Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
يوسف
Yusuf
Joseph · Meccan · 111 ayahs
12:1Page 235
الٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ ١
Alif, Lām, Rā.1 These are the verses of the clear Book.
ئەلىف، لام، را. سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش (مۇتەشابىھ ئايەتلەر) ھەققىدە بايانلار ئۆتتى. بۇ سۈرىدە نازىل قىلىنغان ئايەتلەر قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالغان روشەن ئايەتلەردۇر.
12:2Page 235
إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ قُرۡءَٰنًا عَرَبِيّٗا لَّعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ ٢
Indeed, We have sent it down as an Arabic Qur’ān1 that you might understand.
ئەي ئەرەبلەر! شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى مەنىلىرىنى چۈشەنسۇن دەپ قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق.
12:3Page 235
نَحۡنُ نَقُصُّ عَلَيۡكَ أَحۡسَنَ ٱلۡقَصَصِ بِمَآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ وَإِن كُنتَ مِن قَبۡلِهِۦ لَمِنَ ٱلۡغَٰفِلِينَ ٣
We relate to you, [O Muḥammad], the best of stories in what We have revealed to you of this Qur’ān although you were, before it, among the unaware.
ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىش ئارقىلىق چىنلىقى، سۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە پاساھەتلىكلىكىدە ئەڭ گۈزەل قىسسىنى سۆزلەپ بېرىمىز. سەن بۇندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن بۇ قىسسىدىن بىخەۋەر ئىدىڭ، بۇ قىسسە ھەققىدە سېنىڭ مەلۇماتىڭ يوق ئىدى.
12:4Page 235
إِذۡ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَٰٓأَبَتِ إِنِّي رَأَيۡتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوۡكَبٗا وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ رَأَيۡتُهُمۡ لِي سَٰجِدِينَ ٤
[Of these stories mention] when Joseph said to his father,1 "O my father, indeed I have seen [in a dream] eleven stars and the sun and the moon; I saw them prostrating to me."
ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا سۆزلەپ بېرىمىزكى، ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف دادىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ، ئاي ۋە قۇياشنىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم دېدى. بۇ چۈش يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن جىددىي بېشارەت ئىدى.
12:5Page 236
قَالَ يَٰبُنَيَّ لَا تَقۡصُصۡ رُءۡيَاكَ عَلَىٰٓ إِخۡوَتِكَ فَيَكِيدُواْ لَكَ كَيۡدًاۖ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٞ مُّبِينٞ ٥
He said, "O my son, do not relate your vision to your brothers or they will contrive against you a plan. Indeed Satan, to man, is a manifest enemy.
يەئقۇب ئوغلى يۇسۇفقا: ئەي ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ئۇلار بۇنى باشقىچە چۈشىنىۋېلىپ، ساڭا ھەسەت قىلىپ بىرەر سۇيىقەست قىلىپ سالمىسۇن، چۈنكى شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېدى.
12:6Page 236
وَكَذَٰلِكَ يَجۡتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكَ وَعَلَىٰٓ ءَالِ يَعۡقُوبَ كَمَآ أَتَمَّهَا عَلَىٰٓ أَبَوَيۡكَ مِن قَبۡلُ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٞ ٦
And thus will your Lord choose you and teach you the interpretation of narratives [i.e., events or dreams] and complete His favor upon you and upon the family of Jacob, as He completed it upon your fathers before, Abraham and Isaac. Indeed, your Lord is Knowing and Wise."
ئەي يۇسۇف! چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭدەك پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاللاپ، ساڭا چۈش تەبىرىنى ئۆگىتىدۇ. ئىلگىرى ئەجدادىڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاقلارغا نېئمىتىنى بەرگەندەك ساڭىمۇ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىش ئارقىلىق نېئمىتىنى مۇكەممەل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
12:7Page 236
۞ لَّقَدۡ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخۡوَتِهِۦٓ ءَايَٰتٞ لِّلسَّآئِلِينَ ٧
Certainly were there in Joseph and his brothers signs for those who ask, [such as]
يۇسۇف ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قىسسىسىدە ئۇلار ھەققىدە سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت ۋە پەند - نەسىھەت بار.
12:8Page 236
إِذۡ قَالُواْ لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰٓ أَبِينَا مِنَّا وَنَحۡنُ عُصۡبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ ٨
When they said, "Joseph and his brother1 are more beloved to our father than we, while we are a clan. Indeed, our father is in clear error.
ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۆزئارا: يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ بىر قۇساق قېرىندىشى ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى بىز چوڭ بىر جەمەتتۇرمىز، ئاتىمىز ئۇ ئىككىسىنى قانداقسىگە بىزدىن ئارتۇق كۆرىدۇ؟ ئاتىمىز ئۇ ئىككىسىنى ھېچبىر سەۋەبسىزلا بىزدىن ئارتۇق كۆرگەچكە بىز ئۇنى روشەن خاتالىق ئىچىدە دەپ ئويلايمىز، دېيىشتى.
12:9Page 236
ٱقۡتُلُواْ يُوسُفَ أَوِ ٱطۡرَحُوهُ أَرۡضٗا يَخۡلُ لَكُمۡ وَجۡهُ أَبِيكُمۡ وَتَكُونُواْ مِنۢ بَعۡدِهِۦ قَوۡمٗا صَٰلِحِينَ ٩
Kill Joseph or cast him out to [another] land; the countenance [i.e., attention] of your father will [then] be only for you, and you will be after that a righteous people."1
يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ - دە، ئۇ چاغدا سىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. سىلەر يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈپ ياكى ئۇنى كۆزدىن يىراق قىلىپ بولغىنىڭلاردىن كېيىن گۇناھىڭلاردىن تەۋبە قىلساڭلار سالىھلاردىن بولىسىلەر، دېيىشتى.
12:10Page 236
قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ لَا تَقۡتُلُواْ يُوسُفَ وَأَلۡقُوهُ فِي غَيَٰبَتِ ٱلۡجُبِّ يَلۡتَقِطۡهُ بَعۡضُ ٱلسَّيَّارَةِ إِن كُنتُمۡ فَٰعِلِينَ ١٠
Said a speaker among them, "Do not kill Joseph but throw him into the bottom of the well; some travelers will pick him up - if you would do [something]."
ئۇلاردىن بىرى: يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەي، قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، يولدىن ئۆتكەن كاراۋانلاردىن بىرەرسى ئېلىۋالسۇن. بۇ ئۇنى ئۆلتۈرگىنىڭلاردىن ياخشىراق، دېدى.
12:11Page 236
قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأۡمَ۬نَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُۥ لَنَٰصِحُونَ ١١
They said, "O our father, why do you not entrust us with Joseph while indeed, we are to him sincere counselors?
ئۇلار يۇسۇفنى يىراق جايغا تاشلىۋېتىشكە تىل بىرىكتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاتىسى يەئقۇبقا: ئەي دادا! نېمىشقا يۇسۇفنىڭ ئىشىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى بىز ئۇنىڭغا كۆيۈنىمىز، ئۇنى زىيان - زەخمەتتىن قوغدايمىز، تاكى ئۇ ساق - سالامەت يېنىڭغا قايتقانغا قەدەر ئۇنى ھىمايە قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز. شۇنداق تۇرسىمۇ يەنە نېمىشقا ئۇنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتكىلى ئۇنىمايسەن؟ دېيىشتى.
12:12Page 236
أَرۡسِلۡهُ مَعَنَا غَدٗا يَرۡتَعۡ وَيَلۡعَبۡ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ ١٢
Send him with us tomorrow that he may eat well and play. And indeed, we will be his guardians."
بىزگە رۇخسەت قىلساڭ، ئەتە يۇسۇپنىمۇ يېنىمىزدا ئېلىۋالساق، يەپ - ئىچىپ، ئويناپ - كۈلۈۋالسۇن. بىز چوقۇم ئۇنىڭغا زىيان - زەخمەت يېتىپ قالىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن ھىمايە قىلىمىز.
12:13Page 236
قَالَ إِنِّي لَيَحۡزُنُنِيٓ أَن تَذۡهَبُواْ بِهِۦ وَأَخَافُ أَن يَأۡكُلَهُ ٱلذِّئۡبُ وَأَنتُمۡ عَنۡهُ غَٰفِلُونَ ١٣
[Jacob] said, "Indeed, it saddens me that you should take him, and I fear that a wolf would eat him while you are of him unaware."
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىغا: سىلەرنىڭ ئۇنى ئېلىپ كېتىشىڭلار مېنى ھەقىقەتەن قايغۇغا سالىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىيالمايمەن، سىلەر ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ كەتكىنىڭلاردا ئۇنى بۆرە يەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.
12:14Page 236
قَالُواْ لَئِنۡ أَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُ وَنَحۡنُ عُصۡبَةٌ إِنَّآ إِذٗا لَّخَٰسِرُونَ ١٤
They said, "If a wolf should eat him while we are a [strong] clan, indeed, we would then be losers."
ئۇلار دادىسىغا: بىز مۇشۇنداق بىر جامائە تۇرۇپ يۇسۇفنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق بىزدىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا بىز قېرىندىشىمىزنى بۆرىدىن قوغدىيالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلاردىن بوپقالىمىز، دېدى.
12:15Page 237
فَلَمَّا ذَهَبُواْ بِهِۦ وَأَجۡمَعُوٓاْ أَن يَجۡعَلُوهُ فِي غَيَٰبَتِ ٱلۡجُبِّۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡهِ لَتُنَبِّئَنَّهُم بِأَمۡرِهِمۡ هَٰذَا وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ ١٥
So when they took him [out] and agreed to put him into the bottom of the well...1 But We inspired to him, "You will surely inform them [someday] about this affair of theirs while they do not perceive [your identity]."
يەئقۇب يۇسۇفنى ئۇلارغا قوشۇپ قويدى. ئۇلار يۇسۇفنى يىراققا ئاپىرىپ قۇدۇققا تاشلىۋەتمەكچى بولغاندا بىز يۇسۇفكە بۇ ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ: ئۇلار سېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىڭنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان بىر پەيتتە ئۇلارغا بۇ قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بەرگىن، دېدۇق.
12:16Page 237
وَجَآءُوٓ أَبَاهُمۡ عِشَآءٗ يَبۡكُونَ ١٦
And they came to their father at night, weeping.
يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ھىيلە - مىكىرلىرىنى يېپىش ئۈچۈن كەچتە ئاتىسىنىڭ يېنىغا يىغلاپ كېلىشتى.
12:17Page 237
قَالُواْ يَٰٓأَبَانَآ إِنَّا ذَهَبۡنَا نَسۡتَبِقُ وَتَرَكۡنَا يُوسُفَ عِندَ مَتَٰعِنَا فَأَكَلَهُ ٱلذِّئۡبُۖ وَمَآ أَنتَ بِمُؤۡمِنٖ لَّنَا وَلَوۡ كُنَّا صَٰدِقِينَ ١٧
They said, "O our father, indeed we went racing each other and left Joseph with our possessions, and a wolf ate him. But you would not believe us, even if we were truthful."
ئۇلار: ئەي دادىمىز! بىز يۇسۇفنى كىيىم - كېچەكلىرىمىز ۋە ئۇزۇق - تۈلۈكلىرىمىزنى ساقلىغىلى قويۇپ يۈگۈرۈشتە ۋە ئوق ئېتىشتا بەسلىشىش ئۈچۈن كېتىپ قاپتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ. گەرچە بىز ھەقىقەتەن راستچىل بولساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن، دېدى.
12:18Page 237
وَجَآءُو عَلَىٰ قَمِيصِهِۦ بِدَمٖ كَذِبٖۚ قَالَ بَلۡ سَوَّلَتۡ لَكُمۡ أَنفُسُكُمۡ أَمۡرٗاۖ فَصَبۡرٞ جَمِيلٞۖ وَٱللَّهُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ ١٨
And they brought upon his shirt false blood.1 [Jacob] said, "Rather, your souls have enticed you to something, so patience is most fitting. And Allāh is the one sought for help against that which you describe."
ئۇلار باشقىلارنى «يۇسۇفنى زادى بۆرە يەپ كېتىپتۇ» دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ سۆزلىرىنى ھىيلە - مىكىر ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆينىكىنى ئۆز قېنىدىن باشقا قانغا مىلەپ ئەكېلىشتى، يەئقۇب كۆينەكنىڭ يىرتىلمىغىنىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلىۋالدى - دە، ئۇلارغا: ھەقىقىي ئەھۋال سىلەر دېگەندەك ئەمەس، ئەكسىچە نەپسىڭلار سىلەرگە ناچار قىلمىشىڭلارنى پەردازلاپ كۆرسەتتى. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىپ، نالە - پەرياد قىلمايمەن. يۇسۇفنىڭ سىلەر دەۋاتقان ئىشىدا ئاللاھتىن ياردەم كۈتىمەن.
12:19Page 237
وَجَآءَتۡ سَيَّارَةٞ فَأَرۡسَلُواْ وَارِدَهُمۡ فَأَدۡلَىٰ دَلۡوَهُۥۖ قَالَ يَٰبُشۡرَىٰ هَٰذَا غُلَٰمٞۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَٰعَةٗۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ ١٩
And there came a company of travelers; then they sent their water drawer, and he let down his bucket. He said, "Good news! Here is a boy." And they concealed him, [taking him] as merchandise;1 and Allāh was Knowing of what they did.
(يۇسۇف تاشلىۋېتىلگەن قۇدۇق بار يەردىن) بىر كارۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سۇچىسىنى سۇ ئەكېلىشكە ئەۋەتتى. سۇچى سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىۋېدى، يۇسۇف ئارغامچىغا ئېسىلىۋالدى. ئۇ يۇسۇفنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن: خۇشخەۋەر! بىر ئوغۇل بالا، دېدى. سۇچى بىلەن بىر قانچە ھەمراھلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت مېلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يۇسۇفنى كارۋاندىكىلەردىن مەخپىي تۇتۇشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يۇسۇفنى ئەرزىمەس ماتا قاتارىدا سېتىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
12:20Page 237
وَشَرَوۡهُ بِثَمَنِۭ بَخۡسٖ دَرَٰهِمَ مَعۡدُودَةٖ وَكَانُواْ فِيهِ مِنَ ٱلزَّٰهِدِينَ ٢٠
And they sold him for a reduced price - a few dirhams - and they were, concerning him, of those content with little.
ئۇلار يۇسۇفكە ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدىن تېزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى مىسىردا ئازلىقىدىن قاراپلا قانچىلىكلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان بىر قانچە تەڭگىگە سېتىۋېتىشتى. چۈنكى ئۇلار يۇسۇفنىڭ تۇرقىدىن ئۇنىڭ قۇل ئەمەسلىكىنى پەملىگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسدىن ئۆزلىرىگە بىرەر خەۋپ يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. مانا بۇ يۇسۇفنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان رەھمىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدىندۇر.
12:21Page 237
وَقَالَ ٱلَّذِي ٱشۡتَرَىٰهُ مِن مِّصۡرَ لِٱمۡرَأَتِهِۦٓ أَكۡرِمِي مَثۡوَىٰهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوۡ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدٗاۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلِنُعَلِّمَهُۥ مِن تَأۡوِيلِ ٱلۡأَحَادِيثِۚ وَٱللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰٓ أَمۡرِهِۦ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ ٢١
And the one from Egypt1 who bought him said to his wife, "Make his residence comfortable. Perhaps he will benefit us, or we will adopt him as a son." And thus, We established Joseph in the land that We might teach him the interpretation of events [i.e., dreams]. And Allāh is predominant over His affair, but most of the people do not know.
يۇسۇفنى سېتىۋالغان مىسىرلىق كىشى ئايالىغا: ئۇنى ياخشى كۈتكىن، ئۆزىمىزگە يارىشا ھۆرمىتىنى قىلغىن. بەلكىم ئۇ ھاجىتىمىز چۈشكەندە ئەسقېتىپ قالار ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز، دېدى. بىز يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قۇدۇقتىنمۇ چىقىرىپ، ئەزىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇنىڭغا مايىل قىلغىنىمىزدەك، ئۇنى مىسىردا يەرلەشتۈردۇق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق. ئاللاھ ئۆز ئىشىدا غالىبتۇر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئاللاھنى مەجبۇرلىغۇچى يوق، لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى، يەنى كاپىرلار بۇنى بىلمەيدۇ.
12:22Page 237
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥٓ ءَاتَيۡنَٰهُ حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٢٢
And when he [i.e., Joseph] reached maturity, We gave him judgement and knowledge. And thus We reward the doers of good.
