Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
الشمس
Ash-Shams
The Sun · Meccan · 15 ayahs
ئاللاھ تائالا قۇياش بىلەن قەسەم قىلدى، شۇنداقلا قۇياش مەشرىق تەرەپتىن چىققاندىن كېيىنكى كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى.
قۇياش پاتقاندىن كېيىنلا چىققان چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەم قىلدى.
نۇرى ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاشكارا قىلغان ۋاقىتتىكى كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلدى.
يەر يۈزىنى يېپىپ، قاراڭغۇ قىلىۋەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى.
ئاسمان بىلەن ھەمدە ئاسماننى پۇختا بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلدى.
زېمىن بىلەن ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن يېيىلىشى بىلەن قەسەم قىلدى.
ھەر قانداق جان بىلەن ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقانلىقى بىلەن قەسەم قىلدى.
91:8Page 595
فَأَلۡهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقۡوَىٰهَا ٨
And inspired it [with discernment of] its wickedness and its righteousness,
ئاللاھ تائالا نەپسكە نېمىنىڭ ساقلىنىشقا تېگىشلىك يامان ئىش، نېمىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەلىم - تەربىيەسىز چۈشەندۈردى.
ئۆز نەپسىنى پەزىلەتلىك ئىشلار بىلەن زىننەتلەپ، رەزىللىكلەردىن تازىلاش ئارقىلىق پاكلىغان كىشى مەقسىتىگە چوقۇم يېىتدۇ.
نەپسىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمدۈرۈش بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.
91:11Page 595
كَذَّبَتۡ ثَمُودُ بِطَغۡوَىٰهَآ ١١
Thamūd denied [their prophet] by reason of their transgression,
سەمۇد گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىش ئارقىلىق پەيغەمبىرى سالىھنى ئىنكار قىلدى.
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى قەۋمىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئورنىدىن تۇردى.
91:13Page 595
فَقَالَ لَهُمۡ رَسُولُ ٱللَّهِ نَاقَةَ ٱللَّهِ وَسُقۡيَٰهَا ١٣
And the messenger of Allāh [i.e., Ṣāliḥ] said to them, "[Do not harm] the she-camel of Allāh or [prevent her from] her drink."
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ تۆگىسىنى ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە سۇ ئىچكىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دېدى.
91:14Page 595
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمۡدَمَ عَلَيۡهِمۡ رَبُّهُم بِذَنۢبِهِمۡ فَسَوَّىٰهَا ١٤
But they denied him and hamstrung1 her. So their Lord brought down upon them destruction for their sin and made it equal [upon all of them].
ئاندىن ئۇلار بۇ تۆگىنىڭ ئىشىدا پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن تۆگىنى ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى ئۆلتۈرۈۋەتتى، باشقىلار بولسا ئۇنىڭ قىلغىنىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھتا ئورتاق بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئازابىنى چۈشۈردى. يەنى ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا ئوخشاشلا ھالاكەت جازاسى بەردى.
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چۈشۈرگەن ھالاك قىلىش ئازابىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن قورقمايدۇ.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences