Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
الفرقان
Al-Furqan
The Criterion · Meccan · 77 ayahs
25:1Page 359
تَبَارَكَ ٱلَّذِي نَزَّلَ ٱلۡفُرۡقَانَ عَلَىٰ عَبۡدِهِۦ لِيَكُونَ لِلۡعَٰلَمِينَ نَذِيرًا ١
Blessed is He who sent down the Criterion upon His Servant that he may be to the worlds a warner -
ئۆز بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ھەقىقەتەنمۇ كاتتا ھەم كۆپتۇركى، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر.
25:2Page 359
ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَمۡ يَتَّخِذۡ وَلَدٗا وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٞ فِي ٱلۡمُلۡكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيۡءٖ فَقَدَّرَهُۥ تَقۡدِيرٗا ٢
He to whom belongs the dominion of the heavens and the earth and who has not taken a son and has not had a partner in dominion and has created each thing and determined it with [precise] determination.
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئۇنىڭ بالىسى يوق، پادىشاھلىقىدا شېرىكىمۇ يوقتۇر. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىنىڭ يارىتىلىشىنى ئۆز ئىلمى ۋە ھېكمىتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە يارىتىشنى بېكىتكەن بولۇپ، ھەر نەرسە ئۇنىڭ بەلگىلىمىسىگە مۇناسىپتۇر.
25:3Page 360
وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗ لَّا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ وَلَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا وَلَا يَمۡلِكُونَ مَوۡتٗا وَلَا حَيَوٰةٗ وَلَا نُشُورٗا ٣
But they have taken besides Him gods which create nothing, while they are created, and possess not for themselves any harm or benefit and possess not [power to cause] death or life or resurrection.
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوڭ - كىچىك ھەر قانداق نەرسىنى پەيدا قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋېلىشتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تۇتۇۋالغان مەبۇدلىرى يارىتىلغان نەرسىلەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى يوقتىن بار قىلغان ئىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننىمۇ قايتۇرالمايدۇ، قىلچە پايدىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بىرەر جانلىقنىمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ، بىرەر ئۆلۈككە ھاياتلىقمۇ بېرەلمەيدۇ، ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن تىرىلدۈرۈپمۇ چىقىرالمايدۇ.
25:4Page 360
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ إِفۡكٌ ٱفۡتَرَىٰهُ وَأَعَانَهُۥ عَلَيۡهِ قَوۡمٌ ءَاخَرُونَۖ فَقَدۡ جَآءُو ظُلۡمٗا وَزُورٗا ٤
And those who disbelieve say, "This [Qur’ān] is not except a falsehood he invented, and another people assisted him in it." But they have committed an injustice and a lie.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار: بۇ قۇرئان مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىقىپ، يالغاندىن ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن ئويدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ قۇرئاننى توقۇپ چىقىشىغا باشقىلارمۇ ھەمكارلاشقان، دېيىشتى. بۇ كاپىرلار تامامەن ئاساسسىز سۆزنى قىلدى. چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى، ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
25:5Page 360
وَقَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٱكۡتَتَبَهَا فَهِيَ تُمۡلَىٰ عَلَيۡهِ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلٗا ٥
And they say, "Legends of the former peoples which he has written down, and they are dictated to him morning and afternoon."
قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچى بۇ يالغانچىلار: بۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھېكايىلىرى ۋە ئۇلار يېزىپ قالدۇرغان ئاساسسىز سەپسەتىلەردىن ئىبارەتتۇر. مۇھەممەد ئۇنى كۆچۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشاملىرى ئوقۇپ بېرىلىدۇ، دېدى.
25:6Page 360
قُلۡ أَنزَلَهُ ٱلَّذِي يَعۡلَمُ ٱلسِّرَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا ٦
Say, [O Muḥammad], "It has been revealed by He who knows [every] secret within the heavens and the earth. Indeed, He is ever Forgiving and Merciful."
ئەي پەيغەمبەر! بۇ يالغانچىلارغا ئېيتقىنكى، قۇرئاننى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ نازىل قىلدى، ئۇ سىلەرنىڭ بىلجىرلىغىنىڭلاردەك ئويدۇرما ئەمەس. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەۋبىگە رىغبەتلەندۈرۈپ: شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر، دېدى.
25:7Page 360
وَقَالُواْ مَالِ هَٰذَا ٱلرَّسُولِ يَأۡكُلُ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشِي فِي ٱلۡأَسۡوَاقِ لَوۡلَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مَلَكٞ فَيَكُونَ مَعَهُۥ نَذِيرًا ٧
And they say, "What is this messenger that eats food and walks in the markets? Why was there not sent down to him an angel so he would be with him a warner?
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلار ئېيتتى: ئۆزىنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم باشقىلارغا ئوخشاش تاماق يەيدۇ، جان بېقىش ئۈچۈن بازارلارنى ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى تەستىقلايدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان بىرەر پەرىشتە چۈشۈرمىدى؟
25:8Page 360
أَوۡ يُلۡقَىٰٓ إِلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ تَكُونُ لَهُۥ جَنَّةٞ يَأۡكُلُ مِنۡهَاۚ وَقَالَ ٱلظَّٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا ٨
Or [why is not] a treasure presented to him [from heaven], or does he [not] have a garden from which he eats?" And the wrongdoers say, "You follow not but a man affected by magic."
ياكى نېمىشقا ئۇنىڭغا ئاسماندىن بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى يېگىلى بولىدىغان بىرەر بېغى يوق؟ ئۇ چاغدا ئۇ بازارلارنى ئايلىنىپ، جان باقىمەن دەپ ئاۋارە بولمايتتى. زالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر بىر پەيغەمبەرگە ئەمەس، بەلكى سېھىرلەنگەنلكتىن ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان بىر ساراڭغا ئەگىشىۋاتىسىلەر.
25:9Page 360
ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَٰلَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا ٩
Look how they strike for you comparisons;1 but they have strayed, so they cannot [find] a way.
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارنىڭ سېنى تامامەن ئاساسسىز سۈپەتلەر بىلەن قانداق تەسۋىرلىگەنلىكىگە ئەجەبلىنىپ قاراپ باققىن. ئۇلار سېنى سېھىرگەر دەپ باقتى، سېھىرلەنگەنمۇ دەپ باقتى، ساراڭمۇ دەپ باقتى. نەتىجىدە ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلىك ھەقتىن ئېزىپ كەتتى. ئەمدى ئۇلار ھىدايەت يولىنى تاپالمايدۇ، سېنىڭ راستچىللىقىڭ ۋە ئامانەتچانلىقىڭغا داغمۇ يەتكۈزەلمەيدۇ.
25:10Page 360
تَبَارَكَ ٱلَّذِيٓ إِن شَآءَ جَعَلَ لَكَ خَيۡرٗا مِّن ذَٰلِكَ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَيَجۡعَل لَّكَ قُصُورَۢا ١٠
Blessed is He who, if He willed, could have made for you [something] better than that - gardens beneath which rivers flow - and could make for you palaces.
ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا مۇشۇ دۇنيادىلا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلىرى يېيىلىدىغان باغلارنى ھەمدە ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرۈپ ياشايدىغان سارايلارنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇلار تەلەپ قىلغاندىنمۇ ياخشىراق نېئمەتلەرنى بېرەتتى.
25:11Page 360
بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلسَّاعَةِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِمَن كَذَّبَ بِٱلسَّاعَةِ سَعِيرًا ١١
But they have denied the Hour, and We have prepared for those who deny the Hour a Blaze.
ئۇلار ھەقىقەتكە يېتىشنى كۆزلەپ، دەلىل - پاكىت ئىزدەيدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغىنى قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىش بولدى. بىز قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق يالقۇنجاپ تۇرغان كاتتا ئوتنى تەييارلىدۇق.
25:12Page 361
إِذَا رَأَتۡهُم مِّن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ سَمِعُواْ لَهَا تَغَيُّظٗا وَزَفِيرٗا ١٢
When it [i.e., the Hellfire] sees them from a distant place, they will hear its fury and roaring.
دوزاخ كاپىرلارنىڭ يىراقتىن ئۆزى تەرەپكە يالاپ ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە كاپىرلار ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قاتتىق قاينىغان، بىئارام قىلغۇچى ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.
25:13Page 361
وَإِذَآ أُلۡقُواْ مِنۡهَا مَكَانٗا ضَيِّقٗا مُّقَرَّنِينَ دَعَوۡاْ هُنَالِكَ ثُبُورٗا ١٣
And when they are thrown into a narrow place therein bound in chains, they will cry out thereupon for destruction.
بۇ كاپىرلار جەھەننەمنىڭ ئەڭ تار يېرىگە قوللىرى زەنجىرلەر بىلەن بويۇنلىرىغا باغلانغان ھالدا تاشلانغان چاغدا دوزاختىن قۇلۇش ئارزۇسىدا ئۆزلىرىگە ئۆلۈم تىلەيدۇ.
25:14Page 361
لَّا تَدۡعُواْ ٱلۡيَوۡمَ ثُبُورٗا وَٰحِدٗا وَٱدۡعُواْ ثُبُورٗا كَثِيرٗا ١٤
[They will be told], "Do not cry this Day for one destruction but cry for much destruction."
ئەي كاپىرلار! بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈم ئەمەس، مىڭ ئۆلۈم تىلەڭلار. لېكىن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار ئورۇندالمايدۇ. ئەكسىچە دەرتلىك ئازابتا مەڭگۈ قالىسىلەر.
25:15Page 361
قُلۡ أَذَٰلِكَ خَيۡرٌ أَمۡ جَنَّةُ ٱلۡخُلۡدِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۚ كَانَتۡ لَهُمۡ جَزَآءٗ وَمَصِيرٗا ١٥
Say, "Is that better or the Garden of Eternity which is promised to the righteous? It will be for them a reward and destination.
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، يۇقىرىدا سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن ئاشۇ ئازاب ياخشىمۇ ياكى نېئمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان، قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك جەننەت ياخشىمۇ؟ ئۇ جەننەت ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرى ئىچىدىن تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپات ۋە قىيامەت كۈنى قايتىپ بارىدىغان قارارگاھتۇر.
25:16Page 361
لَّهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَ خَٰلِدِينَۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ وَعۡدٗا مَّسۡـُٔولٗا ١٦
For them therein is whatever they wish, [while] abiding eternally. It is ever upon your Lord a promise [worthy to be] requested.1
ئۇلار بۇ جەننەتتە خالىغان نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇركى، بۇنى ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرى ئۇنىڭدىن سورايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
25:17Page 361
وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَقُولُ ءَأَنتُمۡ أَضۡلَلۡتُمۡ عِبَادِي هَٰٓؤُلَآءِ أَمۡ هُمۡ ضَلُّواْ ٱلسَّبِيلَ ١٧
And [mention] the Day He will gather them and that which they worship besides Allāh and will say, "Did you mislead these, My servants, or did they [themselves] stray from the way?"
قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا يالغانچى مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى توپلايدۇ، ئاندىن بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلارغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن مەبۇدلارغا: سىلەر مېنىڭ بەندىلىرىمنى ئۆزۈڭلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇش ئارقىلىق ئازدۇردۇڭلارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئېزىپ كەتتىمۇ؟ دەيدۇ.
25:18Page 361
قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ مَا كَانَ يَنۢبَغِي لَنَآ أَن نَّتَّخِذَ مِن دُونِكَ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ وَلَٰكِن مَّتَّعۡتَهُمۡ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ نَسُواْ ٱلذِّكۡرَ وَكَانُواْ قَوۡمَۢا بُورٗا ١٨
They will say, "Exalted are You! It was not for us to take besides You any allies [i.e., protectors]. But You provided comforts for them and their fathers until they forgot the message and became a people ruined."
مەبۇدلار ئېيتىدۇكى، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ھەر قانداق شېرىكىڭ بولۇشتىن پاكتۇرسەن. بىزگە ھەتتا سېنى قويۇپ دوستلارنى تۇتۇشمۇ ياراشمايدىغان تۇرسا، قانداقسىگە بەندىلىرىڭنى سېنى قويۇپ ئۆزىمىزگە چوقۇنۇشقا چاقىرىمىز؟ لېكىن سەن بۇ مۇشرىكلارنى بۇ دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدىڭ. ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىن بەھرىمەن قىلغان ئىدىڭ. نىھايەت ئۇلار سېنى ئۇنتۇپ، ساڭا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ چوقۇندى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بەدبەختلىكى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان ئىدى.
25:19Page 361
فَقَدۡ كَذَّبُوكُم بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسۡتَطِيعُونَ صَرۡفٗا وَلَا نَصۡرٗاۚ وَمَن يَظۡلِم مِّنكُمۡ نُذِقۡهُ عَذَابٗا كَبِيرٗا ١٩
So they will deny you, [disbelievers], in what you say,1 and you cannot avert [punishment] or [find] help. And whoever commits injustice2 among you - We will make him taste a great punishment.
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى مەبۇد دەپ چوقۇنغىنىڭلارنى ئىنكار قىلدى. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى قايتۇرالمايسىلەر، ئاجىز بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ياردەممۇ قىلالمايسىلەر. ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە تېتىتقىنىمىزدەك كاتتا ئازابنى تېتىتىمىز.
25:20Page 361
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّآ إِنَّهُمۡ لَيَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشُونَ فِي ٱلۡأَسۡوَاقِۗ وَجَعَلۡنَا بَعۡضَكُمۡ لِبَعۡضٖ فِتۡنَةً أَتَصۡبِرُونَۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرٗا ٢٠
And We did not send before you, [O Muḥammad], any of the messengers except that they ate food and walked in the markets. And We have made some of you [people] as trial for others - will you have patience? And ever is your Lord, Seeing.
ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىمۇ تاماق يەيدىغان، بازار ئايلىنىدىغان ئىنسان قىلدۇق. سەن بۇنىڭدا تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسسەن. ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بايلىق ۋە كەمبەغەللىكتە، ساقلىق ۋە كېسەللىكتە پەرقلىق قىلىش ئارقىلىق بىر - بىرىڭلارغا سىناق قىلدۇق. سىلەر مۇپتىلا بولغان خاپىلىقلارغا سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ سەۋرچانلىقىڭلارغا قارىتا ساۋاب - مۇكاپات بېرىدۇغۇ؟ سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ سەۋر قىلغان ۋە سەۋر قىلمىغانلارنىمۇ، ئىتائەت قىلغان ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنىمۇ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
25:21Page 362
۞ وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ نَرَىٰ رَبَّنَاۗ لَقَدِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ وَعَتَوۡ عُتُوّٗا كَبِيرٗا ٢١
And those who do not expect the meeting with Us say, "Why were not angels sent down to us, or [why] do we [not] see our Lord?" They have certainly become arrogant within themselves1 and [become] insolent with great insolence.
بىزگە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغان ۋە ئازابىمىزدىن قورقمايدىغان كاپىرلار مۇنداق دېيىشتى: ئاللاھ نېمىشقا بىزگە مۇھەممەدنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان پەرىشتىلەرنى چۈشۈرمەيدۇ؟ ياكى بىز نېمىشقا پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟ ئۇ چاغدا ئۇ بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەر ئىدى. بۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ھاكاۋۇرلۇق ئۇلارنى ئىماندىن چەكلەيدىغان دەرىجىدە ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى. ئۇلار مۇشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق كۇپرى ۋە زۇلۇمدا ھەقىقەتەنمۇ ھەدددىن ئاشتى.
25:22Page 362
يَوۡمَ يَرَوۡنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ لَا بُشۡرَىٰ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُجۡرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا ٢٢
The day they see the angels1 - no good tidings will there be that day for the criminals, and [the angels] will say, "Prevented and inaccessible."2
كاپىرلار ئۆلىدىغان چاغدا، بەرزەختە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈندە ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئورۇنلاردا مۇئمىنلەرنىڭ ئەكسىچە ھېچقانداق خۇشبېشارەت بولمايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ خۇشبېشارىتى سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھارامدۇر، دەيدۇ.
25:23Page 362
وَقَدِمۡنَآ إِلَىٰ مَا عَمِلُواْ مِنۡ عَمَلٖ فَجَعَلۡنَٰهُ هَبَآءٗ مَّنثُورًا ٢٣
And We will approach [i.e., regard]1 what they have done of deeds and make them as dust dispersed.
بىز كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، قىلچە پايدىسىز، قارىغان ئادەمگە دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياشنىڭ شولىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ - توزاندەك كۆرۈنىدىغان قىلىۋېتىمىز.
25:24Page 362
أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ يَوۡمَئِذٍ خَيۡرٞ مُّسۡتَقَرّٗا وَأَحۡسَنُ مَقِيلٗا ٢٤
The companions of Paradise, that Day, are [in] a better settlement and better resting place.
جەننەت ئەھلى بولغان مۇئمىنلەر بۇ كۈندە ئەڭ ئېسىل ئورۇندا، بۇ كاپىرلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا دېگەن چاغدىكى راھەتتىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى راھەتتە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر.
25:25Page 362
وَيَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلسَّمَآءُ بِٱلۡغَمَٰمِ وَنُزِّلَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ تَنزِيلًا ٢٥
And [mention] the Day when the heaven will split open with [emerging] clouds,1 and the angels will be sent down in successive descent.
ئەي پەيغەمبەر! ئاسمان نېپىز ئاق بۇلۇت بىلەن يېرىلىپ كېتىدىغان كۈننى ئەسلىگىنكى، ئۇ كۈندە تاكى مەھشەر زېمىنىغا قەدەر ئىنتايىن كۆپ پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلىدۇ.
25:26Page 362
ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡحَقُّ لِلرَّحۡمَٰنِۚ وَكَانَ يَوۡمًا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ عَسِيرٗا ٢٦
True sovereignty, that Day, is for the Most Merciful. And it will be upon the disbelievers a difficult Day.
قىيامەت كۈنىدىكى قولدىن كەتمەيدىغان، ھەقىقىي پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇركى، بۇ كۈن كاپىرلارغا قىيىندۇر، مۇئمىنلەرگە ئاساندۇر.
25:27Page 362
وَيَوۡمَ يَعَضُّ ٱلظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيۡهِ يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي ٱتَّخَذۡتُ مَعَ ٱلرَّسُولِ سَبِيلٗا ٢٧
And the Day the wrongdoer will bite on his hands [in regret] he will say, "Oh, I wish I had taken with the Messenger a way.1
ئەي پەيغەمبەر! زالىم ئۇ كۈندە پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ: كاشكى، مەن پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نىجاتلىق يولىغا ماڭغان بولسامچۇ؟ دېگىنىچە بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ.
25:28Page 362
يَٰوَيۡلَتَىٰ لَيۡتَنِي لَمۡ أَتَّخِذۡ فُلَانًا خَلِيلٗا ٢٨
Oh, woe to me! I wish I had not taken that one1 as a friend.
كاپىر قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، ئۆز - ئۆزىگە ھالاكەت تىلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئىسىت ماڭا، پالانى كاپىرنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟.
25:29Page 362
لَّقَدۡ أَضَلَّنِي عَنِ ٱلذِّكۡرِ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَنِيۗ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِلۡإِنسَٰنِ خَذُولٗا ٢٩
He led me away from the remembrance1 after it had come to me. And ever is Satan, to man, a deserter."2
قۇرئان ماڭا پەيغەمبەر ئارقىلىق يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ كاپىر دوست مېنى قۇرئاندىن ئايرىۋەتكەن ئىدى. شەيتان ئىنسانغا كۆپ خارلىق كەلتۈرىدىكەن. ئىنساننىڭ بېشىغا خاپىلىق كەلگەن چاغدا ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولىدىكەن.
25:30Page 362
وَقَالَ ٱلرَّسُولُ يَٰرَبِّ إِنَّ قَوۡمِي ٱتَّخَذُواْ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ مَهۡجُورٗا ٣٠
And the Messenger has said, "O my Lord, indeed my people have taken this Qur’ān as [a thing] abandoned."1
پەيغەمبەر ئۇ كۈندە قەۋمىنىڭ ھالىدىن شىكايەت قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن سەن مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى، دەيدۇ.
25:31Page 362
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا مِّنَ ٱلۡمُجۡرِمِينَۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيٗا وَنَصِيرٗا ٣١
And thus have We made for every prophet an enemy from among the criminals. But sufficient is your Lord as a guide and a helper.
ئەي پەيغەمبەر! سەنمۇ قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە يولۇڭدىن توسۇشلىرىغا ئۇچرىغىنىڭدەك، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر بىرىگە قەۋمىنىڭ جىنايەتچىلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ سېنى ھەقكە يېتەكلەشكە، دۈشمەنلىرىڭگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىشكە يېتەرلىكتۇر.
25:32Page 362
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلۡقُرۡءَانُ جُمۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِۦ فُؤَادَكَۖ وَرَتَّلۡنَٰهُ تَرۡتِيلٗا ٣٢
And those who disbelieve say, "Why was the Qur’ān not revealed to him all at once?" Thus [it is] that We may strengthen thereby your heart. And We have spaced it distinctly.1
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار: بۇ قۇرئان نېمىشقا پەيغەمبەرگە بىر قتېىمدىلا نازىل قىلىنماي، پارچە - پارچە نازىل قىلىندى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! بىز قۇرئاننى ئاستا - ئاستا نازىل قىلىش ئارقىلىق دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئاشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىشىڭ ۋە ئېسىڭدە ساقلىۋېلىشىڭ قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاز - ئازدىن نازىل قىلدۇق.
25:33Page 363
وَلَا يَأۡتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَأَحۡسَنَ تَفۡسِيرًا ٣٣
And they do not come to you with an example [i.e., argument] except that We bring you the truth and the best explanation.
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەندىن قانداق ئىشنى تەلەپ قىلسا، بىز ساڭا مۇستەھكەم، توغرا جاۋابنى ھەمدە ئەڭ گۈزەل بولغان باياننى كەلتۈرىمىز.
25:34Page 363
ٱلَّذِينَ يُحۡشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُوْلَٰٓئِكَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضَلُّ سَبِيلٗا ٣٤
The ones who are gathered on their faces to Hell - those are the worst in position and farthest astray in [their] way.
ئۇلار قىيامەت كۈنى دۇم پېتى جەھەننەمگە سۆرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايى يامان جايدۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلارنىڭ يولى ھەقتىن تولىمۇ يىراقتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ يولى كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇق يولىدۇر.
25:35Page 363
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَا مَعَهُۥٓ أَخَاهُ هَٰرُونَ وَزِيرٗا ٣٥
And We had certainly given Moses the Scripture and appointed with him his brother Aaron as an assistant.
شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبەر قىلدۇق.
25:36Page 363
فَقُلۡنَا ٱذۡهَبَآ إِلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَدَمَّرۡنَٰهُمۡ تَدۡمِيرٗا ٣٦
And We said, "Go both of you to the people who have denied Our signs." Then We destroyed them with [complete] destruction.
مۇسا ۋە ھارۇن ئىككىسىگە: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، دېدۇق. ئۇلار بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىردى. لېكىن ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى ئىنكار قىلدى، ئاندىن بىز ئۇلارنى ئېچىنىشلىق شەكىلدە ھالاك قىلدۇق.
25:37Page 363
وَقَوۡمَ نُوحٖ لَّمَّا كَذَّبُواْ ٱلرُّسُلَ أَغۡرَقۡنَٰهُمۡ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ لِلنَّاسِ ءَايَةٗۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِلظَّٰلِمِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا ٣٧
And the people of Noah - when they denied the messengers,1 We drowned them, and We made them for mankind a sign. And We have prepared for the wrongdoers a painful punishment.
نۇھنىڭ قەۋمى نۇھنى ئىنكار قىلغانلىق سەۋەبتىن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا بىز ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى بىزنىڭ زالىملارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتىشكە كۈچىمىز يېتىدىغانلىقىنىڭ پاكىتى قىلدۇق. بىز زالىملارغا قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابنى تەييارلىدۇق.
25:38Page 363
وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَأَصۡحَٰبَ ٱلرَّسِّ وَقُرُونَۢا بَيۡنَ ذَٰلِكَ كَثِيرٗا ٣٨
And [We destroyed] ʿAad and Thamūd and the companions of the well1 and many generations between them.
ھۇدنىڭ قەۋمى ئادنى، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدنى ھالاك قىلدۇق، ئەسھابۇلبىئرىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق.
25:39Page 363
وَكُلّٗا ضَرَبۡنَا لَهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَۖ وَكُلّٗا تَبَّرۡنَا تَتۡبِيرٗا ٣٩
And for each We presented examples [as warnings], and each We destroyed with [total] destruction.
ھالاك قىلىنغان ئاشۇ قەۋملەرنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ھالاك قىلىنىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردۇق. بىز ئۇلاردىن ھەر بىرىنى كۇپرىسى ۋە تەرسالىقى تۈپەيلىدىن ئېچىنىشلىق رەۋىشتە ھالاك قىلدۇق.
25:40Page 363
وَلَقَدۡ أَتَوۡاْ عَلَى ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِيٓ أُمۡطِرَتۡ مَطَرَ ٱلسَّوۡءِۚ أَفَلَمۡ يَكُونُواْ يَرَوۡنَهَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ نُشُورٗا ٤٠
And they have already come upon the town which was showered with a rain of evil [i.e., stones]. So have they not seen it? But they are not expecting resurrection.1
سېنىڭ قەۋمىڭدىن چىققان ئىنكارچىلار شامغا بېرىش يولىدا تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك قىلىنغان لۇت قەۋمىنىڭ ئاھالىسىدىن ئۆتىدۇ، ئۇلار قەبىھ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن جازالىغان ئىدۇق. سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ، ئۇلارنى كۆرمەي قالدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېسابقا تارتىلىشىنى ئويلىمايدۇ.
25:41Page 363
وَإِذَا رَأَوۡكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي بَعَثَ ٱللَّهُ رَسُولًا ٤١
And when they see you, [O Muḥammad], they take you not except in ridicule, [saying], "Is this the one whom Allāh has sent as a messenger?
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلار ساڭا ئۇچراشقاندا سېنى مەسخىرە قىلىپ، كەم سۇندۇرۇپ ئىنكار قىلغان تەرزدە: ئاللاھ بىزگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇما؟.
25:42Page 363
إِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا لَوۡلَآ أَن صَبَرۡنَا عَلَيۡهَاۚ وَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ حِينَ يَرَوۡنَ ٱلۡعَذَابَ مَنۡ أَضَلُّ سَبِيلًا ٤٢
He almost would have misled us from our gods had we not been steadfast in [worship of] them." But they are going to know, when they see the punishment, who is farthest astray in [his] way.
ھەقىقەتەن ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن قايتۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى. ھېلىمۇ بىز شۇ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، ئۇ بىزنى دەلىل - پاكىتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن بۇرۇۋېتەتتى، دېيىشىدۇ. ئۇلار قەبرىلىرىدە ۋە قىيامەت كۈنىدە ئازابنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۆزلىرىمۇ ياكى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزمۇ؟ چوقۇم بىلىپ قالىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىمنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
25:43Page 363
أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا ٤٣
Have you seen the one who takes as his god his own desire? Then would you be responsible for him?
ئەي پەيغەمبەر! قېنى ئېيتقىنە؟ ھاۋايى - ھەۋىسىنى ئىلاھ قىلىپ، شۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ئادەمگە سەن كۆزەتچى بولۇپ، ئۇنى ئىمانغا قايتۇرۇپ، كۇپرىدىن توسۇپ قالالامسەن؟
25:44Page 364
أَمۡ تَحۡسَبُ أَنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَسۡمَعُونَ أَوۡ يَعۡقِلُونَۚ إِنۡ هُمۡ إِلَّا كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّ سَبِيلًا ٤٤
Or do you think that most of them hear or reason? They are not except like livestock.1 Rather, they are [even] more astray in [their] way.
ئەي پەيغەمبەر! سەن ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى (گېپىڭنى) قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە ئاڭلايدىغان ياكى دەلىل - پاكىتلارنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار ئاڭلاش، ئويلىنىش ۋە چۈشىنىشتە پەقەت چارىپايلارغىلا ئوخشايدىغان كىشىلەردۇر، بەلكى ئۇلار ئازغۇنلۇقتا چارىپايلاردىنمۇ بەتتەررەكتۇر.
25:45Page 364
أَلَمۡ تَرَ إِلَىٰ رَبِّكَ كَيۡفَ مَدَّ ٱلظِّلَّ وَلَوۡ شَآءَ لَجَعَلَهُۥ سَاكِنٗا ثُمَّ جَعَلۡنَا ٱلشَّمۡسَ عَلَيۡهِ دَلِيلٗا ٤٥
Have you not considered your Lord - how He extends the shadow, and if He willed, He could have made it stationary? Then We made the sun for it an indication.1
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە سايىنى سوزغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يارىتىشتىكى ئالامەتلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ئۇ سايىنى مىدىرلىماي، جىم تۇرىدىغان قىلىۋېتىشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى. ئاندىن كېيىن بىز قۇياشنى سايىنىڭ ئالامىتى قىلدۇقكى، ئۇ سايە قۇياش سەۋەبىدىن بەزىدە ئۇزىراپ، بەزىدە قىسقىرايدۇ.
25:46Page 364
ثُمَّ قَبَضۡنَٰهُ إِلَيۡنَا قَبۡضٗا يَسِيرٗا ٤٦
Then We [retract and] hold it with Us for a brief grasp.1
ئاندىن قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن سايىنى تارايتىپ، تەدرىجىي يىغدۇق.
25:47Page 364
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا وَٱلنَّوۡمَ سُبَاتٗا وَجَعَلَ ٱلنَّهَارَ نُشُورٗا ٤٧
And it is He who has made the night for you as clothing1 and sleep [a means for] rest and has made the day a resurrection.2
ئاللاھ تائالا كېچىنى سىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۆگەيدىغان لىباسنىڭ ئورنىدا قىلدى، ئۇيقۇنى سىلەرگە راھەت قىلدىكى، شۇ ئارقىلىق مەشغۇلاتلىرىڭلاردىن ئارام ئالىسىلەر. كۈندۈزنى سىلەرگە تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلىپ بەردى.
25:48Page 364
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ طَهُورٗا ٤٨
And it is He who sends the winds as good tidings before His mercy [i.e., rainfall], and We send down from the sky pure water
ئاللاھ تائالا شاماللارنى بەندىلىرىگە رەھمىتى بولغان يامغۇرنىڭ ياغىدىغانلىقىغا خۇش بېشارەت قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ئاسماندىن پاك يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق، ئىنسانلار شۇ ئارقىلىق پاكلىنىدۇ.
25:49Page 364
لِّنُحۡـِۧيَ بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗا وَنُسۡقِيَهُۥ مِمَّا خَلَقۡنَآ أَنۡعَٰمٗا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرٗا ٤٩
That We may bring to life thereby a dead land and give it as drink to those We created of numerous livestock and men.
بىز (ئاسماندىن) چۈشكەن ئاشۇ سۇ بىلەن ھېچقانداق گىياھ ئۆسمەيدىغان قاقاس زېمىننى تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، يېشىللىققا پۈركەش ئارقىلىق تىرگۈزىمىز، يەنە ئاشۇ سۇ ئارقىلىق بىز ياراتقان چارىپايلارنى ۋە كۆپلىگەن ئىنسانلارنى سۇغىرىمىز.
25:50Page 364
وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَٰهُ بَيۡنَهُمۡ لِيَذَّكَّرُواْ فَأَبَىٰٓ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورٗا ٥٠
And We have certainly distributed it among them that they might be reminded,1 but most of the people refuse except disbelief.
ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە تۈرلۈك دەلىل -پاكىتلارنى بايان قىلدۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ.
25:51Page 364
وَلَوۡ شِئۡنَا لَبَعَثۡنَا فِي كُلِّ قَرۡيَةٖ نَّذِيرٗا ٥١
And if We had willed, We could have sent into every city a warner.1
ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەر بىر شەھەرگە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ھەم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن بولاتتۇق، لېكىن بىز بۇنداق قىلىشنى خالىمىدۇق. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق.
25:52Page 364
فَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَجَٰهِدۡهُم بِهِۦ جِهَادٗا كَبِيرٗا ٥٢
So do not obey the disbelievers, and strive against them with it [i.e., the Qur’ān] a great striving.
كاپىرلارنىڭ خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن سەندىن قىلغان تەلەپلىرى ۋە تەكلىپلىرىگە قوشۇلمىغىن. ساڭا نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئانغا تايىنىپ ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىش ھەمدە كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق بار كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن.
25:53Page 364
۞ وَهُوَ ٱلَّذِي مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞ وَجَعَلَ بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٗا وَحِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا ٥٣
And it is He who has released [simultaneously] the two seas [i.e., bodies of water], one fresh and sweet and one salty and bitter, and He placed between them a barrier and prohibiting partition.
ئاللاھ تائالا ئىككى دېڭىزنىڭ سۈيىنى، يەنى تاتلىق سۇنى تۇزلۇق سۇ بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان توسۇق پەيدا قىلدى.
25:54Page 364
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ مِنَ ٱلۡمَآءِ بَشَرٗا فَجَعَلَهُۥ نَسَبٗا وَصِهۡرٗاۗ وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرٗا ٥٤
And it is He who has created from water [i.e., semen] a human being and made him [a relative by] lineage and marriage. And ever is your Lord competent [concerning creation].
ئاللاھ تائالا ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىي ئىسپىرمىسىدىن ئىنساننى ياراتتى، ئىنساننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ھەم قۇدا - باجىلىق ئالاقىلىرىنى پەيدا قىلدى. ئەي پەيغەمبەر! پەۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ. ئىنساننى ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىي ئىسپىرمىسىدىن ياراتقانلىقىمۇ ئۇنىڭ قۇدرىتىدىندۇر.
25:55Page 364
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُهُمۡ وَلَا يَضُرُّهُمۡۗ وَكَانَ ٱلۡكَافِرُ عَلَىٰ رَبِّهِۦ ظَهِيرٗا ٥٥
But they worship rather than Allāh that which does not benefit them or harm them, and the disbeliever is ever, against his Lord, an assistant [to Satan].
كاپىرلار ئاللاھنى قويۇپ ئىتائەت قىلغانغا پايدىسى بولمايدىغان، ئاسىيلىق قىلغانغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدۇ. كاپىرلار ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشىگە قارىماي يەنىلا شەيتانغا ئەگىشىدۇ.
25:56Page 365
وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا مُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا ٥٦
And We have not sent you, [O Muḥammad], except as a bringer of good tidings and a warner.
ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى پەقەت ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلارغا خۇشبېشارەت بەرگۈچى، شۇنداقلا كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھلار ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق.
25:57Page 365
قُلۡ مَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍ إِلَّا مَن شَآءَ أَن يَتَّخِذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلٗا ٥٧
Say, "I do not ask of you for it any payment - only that whoever wills might take to his Lord a way."
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن ۋەزىپەمنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ئاراڭلاردىن مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلار شۇنداق قىلسۇن!
25:58Page 365
وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱلۡحَيِّ ٱلَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِهِۦۚ وَكَفَىٰ بِهِۦ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرًا ٥٨
And rely upon the Ever-Living who does not die, and exalt [Allāh] with His praise. And sufficient is He to be, with the sins of His servants, [fully] Aware -
ئەي پەيغەمبەر! بارلىق ئىشلىرىڭدا مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنى مەدھىيەلىگەن ھالدا (شېرىكلەردىن ۋە ئەيىب - نۇقسانلاردىن) پاكلىغىن. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
25:59Page 365
ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ ٱلرَّحۡمَٰنُ فَسۡـَٔلۡ بِهِۦ خَبِيرٗا ٥٩
He who created the heavens and the earth and what is between them in six days and then established Himself above the Throne1 - the Most Merciful, so ask about Him one well informed [i.e., the Prophet (ﷺ)].
ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئۇ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر. ئەي پەيغەمبەر! بۇنى ھەممىدىن خەۋەردار زاتتىن سورىغىن. ئۇ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
25:60Page 365
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱسۡجُدُواْۤ لِلرَّحۡمَٰنِ قَالُواْ وَمَا ٱلرَّحۡمَٰنُ أَنَسۡجُدُ لِمَا تَأۡمُرُنَا وَزَادَهُمۡ نُفُورٗا۩ ٦٠
And when it is said to them, "Prostrate to the Most Merciful," they say, "And what is the Most Merciful? Should we prostrate to that which you order us?" And it increases them in aversion.
كاپىرلارغا: رەھمان سۈپەتلىك ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: بىز رەھمانغا سەجدە قىلمايمىز. رەھمان دېگەن نېمە؟ بىز ئۇنى تونۇمايمىز ھەم ئېتىراپمۇ قىلمايمىز. سەن بىزنى تونۇمايدىغان نەرسىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇساڭ، شۇنىڭغا سەجدە قىلىمىزمۇ؟ دېيىشتى. پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۇلارنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.
25:61Page 365
تَبَارَكَ ٱلَّذِي جَعَلَ فِي ٱلسَّمَآءِ بُرُوجٗا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَٰجٗا وَقَمَرٗا مُّنِيرٗا ٦١
Blessed is He who has placed in the sky great stars and placed therein a [burning] lamp and luminous moon.
ئاسماندا بۇرۇجلارنى، ئايلىنىپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارنى ياراتقان زاتنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئۇ قۇياشنى نۇر چاچىدىغان پارلاق قىلدى، ئاينى قۇياشتىن نۇر ئېلىپ زېمىننى يورۇتىدىغان قىلدى.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences