Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском
الإنفطار
Аль-Инфитар
Раскалывание · Мекканская · 19 аятов
.پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا
يۇلتۇزلار چېچىلغان ھالەتتە تۆكۈلگەن چاغدا.
دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ، ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا.
ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان چاغدا.
82:5Страница 587
عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّا قَدَّمَتۡ وَأَخَّرَتۡ ٥
тогда каждая душа узнает, что она совершила и что оставила после себя.
ئاشۇ چاغدا ھەر كىم ئىلگىرى قىلغان ھەمدە قىلماي قالغان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ.
82:6Страница 587
يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلۡكَرِيمِ ٦
О человек! Что ввело тебя в заблуждение относительно твоего Великодушного Господа,
ئەي پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ئىنسان! سېنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا نېمە مەجبۇرلىدى؟ ئۆز ۋاقىتدا ئۇ ساڭا مۆھلەت بېرىپ، مەرھەمەت يۈزىسىدىن سېنى جازالاشقا ئالدىرىمىغان ئىدىغۇ!
82:7Страница 587
ٱلَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ ٧
Который сотворил тебя и сделал твой облик совершенным и соразмеренным?
ئۇ سېنى يوقتىن بار قىلىپ، ئەزالىرىڭنى ساپ - ساق ھالەتتە نورمال قىلدى.
82:8Страница 587
فِيٓ أَيِّ صُورَةٖ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ ٨
Он сложил тебя в том облике, в каком пожелал.
ئاللاھ سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ياراتتى، ئۇ ساڭا نېئمەت ئاتا قىلدى. چۈنكى ئۇ سېنى ئېشەك، مايمۇن، ئىت ياكى باشقا بىر ھايۋاننىڭ شەكلىدە يارىتىپ قويمىدى.
ئەي ئالدانغۇچىلار! ئەمەلىي ئەھۋال سىلەر خىيال قىلغاندەك ئەمەس. بەلكى سىلەر جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر.
شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ئەمەللىرىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بار.
ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىكتۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدىغان كاتىبلاردۇر.
ئۇلار سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ، يېزىپ تۇرىدۇ.
شەكسىزكى ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى قىيامەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ.
شەكسىزكى گۇناھكارلار يالقۇنجاپ يېنىپ تۇرىدىغان دوزاختا بولىدۇ.
ئۇلار جازا - مۇكاپات كۈنى دوزاخقا كىرىپ، دوزاخنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ.
ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
82:17Страница 587
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ ١٧
Откуда ты мог знать, что такое День воздаяния?
ئەي پەيغەمبەر! جازا - مۇكاپات كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
82:18Страница 587
ثُمَّ مَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ ١٨
Да, откуда ты мог знать, что такое День воздаяния?
جازا - مۇكاپات كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
82:19Страница 587
يَوۡمَ لَا تَمۡلِكُ نَفۡسٞ لِّنَفۡسٖ شَيۡـٔٗاۖ وَٱلۡأَمۡرُ يَوۡمَئِذٖ لِّلَّهِ ١٩
В тот день ни одна душа не сможет ничем помочь другой, и власть в тот день будет принадлежать Аллаху.
ئۇ كۈندە ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇ كۈندە پۈتۈن ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇ ئۆزى خالىغانچە ئىدارە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ.
Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии