Al-MukhtasarAl‑Isra · 17:1–52

Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur

الإسراء

Al-Isra

The Night Journey · Meccan · 111 ayahs

17:1Page 282

سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِيٓ أَسۡرَىٰ بِعَبۡدِهِۦ لَيۡلٗا مِّنَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ إِلَى ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡأَقۡصَا ٱلَّذِي بَٰرَكۡنَا حَوۡلَهُۥ لِنُرِيَهُۥ مِنۡ ءَايَٰتِنَآۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ ١

Exalted1 is He who took His Servant [i.e., Prophet Muḥammad (ﷺ)] by night from al-Masjid al-Ḥarām to al-Masjid al-Aqṣā,2 whose surroundings We have blessed, to show him of Our signs. Indeed, He is the Hearing,3 the Seeing.4

ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان بارلىق ئىشلارغا قادىر بولغانلىقى ئۈچۈن بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاكتۇر ھەم ئۇلۇغدۇر. ئۇ بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى روھى ۋە بەدىنى بىلەن ئويغاق ھالەتتە كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا مەسجىدى ھەرامدىن بەيتۇلمۇقەددەستىكى ئەقسا مەسجىدىگە ئېلىپ كەلدى. بىز بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئەتراپىنى مېۋە - چېۋىلەر، زىرائەتلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن بەرىكەتلىك قىلدۇق. بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈشى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئاڭلىغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچبىر ئاۋاز مەخپىي قالمايدۇ، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

17:2Page 282

وَءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَٰهُ هُدٗى لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُواْ مِن دُونِي وَكِيلٗا ٢

And We gave Moses the Scripture and made it a guidance for the Children of Israel that you not take other than Me as Disposer of affairs,1

بىز مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى ۋە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى قىلدۇق. شۇنداقلا ئىسرائىل ئەۋلادىغا: مەندىن باشقىنى ئىشلىرىڭلارنى تاپشۇرىدىغان ھامىي قىلىۋالماڭلار، بەلكى پەقەت ماڭىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، دېدۇق.

17:3Page 282

ذُرِّيَّةَ مَنۡ حَمَلۡنَا مَعَ نُوحٍۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَبۡدٗا شَكُورٗا ٣

O descendants of those We carried [in the ship] with Noah. Indeed, he was a grateful servant.

سىلەر بولساڭلار، بىز نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە توپان بالاسىدا غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ نېئمەت ئاتا قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى سىلەر. ئۇنداق بولغانىكەن، مۇشۇ نېئمەتنى ئېسىڭلارغا ئېلىپ، يېگانە ئاللاھقىلا قۇلچىلىق ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىڭلار، بۇنىڭدا نۇھقا ئەگىشىڭلار. چۈنكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ شۈكرى قىلغۇچى بەندە ئىدى.

17:4Page 282

وَقَضَيۡنَآ إِلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ لَتُفۡسِدُنَّ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَّتَيۡنِ وَلَتَعۡلُنَّ عُلُوّٗا كَبِيرٗا ٤

And We conveyed1 to the Children of Israel in the Scripture that, "You will surely cause corruption on the earth twice, and you will surely reach [a degree of] great haughtiness."

بىز تەۋرات ئارقىلىق ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئالدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم يەر يۈزىدە ئىككى قېتىم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىپ، كۆرەڭلەيدىغانلىقىنى، كىشىلەرگە زۇرلۇق - زومبۇرلۇق قىلىش بىلەن چوڭچىلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق.

17:5Page 282

فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ أُولَىٰهُمَا بَعَثۡنَا عَلَيۡكُمۡ عِبَادٗا لَّنَآ أُوْلِي بَأۡسٖ شَدِيدٖ فَجَاسُواْ خِلَٰلَ ٱلدِّيَارِۚ وَكَانَ وَعۡدٗا مَّفۡعُولٗا ٥

So when the [time of] promise came for the first of them,1 We sent against you servants of Ours - those of great military might, and they probed [even] into the homes,2 and it was a promise fulfilled.

ئۇلاردىن تۇنجى قېتىم بۇزۇقچىلىق سادىر بولغاندا ئۇلارغا بىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدىغان بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئۆلتۈرۈپ، يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. ئۇلار يەنە يۇرتمۇ - يۇرت كېزىپ يۈرۈپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى ۋەيران قىلاتتى. ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ.

17:6Page 282

ثُمَّ رَدَدۡنَا لَكُمُ ٱلۡكَرَّةَ عَلَيۡهِمۡ وَأَمۡدَدۡنَٰكُم بِأَمۡوَٰلٖ وَبَنِينَ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ أَكۡثَرَ نَفِيرًا ٦

Then We gave back to you a return victory over them. And We reinforced you with wealth and sons and made you more numerous in manpower.

ئەي ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەر ئاللاھقا تەۋبە قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى بېسىۋالغانلارغا قارشى قايتا غەلبە ئاتا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەردۇق، ئۇلار ماللىرىڭلارنى بۇلاپ - تالاپ، ئەۋلادلىرىڭلارنى ئەسىر ئېلىپ قۇل قىلغاندىن كېيىن سىلەرگە يەنە مال ۋە ئەۋلادلارنى ئاتا قىلدۇق، سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن كۆپ قىلىۋەتتۇق.

17:7Page 282

إِنۡ أَحۡسَنتُمۡ أَحۡسَنتُمۡ لِأَنفُسِكُمۡۖ وَإِنۡ أَسَأۡتُمۡ فَلَهَاۚ فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ ٱلۡأٓخِرَةِ لِيَسُـُٔواْ وُجُوهَكُمۡ وَلِيَدۡخُلُواْ ٱلۡمَسۡجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَلِيُتَبِّرُواْ مَا عَلَوۡاْ تَتۡبِيرًا ٧

[And said], "If you do good, you do good for yourselves; and if you do evil, [you do it] to them [i.e., yourselves]." Then when the final [i.e., second] promise came, [We sent your enemies] to sadden your faces and to enter the masjid [i.e., the temple in Jerusalem], as they entered it the first time, and to destroy what they had taken over with [total] destruction.

ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئەگەر ئەمەللىرىڭلارنى ياخشىلاپ، تەلەپكە لايىق ئىش قىلساڭلار، چوقۇم بۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئۆزۈڭلار ئېرىشىسىلەر. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. ناۋادا يامان ئىش قىلساڭلار، بۇنىڭ ۋابالىنىمۇ ئۆزۈڭلار تارتىسىلەر. چۈنكى سىلەرنىڭ ياخشى ئىشىڭلارنىڭ ئاللاھقا پايدىسى بولمايدۇ، يامانلىقىڭلارنىڭ زىيىنىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزۇقچىلىق يۈز بەرگەندە بىز سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلارنى يەنە ئەۋەتتۇق. ئۇلار سىلەرنى خورلايتتى، سىلەرگە تۈرلۈك ئازابلارنى تېتىتقانلىقى ئۈچۈن يۈزلىرىڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلەتتى. ئۇلار بەيتۇلمۇقەددەسكە تۇنجى قېتىم قانداق كىرىپ، ۋەيران قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق قىلاتتى، شەھەرلەرنى قانداق ۋەيران قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق ۋەيران قىلاتتى.

17:8Page 283

عَسَىٰ رَبُّكُمۡ أَن يَرۡحَمَكُمۡۚ وَإِنۡ عُدتُّمۡ عُدۡنَاۚ وَجَعَلۡنَا جَهَنَّمَ لِلۡكَٰفِرِينَ حَصِيرًا ٨

[Then Allāh said], "It is expected, [if you repent], that your Lord will have mercy upon you. But if you return [to sin], We will return [to punishment]. And We have made Hell, for the disbelievers, a prison-bed."

ئەي ئىسرائىل ئەۋلادى! ئەگەر سىلەر تەۋبە قىلىپ، ئەمەللىرىڭلارنى تۈزىسەڭلار، مۇشۇنداق قاتتىق جازادىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەقتۇر. ناۋادا ئۈچىنچى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بۇزۇقچىلىقنى قايتىلىساڭلار، بىزمۇ سىلەردىن قايتا ئىنتىقام ئالىمىز. بىر جەھەننەمنى ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا تۆشەك ھەم داۋاملىق تۇرىدىغان جاي قىلدۇق.

17:9Page 283

إِنَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ يَهۡدِي لِلَّتِي هِيَ أَقۡوَمُ وَيُبَشِّرُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ أَجۡرٗا كَبِيرٗا ٩

Indeed, this Qur’ān guides to that which is most suitable and gives good tidings to the believers who do righteous deeds that they will have a great reward

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ گۈزەل يولغا باشلايدۇ، بۇ يول ئىسلام يولىدۇر. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن كاتتا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشخەۋەرنى بېرىدۇ.

17:10Page 283

وَأَنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ أَعۡتَدۡنَا لَهُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا ١٠

And that those who do not believe in the Hereafter - We have prepared for them a painful punishment.

قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇلارنى قايغۇغا سالىدىغان نەرسە ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇلارنى قايغۇغا سالىدىغان ئىش بىزنىڭ ئۇلارغا قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابنى تەييارلىغانلىقىمىزدۇر.

17:11Page 283

وَيَدۡعُ ٱلۡإِنسَٰنُ بِٱلشَّرِّ دُعَآءَهُۥ بِٱلۡخَيۡرِۖ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ عَجُولٗا ١١

And man supplicates for evil [when angry] as he supplicates for good, and man is ever hasty.1

ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئاچچىقى كەلگەندە نادانلىقىدىن ئۆزىگە، بالا - چاقىلىرىغا ۋە مال - مۈلكىگە يامانلىق تىلەپمۇ دۇئا قىلىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنىڭ بەددۇئاسىنى ئىجابەت قىلساق ئۇنىڭ ئۆزى، مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى تامامەن تۈگىشىدۇ. ئىنسان ئالدىراڭغۇ تەبىئەتلىك بولغاچقا بەزىدە ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا ئالدىراقسانلىق قىلىدۇ.

17:12Page 283

وَجَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ ءَايَتَيۡنِۖ فَمَحَوۡنَآ ءَايَةَ ٱلَّيۡلِ وَجَعَلۡنَآ ءَايَةَ ٱلنَّهَارِ مُبۡصِرَةٗ لِّتَبۡتَغُواْ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكُمۡ وَلِتَعۡلَمُواْ عَدَدَ ٱلسِّنِينَ وَٱلۡحِسَابَۚ وَكُلَّ شَيۡءٖ فَصَّلۡنَٰهُ تَفۡصِيلٗا ١٢

And We have made the night and day two signs, and We erased the sign of the night and made the sign of the day visible1 that you may seek bounty from your Lord and may know the number of years and the account [of time]. And everything We have set out in detail.

بىز كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ھەم قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئىككى ئالامەت قىلىپ ياراتتۇق. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ۋە ئىسسىق - سوغۇقلۇقى بىر - بىرىدىن پەرقلىقتۇر. كېچىنى ئارام ئىلىش ۋە ئۇيقۇ ئۈچۈن قاراڭغۇ قىلدۇق، كۈندۈزنى ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرۈپ، تىرىكچىلىك قىلالايدىغان دەرىجىدە يورۇق قىلدۇق. ئۈمىدكى سىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە يىللارنىڭ سانىنى ھەمدە ئۆزۈڭلار ئېھتىياجلىق بولغان ئايلارنىڭ، كۈنلەرنىڭ ۋە سائەتلەرنىڭ ھېسابىنى بىلگەيسىلەر. شەيئىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىشى، ھەقىقەتنىڭ سەپسەتىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن بىز ھەر نەرسىنى روشەن بايان قىلدۇق.

17:13Page 283

وَكُلَّ إِنسَٰنٍ أَلۡزَمۡنَٰهُ طَٰٓئِرَهُۥ فِي عُنُقِهِۦۖ وَنُخۡرِجُ لَهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ كِتَٰبٗا يَلۡقَىٰهُ مَنشُورًا ١٣

And [for] every person We have imposed his fate upon his neck,1 and We will produce for him on the Day of Resurrection a record which he will encounter spread open.

ھەر بىر ئىنساننىڭ قىلغان ئەمىلىنى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغاندەك، ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان قىلدۇق، تاكى ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنغانغا قەدەر ئەمىلى ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدۇ. قىيامەت كۈنى بىز ئۇنىڭ قىلغان بارلىق ياخشى - يامان ئەمەللىرى پۈتۈلگەن ئەمەل دەپتىرىنى چىقىرىپ بېرىمىز، ئۇ نامە - ئەمال دەپتىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.

17:14Page 283

ٱقۡرَأۡ كِتَٰبَكَ كَفَىٰ بِنَفۡسِكَ ٱلۡيَوۡمَ عَلَيۡكَ حَسِيبٗا ١٤

[It will be said], "Read your record. Sufficient is yourself against you this Day as accountant."

ئۇ كۈندە ئۇنىڭغا: ئەي ئىنسان! نامە - ئەمال دەپتىرىڭنى ئوقۇغىن، قىلغان ئەمەللىرىڭگە قارىتا ئۆز - ئۆزۈڭدىن ھېساب ئالغىن. قىيامەت كۈنى سەن ئۆزۈڭدىن ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكسەن.

17:15Page 283

مَّنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۗ وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبۡعَثَ رَسُولٗا ١٥

Whoever is guided is only guided for [the benefit of] his soul. And whoever errs only errs against it. And no bearer of burdens will bear the burden of another. And never would We punish until We sent a messenger.

كىمكى ئىمانغا ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ھېچكىم باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ھېچ بىر قەۋمنى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق دەلىل - پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويماي تۇرۇپ ئازابلىغىنىمىز يوق.

17:16Page 283

وَإِذَآ أَرَدۡنَآ أَن نُّهۡلِكَ قَرۡيَةً أَمَرۡنَا مُتۡرَفِيهَا فَفَسَقُواْ فِيهَا فَحَقَّ عَلَيۡهَا ٱلۡقَوۡلُ فَدَمَّرۡنَٰهَا تَدۡمِيرٗا ١٦

And when We intend to destroy a city, We command its affluent1 but they defiantly disobey therein; so the word [i.e., deserved decree] comes into effect upon it, and We destroy it with [complete] destruction.

بىز بىرەر شەھەر (ئاھالىسى)نى زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇلارنىڭ دۆلەتمەن كىشىلىرىنى ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئاندىن ئۇلار بويسۇنماي، ئاسىيلىق بىلەن ئىتائەتسىزلىك قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىش جازاسى بېرىش ھەققىدىكى سۆز لايىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىمىز.

17:17Page 283

وَكَمۡ أَهۡلَكۡنَا مِنَ ٱلۡقُرُونِ مِنۢ بَعۡدِ نُوحٖۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرَۢا بَصِيرٗا ١٧

And how many have We destroyed from the generations after Noah. And sufficient is your Lord, concerning the sins of His servants, as Aware and Seeing.

نۇھنىڭ قەۋمىدىن كېيىن ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىگە ئوخشاش بىز ھالاك قىلغان ئىنكارچى ئۈممەتلەر نېمىدېگەن كۆپ؟ ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ۋە كۆرۈپ تۇرۇشقا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

17:18Page 284

مَّن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡعَاجِلَةَ عَجَّلۡنَا لَهُۥ فِيهَا مَا نَشَآءُ لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلۡنَا لَهُۥ جَهَنَّمَ يَصۡلَىٰهَا مَذۡمُومٗا مَّدۡحُورٗا ١٨

Whoever should desire the immediate1 - We hasten for him from it what We will to whom We intend. Then We have made for him Hell, which he will [enter to] burn, censured and banished.

كىمكى ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەپ، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتماي ھەم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا نېئمەتلەردىن ئۆزى خالىغىنىنى ئەمەس، بەلكى بىز ئۆزىمىز خالىغىنىمىزنى بېرىمىز. ئاندىن جەھەننەمنى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ كىرىدىغان جايى قىلىمىز، ئۇ جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ. بۇ ئۇنىڭ دۇنيانى تاللاپ، ئاخىرەتكە كاپىر بولغانلىقىنى ئەيىبلەش ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

17:19Page 284

وَمَنۡ أَرَادَ ٱلۡأٓخِرَةَ وَسَعَىٰ لَهَا سَعۡيَهَا وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ كَانَ سَعۡيُهُم مَّشۡكُورٗا ١٩

But whoever desires the Hereafter and exerts the effort due to it while he is a believer - it is those whose effort is ever appreciated [by Allāh].

كىمكى ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاخىرەتنى كۆزلەپ، ئاللاھ ئىمان ئېيتىشنى ۋاجىب قىلغان نەرسىگە ئىمان ئېيتقان ھالدا ئاخىرەت ئۈچۈن رىيا ۋە شۆھرەتتىن خالىي تىرىشچانلىق قىلىدىكەن، بۇنداق سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدۇ ھەمدە ئاللاھ ئۇلارغا قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات بېرىدۇ.

17:20Page 284

كُلّٗا نُّمِدُّ هَٰٓؤُلَآءِ وَهَٰٓؤُلَآءِ مِنۡ عَطَآءِ رَبِّكَۚ وَمَا كَانَ عَطَآءُ رَبِّكَ مَحۡظُورًا ٢٠

To each [category] We extend - to these and to those - from the gift of your Lord. And never has the gift of your Lord been restricted.

ئەي پەيغەمبەر! يامان بولسۇن، ياخشى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئېھسانىنى ئۈزۈپ قويماستىن تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئېھسانلىرى ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن ھېچكىمدىن چەكلەنمەيدۇ.

17:21Page 284

ٱنظُرۡ كَيۡفَ فَضَّلۡنَا بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ وَلَلۡأٓخِرَةُ أَكۡبَرُ دَرَجَٰتٖ وَأَكۡبَرُ تَفۡضِيلٗا ٢١

Look how We have favored [in provision] some of them over others. But the Hereafter is greater in degrees [of difference] and greater in distinction.

ئەي پەيغەمبەر! بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى رىزىقتا ۋە مەرتىۋىدە بىر - بىرىدىن قانداق پەرقلىق قىلغانلىقىمىزنى ئويلىنىپ باققىن. ئەلۋەتتە ئاخىرەت ھۇزۇر - ھالاۋەتنىڭ دەرىجىلىرىدە دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن كۆپ پەرقلىق ھەم كۆپ ئارتۇقتۇر. شۇڭا مۇئمىنلەر ئاخىرەتكە ھېرىسمەن بولسۇن!

17:22Page 284

لَّا تَجۡعَلۡ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتَقۡعُدَ مَذۡمُومٗا مَّخۡذُولٗا ٢٢

Do not make [as equal] with Allāh another deity and [thereby] become censured and forsaken.

ئەي بەندە! ئاللاھقا قوشۇپ چوقۇنىدىغان باشقا بىر مەبۇد تۇتۇۋالمىغىن. بولمىسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كايىشقا ئۇچرايسەن، ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرى ئارىسىدىمۇ سېنى ئالقىشلىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئىكەنسەن، ساڭا ھېچ ياردەمچى بولمايدۇ.

17:23Page 284

۞ وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنًاۚ إِمَّا يَبۡلُغَنَّ عِندَكَ ٱلۡكِبَرَ أَحَدُهُمَآ أَوۡ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَآ أُفّٖ وَلَا تَنۡهَرۡهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوۡلٗا كَرِيمٗا ٢٣

And your Lord has decreed that you worship not except Him, and to parents, good treatment. Whether one or both of them reach old age [while] with you, say not to them [so much as], "uff,"1 and do not repel them but speak to them a noble word.

ئەي بەندە! پەرۋەردىگارىڭ سېنى ئۆزىدىن باشقىغا قۇلچىلىق قىلماسلىققا، ئاتا - ئاناڭ بولۇپمۇ ياشانغان ۋاقىتتا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى. ئەگەر ئۇلاردىن بىرى ياكى ئىككىلىسى يېنىڭدا بولۇپ، ياشىنىپ قالغىنىدا ئۇلارغا كىچىككىنە مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارنى سىلكىشلىمە، ئۇلارغا قوپال سۆزلەرنى قىلما. ئۇلارغا مۇلايىملىق ۋە سىلىق - سىپايىلىك بىلەن چىرايلىق سۆزلەرنى قىلغىن.

17:24Page 284

وَٱخۡفِضۡ لَهُمَا جَنَاحَ ٱلذُّلِّ مِنَ ٱلرَّحۡمَةِ وَقُل رَّبِّ ٱرۡحَمۡهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرٗا ٢٤

And lower to them the wing of humility out of mercy and say, "My Lord, have mercy upon them as they brought me up [when I was] small."

ئۇلارغا كامالى ئېھتىرام بىلەن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ھەمدە: ئەي پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن!

17:25Page 284

رَّبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَا فِي نُفُوسِكُمۡۚ إِن تَكُونُواْ صَٰلِحِينَ فَإِنَّهُۥ كَانَ لِلۡأَوَّٰبِينَ غَفُورٗا ٢٥

Your Lord is most knowing of what is within yourselves. If you should be righteous [in intention] - then indeed He is ever, to the often returning [to Him], Forgiving.1

ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ قىلغان ئىبادىتىڭلاردا، ياخشى ئەمەللەردە، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتا دىلىڭلاردىكى ئىخلاسنى ياخشى بىلىدۇ. ناۋادا سىلەرنىڭ ئىبادىتىڭلاردىكى، ئاتا - ئاناڭلارغا قىلغان مۇئامىلەڭلاردىكى ۋە باشقا ئەمەللىرىڭلاردىكى نىيىتىڭلار ياخشى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلىپ ئۆزىگە قايتقۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. كىمكى پەرۋەردىگارىغا تائەت - ئىبادەت ياكى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشتا ئىلگىرى ئۆتكۈزۈپ سالغان كەمچىلىكلىرىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ.

17:26Page 284

وَءَاتِ ذَا ٱلۡقُرۡبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلۡمِسۡكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرۡ تَبۡذِيرًا ٢٦

And give the relative his right, and [also] the poor and the traveler, and do not spend wastefully.1

ئەي مۇئمىن! سىلە - رەھىم قىلىپ، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغىن، موھتاجلىقتا قالغان يوقسۇللارغا ئېھسان قىلغىن، سەپىرىدە يېرىم يولدا قالغۇچىغا ياخشىلىق قىلغىن، مال - مۈلكۈڭنى گۇناھ - مەئسىيەتكە ياكى ئىسراپ بولىدىغان جايلارغا سەرپ قىلمىغىن.

17:27Page 284

إِنَّ ٱلۡمُبَذِّرِينَ كَانُوٓاْ إِخۡوَٰنَ ٱلشَّيَٰطِينِۖ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِرَبِّهِۦ كَفُورٗا ٢٧

Indeed, the wasteful are brothers of the devils, and ever has Satan been to his Lord ungrateful.

شەكسىزكى مال - مۈلكىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە سەرپ قىلغۇچىلار ۋە ئىسراپ قىلغۇچىلار شەيتاننىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. ئۇلار ماللىرىنى بۇزۇپ - چېچىشتا شەيتاننىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ. شەيتان پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ئىدى. ئۇ پەقەت ئاللاھقا ئاسىيلىقلا قىلىدۇ، ئاللاھنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشلارغىلا بۇيرۇيدۇ.

17:28Page 285

وَإِمَّا تُعۡرِضَنَّ عَنۡهُمُ ٱبۡتِغَآءَ رَحۡمَةٖ مِّن رَّبِّكَ تَرۡجُوهَا فَقُل لَّهُمۡ قَوۡلٗا مَّيۡسُورٗا ٢٨

And if you [must] turn away from them [i.e., the needy] awaiting mercy from your Lord which you expect,1 then speak to them a gentle word.

ئەگەر سەن بېرىدىغان نەرسەڭ يوقلۇقىدىن بۇلارغا بىر نەرسە بېرەلمەي قالغان بولساڭ، ئاللاھنىڭ ساڭا رىزىق بېرىشىنى كۈتكەن ھالدا ئۇلارنىڭمۇ رىزقىنىڭ كەڭرى بولۇشىغا دۇئا قىلىش ياكى ئاللاھ ساڭا مال - دۇنيا بەرگەندە بىر نەرسە بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانغا ئۇخشاش مۇلايىم، سىپايە سۆزلەرنى قىلغىن.

17:29Page 285

وَلَا تَجۡعَلۡ يَدَكَ مَغۡلُولَةً إِلَىٰ عُنُقِكَ وَلَا تَبۡسُطۡهَا كُلَّ ٱلۡبَسۡطِ فَتَقۡعُدَ مَلُومٗا مَّحۡسُورًا ٢٩

And do not make your hand [as] chained to your neck1 or extend it completely2 and [thereby] become blamed and insolvent.

مال سەرپ قىلىشتىن بېخىللىق قىلمىغىن، سەرپ قىلىشتا چەكتىنمۇ ئاشۇرۇۋەتمىگىن. بولمىسا بېخىللىق قىلغىنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تاپا - مالامىتىگە قالىسەن، سەرپ قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكىنىڭ ئۈچۈن مېلىڭ تۈگەپ قېلىپ، سەرپ قىلىدىغانغا بىر نەرسە تاپالماي قالىسەن.

17:30Page 285

إِنَّ رَبَّكَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرَۢا بَصِيرٗا ٣٠

Indeed, your Lord extends provision for whom He wills and restricts [it]. Indeed He is ever, concerning His servants, Aware and Seeing.

ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ھەققىدىكى ئىشىنى ئۆزى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

17:31Page 285

وَلَا تَقۡتُلُوٓاْ أَوۡلَٰدَكُمۡ خَشۡيَةَ إِمۡلَٰقٖۖ نَّحۡنُ نَرۡزُقُهُمۡ وَإِيَّاكُمۡۚ إِنَّ قَتۡلَهُمۡ كَانَ خِطۡـٔٗا كَبِيرٗا ٣١

And do not kill your children for fear of poverty. We provide for them and for you. Indeed, their killing is ever a great sin.

پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ چىقىمى تۈپەيلىدىن كەلگۈسىدە كەمبەغەل بوپقېلىشتىن قورقۇپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار. ئۇلارغىمۇ، سىلەرگىمۇ رىزىق بېرىشكە بىز كېپىل بولىمىز. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولغۇدەك ھېچ گۇناھى يوقتۇر.

17:32Page 285

وَلَا تَقۡرَبُواْ ٱلزِّنَىٰٓۖ إِنَّهُۥ كَانَ فَٰحِشَةٗ وَسَآءَ سَبِيلٗا ٣٢

And do not approach unlawful sexual intercourse.1 Indeed, it is ever an immorality and is evil as a way.

زىناغا يېقىن يولىماڭلار، زىناغا قىزىقتۇرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار، شەكسىزكى ئۇ ئىنتايىن قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر. چۈنكى بۇ ئىش نەسەبلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

17:33Page 285

وَلَا تَقۡتُلُواْ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ وَمَن قُتِلَ مَظۡلُومٗا فَقَدۡ جَعَلۡنَا لِوَلِيِّهِۦ سُلۡطَٰنٗا فَلَا يُسۡرِف فِّي ٱلۡقَتۡلِۖ إِنَّهُۥ كَانَ مَنصُورٗا ٣٣

And do not kill the soul [i.e., person] which Allāh has forbidden, except by right.1 And whoever is killed unjustly - We have given his heir authority,2 but let him not exceed limits in [the matter of] taking life. Indeed, he has been supported [by the law].

ئىمان ئېيتقانلىقى ياكى ئامانلىق بېرىلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئاللاھ قېنىنى تۆكۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەڭلار. لېكىن مۇرتەدلىك ياكى توي قىلغان تۇرۇپ زىنا قىلىش ۋە ياكى قىساس تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. كىمكى ئۆلۈمگە لايىق بىرەر سەۋەبسىزلا ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭ قاتىلى ئۈستىدىن دەۋاگەر قىلىمىز. بۇ چاغدا ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن تۇغقىنىنىڭ قىساسىنى تەلەپ قىلسىمۇ، ھېچ نەرسە ئالماي ئەپۇ قىلسىمۇ ياكى دىيەت ئېلىپ، قىساسنى كەچۈرۈم قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما قاتىلنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش ياكى قاتىلنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنىنى ئۆلتۈرگەن ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى قاتىلدىن باشقا بىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. شەكسىزكى ئۇ قوللاشقا ئېرىشىدۇ ھەم ياردەم بېرىلىدۇ.

17:34Page 285

وَلَا تَقۡرَبُواْ مَالَ ٱلۡيَتِيمِ إِلَّا بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ أَشُدَّهُۥۚ وَأَوۡفُواْ بِٱلۡعَهۡدِۖ إِنَّ ٱلۡعَهۡدَ كَانَ مَسۡـُٔولٗا ٣٤

And do not approach the property of an orphan, except in the way that is best,1 until he reaches maturity. And fulfill [every] commitment. Indeed, the commitment is ever [that about which one will be] questioned.

ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىملارنىڭ مال - مۈلكىنى تاكى ئۇ ئەقلىنى تېپىپ، ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالىغۇدەك بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ مېلىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇنىڭغا پايدىلىق شەكىلدە تەسەررۇپ قىلىڭلار. ئاللاھ بىلەن ۋە باشقا بەندىلەر بىلەن ئاراڭلاردىكى ئەھدىنى بۇزماستىن ۋە كەم قىلماستىن ئورۇنداڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئەھدە قىلغۇچىدىن سورايدۇ: ئەگەر ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان بولسا ساۋاب بېرىدۇ، ۋاپا قىلمىغان بولسا جازالايدۇ.

17:35Page 285

وَأَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ إِذَا كِلۡتُمۡ وَزِنُواْ بِٱلۡقِسۡطَاسِ ٱلۡمُسۡتَقِيمِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ وَأَحۡسَنُ تَأۡوِيلٗا ٣٥

And give full measure when you measure, and weigh with an even [i.e., honest] balance. That is the best [way] and best in result.

باشقىلارغا بىر نەرسە ئۆلچەپ بەرگەندە كەمچىنى تولۇق قىلىڭلار، كەم بەرمەڭلار. ئازراقمۇ كەم قىلمايدىغان ۋە زىيان تارتقۇزمايدىغان توغرا تارازىدا تارتىڭلار. ئۆلچەم ۋە تارازىدا تولۇق بېرىش، كەم قىلىپ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالغاندىن بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر ۋە ئاقىۋىتى گۈزەلدۇر.

17:36Page 285

وَلَا تَقۡفُ مَا لَيۡسَ لَكَ بِهِۦ عِلۡمٌۚ إِنَّ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡبَصَرَ وَٱلۡفُؤَادَ كُلُّ أُوْلَٰٓئِكَ كَانَ عَنۡهُ مَسۡـُٔولٗا ٣٦

And do not pursue1 that of which you have no knowledge. Indeed, the hearing, the sight and the heart - about all those [one] will be questioned.

ئەي ئادەمزات! ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان ئىشتا گۇمان ۋە پەرەز بويىچە ئىش قىلما. شەكسىزكى ئىنسان قۇلىقى، كۆزى ۋە يۈرىكىنى ئىشقا سالالايدىغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار ھەققىدە سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن ياخشىلىققا قارىتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىققا قارىتا جازاغا تارتىلىدۇ.

17:37Page 285

وَلَا تَمۡشِ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَحًاۖ إِنَّكَ لَن تَخۡرِقَ ٱلۡأَرۡضَ وَلَن تَبۡلُغَ ٱلۡجِبَالَ طُولٗا ٣٧

And do not walk upon the earth exultantly. Indeed, you will never tear the earth [apart], and you will never reach the mountains in height.1

زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەغرۇرانە يۈرمىگىن. چۈنكى ھەر قانچە ھاكاۋۇرلۇق قىلساڭمۇ، ئايىغىڭ بىلەن زېمىننى تېشىۋېتەلمەيسەن، ھەر قانچە گىدەيسەڭمۇ ئېگىزلىكتە ۋە ئۈستۈنلۈكتە تاغلارغا يېتەلمەيسەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، يەنە نېمىشقا تەكەببۇرلۇق قىلىسەن؟

17:38Page 285

كُلُّ ذَٰلِكَ كَانَ سَيِّئُهُۥ عِندَ رَبِّكَ مَكۡرُوهٗا ٣٨

All that [i.e., the aforementioned] - its evil is ever, in the sight of your Lord, detested.

ئەي ئىنسان! يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە يامان ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردۇر، ئۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىدىن ئاللاھ رازى بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا غەزەبلىنىدۇ.

17:39Page 286

ذَٰلِكَ مِمَّآ أَوۡحَىٰٓ إِلَيۡكَ رَبُّكَ مِنَ ٱلۡحِكۡمَةِۗ وَلَا تَجۡعَلۡ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتُلۡقَىٰ فِي جَهَنَّمَ مَلُومٗا مَّدۡحُورًا ٣٩

That is from what your Lord has revealed to you, [O Muḥammad], of wisdom. And, [O mankind], do not make [as equal] with Allāh another deity, lest you be thrown into Hell, blamed and banished.

بىز يۇقىرىدا ئوچۇق بايان قىلغان بۇيرۇقلار، چەكلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغانلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەي ئىنسان! ئاللاھقا باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن. بولمىسا قىيامەت كۈنى ئۆز - ئۆزۈڭگە مالامەت قىلغان، باشقىلارنىڭمۇ مالامىتىگە ئۇچرىغان ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالەتتە جەھەننەمگە تاشلىنىسەن.

17:40Page 286

أَفَأَصۡفَىٰكُمۡ رَبُّكُم بِٱلۡبَنِينَ وَٱتَّخَذَ مِنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنَٰثًاۚ إِنَّكُمۡ لَتَقُولُونَ قَوۡلًا عَظِيمٗا ٤٠

Then, has your Lord chosen you for [having] sons and taken [i.e., adopted] from among the angels daughters? Indeed, you say a grave saying.

ئەي پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان مۇشرىكلار! پەرۋەردىگارىڭلار ئوغۇللارنى سىلەرگە خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ ئاللاھ سىلەر دەۋاتقان تۆھمەتلەردىن يۈكسەكتۇر. شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بالىسى بار دېيىش ئارقىلىق تولىمۇ قەبىھ سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر، كۇپرىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئاللاھنىڭ قىزلىرى بار دەپ بىلجىرلاۋاتىسىلەر.

17:41Page 286

وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لِيَذَّكَّرُواْ وَمَا يَزِيدُهُمۡ إِلَّا نُفُورٗا ٤١

And We have certainly diversified [the contents] in this Qur’ān that they [i.e., mankind] may be reminded, but it does not increase them [i.e., the disbelievers] except in aversion.

بىز بۇ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى پەند - نەسىھەت ئېلىپ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق يولدا ماڭسۇن، زىيانلىق ئىشلارنى تاشلىسۇن دەپ ئەھكاملارنى، ۋەز - نەسىھەتلەرنى ۋە مىساللارنى روشەن بايان قىلدۇق. ھالبۇكى ئۇلاردىن تەبىئىتى بۇزۇلغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرى ئۇلارنى تېخىمۇ ھەقتىن يىراقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ھەقنى ياقتۇرمايدىغان قىلىۋەتتى.

17:42Page 286

قُل لَّوۡ كَانَ مَعَهُۥٓ ءَالِهَةٞ كَمَا يَقُولُونَ إِذٗا لَّٱبۡتَغَوۡاْ إِلَىٰ ذِي ٱلۡعَرۡشِ سَبِيلٗا ٤٢

Say, [O Muḥammad], "If there had been with Him [other] gods, as they say, then they [each] would have sought to the Owner of the Throne a way."1

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرنىڭ يالغان ئېيتقىنىڭلاردەك، ئەگەر ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا مەبۇدلار بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئاشۇ ساختا مەبۇدلار ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەرشنى تارتىۋېلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىگەن بولاتتى.

17:43Page 286

سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَقُولُونَ عُلُوّٗا كَبِيرٗا ٤٣

Exalted is He and high above what they say by great sublimity.

ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈندۇر.

17:44Page 286

تُسَبِّحُ لَهُ ٱلسَّمَٰوَٰتُ ٱلسَّبۡعُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهِنَّۚ وَإِن مِّن شَيۡءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمۡدِهِۦ وَلَٰكِن لَّا تَفۡقَهُونَ تَسۡبِيحَهُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ حَلِيمًا غَفُورٗا ٤٤

The seven heavens and the earth and whatever is in them exalt Him. And there is not a thing except that it exalts [Allāh] by His praise, but you do not understand their [way of] exalting. Indeed, He is ever Forbearing1 and Forgiving.

ئاسمانلارمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، زېمىنمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ھەر قانداق مەۋجۇدات ئاللاھنى مەدھىيىلەش بىلەن ئۇنى پاك دەپ بىلىدۇ. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ قانداق تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر پەقەت ئۆز تىلىڭلاردا تەسبىھ ئېيتىدىغانلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىشلىرىنىلا چۈشىنەلەيسىلەر. شەكسىزكى ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ھەلىيم سۈپەتلىك زاتتۇر، تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

17:45Page 286

وَإِذَا قَرَأۡتَ ٱلۡقُرۡءَانَ جَعَلۡنَا بَيۡنَكَ وَبَيۡنَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ حِجَابٗا مَّسۡتُورٗا ٤٥

And when you recite the Qur’ān, We put between you and those who do not believe in the Hereafter a concealed partition.1

ئەي پەيغەمبەر! سەن قۇرئان ئوقۇغان ھەمدە ئۇلارمۇ قۇرئاندىكى چەكلىمىلەر ۋە پەند - نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغان چاغدا بىز سەن بىلەن قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق پەيدا قىلىمىز، بۇ توسۇق ئۇلارنى قۇرئاننى چۈشىنىشتىن توسىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرىگە قارىتا بېرىلگەن جازادۇر.

17:46Page 286

وَجَعَلۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ أَكِنَّةً أَن يَفۡقَهُوهُ وَفِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٗاۚ وَإِذَا ذَكَرۡتَ رَبَّكَ فِي ٱلۡقُرۡءَانِ وَحۡدَهُۥ وَلَّوۡاْ عَلَىٰٓ أَدۡبَٰرِهِمۡ نُفُورٗا ٤٦

And We have placed over their hearts coverings, lest they understand it, and in their ears deafness. And when you mention your Lord alone in the Qur’ān, they turn back in aversion.

قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىۋەتتۇق، قۇرئاننى مەنپەئەتلىنەلەيدىغان رەۋىشتە ئاڭلىمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن قۇرئان كەرىمدە يالغۇز پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ساختا ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالمىساڭ، ئۇلار دىننى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشتىن يىراقلىشىپ، كەينىگە قاچىدۇ.

17:47Page 286

نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَسۡتَمِعُونَ بِهِۦٓ إِذۡ يَسۡتَمِعُونَ إِلَيۡكَ وَإِذۡ هُمۡ نَجۡوَىٰٓ إِذۡ يَقُولُ ٱلظَّٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا ٤٧

We are most knowing of how they listen to it when they listen to you and [of] when they are in private conversation, when the wrongdoers say, "You follow not but a man affected by magic."

ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ قۇرئانغا نېمە مەقسەتتە قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز، ئۇلار بۇ ئارقىلىق توغرا يول تېپىشنى ئويلىمايدۇ، بەلكى سەن تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا ئويۇن - كۈلكە قىلىپ، قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقچى بولۇشىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئىنكار قىلىش ھەمدە باشقىلارنى قۇرئاندىن توسۇش ھەققىدە ئۆز-ئارا پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز. كۇپرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بۇ زالىملار: ئەي ئىنسانلار! سىلەر سېھىرلىنىپ ئېلىشىپ قالغان بىر ئادەمنىڭ كەينىگە كىرىۋاتىسىلەر، دېيىشىدۇ.

17:48Page 286

ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَالَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا ٤٨

Look how they strike for you comparisons;1 but they have strayed, so they cannot [find] a way.

ئەي پەيغەمبەر! قارايدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ساختا، ئويدۇرما سۈپەتلەردىن چوقۇم ھەيران قالىسەن. ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، نەتىجىدە ھەق يولىنى تاپالمىدى.

17:49Page 286

وَقَالُوٓاْ أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا وَرُفَٰتًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ خَلۡقٗا جَدِيدٗا ٤٩

And they say, "When we are bones and crumbled particles, will we [truly] be resurrected as a new creation?"

مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ: بىز ئۆلۈپ، قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلىنىپ، بەدەنلىرىمىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم قايتىدىن تىرگۈزۈلىمىزمۇ؟ بۇنداق بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، دېيىشىدۇ.

17:50Page 287

۞ قُلۡ كُونُواْ حِجَارَةً أَوۡ حَدِيدًا ٥٠

Say, "Be you stones or iron1

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەي مۇشرىكلار! كۈچۈڭلار يەتسە قاتتىقلىقتا تاش، كۈچ - قۇۋەتتە تۆمۈر بولۇپ كېتىڭلار. ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر.

17:51Page 287

أَوۡ خَلۡقٗا مِّمَّا يَكۡبُرُ فِي صُدُورِكُمۡۚ فَسَيَقُولُونَ مَن يُعِيدُنَاۖ قُلِ ٱلَّذِي فَطَرَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖۚ فَسَيُنۡغِضُونَ إِلَيۡكَ رُءُوسَهُمۡ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَۖ قُلۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَرِيبٗا ٥١

Or [any] creation of that which is great1 within your breasts." And they will say, "Who will restore us?" Say, "He who brought you forth the first time." Then they will nod their heads toward you2 and say, "When is that?" Say, "Perhaps it will be soon -

ياكى خىيالىڭلاردا تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان باشقا بىر مەخلۇق بولۇپ كېتىڭلار. ئاللاھ چوقۇم سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقاندەك قايتىدىن يارىتىپ، تىرىلدۈرىدۇ. بۇ بويۇنتاۋ ئىنسانلار: بىزنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كىم تىرىلدۈرىدۇ؟ دېيىشىدۇ. ئۇلارغا: سىلەرنى تۇنجى قېتىم ئۆرنەكسىز ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنىڭ بەرگەن جاۋابىڭنى مەنسىتمىگەن ھالدا باشلىرىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ ۋە بۇنداق بولۇشىنى يىراق ساناپ: بۇ قايتىلىنىش قاچان بولىدۇ؟ دەيدۇ. ئۇلارغا: پات - يېقىندا بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس، دېگىن.

17:52Page 287

يَوۡمَ يَدۡعُوكُمۡ فَتَسۡتَجِيبُونَ بِحَمۡدِهِۦ وَتَظُنُّونَ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗا ٥٢

On the Day He will call you and you will respond with praise of Him and think that you had not remained [in the world] except for a little."

ئاللاھ سىلەرنى مەھشەر مەيدانىغا چاقىرغان كۈندە قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن سىلەر ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنى مەدھىيەلەيسىلەر ھەمدە ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك ئويلايسىلەر.

Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences

Contents

Ayat al-Kursi36Al-Kahfpage 42juz 15Bukhari 1Muslim 2999

Style

Theme
Text size
Layout

Читать на русском