Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
العاديات
Al-'Adiyat
The Courser · Meccan · 11 ayahs
ئاللاھ تائالا قاتتىق يۈگۈرگەنلىكىنىڭ ئاۋازى ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئاڭلىنىدىغان دەرىجىدە تېز چاپىدىغان ئات بىلەن قەسەم قىلدى.
تۇۋاقلىرى يەرگە قاتتىق چۈشكەنلىكتىن تاشلارغا تەگكەندە ئوت چىقىرىدىغان ئاتلار بىلەن قەسەم قىلدى.
سەھەر ۋاقتىدا دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئاتلار بىلەن قەسەم قىلدى.
ئۇ ئاتلار يۈگۈرۈپ توپا - چاڭ چىقىرىدۇ.
چەۋەندازلىقى بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.
شەكسىزكى ئىنسان پەرۋەردىگارى ئىرادە قىلغان ياخشىلىقنى چەكلىگۈچىدۇر.
شەكسىزكى ئاللاھ ئۇنىڭ ياخشىلىقنى چەكلىگەنلىكىگە شاھىدتۇركى، بۇ ئاشكارا ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇ بۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ.
ئىنسان مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن بېخىللىق قىلىدۇ.
100:9Page 599
۞ أَفَلَا يَعۡلَمُ إِذَا بُعۡثِرَ مَا فِي ٱلۡقُبُورِ ٩
But does he not know that when the contents of the graves are scattered
دۇنيا تىرىكچىلىكىگە دۇم چۈشكەن بۇ ئىنسان ئاللاھ تائالا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈپ، زېمىن ئۇلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چىقارغان چاغدا بۇ ئىشنىڭ ئۆزى خىيال قىلغاندەك بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟
دىللاردىكى نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە باشقا نەرسىلەر ھەممىسى ئاشكارا قىلىندى.
100:11Page 600
إِنَّ رَبَّهُم بِهِمۡ يَوۡمَئِذٖ لَّخَبِيرُۢ ١١
Indeed, their Lord with them, that Day, is [fully] Aware.1
شەكسىزكى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاشۇ كۈندە ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھەممىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences