Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском
Аль-Араф 7:190–206
7:190Страница 175
فَلَمَّآ ءَاتَىٰهُمَا صَٰلِحٗا جَعَلَا لَهُۥ شُرَكَآءَ فِيمَآ ءَاتَىٰهُمَاۚ فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ عَمَّا يُشۡرِكُونَ ١٩٠
Когда же Он даровал им обоим праведного ребенка, они стали приобщать к Нему сотоварищей в том, чем Он одарил их. Аллах превыше того, что они приобщают в сотоварищи.
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارغا دۇئا قىلغىنىدەك بىجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسىلەردە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى. ئۇلار بالىلىرىنى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ قۇلى قىلىپ بالىسىنى ئابدۇلھارىس يەنى (ھارىسنىڭ قۇلى ) دەپ ئاتىدى. ئاللاھ ھەرقانداق شېرىكتىن پاكتۇر، ئۇ پەرۋەردىگارلىق ۋە ئىلاھلىقدا يەككە -يېگانىدۇر.
7:191Страница 175
أَيُشۡرِكُونَ مَا لَا يَخۡلُقُ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ ١٩١
Неужели они приобщают в сотоварищи к Аллаху тех, которые ничего не творят, тогда как сами были сотворены,
ئۇلار بۇ بۇتلارنى ۋە بۇنىڭدىن باشقىلىرىنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇتلارنىڭ ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغانلىقىنى شۇڭا ئىبادەتكىمۇ ھەقلىق بولمايدىغانلىقىنى بەلكى بۇتلارنىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بېلىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ؟!
7:192Страница 175
وَلَا يَسۡتَطِيعُونَ لَهُمۡ نَصۡرٗا وَلَآ أَنفُسَهُمۡ يَنصُرُونَ ١٩٢
которые не способны оказать им поддержку и не способны помочь даже самим себе?
بۇ مەبۇدلار چوقۇنغۇچىلىرىغىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدىغان تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ؟!
7:193Страница 175
وَإِن تَدۡعُوهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمۡۚ سَوَآءٌ عَلَيۡكُمۡ أَدَعَوۡتُمُوهُمۡ أَمۡ أَنتُمۡ صَٰمِتُونَ ١٩٣
Если вы призовете их на прямой путь, они не последуют за вами. Для вас все равно, будете вы их призывать или будете молчать.
ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ قىلىۋالغان بۇ بۇتلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار ئۇلار سىلەرنىڭ چاقىرىقىڭلارغا ئاۋاز قوشمايدۇ ۋە سىلەرگىمۇ ئەگەشمەيدۇ، سىلەر مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىردۇر، چۈنكى ئۇلار پەقەت جانسىز ۋە ئەقىلسىزدۇر، ئۇلار ئاڭلىيالمايدۇ ۋە سۆزلىيەلمەيدۇ.
7:194Страница 175
إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ عِبَادٌ أَمۡثَالُكُمۡۖ فَٱدۡعُوهُمۡ فَلۡيَسۡتَجِيبُواْ لَكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ ١٩٤
Те, к кому вы взываете наряду с Аллахом, являются рабами, подобными вам самим. Взывайте к ним, и пусть они ответят вам, если вы говорите правду.
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدۇر، ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇشتا سىلەرگە ئوخشاش ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ئۇلاردىن ئەۋزەلراق، چۈنكى سىلەر ھايات سۆزلىيەلەيسىلەر، ماڭالايسىلەر، ئاڭلىيالايسىلەر ۋە كۆرەلەيسىلەر، بۇتلىرىڭلار بۇنداق ئەمەس، ئەگەر سىلەر داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇپ باقسۇن.
7:195Страница 175
أَلَهُمۡ أَرۡجُلٞ يَمۡشُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ أَيۡدٖ يَبۡطِشُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ أَعۡيُنٞ يُبۡصِرُونَ بِهَآۖ أَمۡ لَهُمۡ ءَاذَانٞ يَسۡمَعُونَ بِهَاۗ قُلِ ٱدۡعُواْ شُرَكَآءَكُمۡ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنظِرُونِ ١٩٥
Есть ли у них ноги, на которых они ходят? Или у них есть руки, которыми они хватают? Или у них есть глаза, которыми они видят? Или у них есть уши, которыми они слышат? Скажи: «Призовите этих сотоварищей, а затем ухитритесь против меня и не предоставляйте мне отсрочки.
سىلەر ئىلاھ قىلىۋالغان بۇتلارنىڭ مېڭىپ ھاجىتىنى قامدايدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى سىلەرنى كۈچ بىلەن قوغدايدىغان قولى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ غەيىبنى كۆرۈپ سىلەرگە خەۋەر قىلىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ياكى ئۇلارنىڭ مەخپى ئىشلارنى ئاڭلاپ سىلەرگە يەتكۈزىدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟. ئەگەر بۇتلار بۇلارنى قىلالمىسا، پايدا يەتكۈزۈپ زىياننى دەپئى قىلىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ قانداقمۇ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىسىلەر؟!. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار ئاندىن كېيىن ماڭا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھىيلە ئىشلىتىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار.
7:196Страница 176
إِنَّ وَلِـِّۧيَ ٱللَّهُ ٱلَّذِي نَزَّلَ ٱلۡكِتَٰبَۖ وَهُوَ يَتَوَلَّى ٱلصَّٰلِحِينَ ١٩٦
Воистину, моим Покровителем является Аллах, Который ниспослал Писание. Он покровительствует праведникам.
ھەقەقەتەن مېنى قوغدايدىغان ئاللاھ مېنىڭ ياردەمچىم ۋە مېنىڭ مەدەتكارىمدۇر، مەن ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن باشقىسىنى ئۈمىد قىلمايمەن، مەن سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. ئاللاھ ماڭا ئاتا قىلغان قۇرئاننى ئىنسانلارغا ھىدايەت قىلىپ چۈشۈردى، ئۇ سالىھ بەندىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئۇلارنى قوغدايدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ.
7:197Страница 176
وَٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَسۡتَطِيعُونَ نَصۡرَكُمۡ وَلَآ أَنفُسَهُمۡ يَنصُرُونَ ١٩٧
А те, к кому вы взываете вместо Него, не способны оказать вам поддержку и не способны помочь даже самим себе».
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ قانداقمۇ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىسىلەر؟!.
7:198Страница 176
وَإِن تَدۡعُوهُمۡ إِلَى ٱلۡهُدَىٰ لَا يَسۡمَعُواْۖ وَتَرَىٰهُمۡ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ وَهُمۡ لَا يُبۡصِرُونَ ١٩٨
Если ты призовешь их на прямой путь, они не услышат этого. Ты видишь, как они смотрят на тебя, но они ничего не видят.
ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلىرىڭلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار ئۇلار چاقىرىقىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەن كۆزلەر بىلەن ساڭا قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ھالبۇكى ئۇ جانسىز بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار ئادەم بالىلىرىنىڭ ياكى ھايۋاناتلارنىڭ شەكلىدە بۇتلارنى ياسايتتى، بۇتلارنىڭ قول، پۇت ۋە كۆزلىرى بار ئىدى، لېكىن ئۇ بۇتلار جانسىز بولۇپ، ئۇلاردا نە ھاياتلىق نە ھەرىكەت يوق ئىدى.
7:199Страница 176
خُذِ ٱلۡعَفۡوَ وَأۡمُرۡ بِٱلۡعُرۡفِ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡجَٰهِلِينَ ١٩٩
Будь снисходителен (или отдавай излишек; или принимай пожертвования, которые приносят тебе), вели творить добро и отвернись от невежд.
ئەي پەيغەمبەر! ئەپۇچان بولغىن، ئەخلاق ۋە ئەمەللەردىن ئاسان ئىشلارغا يۈزلەنگىن، كىشىلەرنى مىجەزى كېلىشمەيدىغان ئىشلارغا مەجبۇرلىمىغىن، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. بارلىق گۈزەل سۆز ۋە گۈزەل ئىش-ھەركەتكە بۇيرىغىن، جاھىللاردىن يۈز ئۆرىگىن، جاھىللارغا ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلمىغىن، ساڭا كىم ئەزىيەت بەرسە ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمىگىن، سىنى كىم مەھرۇم قالدۇرسا ئۇنى مەھرۇم قالدۇرمىغىن.
7:200Страница 176
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ نَزۡغٞ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِۚ إِنَّهُۥ سَمِيعٌ عَلِيمٌ ٢٠٠
А если дьявол станет наущать тебя, то прибеги к защите Аллаха, ведь Он - Слышащий, Знающий.
ئەي پەيغەمبەر ئەگەر سەن شەيتاننىڭ ساڭا ۋەسۋەسە سالماقچى بولغانلىقىنى ياكى ياخشىلىق قىلىشتىن توسماقچى بولغانلىقىنى ھېس قىلساڭ ئاللاھقا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن، ( ئۇنىڭدىن) ئاللاھ بىلەن ساقلانغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن سۆزۈڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىلتىجايىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇ سەۋەبتىن سېنى شەيتاندىن قوغدايدۇ.
7:201Страница 176
إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ إِذَا مَسَّهُمۡ طَٰٓئِفٞ مِّنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ تَذَكَّرُواْ فَإِذَا هُم مُّبۡصِرُونَ ٢٠١
Воистину, если богобоязненных людей коснется наваждение от дьявола, то они поминают назидание и прозревают.
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان كىشىلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى يېتىپ گۇناھكار بولۇپ قالسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، ئاسىيلارنى جازالايدىغانلىقى ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ-دە گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىدۇ، پەرۋەردىگارى تەرىپىگە قايتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئويغىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يانىدۇ.
7:202Страница 176
وَإِخۡوَٰنُهُمۡ يَمُدُّونَهُمۡ فِي ٱلۡغَيِّ ثُمَّ لَا يُقۡصِرُونَ ٢٠٢
А в своих братьях они (дьяволы) усиливают заблуждение, после чего они не останавливаются.
شەيتانلار ئاسىي ۋە كاپىر بۇرادەرلىرىنى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپ بولىشىغا ئازدۇرىدۇ، نە شەيتانلار ئازدۇرۇشتىن توختاپ قالمايدۇ، نە ئىنسانلار ئىچىدىكى ئاسىيلار يامانلىق قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ.
7:203Страница 176
وَإِذَا لَمۡ تَأۡتِهِم بِـَٔايَةٖ قَالُواْ لَوۡلَا ٱجۡتَبَيۡتَهَاۚ قُلۡ إِنَّمَآ أَتَّبِعُ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ مِن رَّبِّيۚ هَٰذَا بَصَآئِرُ مِن رَّبِّكُمۡ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ ٢٠٣
Если ты не явишь им знамения, они скажут: «Почему ты не выбрал (не показал) его?». Скажи: «Я следую только за тем, что внушается мне в откровении от моего Господа. Это - очевидное знамение от Господа вашего, верное руководство и милость для верующих».
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كەلسەڭ ئۇلار سېنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەگەر سەن ئۇلارغا مۆجىزە ئېلىپ كەلمىسەڭ، نېمىشقا ئۆزەڭ بىر مۆجىزە ئىجات قىلمىدىڭ، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مەن ئۆزۈم بىر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرئان ياراتقۇچىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلارنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھۆججەت ۋە پاكىتتۇر. ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە رەھمەت ۋە يىتەكچىدۇر، ئەمما مۇئمىن ئەمەسلەر بەخىتسىز ۋە ئازغۇنلاردۇر.
7:204Страница 176
وَإِذَا قُرِئَ ٱلۡقُرۡءَانُ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥ وَأَنصِتُواْ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ ٢٠٤
Когда читается Коран, то слушайте его и храните молчание, - быть может, вас помилуют.
ئاللاھنىڭ سىلەرگە رەھمەت قىلىشى ئۈچۈن ئەگەر قۇرئان ئوقۇلسا قۇرئاننىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سېلىڭلار، گەپ قىلماڭلار، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماڭلار.
7:205Страница 176
وَٱذۡكُر رَّبَّكَ فِي نَفۡسِكَ تَضَرُّعٗا وَخِيفَةٗ وَدُونَ ٱلۡجَهۡرِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ وَلَا تَكُن مِّنَ ٱلۡغَٰفِلِينَ ٢٠٥
Поминай Аллаха с покорностью и страхом про себя и не громко по утрам и перед закатом и не будь одним из беспечных невежд.
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئاللاھنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورۇققان ھالدا ياد ئەتكىن. پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردىن بولغان ئەتتىگەن ۋە ئاخشامدا نورمال ئاۋازدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن. ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالغۇچىلاردىن بولمىغىن.
7:206Страница 176
إِنَّ ٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَيُسَبِّحُونَهُۥ وَلَهُۥ يَسۡجُدُونَۤ۩ ٢٠٦
Те, которые находятся возле твоего Господа, не превозносятся над поклонением Ему, славословят Ему и падают перед Ним ниц.
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى پەرىشتىلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئاللاھقا ئۈزۈلدۇرمەي ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار كېچە-كۈندۇز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە بىر ئاللاھقىلا سەجدە قىلىدۇ.
Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии