Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
النجم
An-Najm
The Star · Meccan · 62 ayahs
ئاللاھ تائالا ساقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلدى.
53:2Page 526
مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمۡ وَمَا غَوَىٰ ٢
Your companion [i.e., Muḥammad] has not strayed, nor has he erred,
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرا يولدىن ئېغىپ كەتمىدى، گۇمراھ بولمىدى. ئۇ توغرا يولدا ئىدى.
ئۇ، بۇ قۇرئان بىلەن نەپسى - خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ.
بۇ قۇرئان پەقەت ۋەھىيدۇركى، ئاللاھ ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەھىي قىلىدۇ.
53:5Page 526
عَلَّمَهُۥ شَدِيدُ ٱلۡقُوَىٰ ٥
Taught to him by one intense in strength [i.e., Gabriel] -
ۋەھىينى ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تەلىم بەردى.
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىياپىتى گۈزەل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى ئۇپۇقىدا ئاللاھ ياراتقان ئەسلىي شەكىلدە كۆرۈندى.
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى ئۇپۇقىدا
ئاندىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىشىپ، تۆۋەنگە چۈشتى.
53:9Page 526
فَكَانَ قَابَ قَوۡسَيۡنِ أَوۡ أَدۡنَىٰ ٩
And was at a distance of two bow lengths or nearer.
ئۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىلىقى ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق ئىدى.
53:10Page 526
فَأَوۡحَىٰٓ إِلَىٰ عَبۡدِهِۦ مَآ أَوۡحَىٰ ١٠
And he revealed to His Servant1 what he revealed [i.e., conveyed].
ئاللاھ تائالا بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق تېگىشلىك ۋەھىيلەرنى نازىل قىلدى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى كۆزى كۆرگەننى ئىنكار قىلمىدى.
ئەي مۇشرىكلار! ئىسرا كېچىسىدە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن نەرسىلەر توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلامسىلەر؟
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئىسرا كېچىسى يەنە بىر قېتىم ئەسلىي كۆرۈنۈشىدە كۆردى
ئۇنى سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا كۆردى، سىدرەتۇلمۇنتەھا يەتتىنچى ئاسماندىكى ئىنتايىن چوڭ دەرەختۇر.
جەننەتۇلمەئۋا ئاشۇ دەرەخنىڭ يېنىدىدۇر.
53:16Page 526
إِذۡ يَغۡشَى ٱلسِّدۡرَةَ مَا يَغۡشَىٰ ١٦
When there covered the Lote Tree that which covered [it].1
ئاللاھقا تەئەللۇق بولغان كاتتا بىر نەرسە سىدرەتۇلمۇنتەھانى ئورىۋالدى. ئۇ نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ.
53:17Page 526
مَا زَاغَ ٱلۡبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ ١٧
The sight [of the Prophet (ﷺ)] did not swerve, nor did it transgress [its limit].
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئوڭ - سولغا بۇرالمىدى، چەكتىنمۇ ئۆتۈپ كەتمىدى.
53:18Page 526
لَقَدۡ رَأَىٰ مِنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِ ٱلۡكُبۡرَىٰٓ ١٨
He certainly saw of the greatest signs of his Lord.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراج كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى، يەنى جەننەتنى، دوزاخنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى كۆردى.
53:19–20Page 526
أَفَرَءَيۡتُمُ ٱللَّٰتَ وَٱلۡعُزَّىٰ ١٩
So have you considered al-Lāt and al-ʿUzzā?
وَمَنَوٰةَ ٱلثَّالِثَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ ٢٠
And Manāt, the third - the other one?1
ئەي مۇشرىكلار! قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ!؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار، يەنى لات، ئۇززا ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان مانات سىلەرگە پايدا ياكى زىيان ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟
ئەي مۇشرىكلار! ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللار سىلەرگە، ياقتۇرمايدىغان قىزلار ئاللاھقا خاسمۇ؟
سىلەر ئۆز خاھىشىڭلار بىلەن بۆلگەن بۇ تەقسىمات ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر.
53:23Page 526
إِنۡ هِيَ إِلَّآ أَسۡمَآءٞ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَمَا تَهۡوَى ٱلۡأَنفُسُۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مِّن رَّبِّهِمُ ٱلۡهُدَىٰٓ ٢٣
They are not but [mere] names you have named them - you and your forefathers - for which Allāh has sent down no authority. They follow not except assumption and what [their] souls desire, and there has already come to them from their Lord guidance.
بۇ بۇتلار پەقەت قۇرۇق نامدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ قىلچە ئىلاھلىق سالاھيىتى يوق. سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆزۈڭلارچە شۇنداق ئاتىۋالغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ھېچقانداق دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق. مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدا پەقەت گۇمانغا ۋە شەيتان كۆڭۈللىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى تارتقان نەرسىگىلا تايىنىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ھىدايەت كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت تاپمىدى.
بۇتلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشامدۇ؟
53:25Page 526
فَلِلَّهِ ٱلۡأٓخِرَةُ وَٱلۡأُولَىٰ ٢٥
Rather, to Allāh belongs the Hereafter and the first [life].
ياق، ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولىدىغان ئىش يوق. ئاخىرەت ھەم بۇ دۇنيا يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئۇ ئۇلاردىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، خالىغان كىشىگە بەرمەيدۇ.
53:26Page 526
۞ وَكَم مِّن مَّلَكٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ لَا تُغۡنِي شَفَٰعَتُهُمۡ شَيۡـًٔا إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ أَن يَأۡذَنَ ٱللَّهُ لِمَن يَشَآءُ وَيَرۡضَىٰٓ ٢٦
And how many angels there are in the heavens whose intercession will not avail at all except [only] after Allāh has permitted [it] to whom He wills and approves.
ئاسمانلاردا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر بار، ئەگەر شۇلارمۇ بىرەر كىشىگە شاپائەت قىلماقچى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئۆزى خالىغان بىرىگە شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغۇچە ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچنىمگە ئەسقاتمايدۇ.
53:27Page 527
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ لَيُسَمُّونَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ تَسۡمِيَةَ ٱلۡأُنثَىٰ ٢٧
Indeed, those who do not believe in the Hereafter name the angels female names,
ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيدىغانلار پەرىشتىلەرنى ئۆزلىرىچە ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ قاراپ چىشى نامى بىلەن ئاتايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈندۇر.
53:28Page 527
وَمَا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّۖ وَإِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغۡنِي مِنَ ٱلۡحَقِّ شَيۡـٔٗا ٢٨
And they have thereof no knowledge. They follow not except assumption, and indeed, assumption avails not against the truth at all.
ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەرنى چىشى دەپ ئاتىشىدا ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار بۇنىڭدا پەقەت پەرەز ۋە گۇمانغىلا تايىنىدۇ. ھەقىقەتەن گۇمان ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى بېسىشى تۈگۈل، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ.
53:29Page 527
فَأَعۡرِضۡ عَن مَّن تَوَلَّىٰ عَن ذِكۡرِنَا وَلَمۡ يُرِدۡ إِلَّا ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا ٢٩
So turn away from whoever turns his back on Our message and desires not except the worldly life.
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ زىكرى (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلەيدىغان، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلمايدىغانلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.
53:30Page 527
ذَٰلِكَ مَبۡلَغُهُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱهۡتَدَىٰ ٣٠
That is their sum of knowledge. Indeed, your Lord is most knowing of who strays from His way, and He is most knowing of who is guided.
بۇ مۇشرىكلار دەۋاتقان پەرىشتىلەرنى چىشى دەپ ئاتاشتىن ئىبارەت ئۇ گەپ بولسا ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يېتىپ بارالىغان ئەڭ يۇقىرى چەك شۇ. چۈنكى ئۇلار نادان، ئىشەنچلىك ئىلىمگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەق يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ئۆز يولى تەرەپكە ماڭغانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاشۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
53:31Page 527
وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ أَسَٰٓـُٔواْ بِمَا عَمِلُواْ وَيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ بِٱلۡحُسۡنَى ٣١
And to Allāh belongs whatever is in the heavens and whatever is in the earth - that He may recompense those who do evil with [the penalty of] what they have done and recompense those who do good with the best [reward] -
ئاسمانلاردىكى نەرسىلەرمۇ، زېمىندىكى نەرسىلەرمۇ ئىگىداراچىلىق قىلىش، يارىتىش ۋە پىلانلاش جەھەتلەردە يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇر. (بۇنداق بولۇشى) دۇنيادا يامان ئەمەل قىلغانلارغا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىش، ياخشى ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.
53:32Page 527
ٱلَّذِينَ يَجۡتَنِبُونَ كَبَٰٓئِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡفَوَٰحِشَ إِلَّا ٱللَّمَمَۚ إِنَّ رَبَّكَ وَٰسِعُ ٱلۡمَغۡفِرَةِۚ هُوَ أَعۡلَمُ بِكُمۡ إِذۡ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَإِذۡ أَنتُمۡ أَجِنَّةٞ فِي بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡۖ فَلَا تُزَكُّوٓاْ أَنفُسَكُمۡۖ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱتَّقَىٰٓ ٣٢
Those who avoid the major sins and immoralities, only [committing] slight ones. Indeed, your Lord is vast in forgiveness. He was most knowing of you when He produced you from the earth and when you were fetuses in the wombs of your mothers. So do not claim yourselves to be pure; He is most knowing of who fears Him.
مۇئمىنلەر چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. لېكىن كىچىك گۇناھلار چوڭ گۇناھلارنى تەرك ئېتىش ۋە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرىتى چەكسىز زات بولۇپ، بەندىلىرى تەۋبە قىلغان ھامان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقاندىن تارتىپ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورسىقىدا ھامىلدار بولۇپ، باسقۇچمۇ-باسقۇچ يارىتىلىشىڭلارغىچىلىك پۈتۈن جەرياندىكى ئەھۋالىڭلارنى ۋە بارلىق ھالىتىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. شۇڭا ئۆزۈڭلارنى تەقۋادارلىق بىلەن ماختىماڭلار. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئىسلامغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمنىڭ قەبىھ قىلمىشىنى كۆردۈڭمۇ؟
ئۇ مالدىن كىچىككىنە بېرىپ، كېيىن بەرگىلى ئۇنىمىدى. چۈنكى بېخىللىق ئۇنىڭ خاراكتېرى ئىدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇ يەنە ئۆزىنى ئاقلايدۇ.
53:35Page 527
أَعِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلۡغَيۡبِ فَهُوَ يَرَىٰٓ ٣٥
Does he have knowledge of the unseen, so he sees?1
ئۇ غەيبنى بىلىدىغان بولۇپ، شۇڭا (كەلگۈسىنى) كۆرۈپ غەيبتىن سۆز ئېچىۋاتامدۇ؟
53:36Page 527
أَمۡ لَمۡ يُنَبَّأۡ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ ٣٦
Or has he not been informed of what was in the scriptures of Moses
ياكى ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچىمۇ؟ يا بولمىسا ئاللاھقا توقۇلغان بۇ يالغانلار ئاللاھ مۇساغا نازىل قىلغان ئىلگىرىكى سەھىپىلەردە خەۋەر قىلىنماي قالغانمۇ؟
پەرۋەردىگارى يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلغان ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىنمىغانمۇ؟
53:38Page 527
أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰ ٣٨
That no bearer of burdens will bear the burden of another
ھەقىقەتەن ھېچكىم باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.
53:39Page 527
وَأَن لَّيۡسَ لِلۡإِنسَٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ ٣٩
And that there is not for man except that [good] for which he strives
ئىنسانغا پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى بولىدۇ.
ئۇ كىشى ھەقىقەتەن دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى قىيامەت كۈنى ئوپئوچۇق كۆرىدۇ.
53:41Page 527
ثُمَّ يُجۡزَىٰهُ ٱلۡجَزَآءَ ٱلۡأَوۡفَىٰ ٤١
Then he will be recompensed for it with the fullest recompense -
ئاندىن ئۇنىڭ ئەمىلىنىڭ جازا - مۇكاپاتى قىلچە كېمەيتىلمەي، تولۇق بېرىلىدۇ.
ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى خۇشال قىلىپ كۈلدۈرىدۇ، خالىغان كىشىنى قايغۇغا سېلىپ يىغلىتىدۇ.
ئاللاھ ھەقىقەتەن دۇنيادا ھاياتلارنى ئۆلتۈرىدۇ، قىيامەت ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ.
53:45Page 528
وَأَنَّهُۥ خَلَقَ ٱلزَّوۡجَيۡنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰ ٤٥
And that He creates the two mates - the male and female -
ئاللاھ تائالا ئەركەك - چىشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ياراتتى.
ئايالنىڭ رەھمىگە قويۇلغان مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتتى.
53:47Page 528
وَأَنَّ عَلَيۡهِ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰ ٤٧
And that [incumbent] upon Him is the other [i.e., next] creation.
ئۇلارنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم يارىتىش يەنە ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر.
ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى مال - دۇنياغا ئىگە قىلىپ باي قىلغان بولسا، ئىنسانلار مال - دۇنيادىن قولغا كەلتۈرگەن ئازغىنە نەرسە بىلەنمۇ مەمنۇن قىلىدۇ.
ئاللاھ، بەزى مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلىپ چوقۇنۇۋاتقان شىئرا يۇلتۇزىنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر.
53:50Page 528
وَأَنَّهُۥٓ أَهۡلَكَ عَادًا ٱلۡأُولَىٰ ٥٠
And that He destroyed the first [people of] ʿAad
ھۇدنىڭ قەۋمى بولغان قەدىمكى ئاد ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان بولغاچقا ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى.
سالىھنىڭ قەۋمى بولغان سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلىپ، ئۇلاردىن ھېچ كىمنى قالدۇرمىدى.
53:52Page 528
وَقَوۡمَ نُوحٖ مِّن قَبۡلُۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ هُمۡ أَظۡلَمَ وَأَطۡغَىٰ ٥٢
And the people of Noah before. Indeed, it was they who were [even] more unjust and oppressing.
ئاد ۋە سەمۇدتىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدى. نۇھنىڭ قەۋمى ھەقىقەتەن ئاد ۋە سەمۇدتىنمۇ ئەشەددىي زالىم ۋە ئىنتايىن ھەددىدىن ئاشقان قەۋم ئىدى. چۈنكى نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە 950 يىل تۇرۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان ئىدى.
ئاللاھ تائالا لۇت قەۋمى ياشايدىغان شەھەرنى ئېگىز كۆتۈرگەندىن كېيىن دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى.
ئۇنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۈم كۆمتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۈستىگە تاش ياغدۇردى.
53:55Page 528
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ ٥٥
Then which of the favors of your Lord do you doubt?
ئەي ئىنسان! پەرۋەردىگارىڭنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىن قايسى ھەققىدە دەتالاش قىلىپ، پەند - نەسىھەت ئالمايسەن؟
53:56Page 528
هَٰذَا نَذِيرٞ مِّنَ ٱلنُّذُرِ ٱلۡأُولَىٰٓ ٥٦
This [Prophet (ﷺ)] is a warner from [i.e., like] the former warners.
سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ پەيغەمبەرمۇ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىندۇر.
قىيامەت يېقىنلاشتى.
53:58Page 528
لَيۡسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ كَاشِفَةٌ ٥٨
Of it, [from those] besides Allāh, there is no remover.
ئۇنى توسۇپ قالغۇچىمۇ يوق، ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭدىن خەۋەردار بىرىمۇ يوق.
سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟
قۇرئاننى مەسخىرە قىلىپ كۈلەمسىلەر؟ ئۇنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ يىغلىمامسىلەر؟
سىلەر ئۇنىڭدىن غاپىل بولۇپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايسىلەر.
يالغۇز بىر ئاللاھقىلا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەتنى ئۇنىڭغا خالىس قىلىڭلار.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences