Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском
الطارق
Ат-Тарик
Ночной путник · Мекканская · 17 аятов
ئاللاھ تائالا ئاسمان بىلەن ۋە كېچىدە چىقىدىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلدى.
ئەي پەيغەمبەر! بۇ كاتتا يۇلتۇزنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ئۇ ئۆتكۈر نۇرى بىلەن ئاسماننىمۇ تېشىۋېتىدىغان يۇلتۇزدۇر.
86:4Страница 591
إِن كُلُّ نَفۡسٖ لَّمَّا عَلَيۡهَا حَافِظٞ ٤
Нет души, при которой не было бы хранителя.
ھەر قانداق بىر جانغا ئاللاھ بىر پەرىشتىنى ۋەكىل قىلغان بولۇپ، ئۇ پەرىشتە قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى نازارەت قىلىدۇ.
ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە مەخلۇقنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۆزىنى نېمىدىن ياراتقانلىقى ھەققىدە ئويلانسۇن!
ئاللاھ ئىنساننى ئېتىلىپ چىقىپ، بالىياتقۇغا تۆكۈلىدىغان سۇدىن ياراتتى.
86:7Страница 591
يَخۡرُجُ مِنۢ بَيۡنِ ٱلصُّلۡبِ وَٱلتَّرَآئِبِ ٧
которая выходит между чреслами и грудными костями.
بۇ سۇ ئەر كىشىنىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكى بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.
ئۆز ۋاقتىدا ئىنساننى ئاشۇ ئەرزىمەس سۇدىن ياراتقان ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.
ئۇ كۈندە بارچە سىرلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئاندىن دىللارغا يوشۇرۇنغان نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىشلار ئاشكارا بولۇپ، ياخشى ياماندىن ئايرىلىدۇ.
86:10Страница 591
فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٖ وَلَا نَاصِرٖ ١٠
и тогда не будет у него ни силы, ни помощника.
ئۇ كۈندە ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالايدىغان ھېچبىر كۈچ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلەيدىغان ھېچبىر ياردەمچى بولمايدۇ.
86:11Страница 591
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجۡعِ ١١
Клянусь небом возвращающим (возвращающим воду земле или возвращающим небесные тела, которые восходят с одной стороны и заходят в другой)!
ئاللاھ تائالا يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەم قىلدى. چۈنكى ئاللاھ شۇ بۇلۇت ئارقىلىق پات - پات يامغۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدۇ.
86:12Страница 591
وَٱلۡأَرۡضِ ذَاتِ ٱلصَّدۡعِ ١٢
Клянусь землей раскалываемой (при прорастании растений, или при выходе из земли воды, или при воскрешении мертвых)!
ئاللاھ ئۆسۈملۈكلەر، مېۋىلەر ۋە دەل - دەرەخلەر يېرىپ چىقىدىغان زېمىن بىلەن قەسەم قىلدى.
شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغان سۆزدۇر.
ئۇ ئويۇن، چاقچاق ئەمەس، بەلكى چىن ھەقىقەتتۇر.
شەكسىزكى پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار پەيغەمبىرىنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلىش ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ سۇيىقەستلەرنى قىلىدۇ.
مەن دىننى غالىب قىلىش ھەمدە باتىلنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن.
86:17Страница 591
فَمَهِّلِ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَمۡهِلۡهُمۡ رُوَيۡدَۢا ١٧
Предоставь же неверующим отсрочку, помедли с ними недолго!
ئەي پەيغەمبەر! بۇ كاپىرلارغا مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارنىڭ ئازابى ۋە ھالاك قىلىنىشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن.
Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии