Аль-МухтасарЙа Син · 36:1–61

Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском

يس

Йа Син

Йа Син · Мекканская · 83 аята

36:1Страница 440

يسٓ ١

Йа. Син.

سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنداق ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

36:2Страница 440

وَٱلۡقُرۡءَانِ ٱلۡحَكِيمِ ٢

Клянусь мудрым Кораном!

ئاللاھ تائالا ئايەتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا ۋە ھېكمەتلىك، ئۇنىڭ ئالدىدىنمۇ ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرەپتىن) باتىل يۈزلىنەلمەيدىغان قۇرئان كەرىم بىلەن قەسەم قىلىدۇ.

36:3Страница 440

إِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ ٣

Воистину, ты - один из посланников

ئى پەيغەمبەر! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى تەۋھىدكە ۋە ئىبادەتكە بۇيرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىنسەن.

36:4–5Страница 440

عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ ٤

на прямом пути.

تَنزِيلَ ٱلۡعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ ٥

Он ниспослан Могущественным, Милосердным,

سەن توغرا يول ھەم توغرا شەرىئەت ئۈستىدىدۇرسەن. بۇ توغرا يول ۋە توغرا شەرىئەت ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئۇ مۇئمىن بەندىلىرىگە كۆيۈمچاندۇر.

36:6Страница 440

لِتُنذِرَ قَوۡمٗا مَّآ أُنذِرَ ءَابَآؤُهُمۡ فَهُمۡ غَٰفِلُونَ ٦

чтобы ты предостерег людей, отцов которых никто не предостерег, из-за чего они оставались беспечными невеждами.

بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى شۇنداق بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇقكى، ئۇلار بولسا ئەرەبلەردۇر. ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر كەلمىگەن بولغاچقا، ئۇلار ئىماندىن ۋە تەۋھىد ئېتىقادىدىن بىخەۋەردۇر. ئەنە شۇنىڭدەك ئاگاھلاندۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالغان ھەر قانداق ئۈممەت (ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى) ئەسلىتىدىغان پەيغەمبەرلەرگە موھتاج بولىدۇ.

36:7Страница 440

لَقَدۡ حَقَّ ٱلۡقَوۡلُ عَلَىٰٓ أَكۡثَرِهِمۡ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ٧

Относительно большинства из них сбылось Слово, и они не уверуют.

بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئاللاھنىڭ ئازابى تېگىشلىك بولدى. چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەن ھەقىقەت كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتماي، كۇپرىدا چىڭ تۇرۇشتى. دېمەك ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتمايدۇ، ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتكىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ.

36:8Страница 440

إِنَّا جَعَلۡنَا فِيٓ أَعۡنَٰقِهِمۡ أَغۡلَٰلٗا فَهِيَ إِلَى ٱلۡأَذۡقَانِ فَهُم مُّقۡمَحُونَ ٨

Воистину, Мы наложили на их шеи оковы до самого подбородка, и их головы задраны.

ئۇلار بۇنىڭدا (يەنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىقتا) بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنغان، قوللىرى زاڭاقلىرىنىڭ ئاستىغا بويۇنلىرى بىلەن قوشۇپ باغلانغان، شۇ سەۋەبتىن باشلىرىنى ئاسمان تەرەپكە كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ۋە باشلىرىنى پەس قىلالمايدىغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ. يەنى ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن كىشەنلەنگەنلەردۇركى، ئۇنىڭغا باش ئېگەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن باشلىرىنى پەسمۇ قىلالمايدۇ.

36:9Страница 440

وَجَعَلۡنَا مِنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ سَدّٗا وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ سَدّٗا فَأَغۡشَيۡنَٰهُمۡ فَهُمۡ لَا يُبۡصِرُونَ ٩

Мы установили преграду перед ними и преграду позади них и накрыли их покрывалом, и они не видят.

بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتتىن بىر توسۇق، كەينىدىمۇ بىر توسۇق پەيدا قىلدۇق، كۆزلىرىنى ھەقىقەتتىن پەردىلىۋەتتۇق. شۇڭا ئۇلار ھەقىقەتنى ئەسقاتىدىغان رەۋىشتە كۆرەلمەيدۇ. بۇ خىل ھالەت، ھەقىقەت ئاشكارا بولغان تۇرسىمۇ ئۇلار يەنىلا كۇپۇرلۇقتا چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن شەكىللەندى.

36:10Страница 440

وَسَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ ءَأَنذَرۡتَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تُنذِرۡهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ١٠

Им все равно, предостерег ты их или не предостерег. Они не веруют.

ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن ياكى ئاگاھلاندۇرمامسەن، ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلغۇچى بۇ كاپىرلارغا بەرىبىر. چۈنكى ئۇلار سەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتمايدۇ.

36:11Страница 440

إِنَّمَا تُنذِرُ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلذِّكۡرَ وَخَشِيَ ٱلرَّحۡمَٰنَ بِٱلۡغَيۡبِۖ فَبَشِّرۡهُ بِمَغۡفِرَةٖ وَأَجۡرٖ كَرِيمٍ ١١

Ты можешь предостеречь только того, кто последовал за Напоминанием и устрашился Милостивого, не видя Его воочию. Обрадуй его вестью о прощении и щедрой награде.

شەكسىزكى بۇ قۇرئاننى راست دەپ بىلگەن، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلغان، پەرۋەردىگارىدىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدىغان خىلۋەتتە قالغاندىمۇ ئۇنىڭدىن قورققان ئادەمگىلا سېنىڭ ئاگاھلاندۇرغىنىڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ. مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھىنى يوققا چىقىرىپ، مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىدىن ھەمدە ئاخىرەتتە ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەرگىن.

36:12Страница 440

إِنَّا نَحۡنُ نُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَنَكۡتُبُ مَا قَدَّمُواْ وَءَاثَٰرَهُمۡۚ وَكُلَّ شَيۡءٍ أَحۡصَيۡنَٰهُ فِيٓ إِمَامٖ مُّبِينٖ ١٢

Воистину, Мы оживляем мертвых и записываем то, что они совершили, и то, что они оставили после себя. Всякую вещь Мы подсчитали в ясном руководстве (Хранимой скрижали).

شەكسىزكى بىز قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇلارنىڭ مەيلى سەدىقە جارىيەگە ئوخشاش ياخشىلىقلىرى بولسۇن ياكى كۇپۇرلۇققا ئوخشاش يامانلىقلىرى بولسۇن، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئىزى قېپقالىدىغان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز. دەرۋەقە بىز ھەر نەرسىنى روشەن كىتابقا، يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈپ قويدۇق.

36:13Страница 441

وَٱضۡرِبۡ لَهُم مَّثَلًا أَصۡحَٰبَ ٱلۡقَرۡيَةِ إِذۡ جَآءَهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ ١٣

В качестве притчи приведи им жителей селения, к которым явились посланники.

ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ سەركەش كاپىرلارغا ئىبرەت بولىدىغان بىر مىسال كەلتۈرگىنكى، ئۇ بولسا (ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنىڭ قىسسىسىدۇر. ئەينى چاغدا ئۇلارغىمۇ پەيغەمبەرلىرى كەلگەن ئىدى.

36:14Страница 441

إِذۡ أَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهِمُ ٱثۡنَيۡنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزۡنَا بِثَالِثٖ فَقَالُوٓاْ إِنَّآ إِلَيۡكُم مُّرۡسَلُونَ ١٤

Когда Мы отправили к ним двух посланников, они сочли их лжецами, и тогда Мы подкрепили их третьим. Они сказали: «Воистину, мы посланы к вам».

ئەينى چاغدا بىز ئۇلارنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىشى ئۈچۈن دەسلەپتە ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار بۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچىنچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنى كۈچەيتتۇق. ئاندىن بۇ ئۈچ پەيغەمبەر (ئەنتاكىيە) ئاھالىسىگە: بىز ئۈچىمىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز. سىلەرنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز، دېدى.

36:15Страница 441

قَالُواْ مَآ أَنتُمۡ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا وَمَآ أَنزَلَ ٱلرَّحۡمَٰنُ مِن شَيۡءٍ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا تَكۡذِبُونَ ١٥

Они сказали: «Вы - такие же люди, как и мы. Милостивый ничего не ниспосылал, а вы всего лишь лжете».

شەھەر ئاھالىسى ئۇلارغا: سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، چۈنكى سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. مېھرىبان ئاللاھمۇ سىلەرگە ۋەھىي نازىل قىلغىنى يوق. سىلەر پەقەت بۇ دەۋايىڭلاردا ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتىسىلەر، دېيىشتى.

36:16Страница 441

قَالُواْ رَبُّنَا يَعۡلَمُ إِنَّآ إِلَيۡكُمۡ لَمُرۡسَلُونَ ١٦

Они сказали: «Наш Господь знает, что мы действительно посланы к вам.

ئۇلار شەھەر ئاھالىسىگە جاۋابەن ئېيتتى: ئى شەھەر ئەھلى! پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز، مۇشۇ بىزگە پاكىت بولۇشقا يېتەرلىك.

36:17Страница 441

وَمَا عَلَيۡنَآ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ ١٧

На нас возложена только ясная передача откровения».

بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز پەقەت سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر. ئەمما سىلەرنى ھىدايەت قىلالمايمىز.

36:18Страница 441

قَالُوٓاْ إِنَّا تَطَيَّرۡنَا بِكُمۡۖ لَئِن لَّمۡ تَنتَهُواْ لَنَرۡجُمَنَّكُمۡ وَلَيَمَسَّنَّكُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٞ ١٨

Они сказали: «Воистину, мы увидели в вас дурное предзнаменование. Если вы не прекратите, то мы непременно побьем вас камнями и вас коснутся мучительные страдания от нас».

شەھەر ئاھالىسى ئەلچىلەرگە: شەكسىزكى بىز سىلەردىن شۇملۇق كېلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئەگەر سىلەر بىزنى تەۋھىدكە چاقىرىشتىن توختىمىساڭلار، سىلەرنى تاش ئېتىپ ئۆلتۈرىمىز، بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا ئۇچرايسىلەر، دېدى.

36:19Страница 441

قَالُواْ طَٰٓئِرُكُم مَّعَكُمۡ أَئِن ذُكِّرۡتُمۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٞ مُّسۡرِفُونَ ١٩

Они сказали: «Ваше дурное предзнаменование обратится против вас самих. Неужели, если вас предостерегают, вы считаете это дурным предзнаменованием? О нет! Вы - народ излишествующий.

ئەلچىلەر ئۇلارغا جاۋابەن: سىلەرنىڭ شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلاردا ئەزەلدىن بار، چۈنكى سىلەر ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئەگەشمىدىڭلار. بىز سىلەرگە ئاللاھنى ئەسلىتىپ قويساق، (بىزدىن) شۇملۇق كېلىدۇ، دەپ قارامسىلەر؟ ئەكسىچە سىلەر كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەت ئۆتكۈزۈشتە چەكتىن ئاشىدىغان قەۋم سىلەر، دېدى.

36:20Страница 441

وَجَآءَ مِنۡ أَقۡصَا ٱلۡمَدِينَةِ رَجُلٞ يَسۡعَىٰ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱتَّبِعُواْ ٱلۡمُرۡسَلِينَ ٢٠

С окраины города второпях пришел мужчина и сказал: «О мой народ! Последуйте за посланниками.

شەھەرنىڭ چېتىدىن بىر ئادەم قەۋمىنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىپ. ئۆلتۈرۈش ۋە ئەزىيەت بېرىش بىلەن تەھدىت سالغانلىقىدىن ئەنسىرەپ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ ئېيتتى: ئەي كۆپچىلىك! بۇ پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەنگە ئەگىشىڭلار.

36:21Страница 441

ٱتَّبِعُواْ مَن لَّا يَسۡـَٔلُكُمۡ أَجۡرٗا وَهُم مُّهۡتَدُونَ ٢١

Последуйте за теми, кто не просит у вас награды и следует прямым путем.

ئەي قەۋمىم! ئېلىپ كەلگەننى يەتكۈزگەنلىكىگە سىلەردىن ھېچقانداق ھەق سورىمايدىغان، ھالبۇكى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتە توغرا قىلغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار. مۇشۇنداق كىشىلەر ئەگىشىشكە ئەڭ لايىق كىشىلەردۇر.

36:22Страница 441

وَمَالِيَ لَآ أَعۡبُدُ ٱلَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ ٢٢

И почему бы мне не поклоняться Тому, Кто сотворил меня и к Кому вы будете возвращены?

بۇ نەسىھەت قىلغۇچى ئادەم ئېيتتى: مەن ئۆزۈمنى ياراتقان ئاللاھقا نېمە دەپ ئىبادەت قىلمىغۇدەكمەن؟ سىلەرمۇ نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلمايسىلەر؟ ھالبۇكى سىلەر جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ يالغۇز ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلۇسىلەر.

36:23Страница 441

ءَأَتَّخِذُ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً إِن يُرِدۡنِ ٱلرَّحۡمَٰنُ بِضُرّٖ لَّا تُغۡنِ عَنِّي شَفَٰعَتُهُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا يُنقِذُونِ ٢٣

Неужели я стану поклоняться другим богам помимо Него? Ведь если Милостивый пожелает причинить мне зло, то их заступничество ничем не поможет мне, и они не спасут меня.

مەن ئۆزۈمنى ياراتقان ئاللاھنى قويۇپ، (مەبۇد بولۇشقا) قىلچە سالاھىيىتى بولمىغان مەبۇدلارنى (ئىلاھ) قىلىمەنمۇ؟ ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر خاپىلىقنى ئىرادە قىلسا، بۇ مەبۇدلارنىڭ شاپائىتى ھېچنېمىگە ئار تۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇ مەبۇدلار ماڭا بىرە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ناۋادا مەن كاپىر پېتى ئۆلۈپ كەتسەم، بۇ مەبۇدلار مېنى ئاللاھ ئىرادە قىلغان جازادىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ.

36:24Страница 441

إِنِّيٓ إِذٗا لَّفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ ٢٤

Вот тогда я окажусь в очевидном заблуждении.

ناۋادا مەن ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، قۇلچىلىق قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان نەرسىگە چوقۇنۇپ، قۇلچىلىققا ھەقىقىي لايىق بولغان زاتقا ئىبادەت قىلىشنى تەرك ئەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئوپئوچۇق گۇمراھلىققا چۈشكەن بولىمەن.

36:25Страница 441

إِنِّيٓ ءَامَنتُ بِرَبِّكُمۡ فَٱسۡمَعُونِ ٢٥

Воистину, я уверовал в вашего Господа. Послушайте же меня».

ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتىم. ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، مەن سىلەر ماڭا تەھدىت سېلىۋاتقان ئۆلۈمگە پەرۋا قىلمايمەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ بەرگەن جاۋابى ئۇنى ئۆلتۈرۈش بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزدى.

36:26–27Страница 441

قِيلَ ٱدۡخُلِ ٱلۡجَنَّةَۖ قَالَ يَٰلَيۡتَ قَوۡمِي يَعۡلَمُونَ ٢٦

Ему было сказано: «Войди в Рай!». Он сказал: «О, если бы мой народ знал,

بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ ٱلۡمُكۡرَمِينَ ٢٧

за что мой Господь простил меня (или что мой Господь простил меня) и что Он сделал меня одним из почитаемых!».

ئۇ شېھىت بولغاندىن كېيىن ئۇنى ھۆرمەتلەپ: جەننەتكە كىرگىن، دېيىلدى. ئۇ جەننەتكە كىرىپ، جەننەتنىڭ ئىچىدىكى نازۇنېئمەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن (قەۋمىنىڭمۇ مۇشۇ جەننەتكە كىرىشىنى) ئارزۇ قىلىپ: كاشكى مېنى يالغانغا چىقىرىپ، ئۆلتۈرۈۋەتكەن قەۋمىم گۇناھلىرىمنىڭ مەغپىرەت قىلىنغانلىقىنى ۋە پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى بىلگەن بولسىچۇ! (كاشكى ئۇلارمۇ) مەن ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىپ، ماڭا ئوخشاش مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولسىچۇ! دەيدۇ.

36:28Страница 442

۞ وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَىٰ قَوۡمِهِۦ مِنۢ بَعۡدِهِۦ مِن جُندٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا كُنَّا مُنزِلِينَ ٢٨

После него Мы не ниспослали на его народ никакого войска с неба и не собирались делать этого.

بىز ئۇنى ئىنكار قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن پەرىشتىلەردىن تەشكىللەنگەن بىرەر قوشۇن چۈشۈرۈشكە موھتاج بولمىدۇق. چۈنكى ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۇنىڭدىن تولىمۇ قولاي ئىدى. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنىڭ پەقەت ئاسمان تەرەپتىن كەلگەن بىر ئاۋاز بىلەنلا تاماملىنىشىنى بېكىتتۇق، ئازاب پەرىشتىلىرىنى چۈشۈرۈپمۇ ئولتۇرمىدۇق.

36:29Страница 442

إِن كَانَتۡ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَإِذَا هُمۡ خَٰمِدُونَ ٢٩

Был всего лишь один глас, и они затухли.

شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىش ھېكايىسى پەقەت بىز ئۇلارغا ئەۋەتكەن بىر ئاۋاز بىلەنلا پۈتتى. ئۇلار بىردىنلا يىقىلىپ، بۇندىن ئىلگىرى ھېچ مەۋجۇت بوپباقمىغاندەك بولۇپ كېتىشتى. ئۇلار خۇددى لاۋۇلداپ كۆيۈۋېتىپ، بىردىنلا ئۆچۈپ قالغان، ئاندىن ھېچ ئىزناسى قالمىغان ئوتقا ئوخشايتتى.

36:30Страница 442

يَٰحَسۡرَةً عَلَى ٱلۡعِبَادِۚ مَا يَأۡتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ ٣٠

О горе рабам! Не приходил к ним ни один посланник, над которым бы они не издевались.

پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغۇچى بەندىلەرگە مىڭ ئەپسۇسكى، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئازابنى كۆرگەندە ھەسرەت چېكىشىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، زاڭلىق قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئاقىۋىتى ئاللاھنىڭ ھەقلىرىگە سەل قارىغانلىقلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىش بولىدۇ.

36:31Страница 442

أَلَمۡ يَرَوۡاْ كَمۡ أَهۡلَكۡنَا قَبۡلَهُم مِّنَ ٱلۡقُرُونِ أَنَّهُمۡ إِلَيۡهِمۡ لَا يَرۡجِعُونَ ٣١

Неужели они не видят, сколько поколений Мы погубили до них и что они не вернутся к ним?

بۇ ئىنكارچىلار، پەيغەمبەرلەرنى مەسخىرە قىلغۇچىلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئىبرەتلىك ھالىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بىر ئۆلۈپ كەتكەن پېتى بۇ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتقىنى يوق. ئۇلار بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بولدى. ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىدۇ.

36:32Страница 442

وَإِن كُلّٞ لَّمَّا جَمِيعٞ لَّدَيۡنَا مُحۡضَرُونَ ٣٢

Воистину, все они будут собраны у Нас.

ھېچكىم چالا قالماي، پۈتكۈل ئۈممەتلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا - مۇكاپاتلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ.

36:33Страница 442

وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلۡأَرۡضُ ٱلۡمَيۡتَةُ أَحۡيَيۡنَٰهَا وَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهَا حَبّٗا فَمِنۡهُ يَأۡكُلُونَ ٣٣

Знамением для них является мертвая земля, которую Мы оживили и извлекли из нее зерно, которым они питаются.

قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ بەرھەقلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، بۇ قاقاس زېمىنغا بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا تۈرلۈك - تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ئاشلىقلارنى چىقىرىپ بەردۇق. مۇشۇنداق (قاقاس) زېمىننى يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جانلاندۇرغان زات ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە ۋە ئۇلارنى قەبرىلىرىدىن تىرىك پېتى چىقىرىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر.

36:34Страница 442

وَجَعَلۡنَا فِيهَا جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ وَفَجَّرۡنَا فِيهَا مِنَ ٱلۡعُيُونِ ٣٤

Мы создали на ней сады из финиковых пальм и винограда и заставили биться в них источники,

بىز يامغۇر ياغدۇرغان بۇ زېمىننى خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارغا ئايلاندۇردۇق، ئۇنىڭدا ئۇ باغلارنى سۇغۇرىدىغان بۇلاقلارنى ئېقىتىپ بەردۇق.

36:35Страница 442

لِيَأۡكُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦ وَمَا عَمِلَتۡهُ أَيۡدِيهِمۡۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ ٣٥

чтобы они вкушали их плоды и то, что создали своими руками (или чтобы они вкушали плоды, которые они не создали своими руками). Неужели они не будут благодарны?

(بۇنداق قىلىشىمىز) ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا نېئمەت قىلىپ بەرگەن ئاشۇ باغنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشلىرى ئۈچۈندۇركى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدا ھېچقانداق قان - تەرى يوق. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇلار يالغۇز ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمامدۇ؟

36:36Страница 442

سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَزۡوَٰجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلۡأَرۡضُ وَمِنۡ أَنفُسِهِمۡ وَمِمَّا لَا يَعۡلَمُونَ ٣٦

Пречист Тот, Кто сотворил парами то, что растит земля, их самих и то, чего они не знают.

تۈرلۈك - تۈرلۈك مېۋىلەرنى ۋە دەل - دەرەخلەرنى ياراتقان ئاللاھ تائالا مۇقەددەستۇركى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ ئەر ۋە ئاياللارنى ياراتتى، ئىنسانلار قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بىلمەيدىغان يەنە باشقا نەرسىلەرنىمۇ ياراتتى.

36:37Страница 442

وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلَّيۡلُ نَسۡلَخُ مِنۡهُ ٱلنَّهَارَ فَإِذَا هُم مُّظۡلِمُونَ ٣٧

Знамением для них является ночь, которую Мы отделяем ото дня, и вот они погружаются во мрак.

ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان يەنە بىر ئالامەت شۇكى، بىز كۈندۈزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كېچىنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق يورۇقلۇقنى يوق قىلىمىز. كۈندۈزنى يورۇقلۇقتىن چىقىرىپ، كۈندۈز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قاراڭغۇلۇقنى كەلتۈرسەك، ئىنسانلار بىردىنلا قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

36:38Страница 442

وَٱلشَّمۡسُ تَجۡرِي لِمُسۡتَقَرّٖ لَّهَاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ ٣٨

Солнце плывет к своему местопребыванию. Так предопределил Могущественный, Знающий.

ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان يەنە بىر ئالامەت شۇكى، بۇ قۇياش بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قانچىلىك مېڭىشىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇ بېكىتىلگەن جايدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىنى بىلگۈچى، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدىغان زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.

36:39Страница 442

وَٱلۡقَمَرَ قَدَّرۡنَٰهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَٱلۡعُرۡجُونِ ٱلۡقَدِيمِ ٣٩

Мы предопределили для луны положения, пока она вновь не становится подобна старой пальмовой ветви.

ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان يەنە بىر ئالامەت مۇشۇ ئايدۇركى، بىز ئۇنىڭ ھەر كېچە بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسىنى بېكىتتۇق. ئۇ دەسلەپتە كىچىك كۆرۈنۈپ، ئاستا - ئاستا چوڭىيىپ، ئاندىن يەنە كىچىكلەشكە باشلايدۇ، نىھايەت ئۇ ئىنچىكىلەپ، ئېگىلىپ، سۇسلىشىپ، كونىراپ كەتكەنلىكتىن كۆزگىمۇ چېلىقمايدىغان خورمىنىڭ ئەگرى شېخىدەك بوپقالىدۇ.

36:40Страница 442

لَا ٱلشَّمۡسُ يَنۢبَغِي لَهَآ أَن تُدۡرِكَ ٱلۡقَمَرَ وَلَا ٱلَّيۡلُ سَابِقُ ٱلنَّهَارِۚ وَكُلّٞ فِي فَلَكٖ يَسۡبَحُونَ ٤٠

Солнцу не надлежит догонять луну, и ночь не опережает день. Каждый плывет по орбите.

قۇياش بىلەن ئاينىڭ ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالامەتلىرى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ ئۆزلىرىگە بېكىتىپ بەرگەن چەكتىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن قۇياشنىڭ ئۆز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ ئايغا يېتىشىۋېلىشى ياكى ئۇنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس، كېچىنىڭمۇ كۈندۈزنىڭ ئالدىغا چىقىپ كېتىپ، كۈندۈزنىڭ ۋاقتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كۈندۈزگە كىرىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان پىلانېتلار ۋە سەييارىلەر باردۇركى، ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئۆزلىرىگە خاس ئوربىتىلىرى بار.

36:41Страница 443

وَءَايَةٞ لَّهُمۡ أَنَّا حَمَلۡنَا ذُرِّيَّتَهُمۡ فِي ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ ٤١

Знамением для них является то, что Мы перенесли их потомство в переполненном ковчеге.

شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ۋە بەندىلىرىگە نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئالامىتى شۇكى، نۇھنىڭ زامانىدا تۇپان بالاسىدىن ئامان قالغان كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى توشقۇزۇلغان كېمىگە چىقارغانلىقىمىزدۇر. ئۇ كېمىگە ھەر تۈر مەخلۇقتىن بىر جۈپتىن ئېلىنغان ئىدى.

36:42Страница 443

وَخَلَقۡنَا لَهُم مِّن مِّثۡلِهِۦ مَا يَرۡكَبُونَ ٤٢

Мы создали для них по его подобию то, на что они садятся.

ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ۋە بەندىلىرىگە نېئمەتلەر ئاتا قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئالامىتى، ئۇلار ئۈچۈن نۇھنىڭ كېمىسىگە ئوخشاش قاتناش قوراللىرىنى پەيدا قىلىپ بەرگەنلىكىمىزدۇر.

36:43Страница 443

وَإِن نَّشَأۡ نُغۡرِقۡهُمۡ فَلَا صَرِيخَ لَهُمۡ وَلَا هُمۡ يُنقَذُونَ ٤٣

Если Мы пожелаем, то потопим их, и тогда никто не спасет их, и сами они не спасутся,

ناۋادا بىز ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىشنى خالىغان بولساق ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق. بىز ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان نىجاتكار بولمايتتى. مۇبادا ئۇلار بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز ۋە ھۆكمىمىز بىلەن غەرق قىلىنغان بولسا، ئۇلارنى ھېچكىم قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايتتى.

36:44Страница 443

إِلَّا رَحۡمَةٗ مِّنَّا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ ٤٤

если только Мы не окажем им милость и не позволим им пользоваться благами до определенного времени.

لېكىن بىز غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەلۇم مۇددەت دۇنيادىن بەھىرلىنىشى ئۈچۈن قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا شەپقەت قىلىمىز، ئۇلار بېكىتىلگەن چەكتىن ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىمان ئېيتىۋالغاي.

36:45Страница 443

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّقُواْ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيكُمۡ وَمَا خَلۡفَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ ٤٥

Когда им говорят: «Бойтесь того, что перед вами, и того, что после вас, чтобы вы были помилованы», - они не отвечают.

ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ مۇشرىكلارغا: ئالدىڭلاردا كېلىدىغان ئاخىرەتتىن ۋە ئۇنىڭ دەھشەتلىرىدىن بولۇڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى مەرھەمىتىگە ئېلىپ، ياخشىلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۆتكۈنچى دۇنيادىن پەخەس بولۇڭلار دېيىلسە، ئۇلار بۇنداق قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭدىن پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈيدۇ.

36:46Страница 443

وَمَا تَأۡتِيهِم مِّنۡ ءَايَةٖ مِّنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِمۡ إِلَّا كَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ ٤٦

Какое бы знамение из знамений их Господа не явилось к ним, они непременно отворачиваются от него.

بۇ تەرسا مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقىنى ۋە ئۇنىڭلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان مۆجىزىلىرى كەلسە، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، ھەقتىن يۈز ئۆرۈيدۇ.

36:47Страница 443

وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ أَنفِقُواْ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنُطۡعِمُ مَن لَّوۡ يَشَآءُ ٱللَّهُ أَطۡعَمَهُۥٓ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ ٤٧

Когда им говорят: «Расходуйте из того, чем вас наделил Аллах», - неверующие говорят верующим: «Неужели мы будем кормить того, кого накормил бы Аллах, если бы пожелал? Воистину, вы лишь находитесь в очевидном заблуждении».

بۇ تەرسالارغا: ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللىرىڭلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاجىز كەمبەغەللەرگىمۇ بېرىڭلار دېيىلسە، ئۇلار ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە قوپاللىق بىلەن رەددىيە قايتۇرۇپ: ئاللاھ خالىسا تاماق بېرىدىغان كىشىلەرگە بىز تاماق بېرىمىزمۇ؟ بىز ئاللاھنىڭ خاھىشىغا خىلاپ ئىش قىلمايمىز. ئەي مۇئمىنلەر، سىلەر ئوپئوچۇق خاتالىق ئىچىدە ۋە ھەقىقەتتىن يىراق سىلەر، دېيىشىدۇ.

36:48Страница 443

وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ ٤٨

Они говорят: «Когда сбудется это обещание, если вы говорите правду?».

ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلار قايتا تىرىلىشنى يالغانغا چىقىرىپ ۋە ئۇنى يىراق ساناپ: ئەي مۇئمىنلەر، بۇ قايتا تىرىلىش قاچان بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار قېنى دەپ بېقىڭلار، دەيدۇ.

36:49Страница 443

مَا يَنظُرُونَ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ تَأۡخُذُهُمۡ وَهُمۡ يَخِصِّمُونَ ٤٩

Им нечего ожидать, кроме одного только гласа, который поразит их тогда, когда они будут препираться.

قايتا تىرىلىشنى يىراق سانايدىغان بۇ ئىنكارچىلار پەقەت سۈر پۈۋلەنگەن چاغدىكى بىرىنچى پۈۋلىنىشنى كۈتىدۇ. ئاندىن ئۇلار سودا - سېتىق، دېھقانچىلىق، پادىچىلىق ۋە باشقا دۇنيا مەشغۇلاتلىرى بىلەن ئاۋارە بولۇپ تۇرغاندا بۇ ئاۋاز ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ.

36:50Страница 443

فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ تَوۡصِيَةٗ وَلَآ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِمۡ يَرۡجِعُونَ ٥٠

Они не смогут ни оставить завещание, ни вернуться к своим семьям.

ئۇلارغا بۇ ئاۋاز ئۇشتۇمتۇت كەلگەندە ئۇلار ئۆز-ئارا ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ، ئۇلار ھەتتا تۇرالغۇلىرىغا ۋە بالا - چاقىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار مۇشۇنداق مەشغۇلاتلىرى بىلەن تۇرغان يېرىدىلا جان ئۈزىدۇ.

36:51Страница 443

وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَإِذَا هُم مِّنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يَنسِلُونَ ٥١

Протрубят в Рог, и вот они устремляются к своему Господу из могил.

قايتا تىرىلىش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق سۈر پۈۋلەنگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەبرىلىرىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىغا ھېساب بېرىش ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن ئالدىراپ بارىدۇ.

36:52Страница 443

قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَا مَنۢ بَعَثَنَا مِن مَّرۡقَدِنَاۜۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَصَدَقَ ٱلۡمُرۡسَلُونَ ٥٢

Они скажут: «О горе нам! Кто поднял нас с места, где мы спали?». Это - то, что обещал Милостивый, и посланники говорили правду».

قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاپىرلار پۇشايمان قىلىپ: ۋاي ئىسىت! بىزنى قەبرىلىرىمىزدىن كىم چىقاردى؟ دېيىشىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇ سوئاللىرىغا: بۇ ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئىشتۇر، بۇ ئىش چوقۇم يۈز بېرەتتى. پەيغەمبەرلەر پەرۋەردىگارىدىن يەتكۈزگەن ئىشلاردا راست ئېيتقان ئىدى، دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ.

36:53Страница 443

إِن كَانَتۡ إِلَّا صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَإِذَا هُمۡ جَمِيعٞ لَّدَيۡنَا مُحۡضَرُونَ ٥٣

Будет один только глас, и все они будут собраны у Нас.

قەبرىلەردىن تىرىلىپ چىقىش ئىشى ئىككىنچى قېتىملىق سۈر پۈۋلىنىشتىن كېيىنلا بولىدۇ. پۈتكۈل مەخلۇقاتلار قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئۈچۈن ھۇزۇرىمىزغا ئۇشتۇمتۇت ئېلىپ كېلىنىدۇ.

36:54Страница 443

فَٱلۡيَوۡمَ لَا تُظۡلَمُ نَفۡسٞ شَيۡـٔٗا وَلَا تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٥٤

Сегодня ни одной душе не будет причинено никакой несправедливости, и вам воздастся только за то, что вы совершали.

ئۇ كۈندە ھۆكۈم ئادالەت بىلەن بولىدۇ. ئەي بەندىلەر! سىلەر خاتالىقلىرىڭلار كۆپەيتىلىش ياكى ياخشىلىقلىرىڭلار كېمەيتىلىش بىلەن زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر. شەكسىزكى سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازا - مۇكاپاتىغا تولۇق ئېرىشىسىلەر.

36:55Страница 444

إِنَّ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ ٱلۡيَوۡمَ فِي شُغُلٖ فَٰكِهُونَ ٥٥

Воистину, обитатели Рая сегодня будут заняты тем, что будут наслаждаться.

شەكسىزكى قىيامەت كۈنىدە جەننەت ئەھلىنىڭ باشقىلار ھەققىدە باش قاتۇرغۇدەك پۇرسىتى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇ جايدىكى ئۈزۈلمەس نېئمەتلەر ۋە كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرۈپ، خۇشاللىقتىن ھەيرانلىققا چۈمىدۇ.

36:56Страница 444

هُمۡ وَأَزۡوَٰجُهُمۡ فِي ظِلَٰلٍ عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ مُتَّكِـُٔونَ ٥٦

Они и их супруги будут лежать в тенях на ложах, прислонившись.

ئۇلار جۈپتىلىرى بىلەن جەننەتنىڭ قويۇق سايىلىرى ئاستىغا قويۇلغان كارىۋاتلار ئۈستىدە ھۇزۇر سۈرىدۇ.

36:57Страница 444

لَهُمۡ فِيهَا فَٰكِهَةٞ وَلَهُم مَّا يَدَّعُونَ ٥٧

Там для них есть фрукты и все, что они потребуют.

بۇ جەننەتتە ئۇلارغا ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ئانار قاتارلىق تۈرلۈك - تۈرلۈك ئېسىل مېۋىلەر بار. ئۇلار كۆڭۈللىرى تارتقان ھۇزۇر - ھالاۋەت ۋە نازۇ-نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ.

36:58Страница 444

سَلَٰمٞ قَوۡلٗا مِّن رَّبّٖ رَّحِيمٖ ٥٨

Милосердный Господь приветствует их словом: «Мир!».

بۇ نېئمەتلەردىن باشقا ئۇلارغا يەنە شەپقەتلىك پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن دېيىلىدىغان سالاممۇ بار. پەرۋەردىگارى ئۇلارغا سالام قىلغىنىدا ئۇلار ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن خاتىرجەملىك بولىدۇ، ئۇلار ھېچ تەڭدىشى بولمىغان سالامغا ئېرىشىدۇ.

36:59Страница 444

وَٱمۡتَٰزُواْ ٱلۡيَوۡمَ أَيُّهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ ٥٩

Отделитесь сегодня, грешники!

قىيامەت كۈنى مۇشرىكلارغا: مۇئمىنلەردىن ئايرىلىڭلار، ئۇلارغا سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇش ياراشمايدۇ. چۈنكى سىلەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات، سىلەرنىڭ سۈپەتلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى ئوخشىمايدۇ دېيىلىدۇ.

36:60Страница 444

۞ أَلَمۡ أَعۡهَدۡ إِلَيۡكُمۡ يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ أَن لَّا تَعۡبُدُواْ ٱلشَّيۡطَٰنَۖ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ ٦٠

Разве Я не завещал вам, сыны Адама, не поклоняться дьяволу, который является вашим явным врагом,

مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلمىدىممۇ، پەيغەمبەرلىرىمنىڭ تىلى ئارقىلىق: ئەي ئادەمزات! تۈرلۈك كۇپرى ۋە ئاسىيلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، قانداقسىگە دۈشمەنلىكى ئاشكارا دۈشمەننىڭ كەينىگە كىرىسىلەر؟

36:61Страница 444

وَأَنِ ٱعۡبُدُونِيۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ ٦١

и поклоняться Мне? Это - прямой путь.

ئەي ئادەمزات! مەن سىلەرنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىشقا، ماڭا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدۇم. چۈنكى يالغۇز ماڭا ئىبادەت قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىش مېنىڭ رازىلىقىمغا ۋە جەننەتكە ئېرىشتۈرىدىغان تۈپتۈز يولدۇر. لېكىن سىلەر مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى ۋە بۇيرۇغانلىرىمىنى بەجا كەلتۈرمىدىڭلار.

Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии

Содержание

Аят аль-Курси36Аль-Кахфстр. 42джуз 15Бухари 1Муслим 2999

Вид

Тема
Размер текста
Вид

Read in English