Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
الشرح
Ash-Sharh
The Relief · Meccan · 8 ayahs
ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆكسۈڭنى ئېچىپ، ساڭا ۋەھىينى قوبۇل قىلىشنى سۆيۈملۈك قىلدى.
سېنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈم قىلدۇق، جاھىلىيەت كۈنلىرىڭدىكى ئېغىرچىلىقلىرىڭنى چۈشۈرىۋەتتۇق.
ئۇ سېنىڭ بېلىڭنى سۇندۇرۇۋېتەي دەپ قالغان يۈك ئىدى.
شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەزاندا، تەكبىردە ۋە باشقا ئىبادەتلەردە نامىڭ ياد ئېتىلىدىغان بولدى.
94:5Page 596
فَإِنَّ مَعَ ٱلۡعُسۡرِ يُسۡرًا ٥
For indeed, with hardship [will be] ease [i.e., relief].
ھەر بىر مۈشكۈل ۋە تارچىلىق بىلەن چوقۇم بىر ئاسانلىق ۋە كەڭرىچىلىك بار.
ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىق ۋە تارچىلىق بىلەن چوقۇم يەنە بىر ئاسانچىلىق ۋە كەڭرىچىلىك بار. سەن بۇنى بىلگىنىڭدە قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرى سېنى قورقۇتالمايدۇ ھەمدە سېنى ئاللاھقا چاقىرىشتىن توسالمايدۇ.
94:7Page 596
فَإِذَا فَرَغۡتَ فَٱنصَبۡ ٧
So when you have finished [your duties], then stand up [for worship].
ئىشلىرىڭنى تۈگىتىپ، بىكار بولغان چېغڭدا پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن.
رىغبىتىڭ ۋە نىيىتىڭنى يالغۇز ئاللاھقىلا قاراتقىن.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences