Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском
Ан-Нур 24:49–64
24:49Страница 356
وَإِن يَكُن لَّهُمُ ٱلۡحَقُّ يَأۡتُوٓاْ إِلَيۡهِ مُذۡعِنِينَ ٤٩
Будь они правы, они покорно явились бы к нему.
ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى توغرا چىقىدىغانلىقىنى ھەم پەيغەمبەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا بويسۇنغان، باش ئەگكەن ھالدا كەلگەن بولاتتى.
24:50Страница 356
أَفِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَمِ ٱرۡتَابُوٓاْ أَمۡ يَخَافُونَ أَن يَحِيفَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَرَسُولُهُۥۚ بَلۡ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ ٥٠
Неужели их сердца поражены недугом? Или же они сомневаются? Или же они опасаются того, что Аллах и Его Посланник несправедливо осудят их? О нет! Они сами поступают несправедливо!
ئۇلارنىڭ دىللىرىغا چاپلاشقان مۇناپىقلىق كېسىلى بارمۇ ياكى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكۈمدە ئۇلارغا ئادىللىق قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەنلەردىن ھېچبىرى بولغان ئىش يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈپ، بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دىللىرىدىكى كېسەللىك سەۋەبلىك شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.
24:51Страница 356
إِنَّمَا كَانَ قَوۡلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذَا دُعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ أَن يَقُولُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ ٥١
Когда верующих зовут к Аллаху и Его Посланнику, чтобы он рассудил их, они говорят: «Слушаем и повинуемся!». Именно они являются преуспевшими.
پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە چاقىرىلسا مۇئمىنلەر پەقەت: ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدۇق، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشى كېرەك. مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
24:52Страница 356
وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَخۡشَ ٱللَّهَ وَيَتَّقۡهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ ٥٢
Те, которые повинуются Аллаху и Его Посланнику, боятся Аллаха и исповедуют богобоязненность, обрели успех.
كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇپ، گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقىدىكەن، ئەنە شۇ كىشىلەرلا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
24:53Страница 356
۞ وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِنۡ أَمَرۡتَهُمۡ لَيَخۡرُجُنَّۖ قُل لَّا تُقۡسِمُواْۖ طَاعَةٞ مَّعۡرُوفَةٌۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ ٥٣
Они (лицемеры) приносят величайшие клятвы именем Аллаха о том, что если бы ты приказал им, то они непременно выступили бы в поход. Скажи: «Не клянитесь! Такая покорность хорошо известна. Воистину, Аллаху ведомо о том, что вы совершаете».
مۇبادا سەن مۇناپىقلارنى جىھادقا چىقىشقا بۇيرۇساڭ، ئۇلار چوقۇم چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن كۈچلۈك قەسەملەر بىلەن ئېغىزىغا پېتىشىچە قەسەم قىلىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلار ھەممىگە مەلۇم، ساختا ئىتائىتىڭلارمۇ مەلۇم. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ھەر قانچە يوشۇرساڭلارمۇ ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېگىن.
24:54Страница 357
قُلۡ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَۖ فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا عَلَيۡهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيۡكُم مَّا حُمِّلۡتُمۡۖ وَإِن تُطِيعُوهُ تَهۡتَدُواْۚ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ ٥٤
Скажи: «Повинуйтесь Аллаху и повинуйтесь Посланнику». Если вы отвернетесь, то ведь он отвечает за то, что возложено на него, а вы отвечаете за то, что возложено на вас. Но если вы подчинитесь ему, то последуете прямым путем. На Посланника возложена только ясная передача откровения.
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇناپىقلارغا ئېيتقىنكى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ناۋادا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقتىن باش تارتساڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت يەتكۈزۈش، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار بولسا بۇيرۇلغانغا ئىتائەت قىلىش ھەمدە پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەنگە ئەمەل قىلىشتۇر. ئەگەر سىلەر پەيغەمبەر قىلىشقا بۇيرۇغاننى قىلىپ، چەكلىگەننى قىلماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار توغرا يولنى تاپالايسىلەر. پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر. ئۇنىڭ سىلەرنى ھىدايەتكە ئېلىپ مېڭىش ۋە مەجبۇرلاش ۋەزىپىسى يوق.
24:55Страница 357
وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَيَسۡتَخۡلِفَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ كَمَا ٱسۡتَخۡلَفَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمۡ دِينَهُمُ ٱلَّذِي ٱرۡتَضَىٰ لَهُمۡ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّنۢ بَعۡدِ خَوۡفِهِمۡ أَمۡنٗاۚ يَعۡبُدُونَنِي لَا يُشۡرِكُونَ بِي شَيۡـٔٗاۚ وَمَن كَفَرَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ ٥٥
Аллах обещал тем из вас, которые уверовали и совершали праведные деяния, что Он непременно сделает их наместниками на земле, подобно тому, как Он сделал наместниками тех, кто был до них. Он непременно одарит их возможностью исповедовать их религию, которую Он одобрил для них, и сменит их страх на безопасность. Они поклоняются Мне и не приобщают сотоварищей ко Мне. Те же, которые после этого откажутся уверовать, являются нечестивцами.
ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن ياردەم بېرىدىغانلىقى، ئىلگىرىكى مۇئمىنلەرنى يەر يۈزىدە ئورۇنباسار قىلغاندەك ئۇلارنىمۇ ئورۇنباسار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلدى، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىن بولغان ئىسلام دىنىغا قۇدرەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، مۇئمىنلەرنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. مۇئمىنلەر پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن، ماڭا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن. كىمكى مۇشۇنچىۋالا نېئمەتلەرگە ئېرىشىپ تۇرۇپ كۇپۇرلۇق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
24:56Страница 357
وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ ٥٦
Совершайте намаз, выплачивайте закят и повинуйтесь Посланнику, - быть может, вы будете помилованы.
ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، پەيغەمبەر سىلەرنى قىلىشقا بۇيرۇغاننى قىلىڭلار، چەكلىگەننى قىلماڭلاركى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغايسىلەر.
24:57Страница 357
لَا تَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ وَلَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ ٥٧
Не думай, что неверующие могут спастись на земле. Их пристанищем будет Огонь. Как же скверно это место прибытия!
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئاللاھ ئازاب چۈشۈرمەكچى بولسا ئۇلارنى ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ، دەپ قالمىغىن. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، بارار جايى جەھەننەم بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق ھە!
24:58Страница 357
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِيَسۡتَـٔۡذِنكُمُ ٱلَّذِينَ مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ وَٱلَّذِينَ لَمۡ يَبۡلُغُواْ ٱلۡحُلُمَ مِنكُمۡ ثَلَٰثَ مَرَّٰتٖۚ مِّن قَبۡلِ صَلَوٰةِ ٱلۡفَجۡرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ ٱلظَّهِيرَةِ وَمِنۢ بَعۡدِ صَلَوٰةِ ٱلۡعِشَآءِۚ ثَلَٰثُ عَوۡرَٰتٖ لَّكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ وَلَا عَلَيۡهِمۡ جُنَاحُۢ بَعۡدَهُنَّۚ طَوَّٰفُونَ عَلَيۡكُم بَعۡضُكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ ٥٨
О те, которые уверовали! Пусть невольники, которыми овладели ваши десницы, и те, кто не достиг половой зрелости, спрашивают у вас разрешения войти в покои в трех случаях: до рассветного намаза, когда вы снимаете одежду в полдень и после вечернего намаза. Вот три времени наготы для вас. Ни на вас, ни на них нет греха за вход без разрешения, помимо этих случаев, ведь вы посещаете друг друга. Так Аллах разъясняет вам знамения. Аллах - Знающий, Мудрый.
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇل - چۆرىلىرىڭلار ۋە بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن، ھۆر بالىلىرىڭلار مۇنداق ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن رۇخسەت سورىسۇن: (بىرىنچىسى) بامدات نامىزىدىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولۇپ، بۇ سىلەرنىڭ ئويغاق ھالىتىڭلاردا كىيىدىغان كىيىمىڭلارنىڭ ئورنىغا ئۇخلاش كىيىمىڭلارنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتتۇر. (ئىككىنچىسى) چىڭقى چۈش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سىلەر چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سېلىۋېتىسىلەر. (ئۈچىنچىسى) خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنكى ۋاقىت بولۇپ، چۈنكى بۇ ۋاقىت سىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ ئۇخلايدىغان ۋاقتىڭلاردۇر. بۇ ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان) ۋاقىتلاردۇركى، بۇ ۋاقىتلاردا سىلەردىن رۇخسەت سورىماي تۇرۇپ يېنىڭلارغا ھېچكىم كىرمىسۇن. مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا چاغدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار يېنىڭلارغا رۇخسەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ - چىقىپ تۇرىدىغانلاردۇر. شۇڭا ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا رۇخسەتسىز كىرىشتىن چەكلەنسە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرگە رۇخسەت سوراشنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، يولغا قويغان ئەھكاملارغا دەلىل بولىدىغان ئايەتلەرنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكاملىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
24:59Страница 358
وَإِذَا بَلَغَ ٱلۡأَطۡفَٰلُ مِنكُمُ ٱلۡحُلُمَ فَلۡيَسۡتَـٔۡذِنُواْ كَمَا ٱسۡتَـٔۡذَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ ٥٩
Когда дети из вашего числа достигнут половой зрелости, то пусть они спрашивают разрешения, как спрашивают разрешения те, кто старше их. Так Аллах разъясняет вам Свои знамения. Аллах - Знающий, Мудрый.
كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەت يېشىغا يەتكەندە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆيلەرگە كىرمەكچى بولسا چوڭلارغا ئوخشاش رۇخسەت سورىسۇن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە رۇخسەت سوراشنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، ئايەتلىرىنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكاملىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر
24:60Страница 358
وَٱلۡقَوَٰعِدُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ ٱلَّٰتِي لَا يَرۡجُونَ نِكَاحٗا فَلَيۡسَ عَلَيۡهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعۡنَ ثِيَابَهُنَّ غَيۡرَ مُتَبَرِّجَٰتِۭ بِزِينَةٖۖ وَأَن يَسۡتَعۡفِفۡنَ خَيۡرٞ لَّهُنَّۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ ٦٠
Нет греха на престарелых женщинах, которые не надеются на замужество, если они снимут верхнюю одежду, не показывая своей красы. Но воздерживаться от этого лучше для них. Аллах - Слышащий, Знающий.
يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيزدىن ۋە تۇغۇتتىن قېپقالغان ھەمدە نىكاھلىنىش خىيالى يوق ياشانغان ئاياللار يېپىشقا بۇيرۇلغان ئىچكى زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ئاساستا پىلاش، چۈمبەل دېگەندەك بىر قىسىم تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ يۆگىنىش ۋە ئىپپىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئاشۇ كىيىملىرىنى سېلىۋەتكىنىدىن كۆپ ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
24:61Страница 358
لَّيۡسَ عَلَى ٱلۡأَعۡمَىٰ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡأَعۡرَجِ حَرَجٞ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرِيضِ حَرَجٞ وَلَا عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ أَن تَأۡكُلُواْ مِنۢ بُيُوتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ ءَابَآئِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أُمَّهَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ إِخۡوَٰنِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخَوَٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَعۡمَٰمِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ عَمَّٰتِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ أَخۡوَٰلِكُمۡ أَوۡ بُيُوتِ خَٰلَٰتِكُمۡ أَوۡ مَا مَلَكۡتُم مَّفَاتِحَهُۥٓ أَوۡ صَدِيقِكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَأۡكُلُواْ جَمِيعًا أَوۡ أَشۡتَاتٗاۚ فَإِذَا دَخَلۡتُم بُيُوتٗا فَسَلِّمُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۡ تَحِيَّةٗ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ مُبَٰرَكَةٗ طَيِّبَةٗۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ ٦١
Не будет грехом для слепого, не будет грехом для хромого, не будет грехом для больного и для вас самих, если вы будете есть в ваших домах, или в домах ваших отцов, или в домах ваших матерей, или в домах ваших братьев, или в домах ваших сестер, или в домах ваших дядей по отцу, или в домах ваших теток по отцу, или в домах ваших дядей по матери, или в домах ваших теток по матери, или в тех домах, ключи которых в вашем распоряжении, или в доме вашего друга. Не будет грехом для вас, если вы будет есть вместе или в отдельности. Когда вы входите в дома, то приветствуйте себя (друг друга) приветствием от Аллаха, благословенным, благим. Так Аллах разъясняет вас знамения, - быть может, вы уразумеете.
كۆرمەس بوپقالغان ئەما، توكۇر ۋە كېسەللەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ئوخشاش ئىبادەتلەرنى ئورۇندىيالمىسا گۇناھ بولمايدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، دادىلىرىڭلارنىڭ، ئانىلىرىڭلارنىڭ، قىز - ئوغۇل قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ، تاغا ۋە ھاممىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قاراپ قويۇشۇڭلار ھاۋالە قىلىنغان ئۆيلەردىن، ئادەتتە سىلەر بىر نەرسىسىنى يېسەڭلار رازى بولىدىغان دوستۇڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن يەپ - ئىچكىنىڭلارغا قارىتا گۇناھكار بولمايسىلەر. مەيلى سىلەر توپلىشىپ يەڭلار ياكى يالغۇز يەڭلار، سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆيلەرگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆيلەرگە كىرمەكچى بولغىنىڭلاردا ئۆيدىكىلەرگە: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، دەپ سالام بېرىڭلار. ئەگەر ئۆيدە ھېچكىم بولمىسا: بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە سالام بولسۇن، دەپ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىڭلار. بۇ ئاللاھ تەرەپتىن يولغا قويۇلغان بەرىكەتلىك سالامدۇركى، ئاراڭلاردا دوستلۇق ۋە مېھىر - مۇھەببەت تارقىتىدۇ، ئۇنى ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدۇ. بۇ سۈرىدە ئىلگىرى ئۆتكەن بۇ كونكرېت بايانلارغا ئوخشاش، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ چۈشىنىپ، ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايەتلىرىنى كونكرېت بايان قىلىدۇ.
24:62Страница 359
إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَإِذَا كَانُواْ مَعَهُۥ عَلَىٰٓ أَمۡرٖ جَامِعٖ لَّمۡ يَذۡهَبُواْ حَتَّىٰ يَسۡتَـٔۡذِنُوهُۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسۡتَـٔۡذِنُونَكَ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ فَإِذَا ٱسۡتَـٔۡذَنُوكَ لِبَعۡضِ شَأۡنِهِمۡ فَأۡذَن لِّمَن شِئۡتَ مِنۡهُمۡ وَٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُمُ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٦٢
Верующими являются только те, которые уверовали в Аллаха и Его Посланника. Когда они находятся рядом с ним по общему делу, то не уходят, пока не попросят у него разрешения. Воистину, те, которые просят у тебя разрешения, действительно являются верующими в Аллаха и Его Посланника. Если они попросят у тебя разрешения по поводу некоторых из своих дел, то разрешай тому из них, кому пожелаешь, и проси Аллаха простить их. Воистину, Аллах - Прощающий, Милосердный.
شەكسىزكى ئىمانىدا سەمىمىي بولغان مۇئمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇركى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىش ئۈستىدە جەم بولغان چاغلىرىدا قايتىپ كەتمەكچى بولسا، (پەيغەمبەردىن) رۇخسەت سورىمىغۇچە قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى قايتماقچى بولغاندا سەندىن رۇخسەت سورايدىغان كىشىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بولۇپ، ناۋادا ئۇلارنىڭ بىرەر مۇھىم ئىشى چىقىپ قېلىپ سەندىن رۇخسەت سورىسا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە رۇخسەت بېرىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسەڭ بولىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
24:63Страница 359
لَّا تَجۡعَلُواْ دُعَآءَ ٱلرَّسُولِ بَيۡنَكُمۡ كَدُعَآءِ بَعۡضِكُم بَعۡضٗاۚ قَدۡ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنكُمۡ لِوَاذٗاۚ فَلۡيَحۡذَرِ ٱلَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنۡ أَمۡرِهِۦٓ أَن تُصِيبَهُمۡ فِتۡنَةٌ أَوۡ يُصِيبَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ ٦٣
Не равняйте обращение к Посланнику среди вас с тем, как вы обращаетесь друг к другу. Аллах знает тех из вас, которые уходят украдкой под прикрытием. Пусть же остерегаются те, которые противятся его воле, как бы их не постигло искушение или не постигли их мучительные страдания.
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھۆرمەتلەڭلار. ناۋادا ئۇنى چاقىرماقچى بولساڭلار، بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغىنىڭلارغا ئوخشاش: ئەي مۇھەممەد! دەپ ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ياكى: ئەي ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى! دەپ دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇدۇللا چاقىرماي، ئەي رەسۇلۇللاھ ياكى ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەپ چاقىرىڭلار. ناۋادا ئۇ سىلەرنى بىرەر ئىش ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك چاقىرسا، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئۆز ئاراڭلاردىكى بىر قىسىم ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماڭلار، ئەكسىچە ئۇنىڭغا دەرھال ئاۋاز قوشۇڭلار. ئاللاھ ئاراڭلاردىن رۇخسەتسىز غىپپىدە تىكىۋېتىدىغانلارنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بىرەر خاپىلىق ۋە مۇسىبەت كەلتۈرۈشىدىن ياكى چىدىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق بىئارام قىلىدىغان ئازاب كەلتۈرۈشىدىن پەخەس بولسۇن.
24:64Страница 359
أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ قَدۡ يَعۡلَمُ مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ وَيَوۡمَ يُرۡجَعُونَ إِلَيۡهِ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُواْۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ ٦٤
Воистину, Аллаху принадлежит то, что на небесах и на земле. Он знает ваше положение и тот день, когда они будут возвращены к Нему. Он поведает им о том, что они совершили. Аллаху известно о всякой вещи.
بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە پىلانلاش جەھەتلەردە يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ بارچە ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇكى، سىلەرنىڭ ھېچبىر ئەھۋالىڭلار ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ. قىيامەت كۈنى -ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ ئۇنىڭ دەرگاھىدا قايتىپ بارغانلىرىدا- ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغانلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии