Аль-Мухтасар · Тафсир · на уйгурском
البلد
Аль-Баляд
Город · Мекканская · 20 аятов
ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك شەھەر بولغان مەككە مۇكەررەمە بىلەن قەسەم قىلدى.
90:2Страница 594
وَأَنتَ حِلُّۢ بِهَٰذَا ٱلۡبَلَدِ ٢
Ты обитаешь в этом городе (или Тебе будет дозволено сражаться в этом городе).
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلۈمگە لايىق بولغانلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىشقا لايىق بولغانلارنى ئەسىر ئېلىشتىن ئىبارەت سەن بۇ شەھەردە قىلغان ئىشلار ساڭا ھالالدۇر.
90:3Страница 594
وَوَالِدٖ وَمَا وَلَدَ ٣
Клянусь родителем и тем, кого он породил (Адамом и его потомством, или Ибрахимом и его потомками, в том числе Исмаилом и Мухаммадом)!
ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بىلەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەۋلادلار بىلەن قەسەم قىلدى.
بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىگە ياراتتۇق. چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيادا جاپا چېكىدۇ.
90:5Страница 594
أَيَحۡسَبُ أَن لَّن يَقۡدِرَ عَلَيۡهِ أَحَدٞ ٥
Неужели он полагает, что никто не справится с ним?
ئىنسان گۇناھ - مەئسىيەت قىلسا ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىمۇ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
ئۇ: مەن ئۈستى - ئۈستىلەپ ئىنتايىن كۆپ مال سەرپ قىلدىم، دەيدۇ.
بۇ ماختانچاق ئۆزى سەرپ قىلغان ماللارنى ئاللاھ كۆرمەي قالىدۇ، ئۆزىدىن مال - مۈلكلىرىنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نەگە سەرپ قىلغانلىقى ھەققىدە ھېساب ئالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
بىز ئۇنىڭغا كۆرىدىغان ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟
گەپ قىلىدىغان بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك بەرمىدۇقمۇ؟
بىز ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى تونۇتمۇدۇقمۇ؟
ئۇ ئۆزى بىلەن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان داۋاندىن ئېشىپ، ئۇنى بېسىپ ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنغۇچىدۇر.
ئەي پەيغەمبەر! جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان داۋاننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟
داۋان ئېشىش ئەر ياكى ئايال قۇللارنى ئازاد قىلىشتۇر.
ياكى يېمەكلىك كەمدىن - كەم تېپىلىدىغان ئاچارچىلىق كۈنلىرىدە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان يېتىمگە تاماق بېرىشتۇر.
يەنى دادىسى يوق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان سەبىي بالىلارغا تاماق بېرىشتۇر.
ياكى ھېچ نەرسىسى يوق كەمبەغەلگە تاماق بېرىشتۇر.
90:17Страница 594
ثُمَّ كَانَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلصَّبۡرِ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلۡمَرۡحَمَةِ ١٧
А после этого надо быть одним из тех, которые уверовали и заповедали друг другу терпение и заповедали друг другу милосердие.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئۆزئارا تائەت - ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرۇشقا، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە بالا - قازالارغا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن بولۇشتۇر.
يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلاردۇر.
90:19Страница 594
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِنَا هُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ ١٩
Те же, которые не уверовали в Наши знамения, являются людьми левой стороны,
پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلار نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلىدىغانلاردۇر.
ئۇلار قىيامەت كۈنى ئىشىكلىرى تاقاق ھالەتتىكى دوزاخقا سولىنىپ، شۇ جايدا ئازابلىنىدۇ.
Текст: Quranic Universal Library (Tarteel) через spa5k/tafsir_api (MIT), в зафиксированной версии. Аяты: Quran Foundation. Источники и лицензии