Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском
الزمر
Аз-Зумар
Толпы · Мекканская · 75 аятов
39:1Страница 458
تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ ١
Писание ниспослано от Аллаха Могущественного, Мудрого.
قۇرئان كەرىم ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، يارىتىشى، پىلانلىشى ۋە شەرىئىتىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىسى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ئەمەس.
39:2Страница 458
إِنَّآ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ فَٱعۡبُدِ ٱللَّهَ مُخۡلِصٗا لَّهُ ٱلدِّينَ ٢
Мы ниспослали тебе Писание с истиной. Поклоняйся же Аллаху, очищая перед Ним веру.
ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلدۇقكى، ئۇنىڭ خەۋەرلىرى تامامەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسى ھەققانىيدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، سەن ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلغان ھەمدە بۇ ئېتىقادنى شېرىكتىن ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلغىن.
39:3Страница 458
أَلَا لِلَّهِ ٱلدِّينُ ٱلۡخَالِصُۚ وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ مَا نَعۡبُدُهُمۡ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَآ إِلَى ٱللَّهِ زُلۡفَىٰٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ فِي مَا هُمۡ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَنۡ هُوَ كَٰذِبٞ كَفَّارٞ ٣
Воистину, чистая вера может быть посвящена одному Аллаху. А те, которые взяли себе вместо Него других покровителей и помощников, говорят: «Мы поклоняемся им только для того, чтобы они приблизили нас к Аллаху как можно ближе». Аллах рассудит их в том, в чем они расходились во мнениях. Воистину, Аллах не ведет прямым путем тех, кто лжет и не верует.
شۇ ئېنىق بولسۇنكى، شېرىكتىن خالىي بولغان دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھنى قويۇپ بۇت ۋە تاغۇتلارنى دوست تۇتقانلار ئاللاھنى قويۇپ شۇ بۇتلارغا ۋە تاغۇتلارغا چوقۇنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ نەرسىلەرگە چوقۇنغانلىقىغا: بىز بۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھاجىتىمىزنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلامىكىن دەپ چوقۇنىمىز، دېگەن سۆزلىرىنى باھانە قىلىشىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۆزىنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلغان مۇئمىنلەر بىلەن شېرىك كەلتۈرگەن كاپىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇلار ئىختىلاپلىشىپ قالغان تەۋھىد مەسىلىسىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىكنى چاپلىغان ۋە نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغانلارنى ھەقنى تېپىشقا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
39:4Страница 458
لَّوۡ أَرَادَ ٱللَّهُ أَن يَتَّخِذَ وَلَدٗا لَّٱصۡطَفَىٰ مِمَّا يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ سُبۡحَٰنَهُۥۖ هُوَ ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ ٤
Если бы Аллах захотел иметь детей, то Он избрал бы из Своих творений того, кого бы пожелал. Пречист Он! Он - Аллах, Единственный, Всемогущий.
ئەگەر ئاللاھ بالىسى بولۇشىنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن ئۆزى خالىغاننى تاللاپ، بالا ئورنىدا قىلىۋالغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ مۇشرىكلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر، ئۇ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە يەككە يېگانە بولۇپ، ھېچبىر شېرىكى يوقتۇر، پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىنى بويسۇندۇرغۇچىدۇر.
39:5Страница 458
خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۖ يُكَوِّرُ ٱلَّيۡلَ عَلَى ٱلنَّهَارِ وَيُكَوِّرُ ٱلنَّهَارَ عَلَى ٱلَّيۡلِۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمًّىۗ أَلَا هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفَّٰرُ ٥
Он сотворил небеса и землю ради истины. Он обвивает ночью день и обвивает днем ночь. Он подчинил солнце и луну. Все они движутся к назначенному сроку. Воистину, Он - Могущественный, Всепрощающий.
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى چوڭقۇر ھېكمەت بىلەن ياراتقان بولۇپ، زالىملار ئېيتقاندەك بىكارغا ياراتقىنى يوق. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەلسە يەنە بىرى كېتىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينىمۇ بويسۇندۇرغان بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر بىرى بېكىتىلگەن ۋاقىت، يەنى بۇ دۇنيا ئاخىرلاشقانغا قەدەر توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىپ قېلىڭلاركى، ھەممىدىن غالىب ئاللاھ تائالا دۈشمەنلىرىدىن ئۆچ ئالىدۇ، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
39:6Страница 459
خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ ثُمَّ جَعَلَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ ثَمَٰنِيَةَ أَزۡوَٰجٖۚ يَخۡلُقُكُمۡ فِي بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ خَلۡقٗا مِّنۢ بَعۡدِ خَلۡقٖ فِي ظُلُمَٰتٖ ثَلَٰثٖۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ لَهُ ٱلۡمُلۡكُۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَأَنَّىٰ تُصۡرَفُونَ ٦
Он создал вас из одного человека. Он сотворил из него жену и ниспослал для вас из скотины восемь животных парами. Он создает вас в утробах ваших матерей: одно творение появляется вслед за другим в трех мраках. Таков Аллах, ваш Господь. Ему принадлежит власть. Нет божества, кроме Него. До чего же вы отвращены от истины!
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنى بىر جان، يەنى ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئادەمدىن ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ياراتتى، سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن سەككىز جۈپ ھايۋاننى يارىتىپ بەردى، ھەر بىر تۈرنىڭ ئەركىكى ۋە چىشىسىنى ياراتتى. ئۇ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قارنىدا قورساق، بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيىدىن ئىبارەت قاتمۇقات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە باسقۇچمۇ - باسقۇچ بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياراتقان ئاشۇ زات سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ تائالادۇركى، مۇتلەق ئىگىدارچىلىق يالغۇز ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، قانداقمۇ ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ھېچنەرسە يارىتالمايدىغان، ئۆزلىرى يارىتىلغان مەخلۇقلارغا چوقۇنىدىغان بولۇپ كېتىسىلەر؟
39:7Страница 459
إِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمۡۖ وَلَا يَرۡضَىٰ لِعِبَادِهِ ٱلۡكُفۡرَۖ وَإِن تَشۡكُرُواْ يَرۡضَهُ لَكُمۡۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُم مَّرۡجِعُكُمۡ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ ٧
Если вы не уверуете, то ведь Аллах не нуждается в вас. Он не одобряет неверия для Своих рабов. А если вы будете благодарны, то Он одобрит для вас это. Ни одна душа не понесет чужого бремени. Затем вам предстоит вернуться к вашему Господу, и Он поведает вам о том, что вы совершали. Воистину, Он ведает о том, что в груди.
ئەي ئىنسانلار! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلارغا كاپىر بولساڭلار، ئاللاھ تائالا شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىڭلاردىن بىھاجەتتۇر، سىلەرنىڭ كۇپرىڭلار ئۇنىڭغا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، كۇپرىڭلارنىڭ زىيىنى پەقەتلا ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ ھەم ئۇلارنى كۇپرىغىمۇ بۇيرۇمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قەبىھ ئىشلارغا ۋە گۇناھقا بۇيرۇمايدۇ. ناۋادا سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ شۈكرى قىلغىنىڭلاردىن مەمنۇن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا سىلەرگە ساۋاب بېرىدۇ. ھېچكىم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى يۈدۈۋالمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا مەسئۇلدۇر. ئاندىن سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايىڭلار يالغۇز ئاللاھ تەرەپكە بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە بۇ دۇنيادا قىلغان - ئەتكەنلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قەلبلىرىدىكى سىرلارنىمۇ بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
39:8Страница 459
۞ وَإِذَا مَسَّ ٱلۡإِنسَٰنَ ضُرّٞ دَعَا رَبَّهُۥ مُنِيبًا إِلَيۡهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُۥ نِعۡمَةٗ مِّنۡهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدۡعُوٓاْ إِلَيۡهِ مِن قَبۡلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَندَادٗا لِّيُضِلَّ عَن سَبِيلِهِۦۚ قُلۡ تَمَتَّعۡ بِكُفۡرِكَ قَلِيلًا إِنَّكَ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلنَّارِ ٨
Когда человека коснется вред, он взывает к своему Господу, обращаясь к Нему одному. Когда же Он предоставляет ему благо от Себя, человек забывает Того, к Кому он взывал прежде (или забывает то, ради чего он взывал прежде), и равняет с Аллахом других, чтобы сбить других с Его пути. Скажи: «Попользуйся благами со своим неверием немного! Воистину, ты будешь одним из обитателей Огня».
ناۋادا كاپىر بولغان ئادەمگە كېسەللىك، مېلى يۈتۈپ كېتىش ۋە سۇدا ئېقىپ كېتىشتىن قورقۇش دېگەندەك بىرەر خاپىلىق كەلسە دەرھال رەببىگىلا يۈزلىنىپ، بېشىغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يالۋۇرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق نېئمەت ئاتا قىلسا، ئۇ ئىلگىرى يالۋۇرغان ئاللاھنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى قىلىدۇكى، باشقىلارنىڭمۇ ئاللاھقا ئېلىپ بارىدىغان يولدىن چەتنەپ كېتىشى ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ شۇ شېرىكلەرگە چوقۇنىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئېيتقىنكى، قالغان ئۆمرۈڭدە كۇپرىڭدىن ھۇزۇرلىنىۋالغىن، بۇ ئىنتايىن ئاز ۋاقىتتۇر. چۈنكى سەن دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ، قىيامەت كۈنى دوزاخ بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىككى ھەمراھ كەبى سەندىن ئايرىلمايدۇ.
39:9Страница 459
أَمَّنۡ هُوَ قَٰنِتٌ ءَانَآءَ ٱلَّيۡلِ سَاجِدٗا وَقَآئِمٗا يَحۡذَرُ ٱلۡأٓخِرَةَ وَيَرۡجُواْ رَحۡمَةَ رَبِّهِۦۗ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُونَ وَٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ ٩
Неужели тот, кто смиренно проводит ночные часы, падая ниц и стоя, страшась Последней жизни и надеясь на милость своего Господа, равен неверующему? Скажи: «Неужели равны те, которые знают, и те, которые не знают?». Воистину, поминают назидание только обладающие разумом.
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، كېچىدىكى ۋاقىتلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالەتتە ئۆتكۈزىدىغان، ئاخىرەتتىكى ئازابتىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، باياشاتلىقتا ئۇنىڭغا كاپىر بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى قىلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنى تونۇغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ ۋاجىب قىلغان ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن بۇلاردىن ھېچ قايسىسىنى قىلمايدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ بۇ ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدىكى پەرقنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا بىلەلەيدۇ.
39:10Страница 459
قُلۡ يَٰعِبَادِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡۚ لِلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٞۗ وَأَرۡضُ ٱللَّهِ وَٰسِعَةٌۗ إِنَّمَا يُوَفَّى ٱلصَّٰبِرُونَ أَجۡرَهُم بِغَيۡرِ حِسَابٖ ١٠
Скажи Моим рабам, которые уверовали: «Бойтесь вашего Господа! Тем, которые совершили добро в этом мире, уготовано добро. Земля Аллаха обширна. Воистину, терпеливым их награда воздастся полностью без счета».
ئەي پەيغەمبەر! ماڭا ۋە پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاراڭلاردىن بۇ دۇنيادا ياخشى ئەمەل قىلغانلار بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىمۇ نۇسرەت، ساقلىق ۋە مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇش دېگەندەك ياخشىلىقلارغا، ئاخىرەتتە بولسا جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى تولىمۇ كەڭدۇر، ئاللاھقا ھېچبىر توسالغۇسىز قۇلچىلىق قىلالايدىغان ئورۇننى تېپىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە ھىجرەت قىلىڭلار. شەكسىزكى قىيامەت كۈنى سەۋرچان بولغانلارغا كۆپلۈكى ۋە خىلمۇ-خىللىقىدىن ساناپ ۋە مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چەكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ.
39:11Страница 460
قُلۡ إِنِّيٓ أُمِرۡتُ أَنۡ أَعۡبُدَ ٱللَّهَ مُخۡلِصٗا لَّهُ ٱلدِّينَ ١١
Скажи: «Мне велено поклоняться Аллаху, очищая перед Ним веру.
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، شەكسىزكى ئاللاھ مېنى ئىبادەتنى خالىس قىلغان ھالدا يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى.
39:12Страница 460
وَأُمِرۡتُ لِأَنۡ أَكُونَ أَوَّلَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ ١٢
Мне также велено быть первым из мусульман».
ئۇ مېنى مۇشۇ ئۈممەتتىن مۇسۇلمان بولغان ۋە ئۆزىگە بويسۇنغانلارنىڭ تۇنجىسى بولۇشقا بۇيرۇدى.
39:13Страница 460
قُلۡ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ ١٣
Скажи: «Я боюсь, что если я ослушаюсь своего Господа, то меня постигнут мучения в Великий день».
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ناۋادا مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سالسام، ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت بۈيۈك كۈندىكى ئازابتىن قورقىمەن.
39:14Страница 460
قُلِ ٱللَّهَ أَعۡبُدُ مُخۡلِصٗا لَّهُۥ دِينِي ١٤
Скажи: «Я поклоняюсь одному Аллаху, очищая перед Ним веру.
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، شەكسىزكى مەن ئىبادەتنى خالىس قىلغان ھالدا يالغۇز ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ باشقىسىغا قۇلچىلىق قىلمايمەن.
39:15Страница 460
فَٱعۡبُدُواْ مَا شِئۡتُم مِّن دُونِهِۦۗ قُلۡ إِنَّ ٱلۡخَٰسِرِينَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ وَأَهۡلِيهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡخُسۡرَانُ ٱلۡمُبِينُ ١٥
Поклоняйтесь же, помимо Него, чему пожелаете». Скажи: «Воистину, потерпят убыток те, которые потеряют себя и свои семьи в День воскресения. Воистину, это и есть явный убыток!
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلار خالىغان بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېلىڭلار (بۇ بۇيرۇق تەھدىتنى ئىپادىلەيدۇ). ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار ئۆزلىرىدىن ۋە بالا - چاقىلىرىدىن قۇرۇق قالغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى جەننەتكە، يەنە بىر قىسمى دوزاخقا كىرىش ئارقىلىق ئايرىلىپ كەتكەن بولغاچقا ئۆزئارا قەتئىي ئۇچرىشالمايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، مانا بۇ ھېچقانداق چۈشىنىكسىزلىك بولمىغان، ھەقىقىي روشەن زىيانكارلىقتۇر.
39:16Страница 460
لَهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ ظُلَلٞ مِّنَ ٱلنَّارِ وَمِن تَحۡتِهِمۡ ظُلَلٞۚ ذَٰلِكَ يُخَوِّفُ ٱللَّهُ بِهِۦ عِبَادَهُۥۚ يَٰعِبَادِ فَٱتَّقُونِ ١٦
Над ними будут навесы из огня, и под ними будут навесы». Этим Аллах устрашает Своих рабов. О рабы Мои, бойтесь Меня!
ئۇلارنى ئۈستى تەرەپتىنمۇ، ئاستى تەرەپتىنمۇ ئىس - تۈتەك، ئوت يالقۇنى ۋە ھارارەت قورشىۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى مەزكۇر ئازاب بىلەن قورقۇتىدۇ. ئەي بەندىلىرىم! بۇيرۇقلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىمدىن يېنىش ئارقىلىق مەندىن قورقۇڭلار.
39:17Страница 460
وَٱلَّذِينَ ٱجۡتَنَبُواْ ٱلطَّٰغُوتَ أَن يَعۡبُدُوهَا وَأَنَابُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ لَهُمُ ٱلۡبُشۡرَىٰۚ فَبَشِّرۡ عِبَادِ ١٧
Для тех, которые избежали поклонения тагуту и обратились к Аллаху, есть благая весть. Обрадуй же Моих рабов,
بۇتلارغا ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە چوقۇنۇشتىن ساقلانغان، تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قايتقان كىشىلەرگە ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىدە ۋە قىيامەت كۈنىدە جەننەت بىلەن خۇشبېشارەت بېرىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بەندىلىرىمگە بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزگىن.
39:18Страница 460
ٱلَّذِينَ يَسۡتَمِعُونَ ٱلۡقَوۡلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحۡسَنَهُۥٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَىٰهُمُ ٱللَّهُۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ ١٨
которые прислушиваются к словам и следуют наилучшим из них. Это - те, которых Аллах наставил на прямой путь. Они и есть обладающие разумом.
سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى ۋە يامىنىنى پەرقلەندۈرگەن، ئاندىن سۆزنىڭ پايدىلىق بولغان ئەڭ گۈزىلىگە ئەگەشكەنلەر، مانا مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەر ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.
39:19Страница 460
أَفَمَنۡ حَقَّ عَلَيۡهِ كَلِمَةُ ٱلۡعَذَابِ أَفَأَنتَ تُنقِذُ مَن فِي ٱلنَّارِ ١٩
Разве ты сможешь спасти того, относительно кого сбылось Слово о мучениях, кто находится в Огне?
كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقىدا چىڭ تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولغانلارغا كەلسەك، ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ بۇنداقلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ۋە مۇۋەپپىقىيەت بېرىشكە ئامالىڭ يوق. ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشۇنداق كىشىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالامسەن؟
39:20Страница 460
لَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ لَهُمۡ غُرَفٞ مِّن فَوۡقِهَا غُرَفٞ مَّبۡنِيَّةٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ لَا يُخۡلِفُ ٱللَّهُ ٱلۡمِيعَادَ ٢٠
Но для тех, кто боялся своего Господа, уготованы горницы, расположенные одна над другой, под которыми текут реки. Таково обещание Аллаха, и Аллах не нарушает обещания!
لېكىن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلار ئۈستى - ئۈستىگە سېلىنغان ئالىي تۇرالغۇلارغا ئېرىشىدۇ، ئۇ تۇرالغۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا مۇشۇنداق ۋەدە قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
39:21Страница 460
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَسَلَكَهُۥ يَنَٰبِيعَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ يُخۡرِجُ بِهِۦ زَرۡعٗا مُّخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصۡفَرّٗا ثُمَّ يَجۡعَلُهُۥ حُطَٰمًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ ٢١
Неужели ты не видел, что Аллах ниспослал с неба воду и провел ее к источникам по земле? Потом посредством нее Он выводит посевы различных цветов. Затем они вянут, и ты видишь их пожелтевшими. Затем Он превращает их в труху. Воистину, во всем этом - напоминание для обладающих разумом.
شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنى بۇلاقلارغا ۋە ئۆستەڭلەرگە كىرگۈزگەنلىكىنى، ئاندىن مۇشۇ سۇلار ئارقىلىق رەڭلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك زىرائەتلەرنى چىقارغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن بۇ زىرائەتلەرنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ بىلىپ تۇرۇۋاتىسىلەر. ئەي مۇشۇنداق ھادىسىلەرگە شاھىت بولغۇچى! ئاندىن بۇ زىرائەتلەرنىڭ ياشىرىپ بولغاندىن كېيىن سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئاندىن قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن. شەكسىزكى بۇنىڭدا جانلىق قەلب ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت بار.
39:22Страница 461
أَفَمَن شَرَحَ ٱللَّهُ صَدۡرَهُۥ لِلۡإِسۡلَٰمِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٖ مِّن رَّبِّهِۦۚ فَوَيۡلٞ لِّلۡقَٰسِيَةِ قُلُوبُهُم مِّن ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ ٢٢
Разве тот, чью грудь Аллах раскрыл для ислама, кто на свету от своего Господа, равен неверующему? Горе тем, чьи сердца черствы к поминанию Аллаха! Они пребывают в очевидном заблуждении.
ئاللاھ تائالا قەلبىنى ئىسلامغا ئېچىپ ھەق يولغا يېتەكلىگەن، شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن پاراسەت ئۈستىدە بولغان كىشىگە، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈپ قەلبى قېتىپ كەتكەن ئادەم ئوخشامدۇ؟ بۇلار ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى نىجاتلىق ھىدايەت تاپقانلارغا، زىيانكارلىق بولسا ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈپ قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە مەنسۇپتۇر. ئەنە شۇلار ھەقتىن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا قالغانلاردۇر.
39:23Страница 461
ٱللَّهُ نَزَّلَ أَحۡسَنَ ٱلۡحَدِيثِ كِتَٰبٗا مُّتَشَٰبِهٗا مَّثَانِيَ تَقۡشَعِرُّ مِنۡهُ جُلُودُ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُمۡ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمۡ وَقُلُوبُهُمۡ إِلَىٰ ذِكۡرِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهۡدِي بِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٍ ٢٣
Аллах ниспослал наилучшее повествование - Писание, аяты которого сходны и повторяются. У тех, кто страшится своего Господа, от него по коже проходит дрожь. А потом их кожа и сердца смягчаются при поминании Аллаха. Это - верное руководство Аллаха, посредством которого Он ведет прямым путем того, кого пожелает. А кого Аллах введет в заблуждение, тому не будет наставника.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان بولۇپ، ئۇنى چىنلىقى، گۈزەللىكى، بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى، زىت بولماسلىقى جەھەتلەردە بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھالەتتە نازىل قىلغان. ئۇنىڭدا قىسسە ۋە ئەھكاملار، ۋەدە ۋە تەھدىتلەر، ھەقىقەتپەرۋەرلەرنىڭ ۋە ناھەقچىلىك تەرەپدارلىرىنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلار بار. پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۇنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىكى قورقۇنچلۇق تەھدىتلەردىن تېرىلىرى شۈركىنىپ كەتسە، ئۇنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى ئۈمىد ۋە خۇش بېشارەتلەردىن تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشاپ كېتىدۇ. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بۇ بايانلار ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئاللاھ بۇ ئارقىلىق خالىغان بەندىسىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا كىمنى خار قىلىپ، ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدىكەن، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ.
39:24Страница 461
أَفَمَن يَتَّقِي بِوَجۡهِهِۦ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَقِيلَ لِلظَّٰلِمِينَ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَكۡسِبُونَ ٢٤
Разве тот, кто в День воскресения будет лицом защищаться от ужасных мучений, равен верующему? Беззаконникам скажут: «Вкусите то, что вы приобретали!».
ئاللاھ تائالا ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈپ، بۇ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىپ، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرگۈزگەن ئادەم بىلەن، كاپىر بولغان ۋە كۇپرىسى ئۈستىدە جان ئۈزۈپ، ئاللاھ ئۇنى قول - پۇتلىرى باغلانغان ھالدا دوزاخقا تاشلىغان، دوزاخنىڭ ئوتىدىن ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان، پەقەت ئۇنىڭغا يۈزىچە دۈم تاشلىنىدىغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟. كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان زالىملارغا كايىش تەرزىدە: ئۆزۈڭلار قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنىڭ تەمىنى تېتىڭلار، سىلەرنىڭ جازايىڭلار مانا مۇشۇ، دېيىلىدۇ.
39:25Страница 461
كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَأَتَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ ٢٥
Их предшественники также считали лжецами посланников, и мучения явились к ним оттуда, откуда они не предполагали.
بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ ئىنكار قىلغان، ئاندىن ئۇلارغىمۇ ئالدىن ھېس قىلىپ، تەۋبە قىلىش ئارقىلىق تەييارلىق قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئۇشتۇمتۇت ئازاب كەلگەن ئىدى.
39:26Страница 461
فَأَذَاقَهُمُ ٱللَّهُ ٱلۡخِزۡيَ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ ٢٦
Аллах дал им вкусить позор в мирской жизни. А мучений в Последней жизни, несомненно, будет еще больше, если бы они только знали!
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خار قىلغۇچى ۋە رەسۋا قىلغۇچى ئاشۇ ئازابنى تېتىتتى، ئەگەر ئۇلار بىلسە، شەكسىزكى ئاخىرەتتە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئازاب ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كۆپ قاتتىق ۋە ئېغىردۇر.
39:27Страница 461
وَلَقَدۡ ضَرَبۡنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٖ لَّعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ ٢٧
Мы уже привели для людей в этом Коране всевозможные притчи, чтобы они могли помянуть назидание.
شەكسىزكى بىز مۇھەممەدكە نازىل قىلغان بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ، ھەق ۋە باتىلنىڭ، ئىمان ۋە كۇپرىنىڭ، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن ھادىسىلەرنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىنى بايان قىلىدۇق. بۇنداق قىلىشىمىز ئىنسانلارنىڭ بىز بايان قىلغان مىساللار ئارقىلىق پەند - نەسىھەت ئېلىپ، ھەق بىلەن ئەمەل قىلىپ، باتىلنى تاشلاشلىرى ئۈچۈندۇر.
39:28Страница 461
قُرۡءَانًا عَرَبِيًّا غَيۡرَ ذِي عِوَجٖ لَّعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ ٢٨
Мы ниспослали Коран, в котором нет неправды, на арабском языке, чтобы они устрашились.
بىز قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا ئوقۇلىدىغان قىلدۇق، ئۇنىڭدا قىلچە ئەگرىلىك، ھەقتىن چەتنەپ كېتىش ۋە مۈجمەللىك يوق. ئۈمىدكى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولسۇن!
39:29Страница 461
ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلٗا رَّجُلٗا فِيهِ شُرَكَآءُ مُتَشَٰكِسُونَ وَرَجُلٗا سَلَمٗا لِّرَجُلٍ هَلۡ يَسۡتَوِيَانِ مَثَلًاۚ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ٢٩
Аллах приводит в качестве притчи мужа, принадлежащего нескольким несговорчивым партнерам, и мужа, принадлежащего только одному человеку. Равны ли они в притче? Хвала надлежит Аллаху, но большинство их не знает этого.
ئاللاھ تائالا مۇشرىك بىلەن تەۋھىد ئەقىدىسىدىكى كىشىگە ئۆزئارا دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان، شېرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قۇلنىڭ مىسالىنى بايان قىلدى. بۇ قۇل بىرىنى مەمنۇن قىلسا، يەنە بىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. نەتىجىدە تېڭىرقاش ۋە قارارسىزلىق ئىچىدە ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە پەقەت بىر ئادەمگىلا تەۋە بولغان بىر قۇلنىڭ مىسالىنى بايان قىلدى. بۇ قۇل خوجايىنىنى قانداق رازى قىلىشنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلى خاتىرجەم، راھەت ياشايدۇ. بۇ ئىككى قۇل ئوخشاش بولمايدۇ. جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدۇ.
ئەي پەيغەمبەر! سەنمۇ چوقۇم ئۆلۈپ كېتىسەن، ئۇلارمۇ چوقۇم ئۆلۈپ كېتىدۇ.
39:31Страница 461
ثُمَّ إِنَّكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عِندَ رَبِّكُمۡ تَخۡتَصِمُونَ ٣١
А потом, в День воскресения, вы будете препираться у своего Господа.
ئەي ئىنسانلار! ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا دەتالاش قىلىشىدىغان نەرسە ھەققىدە مۇنازىرىلىشىسىلەر. نەتىجىدە ھەقىقەتنى ياقىلىغۇچى بىلەن باتىل تەرەپدارى ئاشكارا بولىدۇ.
39:32Страница 462
۞ فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن كَذَبَ عَلَى ٱللَّهِ وَكَذَّبَ بِٱلصِّدۡقِ إِذۡ جَآءَهُۥٓۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡكَٰفِرِينَ ٣٢
Кто может быть несправедливее того, кто возвел навет на Аллаха и счел ложью правду, когда она явилась ему? Разве не в Геенне обитель неверующих?
شېرىك كەلتۈرۈش، خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېيىشتىن ئىبارەت ئاللاھقا نالايىق گەپلەرنى قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق. پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھىينى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە كاپىر بولغۇچىلارغا دوزاختا تۇرىدىغان ئورۇن يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارغا دوزاختا تۇرىدىغان ئورۇن بار.
39:33Страница 462
وَٱلَّذِي جَآءَ بِٱلصِّدۡقِ وَصَدَّقَ بِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُتَّقُونَ ٣٣
Но тот, кто явился с правдой, и тот, кто признал ее истинность, действительно являются богобоязненными.
پەيغەمبەرلەر ۋە باشقىلاردىن گەپ - سۆزلىرىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە راستچىللىقنى ئېلىپ كەلگەن ھەمدە راست سۆزگە ئىشىنىپ تەستىقلىغانلار ۋە شۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلغانلار، ئەنە شۇلار ھەقىقىي تەقۋادارلار بولۇپ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرىدىغان ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرىدىغانلاردۇر.
39:34Страница 462
لَهُم مَّا يَشَآءُونَ عِندَ رَبِّهِمۡۚ ذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٣٤
Для них у их Господа уготовано то, чего они пожелают. Таково воздаяние творящим добро!
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۈزۈلمەس نازۇنېئمەتلەردىن خالىغىنىچە بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ بولسا ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرى بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
39:35Страница 462
لِيُكَفِّرَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ أَسۡوَأَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ وَيَجۡزِيَهُمۡ أَجۡرَهُم بِأَحۡسَنِ ٱلَّذِي كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ٣٥
Это произойдет для того, чтобы Аллах простил им наихудшее из того, что они совершили, и воздал им наградой за лучшее из того, что они совершали (или лучшим, чем то, что они совершали).
(ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بۇنداق كاتتا نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىشى) ئۇلار گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىپ، پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەڭ ئېغىر گۇناھلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىش ھەمدە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ئەڭ تولۇق مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر.
39:36Страница 462
أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِكَافٍ عَبۡدَهُۥۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦۚ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٖ ٣٦
Разве Аллаха не достаточно для Его раба? Они устрашают тебя теми, которые ниже Него. А кого Аллах введет в заблуждение, тому не будет наставника.
ئاللاھ تائالا بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىغا يېتەرلىك ۋە ئۇنى دۈشمىنىدىن قوغدىغۇچى ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. ئى پەيغەمبەر! ئۇلار بىلىمسىزلىكى ۋە نادانلىقىدىن سېنى ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى بىلەن قورقۇتماقچى بولىدۇ. ئاللاھ كىمنى خار قىلىپ، ھىدايەتكە ئېرىشتۈرمەيدىكەن، ئۇنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بولمايدۇ.
39:37Страница 462
وَمَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّضِلٍّۗ أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِعَزِيزٖ ذِي ٱنتِقَامٖ ٣٧
А кого Аллах наставит на прямой путь, того никто не введет в заблуждение. Разве Аллах - не Могущественный, Способный на возмездие?
ئاللاھ ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگەن كىشىنى ئازدۇرالايدىغان ھېچبىرى بولمايدۇ. ئاللاھ ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب زات ئەمەسمۇ؟ ئۆزىگە كاپىر بولۇپ، ئاسىيلىق قىلغانلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچى ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇ ھەممىدىن غالىب، ئىنتىقام ئالغۇچى زاتتۇر.
39:38Страница 462
وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلۡ أَفَرَءَيۡتُم مَّا تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ إِنۡ أَرَادَنِيَ ٱللَّهُ بِضُرٍّ هَلۡ هُنَّ كَٰشِفَٰتُ ضُرِّهِۦٓ أَوۡ أَرَادَنِي بِرَحۡمَةٍ هَلۡ هُنَّ مُمۡسِكَٰتُ رَحۡمَتِهِۦۚ قُلۡ حَسۡبِيَ ٱللَّهُۖ عَلَيۡهِ يَتَوَكَّلُ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ ٣٨
Если ты спросишь их: «Кто создал небеса и землю?». - они непременно скажут: «Аллах». Скажи: «Видели ли вы тех, к кому вы взываете вместо Аллаха? Если Аллах захочет навредить мне, разве они смогут отвратить Его вред? Или же, если Он захочет оказать мне милость, разве они смогут удержать Его милость?». Скажи: «Довольно мне Аллаха. На Него одного уповают уповающие».
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر بۇ مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايان قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلىرىڭلار ھەققىدە ماڭا مەلۇمات بېرىپ بېقىڭلارچۇ؟! ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زەرەر يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ بۇتلىرىڭلار مەندىن ئۇنى يوق قىلالامدۇ؟ ياكى رەببىم ماڭا بىرەر رەھمىتىنى يەتكۈزسە، بۇتلىرىڭلار مەندىن ئۇنىڭ رەھمىتىنى توسۇپ قالالامدۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى، يېگانە ئاللاھ ماڭا يېتەرلىكتۇر. مەن پۈتۈن ئىشلىرىمدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تاياندىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ پەقەت ئۇنىڭغىلا تايانسۇن.
39:39Страница 462
قُلۡ يَٰقَوۡمِ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنِّي عَٰمِلٞۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ ٣٩
Скажи: «О мой народ! Действуйте по своему усмотрению, и я тоже буду действовать. Скоро вы узнаете,
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي قەۋمىم! سىلەرمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆزۈڭلار رازى بولغان ھالەتتە ئىشلەڭلار، مەنمۇ (ئىنسانلارنى) ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە قۇلچىلىقنى پەقەت ئۇنىڭغىلا قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت رەببىمنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىمەن. سىلەر چوقۇم ھەر بىر يولنى ئاقىۋىتىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر.
39:40Страница 462
مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيۡهِ عَذَابٞ مُّقِيمٌ ٤٠
кого постигнет мучение, которое опозорит его, и на кого падут вечные мучения».
دۇنيادا كىمنىڭ بېشىغا ئازاب كېلىپ، خارۇزار قىلىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتىمۇ پۈتمەس - تۈگىمەس مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر.
39:41Страница 463
إِنَّآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ لِلنَّاسِ بِٱلۡحَقِّۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِوَكِيلٍ ٤١
Мы ниспослали тебе Писание для людей с истиной. Тот, кто последовал прямым путем, поступил во благо себе. А тот, кто впал в заблуждение, поступает во вред только себе, и ты не являешься их попечителем и хранителем.
ئى پەيغەمبەر! بىز ھەقىقەتەن ساڭا قۇرئاننى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئاللاھقا بولمايدۇ.چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقىنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقى ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى ئۇلارغا يەتكۈزۈشتۇر.
39:42Страница 463
ٱللَّهُ يَتَوَفَّى ٱلۡأَنفُسَ حِينَ مَوۡتِهَا وَٱلَّتِي لَمۡ تَمُتۡ فِي مَنَامِهَاۖ فَيُمۡسِكُ ٱلَّتِي قَضَىٰ عَلَيۡهَا ٱلۡمَوۡتَ وَيُرۡسِلُ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ ٤٢
Аллах забирает души в момент смерти, а ту, которая пока не умирает, - во время сна. Он удерживает ту, которой предопределил смерть, а другую отпускает до определенного срока. Воистину, в этом - знамения для людей размышляющих.
ئاللاھ تائالا جانلارنى ئەجىلى توشقان چاغدا ئالىدۇ، ئەجىلى توشمىغان جانلارنى ئۇخلىغان چاغدا تۇتۇپ قېلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جانلارنى ئالىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىغان جانلارنى ئۆزى بىلگەن مەلۇم مۇددەتكىچە قويۇپ بېرىدۇ. شەكسىزكى بۇ تۇتۇپ قېلىش، قويۇپ بېرىش، جاننى ئېلىش ۋە ھاياتلىق بېرىشتە تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مۇشۇلارنى قىلالىغان زاتنىڭ ئىنسانلارنى ھېساب ئېلىپ، جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل - پاكىتلار بار.
39:43Страница 463
أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ شُفَعَآءَۚ قُلۡ أَوَلَوۡ كَانُواْ لَا يَمۡلِكُونَ شَيۡـٔٗا وَلَا يَعۡقِلُونَ ٤٣
Или же они взяли себе заступников помимо Аллаха? Скажи: «А если они не владеют ничем и не разумеют?».
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلىرى ئىچىدىن پايدا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان شاپائەتچىلەرنى قىلىۋالدى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، بۇتلار نە سىلەر، نە ئۆزلىرى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمايدىغان، ئەقىل ئىشلىتەلمەيدىغان، جانسىز، قىلچە سېزىممۇ يوق، سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان، پايدا - زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان تۇرسىمۇ يەنە شۇلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامسىلەر؟
39:44Страница 463
قُل لِّلَّهِ ٱلشَّفَٰعَةُ جَمِيعٗاۖ لَّهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ ٤٤
Скажи: «Аллаху принадлежит заступничество целиком. Ему принадлежит власть над небесами и землей, и к Нему вы будете возвращены».
ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، بارچە شاپائەت يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېچكىم ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگىلا شاپائەت قىلالايدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
39:45Страница 463
وَإِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَحۡدَهُ ٱشۡمَأَزَّتۡ قُلُوبُ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِۖ وَإِذَا ذُكِرَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦٓ إِذَا هُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ ٤٥
Когда поминают одного лишь Аллаха, содрогаются от отвращения сердца тех, которые не веруют в Последнюю жизнь. А когда поминают тех, которые ниже Него, они радуются.
يالغۇز ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا ئاخىرەتكە ۋە ئاخىرەتتىكى تىرىلىش، ھېساب ۋە جازا - مۇكاپاتقا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ناۋادا ئاللاھنى قويۇپ ئۇلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار بىردىنلا خۇشاللىقىدىن يايراپ كېتىدۇ.
39:46Страница 463
قُلِ ٱللَّهُمَّ فَاطِرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ عَٰلِمَ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ أَنتَ تَحۡكُمُ بَيۡنَ عِبَادِكَ فِي مَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ ٤٦
Скажи: «О Аллах, Творец небес и земли, Ведающий сокровенное и явное! Ты рассудишь Своих рабов в том, в чем они расходились во мнениях».
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى! غەيبنى ۋە ھازىرنى بىلگۈچى ئاللاھ! ساڭا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس. پەقەت سەنلا قىيامەت كۈنى بەندىلىرىڭ ئارىسىدا ئۇلار دۇنيادا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا قىلغانلار بىلەن خاتا قىلغانلارنى، بەختلىكلەر بىلەن بەدبەختنى ئايرىيسەن.
39:47Страница 463
وَلَوۡ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا وَمِثۡلَهُۥ مَعَهُۥ لَٱفۡتَدَوۡاْ بِهِۦ مِن سُوٓءِ ٱلۡعَذَابِ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَبَدَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مَا لَمۡ يَكُونُواْ يَحۡتَسِبُونَ ٤٧
Если бы у тех, которые поступали несправедливо, было все, что на земле, и еще столько же, то они непременно попытались бы откупиться этим от ужасных мучений в День воскресения. Но откроется им от Аллаха то, о чем они даже не предполагали.
ناۋادا زېمىندىكى بارلىق قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە مال - دۇنيالارنىڭ ھەممىسى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىلكىدە بولغان بولسا، ئۇلار كۆرگەن دەھشەتلىك ئازابنىڭ دەستىدىن قايتا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى بېرىۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئۇ نەرسىلەر شۇلارنىڭ بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ھېچنەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان تۈرلۈك ئازابلار ئاشكارا بولدى.
39:48Страница 464
وَبَدَا لَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُواْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ ٤٨
Им откроются злые деяния, которые они приобрели, а то, над чем они издевались, окружит (или поразит) их.
ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن ئىبارەت يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولدى ۋە ئۇلارنى ئازاب ھەر تەرەپتىن قورشىۋالدىكى، ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇلسا مەسخىرە قىلىشاتتى.
Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии