Al-MukhtasarYunus · 10:1–46

Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur

يونس

Yunus

Jonah · Meccan · 109 ayahs

10:1Page 208

الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡحَكِيمِ ١

Alif, Lām, Rā.1 These are the verses of the wise2 Book.

ئەلىف، لام، را. ئىلگىرى سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش (مۇتەشابىھ ئايەتلەر) ھەققىدە سۆزلىنىپ بولدى. بۇ سۈرىدە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلەر ھېكمەت ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەنالىرى ئېنىق قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.

10:2Page 208

أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنۡ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ رَجُلٖ مِّنۡهُمۡ أَنۡ أَنذِرِ ٱلنَّاسَ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنَّ لَهُمۡ قَدَمَ صِدۡقٍ عِندَ رَبِّهِمۡۗ قَالَ ٱلۡكَٰفِرُونَ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٞ مُّبِينٌ ٢

Have the people been amazed that We revealed [revelation] to a man from among them, [saying], "Warn mankind and give good tidings to those who believe that they will have a [firm] precedence of honor1 with their Lord"? [But] the disbelievers say, "Indeed, this is an obvious magician."

بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەمنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇپ ۋەھيى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ئەجەپلىنىشىگە سەۋەب بولدىمۇ؟! ئى پەيغەمبەر! مۆئمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلار ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئەمىلىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە يۈكسەك مەرتىۋە بار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان نەرسە بىلەن خەۋەر بەرگىن. كاپىرلار: بۇ ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بۇ ئادەم ئاشكارا سېھرىگەردۇر، دېدى.

10:3Page 208

إِنَّ رَبَّكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۖ مَا مِن شَفِيعٍ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ إِذۡنِهِۦۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ ٣

Indeed, your Lord is Allāh, who created the heavens and the earth in six days and then established Himself above the Throne,1 arranging the matter [of His creation]. There is no intercessor except after His permission. That is Allāh, your Lord, so worship Him. Then will you not remember?

ئى ھەيران قالغان كىشىلەر! شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كاتتا ئاسمانلارنى، كەڭرى زېمىنلارنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق ئورۇن ئالغان ئاللاھتۇر. ئىش ئۇنداقكەن، ئاللاھنىڭ ئىچىڭلاردىن بىر ئادەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە قانداقمۇ ھەيران قالىسىلەر؟!. ئۇ، ئۆز شانۇ-شەۋكىتىدە يالغۇز ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە تەقدىر قىلىدىغان زاتتۇر. بىرەر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقى ۋە ئىزنى بولماستىن شاپائەت قىلىش ھوقۇقى يوق. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان زات ئاللاھتۇر. ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ پاكىت ۋە ھۆججەتلەردىن ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە ۋەز نەسىھەت ئالمامسىلەر؟، كىمكى ئازراقلا ۋەز نەسىھەت ئالىدىكەن بۇنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.

10:4Page 208

إِلَيۡهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقًّاۚ إِنَّهُۥ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ بِٱلۡقِسۡطِۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَهُمۡ شَرَابٞ مِّنۡ حَمِيمٖ وَعَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡفُرُونَ ٤

To Him is your return all together. [It is] the promise of Allāh [which is] truth. Indeed, He begins the [process of] creation and then repeats it that He may reward those who have believed and done righteous deeds, in justice. But those who disbelieved will have a drink of scalding water and a painful punishment for what they used to deny.

قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازا-مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ئىنسانىيەتكە بۇنى ۋەدە قىلدى، ئۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاندىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە ياخشىلىقلىرىنى كەمەيتمەي، يامانلىقلىرىنى كۆپەيتمەي ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتىنى بېرىش ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارنىڭ ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن، ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئۈچەيلىرىنى ئۈزىۋېتىدىغان سۇ بېرىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان سەۋەبلىك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

10:5Page 208

هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ ٱلشَّمۡسَ ضِيَآءٗ وَٱلۡقَمَرَ نُورٗا وَقَدَّرَهُۥ مَنَازِلَ لِتَعۡلَمُواْ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلۡحِسَابَۚ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۚ يُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ ٥

It is He who made the sun a shining light and the moon a derived light and determined for it phases - that you may know the number of years and account [of time]. Allāh has not created this except in truth. He details the signs for a people who know.

ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى، ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى. ئى كىشىلەر! سىلەرنىڭ قۇياش بىلەن كۈنلەرنىڭ سانىنى، ئاي بىلەن ئايلار ۋە يىللارنىڭ سانىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايغا 28 مەنزىلنى بەلگىلىدى. مەنزىل بولسا ئاي بىر كېچە-كۈندۈزدە بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىنى كۆرسىتىدۇ. ئاسمان ۋە زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقاتلارنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە كاتتىلىقىنى ئىنسانىيەتكە نامايەن قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. بۇ ئاشكارا دەلىل ۋە پاكىتلار بىلگەن قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىقى ۋە كامالىي قۇدرىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

10:6Page 208

إِنَّ فِي ٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَّقُونَ ٦

Indeed, in the alternation of the night and the day and [in] what Allāh has created in the heavens and the earth are signs for a people who fear Allāh.

ھەقىقەتەن بەندىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ ئالمىشىپ تۇرىشىدا، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ ئىككىسىنىڭ يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلىقىدا، ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ قىسقارسا يەنە بىرىنىڭ ئۇزىرىشىدا، ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلاردا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورۇققان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر بار.

10:7Page 209

إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا وَرَضُواْ بِٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَٱطۡمَأَنُّواْ بِهَا وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِنَا غَٰفِلُونَ ٧

Indeed, those who do not expect the meeting with Us and are satisfied with the life of this world and feel secure therein and those who are heedless of Our signs -

شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا مۇلاقەت بولۇشنى كۈتمەيدىغان ۋە ئاللاھتىن قورقمايدىغان، مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ئورنىغا پانى دۇنيا ھاياتىغىلا رازى بولغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقان كاپىرلار بولسا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.

10:8Page 209

أُوْلَٰٓئِكَ مَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ ٨

For those their refuge will be the Fire because of what they used to earn.

بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغانلارنىڭ بارىدىغان جايى بولسا، قىلغان كۇپرىلىقى ۋە قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىشى سەۋەبلىك دەۋزەخ بولىدۇ.

10:9Page 209

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ يَهۡدِيهِمۡ رَبُّهُم بِإِيمَٰنِهِمۡۖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُ فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ ٩

Indeed, those who have believed and done righteous deeds - their Lord will guide them because of their faith. Beneath them rivers will flow in the Gardens of Pleasure.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغانلارنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان سالىھ ئەمەلگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئىقىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ.

10:10Page 209

دَعۡوَىٰهُمۡ فِيهَا سُبۡحَٰنَكَ ٱللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمۡ فِيهَا سَلَٰمٞۚ وَءَاخِرُ دَعۡوَىٰهُمۡ أَنِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ١٠

Their call therein will be, "Exalted are You, O Allāh," and their greeting therein will be, "Peace." And the last of their call will be, "Praise to Allāh, Lord of the worlds!"

ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە قىلىدىغان سالامى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: جىمى ھەمدۇسانا مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!، دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.

10:11Page 209

۞ وَلَوۡ يُعَجِّلُ ٱللَّهُ لِلنَّاسِ ٱلشَّرَّ ٱسۡتِعۡجَالَهُم بِٱلۡخَيۡرِ لَقُضِيَ إِلَيۡهِمۡ أَجَلُهُمۡۖ فَنَذَرُ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ ١١

And if Allāh was to hasten for the people the evil [they invoke]1 as He hastens for them the good, their term would have been ended for them.2 But We leave the ones who do not expect the meeting with Us, in their transgression, wandering blindly.

ئەگەر كىشىلەر ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزلىرىگە، بالىلىرىغا ۋە پۇل-مېلىغا يامانلىق تىلەپ ئالدىراپلا بەددۇئا قىلغاندەك، ئاللاھ ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئاتا قىلىشقا ئالدىرىغاندەك، ئۇلارنىڭ بەددۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشقا ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلار ھالاك بولغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ ۋە ئازابتىن قورقۇپ ساۋاب ئۈمىد قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى قىيامەت كۈنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈش ئۈچۈن قويۇپ بېرىدۇ.

10:12Page 209

وَإِذَا مَسَّ ٱلۡإِنسَٰنَ ٱلضُّرُّ دَعَانَا لِجَنۢبِهِۦٓ أَوۡ قَاعِدًا أَوۡ قَآئِمٗا فَلَمَّا كَشَفۡنَا عَنۡهُ ضُرَّهُۥ مَرَّ كَأَن لَّمۡ يَدۡعُنَآ إِلَىٰ ضُرّٖ مَّسَّهُۥۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلۡمُسۡرِفِينَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ ١٢

And when affliction touches man, he calls upon Us, whether lying on his side or sitting or standing; but when We remove from him his affliction, he continues [in disobedience] as if he had never called upon Us to [remove] an affliction that touched him. Thus is made pleasing to the transgressors that which they have been doing.

ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ئىنسان بىرەر كېسەل ياكى ناچار ئەھۋالغا يولۇقسا، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇ يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىنسانغا ئازغۇنلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش چىرايلىق كۆرستىلگىنىدەك كۇپرىلىقى بىلەن ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلىرى ۋە كۇپرىلىقى چىرايلىق كۆرسىتىلىپ ئۇنى تەرك قىلمايدۇ.

10:13Page 209

وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَا ٱلۡقُرُونَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَمَّا ظَلَمُواْ وَجَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَمَا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُواْۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡمُجۡرِمِينَ ١٣

And We had already destroyed generations before you when they wronged, and their messengers had come to them with clear proofs, but they were not to believe. Thus do We recompense the criminal people.

ئى مۇشرىكلار! سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت گۇناھ - مەئسىيەتنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارغا بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەردە ئۆزلىرىنىڭ راستچىللىقىغا دالالەت قىلىدىغان، ئېنىق ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئىمان ئېيتىشقا تەييارلىقى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلدى ۋە ئۇلارغا مۇۋەپپىقيەت ئاتا قىلمىدى. بىز زالىم ئۈممەتنى جازالىغىنىمىزدەك ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرنى جازالايمىز.

10:14Page 209

ثُمَّ جَعَلۡنَٰكُمۡ خَلَٰٓئِفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لِنَنظُرَ كَيۡفَ تَعۡمَلُونَ ١٤

Then We made you successors in the land after them so that We may observe how you will do.

ئى كىشىلەر! بىز سىلەرنى ياخشىلىق قىلىپ ساۋابقا ئېرىشتىڭلارمۇ؟ ياكى يامانلىق قىلىپ جازاغا ئېرىشتىڭلارمۇ؟ بۇنى كۆرىشىمىز ئۈچۈن، ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان ئۈممەتلەرگە سىلەرنى ئورۇنباسار قىلدۇق.

10:15Page 210

وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَاتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا ٱئۡتِ بِقُرۡءَانٍ غَيۡرِ هَٰذَآ أَوۡ بَدِّلۡهُۚ قُلۡ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أُبَدِّلَهُۥ مِن تِلۡقَآيِٕ نَفۡسِيٓۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّۖ إِنِّيٓ أَخَافُ إِنۡ عَصَيۡتُ رَبِّي عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ ١٥

And when Our verses are recited to them as clear evidences, those who do not expect the meeting with Us say, "Bring us a Qur’ān other than this or change it." Say, [O Muḥammad], "It is not for me to change it on my own accord. I only follow what is revealed to me. Indeed I fear, if I should disobey my Lord, the punishment of a tremendous Day."

ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ئايەتلىرى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنسا، ساۋاب ئۈمىد قىلمايدىغان، ئازابتىن قورقمايدىغان قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار: ئى مۇھەممەد! بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشنى ئەيىپلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرئاندىن باشقا بىر قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى ھاۋايى ھەۋىسىمىز بويىچە بۇ قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىن، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مەن ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيمەن، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى تېخىمۇ كەلتۈرەلمەيمەن، بەلكى ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆزگەرتىدۇ، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگىلا ئەگىشىمەن، ئەگەر مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا قوشۇلۇپ ئاللاھقا ئاسى بولسام، قيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن قورقىمەن.

10:16Page 210

قُل لَّوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا تَلَوۡتُهُۥ عَلَيۡكُمۡ وَلَآ أَدۡرَىٰكُم بِهِۦۖ فَقَدۡ لَبِثۡتُ فِيكُمۡ عُمُرٗا مِّن قَبۡلِهِۦٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ ١٦

Say, "If Allāh had willed, I would not have recited it to you, nor would He have made it known to you, for I had remained among you a lifetime before it.1 Then will you not reason?"

ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھ مېنىڭ سىلەرگە قۇرئان ئوقۇماسلىقىمنى ئىرادە قىلسا، سىلەرگە قۇرئاننى تىلاۋەت قىلمايتىم ۋە ئۇنى يەتكۈزمەس ئىدىم. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى قۇرئاننى سىلەرگە مېنىڭ تىلىم ئارقىلىق بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا خەت يازالمايدىغان ۋە ئوقۇيالمايدىغان، بۇ پەيغەمبەرلىكنى تەلەپمۇ قىلمايدىغان ھالىتىمدە 40 يىل تۇردۇم. مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بەلكى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن ئىكەنلىكىگە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟، دېگىن.

10:17Page 210

فَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ ١٧

So who is more unjust than he who invents a lie about Allāh or denies His signs? Indeed, the criminals will not succeed.

ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟، مەن يالغاننى توقۇپ قۇرئاننى قانداقسىگە ئۆزگەرتەي؟ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى ۋە ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغۇچىلار نىجات تاپالمايدۇ.

10:18Page 210

وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡ وَيَقُولُونَ هَٰٓؤُلَآءِ شُفَعَٰٓؤُنَا عِندَ ٱللَّهِۚ قُلۡ أَتُنَبِّـُٔونَ ٱللَّهَ بِمَا لَا يَعۡلَمُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ ١٨

And they worship other than Allāh that which neither harms them nor benefits them, and they say, "These are our intercessors with Allāh." Say, "Do you inform Allāh of something He does not know in the heavens or on the earth?" Exalted is He and high above what they associate with Him.

مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاتالمىش ئىلاھلىرىغا چوقۇنىدۇ، ھەقىقى مەئبۇد خالىغان چاغدا پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇلار مەبۇدلىرى ھەققىدە: بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلىدىغان ۋاستىچىلەر، ئاللاھ گۇناھلىرىمىز سەۋەبلىك بىزنى ئازابلىمايدۇ، دېيىشىدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئىيتقىنكى: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھنىڭ شېرىكى بارلىقىنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا بۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ مۇشرىكلار دەۋاتقان يالغان ۋە باتىلدىن پاكدۇر.

10:19Page 210

وَمَا كَانَ ٱلنَّاسُ إِلَّآ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ فَٱخۡتَلَفُواْۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡ فِيمَا فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ ١٩

And mankind was not but one community [united in religion], but [then] they differed. And if not for a word1 that preceded from your Lord, it would have been judged between them [immediately] concerning that over which they differ.

ئىنسانلار ئەسلىدە بىر ئۈممەت ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقانلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۆئمىن پېتى قالسا يەنە بەزىلىرى كاپىر بولۇپ كەتتى. ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ھەققىدە دۇنيادا ئۇلارنى جازالىماسلىقتىن ئىبارەت ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولدا ماڭغان ئادەم ھەق يولدىكى ئادەمدىن ئايرىلاتتى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.

10:20Page 210

وَيَقُولُونَ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۖ فَقُلۡ إِنَّمَا ٱلۡغَيۡبُ لِلَّهِ فَٱنتَظِرُوٓاْ إِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُنتَظِرِينَ ٢٠

And they say, "Why is a sign not sent down to him from his Lord?" So say, "The unseen is only for Allāh [to administer], so wait; indeed, I am with you among those who wait."

مۇشرىكلار: نېمىشقا مۇھەممەدنىڭ راستچىللىقىغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مۆجىزىنىڭ چۈشىشى غەيبى ئىش بولۇپ، بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ. سىلەر تەلەپ قىلغان ھېسسى مۆجىزىلەرنىڭ چۈشىشىنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئۇنى كۈتىمەن.

10:21Page 211

وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ مِّنۢ بَعۡدِ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُمۡ إِذَا لَهُم مَّكۡرٞ فِيٓ ءَايَاتِنَاۚ قُلِ ٱللَّهُ أَسۡرَعُ مَكۡرًاۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكۡتُبُونَ مَا تَمۡكُرُونَ ٢١

And when We give the people a taste of mercy after adversity has touched them, at once they conspire against Our verses. Say, "Allāh is swifter in strategy." Indeed, Our messengers [i.e., angels] record that which you conspire.

مۇشرىلارغا كەلگەن قۇرغاقچىلىق ۋە قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا يامغۇر ۋە مولچىلىقتىن ئىبارەت نېئمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش ۋە مىكىر ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تېخىمۇ تىز چارە تەدبىر قوللىنىدۇ ۋە سىلەرنى تېخىمۇ تىز جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر پىلانلىغان مىكىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن ھېچنەرسە ساقىت بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن قانداقمۇ مەخپى قالسۇن؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھېلە- مىكرىڭلارغا قارىتا جازا بېرىدۇ.

10:22Page 211

هُوَ ٱلَّذِي يُسَيِّرُكُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا كُنتُمۡ فِي ٱلۡفُلۡكِ وَجَرَيۡنَ بِهِم بِرِيحٖ طَيِّبَةٖ وَفَرِحُواْ بِهَا جَآءَتۡهَا رِيحٌ عَاصِفٞ وَجَآءَهُمُ ٱلۡمَوۡجُ مِن كُلِّ مَكَانٖ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ أُحِيطَ بِهِمۡ دَعَوُاْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ لَئِنۡ أَنجَيۡتَنَا مِنۡ هَٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ ٢٢

It is He who enables you to travel on land and sea until, when you are in ships and they sail with them1 by a good wind and they rejoice therein, there comes a storm wind and the waves come upon them from every place and they expect to be engulfed, they supplicate Allāh, sincere to Him in religion, "If You should save us from this, we will surely be among the thankful."

ئى كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا پۇتۇڭلار ۋە ئۇلاغلىرىڭلار بىلەن، دېڭىزدا كېمىلەر بىلەن سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان چاغدا يولۇچىلار بۇ شامالدىن خۇشال بولىدۇ. ئۇلار خۇشال تۇرغان پەيتلىرىدە بىردىنلا بوران چىقىدۇ، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن دېڭىز دولقىنى كېلىدۇ، كېمىدىكىلەر ھالاك بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلىشىدۇ. (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) يەككە-يىگانە ئاللاھقا: ئەگەر سەن بىزنى بۇ ئېغىر سىناقتىن قۇتۇلدۇرساڭ، سەن بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە ئاساسەن، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.

10:23Page 211

فَلَمَّآ أَنجَىٰهُمۡ إِذَا هُمۡ يَبۡغُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۗ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَا بَغۡيُكُمۡ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمۖ مَّتَٰعَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا مَرۡجِعُكُمۡ فَنُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٢٣

But when He saves them, at once they commit injustice1 upon the earth without right. O mankind, your injustice is only against yourselves, [being merely] the enjoyment of worldly life. Then to Us is your return, and We will inform you of what you used to do.

ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇلار يەر يۈزىدە كۇپرىلىق قىلىش، گۇناھ-مەسىيەت قىلىش ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئويغىنىڭلار، بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ. بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇزغىنچىلىقىڭلار ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر. بىز سىلەرگە قىلغان گۇناھ مەئسىيەتلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىمىز.

10:24Page 211

إِنَّمَا مَثَلُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ مِمَّا يَأۡكُلُ ٱلنَّاسُ وَٱلۡأَنۡعَٰمُ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذَتِ ٱلۡأَرۡضُ زُخۡرُفَهَا وَٱزَّيَّنَتۡ وَظَنَّ أَهۡلُهَآ أَنَّهُمۡ قَٰدِرُونَ عَلَيۡهَآ أَتَىٰهَآ أَمۡرُنَا لَيۡلًا أَوۡ نَهَارٗا فَجَعَلۡنَٰهَا حَصِيدٗا كَأَن لَّمۡ تَغۡنَ بِٱلۡأَمۡسِۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ ٢٤

The example of [this] worldly life is but like rain which We have sent down from the sky that the plants of the earth absorb - [those] from which men and livestock eat - until, when the earth has taken on its adornment and is beautified and its people suppose that they have capability over it, there comes to it Our command by night or by day, and We make it as a harvest,1 as if it had not flourished yesterday. Thus do We explain in detail the signs for a people who give thought.

سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ھاياتى دۇنيانىڭ مىسالى تىز ئۆتۈشتە يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرىدىن كىشىلەر يەيدىغان ئاشلىق ۋە مېۋىلەر، ھايۋانلار يەيدىغان ئوت چۆپ قاتارلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭغا قازايىمىز يېتىپ، زىرائەتلەرنى يېقىندا دەل-دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئاۋات بولۇپ باقمىغاندەك ئورىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلدۇق). بىز سىلەرگە دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ۋە تىز ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگىنىمىزدەك تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن دەلىل ۋە ئىسپاتلارنى بايان قىلىپ بېرىمىز.

10:25Page 211

وَٱللَّهُ يَدۡعُوٓاْ إِلَىٰ دَارِ ٱلسَّلَٰمِ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ ٢٥

And Allāh invites to the Home of Peace [i.e., Paradise] and guides whom He wills to a straight path.

ئاللاھ پۈتۈن كىشىلەرنى جەننەتكە چاقىرىدۇ. ئۇلار جەننەتتە مۇسىبەت ۋە غەم-قايغۇلاردىن خاتىرجەم بولىدۇ. ئۆلۈمدىن سالامەت قالىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى جەننىتىگە يەتكۈزىدىغان ئىسلام دىنىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.

10:26Page 212

۞ لِّلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ ٱلۡحُسۡنَىٰ وَزِيَادَةٞۖ وَلَا يَرۡهَقُ وُجُوهَهُمۡ قَتَرٞ وَلَا ذِلَّةٌۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ ٢٦

For them who have done good is the best [reward] - and extra.1 No darkness will cover their faces, nor humiliation. Those are companions of Paradise; they will abide therein eternally.

ئاللاھ ۋاجىپ قىلغان ئىبادەتلەرنى ياخشى ئۇرۇندىغان، ئاللاھ ھارام قىلغان گۇناھلاردىن يانغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇكاپات جەننەت ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولۇشتۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى چاڭ-تۇزاڭ ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەر جەننەت ئەھلى بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.

10:27Page 212

وَٱلَّذِينَ كَسَبُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ جَزَآءُ سَيِّئَةِۭ بِمِثۡلِهَا وَتَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۖ مَّا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنۡ عَاصِمٖۖ كَأَنَّمَآ أُغۡشِيَتۡ وُجُوهُهُمۡ قِطَعٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِ مُظۡلِمًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ ٢٧

But they who have earned [blame for] evil doings - the recompense of an evil deed is its equivalent, and humiliation will cover them. They will have from Allāh no protector. It will be as if their faces are covered with pieces of the night - so dark [are they]. Those are the companions of the Fire; they will abide therein eternally.

كۇپرىلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئىبارەت يامان ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئاخىرەتتە قىلغان يامانلىقىغا ئوخشاش جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارلىق قاپلايدۇ. ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەندە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا تۈتۈننىڭ كۆپلىكىدىن قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغانلار دەۋزەخ ئەھلى بولۇپ، دەۋزەختە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.

10:28Page 212

وَيَوۡمَ نَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ مَكَانَكُمۡ أَنتُمۡ وَشُرَكَآؤُكُمۡۚ فَزَيَّلۡنَا بَيۡنَهُمۡۖ وَقَالَ شُرَكَآؤُهُم مَّا كُنتُمۡ إِيَّانَا تَعۡبُدُونَ ٢٨

And [mention, O Muḥammad], the Day We will gather them all together - then We will say to those who associated others with Allāh, "[Remain in] your place, you and your 'partners.'"1 Then We will separate them,2 and their "partners" will say, "You did not used to worship us,3

ئى پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنىنى ئېسىڭگە ئالغىن، ئۇ كۈندە پۈتۈن مەخۇقاتلارنى يىغىمىز. ئاندىن دۇنيادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە: ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن جايىڭلاردا جىم تۇرۇڭلار، دەيمىز. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز. مەبۇدلىرى مۇشرىكلارغا: سىلەر دۇنيادا بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار، دەپ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولىدۇ.

10:29Page 212

فَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدَۢا بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمۡ إِن كُنَّا عَنۡ عِبَادَتِكُمۡ لَغَٰفِلِينَ ٢٩

And sufficient is Allāh as a witness between us and you that we were of your worship unaware."

مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان ئىلاھلىرى ئۇلاردىن: سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز رازى ئەمەستۇق، سىلەرنى بىز ئۆزىمىزگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىمىغان، بىز سىلەرنىڭ چۇقۇنغىنىڭلارنى ھېس قىلماپتىمىز، دەپ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولىدۇ.

10:30Page 212

هُنَالِكَ تَبۡلُواْ كُلُّ نَفۡسٖ مَّآ أَسۡلَفَتۡۚ وَرُدُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ مَوۡلَىٰهُمُ ٱلۡحَقِّۖ وَضَلَّ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ ٣٠

There, [on that Day], every soul will be put to trial for what it did previously, and they will be returned to Allāh, their master, the Truth, and lost from them is whatever they used to invent.

بۇ كاتتا مەيداندا ھەر بىر ئادەم دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سېنىلىدۇ. مۇشرىكلار ھېساب ئېلىشقا ئىگە ھەقىقى پەرۋەردىگارى ئاللاھقا قايتۇرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىزگە شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغان .ئىلاھلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ

10:31Page 212

قُلۡ مَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أَمَّن يَمۡلِكُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَمَن يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَيُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۚ فَسَيَقُولُونَ ٱللَّهُۚ فَقُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ ٣١

Say, "Who provides for you from the heaven and the earth? Or who controls hearing and sight and who brings the living out of the dead and brings the dead out of the living and who arranges [every] matter?" They will say, "Allāh," so say, "Then will you not fear Him?"

ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندىن گىياھ ئۈندۈرۈپ ۋە زېمىندىن مەدەنلەرنى چىقىرىپ كىم رىزىق بېرىدۇ؟، خۇددى ئىنساننى مەنىدىن، قۇشلارنى تۇخۇمدىن ياراتقاندەك تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟، جانلىقلاردىن مەنىنى، قۇشلاردىن تۇخۇمنى پەيدا قىلغىنىدەك ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟، ئاسمان-زېمىن ۋە زېمىن ئىچىدىكى مەخلۇقاتلارنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟ ئۇلار بۇنىڭغا جاۋابەن: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر بۇلارنى بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئۇرۇنداپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھدىن قورقمامسىلەر!؟.

10:32Page 212

فَذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمُ ٱلۡحَقُّۖ فَمَاذَا بَعۡدَ ٱلۡحَقِّ إِلَّا ٱلضَّلَٰلُۖ فَأَنَّىٰ تُصۡرَفُونَ ٣٢

For that is Allāh, your Lord, the Truth. And what can be beyond truth except error? So how are you averted?

ئى ئىنسانلار! يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى سىلەرنىڭ ياراتقۇچىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا گۇمراھلىقتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئېنىق ھەقىقەتتىن سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار نەگە كەتتى!؟.

10:33Page 212

كَذَٰلِكَ حَقَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ فَسَقُوٓاْ أَنَّهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ٣٣

Thus the word [i.e., decree] of your Lord has come into effect upon those who defiantly disobeyed - that they will not believe.

ئى پەيغەمبەر! ھەقىقى پەرۋەردىگارلىق ئاللاھقا ئىسپاتلانغاندەك پەرۋەردىگارىڭنىڭ، سەركەشلىك قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتقان قەدەرىيلەر ھەققىدىكى ھۆكمى ھەق بولدى. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.

10:34Page 213

قُلۡ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥۚ قُلِ ٱللَّهُ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ ٣٤

Say, "Are there of your 'partners' any who begins creation and then repeats it?" Say, "Allāh begins creation and then repeats it, so how are you deluded?"

ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار ئىچىدە مەخلۇقاتنى ئۆرنەكسىز پەيدا قىلىپ ئاندىن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ مەخۇقاتنى ئۆرنەكسىز پەيدا قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرەلەيدۇ. ئى مۇشرىكلار! ھەقىقەتتىن باتىلغا قانداقسىگە بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟.

10:35Page 213

قُلۡ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّۚ قُلِ ٱللَّهُ يَهۡدِي لِلۡحَقِّۗ أَفَمَن يَهۡدِيٓ إِلَى ٱلۡحَقِّ أَحَقُّ أَن يُتَّبَعَ أَمَّن لَّا يَهِدِّيٓ إِلَّآ أَن يُهۡدَىٰۖ فَمَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ ٣٥

Say, "Are there of your 'partners' any who guides to the truth?" Say, "Allāh guides to the truth. So is He who guides to the truth more worthy to be followed or he who guides not unless he is guided? Then what is [wrong] with you - how do you judge?"

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار ئارىسىدا ھەقىقەتكە يىتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەقىقەتكە يىتەكلەيدۇ، كىشىلەرنى ھەقىقەتكە يىتەكلەپ، ئۇنىڭغا چاقىرغان زات ئەگىشىشكە لايىقمۇ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە مۇھتاج بولغان نەرسىلەر ئەگىشىشكە ھەقلىقمۇ؟، سىلەرگە نېمە بولدى؟، مەبۇدلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ قاراپ قانداقسىگە باتىل بىلەن ھۆكۈم قىلىسىلەر؟، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان بۆھتانلىرىنىڭلاردىن پاكتۇر ۋە بۈيۈكتۇر.

10:36Page 213

وَمَا يَتَّبِعُ أَكۡثَرُهُمۡ إِلَّا ظَنًّاۚ إِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغۡنِي مِنَ ٱلۡحَقِّ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا يَفۡعَلُونَ ٣٦

And most of them follow not except assumption. Indeed, assumption avails not against the truth at all. Indeed, Allāh is Knowing of what they do.

مۇشرىكلارنىڭ تولىسى ئۆزى چوقۇنغان مەبۇدلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئەگىشىشتا پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ. گۇمان ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللەرگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

10:37Page 213

وَمَا كَانَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ أَن يُفۡتَرَىٰ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَٰكِن تَصۡدِيقَ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَتَفۡصِيلَ ٱلۡكِتَٰبِ لَا رَيۡبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٣٧

And it was not [possible] for this Qur’ān to be produced by other than Allāh, but [it is] a confirmation of what was before it and a detailed explanation of the [former] Scripture, about which there is no doubt,1 from the Lord of the worlds.

مۇشرىكلار جىددى ئىھتىياجلىق ۋاقىتلاردىمۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن تۇرسا، بۇ قۇرئاننىڭ يالغاندىن تۇقۇلۇپ، ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئان كەرىم ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىھتىياجى بولىدىغان بارلىق ئەھكاملارنى بايان قىلىپ بەرگۈچى كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم شەكسىزكى، مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

10:38Page 213

أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰهُۖ قُلۡ فَأۡتُواْ بِسُورَةٖ مِّثۡلِهِۦ وَٱدۡعُواْ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ ٣٨

Or do they say [about the Prophet (ﷺ)], "He invented it?" Say, "Then bring forth a sūrah like it and call upon [for assistance] whomever you can besides Allāh, if you should be truthful."

مۇشرىكلار: مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى تۇقۇپ، ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن دېيىشەمدۇ؟، ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان تۇرۇپ، قۇرئاننى يېنىمدىن كەلتۈرگەن بولسام، ئەگەر قۇرئاننىڭ يالغاندىن تۇقۇلغان دېگەن سۆزلىرىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ياردەمگە چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى چاقىرىپ قۇرئاندىكىگە ئوخشاش بىر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايسىلەر. سىلەرنىڭ تىل ۋە پاساھەت ئىگىسى تۇرۇپ كەلتۈرەلمىگەنلىكىڭلار قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىگە روشەن دەلىلدۇر.

10:39Page 213

بَلۡ كَذَّبُواْ بِمَا لَمۡ يُحِيطُواْ بِعِلۡمِهِۦ وَلَمَّا يَأۡتِهِمۡ تَأۡوِيلُهُۥۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلظَّٰلِمِينَ ٣٩

Rather, they have denied that which they encompass not in knowledge and whose interpretation has not yet come to them. Thus did those before them deny. Then observe how was the end of the wrongdoers.

ئۇلار كەلتۈرەلمىدى، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەناسىنى تۇلۇق چۈشەنمەي ۋە ئەقلى يەتمەي، ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب ئەمەلىلەشمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئازابنىڭ كېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. ئى پەيغەمبەر! ئويلاپ باققىن، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان ئىدى؟، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدىغۇ!.

10:40Page 213

وَمِنۡهُم مَّن يُؤۡمِنُ بِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن لَّا يُؤۡمِنُ بِهِۦۚ وَرَبُّكَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُفۡسِدِينَ ٤٠

And of them are those who believe in it, and of them are those who do not believe in it. And your Lord is most knowing of the corrupters.

مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار. ئۆلگىچە چوڭچىلىق ۋە سەركەشلىك قىلىپ ئىمان ئېيتمايدىغانلارمۇ بار. ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغانلارنى ئوبدان بىلگۇچىدۇر، ئۇلارنى كۇپرىلىقىغا قارىتا جازالايدۇ.

10:41Page 213

وَإِن كَذَّبُوكَ فَقُل لِّي عَمَلِي وَلَكُمۡ عَمَلُكُمۡۖ أَنتُم بَرِيٓـُٔونَ مِمَّآ أَعۡمَلُ وَأَنَا۠ بَرِيٓءٞ مِّمَّا تَعۡمَلُونَ ٤١

And if they deny you, [O Muḥammad], then say, "For me are my deeds, and for you are your deeds. You are disassociated from what I do, and I am disassociated from what you do."

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر قەۋمىڭ سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا ئۇلارغا: مېنىڭ ئەمىلىمنىڭ ساۋابى ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، ئەمىلىمنىڭ جاپاسىنى ئۆزۈم كۆتۈرىمەن، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمىلىڭلارنىڭ ساۋابىمۇ ۋە جازاسىمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر مەن قىلغان گۇناھنىڭ جازاسىدىن ئادا-جۇدادۇرسىلەر. مەنمۇ سىلەر قىلغان گۇناھنىڭ جازاسىدىن ئادا-جۇدادۇرمەن، دېگىن.

10:42Page 213

وَمِنۡهُم مَّن يَسۡتَمِعُونَ إِلَيۡكَۚ أَفَأَنتَ تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ وَلَوۡ كَانُواْ لَا يَعۡقِلُونَ ٤٢

And among them are those who listen to you. But can you cause the deaf to hear [i.e., benefit from this hearing], although they will not use reason?

ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدىن سەن قۇرئان ئوقۇساڭ قۇبۇل قىلماستىن قۇلاق سالىدىغانلار بار. سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ شۇنىڭدەك قۇلاقلىرى ھەقنى ئاڭلاشتىن گاس كىشىلەرنى ھىدايەت قىلالمايسەن، ئۇلار ھەقنى چۈشەنمەيدۇ.

10:43Page 214

وَمِنۡهُم مَّن يَنظُرُ إِلَيۡكَۚ أَفَأَنتَ تَهۡدِي ٱلۡعُمۡيَ وَلَوۡ كَانُواْ لَا يُبۡصِرُونَ ٤٣

And among them are those who look at you. But can you guide the blind although they will not [attempt to] see?

ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە ساڭا ئەقلى بىلەن ئەمەس كۆزى بىلەن قارايدىغانلىرى بار. سەن كورلارنى كۆرەلەيدىغان قىلالامسەن؟ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنداق قىلالمايسەن. شۇنىڭدەك قەلبى كورنىمۇ توغرا يولغا باشلىيالمايسەن.

10:44Page 214

إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَظۡلِمُ ٱلنَّاسَ شَيۡـٔٗا وَلَٰكِنَّ ٱلنَّاسَ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ ٤٤

Indeed, Allāh does not wrong the people at all, but it is the people who are wronging themselves.

شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشتىن پاكتۇر، ئۇلارغا زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ، ئەمما ئۇلار باتىل ئىشلارنى قىلىش، تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە سەركەشلىك قىلىش سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىدۇ.

10:45Page 214

وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ كَأَن لَّمۡ يَلۡبَثُوٓاْ إِلَّا سَاعَةٗ مِّنَ ٱلنَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيۡنَهُمۡۚ قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱللَّهِ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ ٤٥

And on the Day when He will gather them, [it will be] as if they had not remained [in the world] but an hour of the day, [and] they will know each other. Those will have lost who denied the meeting with Allāh and were not guided.

قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن يىغىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنيادا ۋە بەرزەختە تۇرغان مۇددىتى كۈندۈزدە ئازغىنە ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆز-ئارا تونىشىدۇ. قىيامەتنىڭ قاتتىق قورقۇنچىسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇنۇشلىقى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. قىيامەت كۈنى رەببىگە مۇلاقەت بولۇشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ. چۈنكى ئۇلار زىياندىن قۇتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن دۇنيادا قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمىگەن ئىدى.

10:46Page 214

وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعۡضَ ٱلَّذِي نَعِدُهُمۡ أَوۡ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيۡنَا مَرۡجِعُهُمۡ ثُمَّ ٱللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفۡعَلُونَ ٤٦

And whether We show you some of what We promise them, [O Muḥammad], or We take you in death, to Us is their return; then, [either way], Allāh is a witness concerning what they are doing.

ئى پەيغەمبەر! ئۆلۈپ كېتىشىڭدىن ئىلگىرى ياكى بىز سېنى ۋاپات تاپقۇزۇشىمىزدىن ئىلگىرى ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز. ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئۇلار قىيامەت كۈنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن خەۋەرداردۇر. ئۇنىڭدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences

Contents

Ayat al-Kursi36Al-Kahfpage 42juz 15Bukhari 1Muslim 2999

Style

Theme
Text size
Layout

Читать на русском