгнешь для нас из земли источник;

مۇشرىكلار: سەن تاكى بىزگە مەككە زېمىنىدا ئۈزۈلۈپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بۇلاق چىقىرىپ بەرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دېدى.

17:91Страница 291

أَوۡ تَكُونَ لَكَ جَنَّةٞ مِّن نَّخِيلٖ وَعِنَبٖ فَتُفَجِّرَ ٱلۡأَنۡهَٰرَ خِلَٰلَهَا تَفۡجِيرًا ٩١

или пока не будет у тебя пальмовой рощи и виноградника, в которых ты проложишь реки;

ياكى بۈك - باراقسان خورما ۋە ئۈزۈمزارلىقىڭ بولسۇن، ئۆستەڭلىرىدە لىق سۇ ئېقىپ تۇرسۇن.

17:92Страница 291

أَوۡ تُسۡقِطَ ٱلسَّمَآءَ كَمَا زَعَمۡتَ عَلَيۡنَا كِسَفًا أَوۡ تَأۡتِيَ بِٱللَّهِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ قَبِيلًا ٩٢

или пока не обрушишь на нас небо кусками, как ты это утверждаешь; или не предстанешь перед нами вместе с Аллахом и ангелами;

ياكى ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك ئاسماننى بىزگە ئازاب قىلىپ پارچە - پارچە چۈشۈرگىن، ياكى سەن چاقىرىۋاتقان بۇ دىننىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن.

17:93Страница 291

أَوۡ يَكُونَ لَكَ بَيۡتٞ مِّن زُخۡرُفٍ أَوۡ تَرۡقَىٰ فِي ٱلسَّمَآءِ وَلَن نُّؤۡمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّىٰ تُنَزِّلَ عَلَيۡنَا كِتَٰبٗا نَّقۡرَؤُهُۥۗ قُلۡ سُبۡحَانَ رَبِّي هَلۡ كُنتُ إِلَّا بَشَرٗا رَّسُولٗا ٩٣

или пока у тебя не будет дома из драгоценностей; или пока ты не взойдешь на небо. Но мы не поверим в твое восхождение, пока ты не спустишься с Писанием, которое мы станем читать». Скажи: «Пречист мой Господь! Я же - всего лишь человек и посланник».

ياكى سېنىڭ ئالتۇن ۋە باشقا بېزەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن ئاسمانغا چىقىپ، تاكى ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان ۋە بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتاب ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: مېنىڭ رەببىم پاكتۇر، مەن پەقەت باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، خالىغان بىر ئىشنى قىلىشقا كۈچۈم يەتمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئورۇندىيالايمەن؟ دېگىن.

17:94Страница 291

وَمَا مَنَعَ ٱلنَّاسَ أَن يُؤۡمِنُوٓاْ إِذۡ جَآءَهُمُ ٱلۡهُدَىٰٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ أَبَعَثَ ٱللَّهُ بَشَرٗا رَّسُولٗا ٩٤

Людям помешало уверовать после того, как к ним явилось верное руководство, только то, что они сказали: «Неужели Аллах отправил посланником человека?».

كاپىرلارنى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن ھەمدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەمەل قىلىشتىن ئۇلارنى پەقەت ئىنسان تىپىدىن پەيغەمبەر كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش توسۇپ قالدى. ئۇلار ئىنكار قىلىپ: ئاللاھ بىزگە ئىنساندىن پەيغەمبەر ئەۋەتەمدىكەن؟ دېيىشتى.

17:95Страница 291

قُل لَّوۡ كَانَ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَلَٰٓئِكَةٞ يَمۡشُونَ مُطۡمَئِنِّينَ لَنَزَّلۡنَا عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَلَكٗا رَّسُولٗا ٩٥

Скажи: «Если бы по земле спокойно ходили ангелы, то Мы отправили бы к ним посланником с неба ангела».

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى، مۇبادا زېمىندا ئولتۇراقلاشقان ۋە سىلەردەك خاتىرجەم مېڭىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنىڭ ئۆز تىپىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولاتتۇق. چۈنكى پەرىشتىلەرگە پەقەت پەرىشتىلا مەقسىتىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئۇ چاغدا بىزنىڭ پەرىشتىلەرگە ئىنسان تىپىدىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىزمۇ ئاقىلانىلىك بولمايتتى. سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.

17:96Страница 291

قُلۡ كَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدَۢا بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرَۢا بَصِيرٗا ٩٦

Скажи: «Довольно того, что Аллах является Свидетелем между мною и вами. Воистину, Он знает и видит Своих рабов».

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئاللاھ تائالا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم ھەمدە سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان ھەقىقەتنى يەتكۈزگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، ئۇ بەندىلەرنىڭ دىللىرىغا يوشۇرغان ھەر قانداق مەخپىي سىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

17:97Страница 292

وَمَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَلَن تَجِدَ لَهُمۡ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِهِۦۖ وَنَحۡشُرُهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ عُمۡيٗا وَبُكۡمٗا وَصُمّٗاۖ مَّأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ كُلَّمَا خَبَتۡ زِدۡنَٰهُمۡ سَعِيرٗا ٩٧

Тот, кого Аллах ведет прямым путем, следует прямым путем. А для того, кого Аллах вводит в заблуждение, ты не найдешь покровителей вместо Него. В День воскресения Мы соберем их лежащими ничком, слепыми, немыми, глухими. Их пристанищем будет Геенна. Как только она утихает, Мы добавляем им пламени.

ئاللاھ تائالا كىمنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدىكەن، ئۇ كىشى ھەقىقەتەن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ. ئاللاھ كىمنى ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلىپ، ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، ئەي پەيغەمبەر! سەن ھەرگىز بۇلارنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان، ئۇلاردىن زىياننى توسۇپ، پايدا كەلتۈرەلەيدىغان دوستلارنى تاپالمايسەن. بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنى توپلايمىز، ئۇلار دۇم ھالەتتە سۆرىلىپ ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدۇ، گەپ قىلالمايدۇ ھەم ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بارار جايى جەھەننەم بولىدۇ. جەھەننەمنىڭ يالقۇنى ئازراق پەسىيىپ قالسا، بىز ئۇنى يەنە يالقۇنجىتىمىز.

17:98Страница 292

ذَٰلِكَ جَزَآؤُهُم بِأَنَّهُمۡ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَقَالُوٓاْ أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا وَرُفَٰتًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ خَلۡقٗا جَدِيدًا ٩٨

Таково возмездие им за то, что они не уверовали в Наши знамения и говорили: «Неужели после того, как мы превратимся в прах и частички, мы будем воскрешены в новом творении?».

ئۇلار دۇچار بولغان ئازاب ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى يىراق ساناپ: بىز ئۆلۈپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ، پارچە - پارچە بولۇپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە تىرىلىپ يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن بېرىلگەن جازادۇر.

17:99Страница 292

۞ أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ قَادِرٌ عَلَىٰٓ أَن يَخۡلُقَ مِثۡلَهُمۡ وَجَعَلَ لَهُمۡ أَجَلٗا لَّا رَيۡبَ فِيهِ فَأَبَى ٱلظَّٰلِمُونَ إِلَّا كُفُورٗا ٩٩

Неужели они не видят, что Аллах, сотворивший небеса и землю, способен создать подобных им? Он установил для них срок, в котором нет сомнения, но беззаконники отвергают все, кроме неверия.

ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئىنتايىن كاتتا بولغان ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنى يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ چۈنكى كاتتا نەرسىنى يارىتالىغان زات ئۇنىڭدىن كىچىك ۋە تۆۋەننى ئەلۋەتتە يارىتالايدۇ - دە! ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان مۇئەييەن ۋاقىتنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈنمۇ شەكسىز بىر سۈرۈك بەلگىلىدى. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى شۇنچىۋالا روشەن تۇرسىمۇ مۇشرىكلار يەنىلا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇردى.

17:100Страница 292

قُل لَّوۡ أَنتُمۡ تَمۡلِكُونَ خَزَآئِنَ رَحۡمَةِ رَبِّيٓ إِذٗا لَّأَمۡسَكۡتُمۡ خَشۡيَةَ ٱلۡإِنفَاقِۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ قَتُورٗا ١٠٠

Скажи: «Если бы вы владели сокровищницами милости моего Господа, то все равно скупились бы из страха обеднеть, ибо человек скуп».

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىمنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس رەھمەت خەزىنىسىگە ئىگە بولغان بولساڭلار، ئۇ چاغدا خەزىنە تۈگەپ كېتىپ، كەمبەغەل بولۇپ قىلىشىڭلاردىن ئەنسىرەپ بېخىللىق قىلاتتىڭلار. چۈنكى بېخىللىق ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىدۇر. لېكىن مۇئمىن ئۇنداق بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ مېلىنى سەرپ قىلىدۇ.

17:101Страница 292

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَىٰ تِسۡعَ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖۖ فَسۡـَٔلۡ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ إِذۡ جَآءَهُمۡ فَقَالَ لَهُۥ فِرۡعَوۡنُ إِنِّي لَأَظُنُّكَ يَٰمُوسَىٰ مَسۡحُورٗا ١٠١

Мы даровали Мусе (Моисею) девять ясных знамений. Спроси сынов Исраила (Израиля) о том, как Муса (Моисей) пришел к ним, и Фараон сказал ему: «О Муса (Моисей)! Воистину, я полагаю, что ты околдован».

ھەقىقەتەن بىز مۇساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە شاھىت بولىدىغان روشەن توققۇز دەلىل ئاتا قىلدۇق، بۇ دەلىللەر: ھاسا، نۇرلۇق قول، قەھەتچىلىك يىللىرى، مېۋىلەرنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، توپان، چېكەتكە، پىت، پاقا ۋە قاندىن ئىبارەت. ئەي پەيغەمبەر! يەھۇدىيلاردىن سوراپ باققىن: مۇسا ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئاشۇ مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەندە پىرئەۋن ئۇنىڭغا: ئى مۇسا! سەن بىزگە يوچۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەچكە، ئەلۋەتتە مەن سېنى سېھىرگەرمىكىن دەپ ئويلايمەن، دېدى.

17:102Страница 292

قَالَ لَقَدۡ عَلِمۡتَ مَآ أَنزَلَ هَٰٓؤُلَآءِ إِلَّا رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ بَصَآئِرَ وَإِنِّي لَأَظُنُّكَ يَٰفِرۡعَوۡنُ مَثۡبُورٗا ١٠٢

Муса (Моисей) сказал: «Ты уже знаешь, что не кто иной, а только Господь небес и земли ниспослал их в качестве наглядных знамений. О Фараон! Я полагаю, что тебя постигнет погибель».

مۇسا پىرئەۋنگە جاۋابەن: سەن بۇ مۆجىزىلەرنى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ راستلىقىغا دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىغا كۆڭلۈڭدە ئىشەنگەن بولساڭمۇ، ئاغزىڭدا ئىنكار قىلىپ تېنىۋاتىسەن. ئەي پىرئەۋن! مەن سېنى چوقۇم ھالاك بولۇپ، زىيان تارتىدۇ دەپ بىلىمەن، دېدى.

17:103Страница 292

فَأَرَادَ أَن يَسۡتَفِزَّهُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ فَأَغۡرَقۡنَٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ جَمِيعٗا ١٠٣

Фараону хотелось вытеснить их с земли, но Мы потопили его и всех, кто был с ним.

پىرئەۋن مۇسائەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى مىسىردىن چىقىرۋېتىش ئارقىلىق جازالىماقچى بولغاندا بىز پىرئەۋننى ئۇنىڭغا يانتاياق بولغان پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدۇق.

17:104Страница 292

وَقُلۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِۦ لِبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱسۡكُنُواْ ٱلۡأَرۡضَ فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ ٱلۡأٓخِرَةِ جِئۡنَا بِكُمۡ لَفِيفٗا ١٠٤

После этого Мы сказали сынам Исраила (Израиля): «Живите на этой земле. А когда исполнится последнее обещание, Мы соберем вас всех вместе».

بىز پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا: شام زېمىنىدا تۇرۇڭلار. قىيامەت كۈنى بولغاندا ھەممىڭلارنى ھېساب ئۈچۈن مەھشەر مەيدانىغا ئېلىپ كېلىمىز، دېدۇق.

Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии

Содержание

Аят аль-Курси36Аль-Кахфстр. 42джуз 15Бухари 1Муслим 2999

Вид

Тема
Размер текста
Вид

Read in English