يۇسۇف قۇرامىغا يەتكەندە بىز ئۇنىڭغا ئىلىم ۋە ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، بىز يۇسۇفنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ئاللاھقا قىلغان ئىبادەتلىرىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلغانلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
12:23Page 238
وَرَٰوَدَتۡهُ ٱلَّتِي هُوَ فِي بَيۡتِهَا عَن نَّفۡسِهِۦ وَغَلَّقَتِ ٱلۡأَبۡوَٰبَ وَقَالَتۡ هَيۡتَ لَكَۚ قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ رَبِّيٓ أَحۡسَنَ مَثۡوَايَۖ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ ٢٣
And she, in whose house he was, sought to seduce him. She closed the doors and said, "Come, you." He said, "[I seek] the refuge of Allāh. Indeed, he1 is my master, who has made good my residence. Indeed, wrongdoers will not succeed."
مىسىر ئەزىزىنىڭ ئايالى يۇسۇفكە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش ۋە ھىيلە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزى بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە تېخىمۇ خالى بولۇشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: قېنى كەل، دېدى. يۇسۇف: سەن مېنى چاقىرغان ئىشتىن ئاللاھقا سىغىنىمەن. خوجايىنىم ماڭا تولىمۇ ياخشىلىق قىلدى، مەن ئۇنىڭغا ھەرگىز خىيانەت قىلمايمەن، ئەگەر مەن ئۇنىڭغا خىيانەت قىلسام ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلغان بولىمەن. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەرگىزمۇ نىجات تاپالمايدۇ، دېدى.
12:24Page 238
وَلَقَدۡ هَمَّتۡ بِهِۦۖ وَهَمَّ بِهَا لَوۡلَآ أَن رَّءَا بُرۡهَٰنَ رَبِّهِۦۚ كَذَٰلِكَ لِنَصۡرِفَ عَنۡهُ ٱلسُّوٓءَ وَٱلۡفَحۡشَآءَۚ إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُخۡلَصِينَ ٢٤
And she certainly determined [to seduce] him, and he would have inclined to her had he not seen the proof [i.e., sign] of his Lord. And thus [it was] that We should avert from him evil and immorality. Indeed, he was of Our chosen servants.
ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە تولىمۇ قىزىقتۇردى. ئەگەر يۇسۇف ئاللاھنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ناچار قىلمىشلاردىن توسۇپ قالالايدىغان مۆجىزىلىرىنى كۆرمىگەن بولسا ئىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىگىمۇ كېچىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ناچار قىلمىشلارنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ھەمدە ئۇنى زىنا ۋە خىيانەتتىن يىراق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق مۆجىزىنى كۆرسەتتۇق. شەكسىزكى يۇسۇف بىزنىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
12:25Page 238
وَٱسۡتَبَقَا ٱلۡبَابَ وَقَدَّتۡ قَمِيصَهُۥ مِن دُبُرٖ وَأَلۡفَيَا سَيِّدَهَا لَدَا ٱلۡبَابِۚ قَالَتۡ مَا جَزَآءُ مَنۡ أَرَادَ بِأَهۡلِكَ سُوٓءًا إِلَّآ أَن يُسۡجَنَ أَوۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ ٢٥
And they both raced to the door, and she tore his shirt from the back, and they found her husband at the door. She said, "What is the recompense of one who intended evil for your wife but that he be imprisoned or a painful punishment?"
ھەر ئىككىلىسى ئىشىك تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى، يۇسۇف ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ، ئەزىزنىڭ ئايالى بولسا ئۇنى توسۇپ قېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى تارتىۋېدى، كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككىسى ئىشىك ئالدىدا ئەزىز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئەزىزنىڭ ئايالى ئەزىزگە مۇغەمبەرلىك بىلەن: ئەي ئەزىز! ئايالىڭنىڭ ئىپپىتىنى ئاياق ئاستى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ جازاسى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق جازالاش بولۇشى كېرەك، دېدى.
12:26Page 238
قَالَ هِيَ رَٰوَدَتۡنِي عَن نَّفۡسِيۚ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن قُبُلٖ فَصَدَقَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ ٢٦
[Joseph] said, "It was she who sought to seduce me." And a witness from her family testified, "If his shirt is torn from the front, then she has told the truth, and he is of the liars.
يۇسۇف ئەلەيھىسسالام: ئۇ مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلمىدىم، دېدى. ئاللاھ ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ جەمەتىدىن بۆشۈكتىكى بىر نارەسىدىنى سۆزلەتتى - دە، ئۇ مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا بۇ ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ راستچىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر، چۈنكى ئۇ يۇسۇفتىن ئۆزىنى قوغدىغان بولۇپ، يۇسۇف يالغانچىدۇر.
12:27Page 238
وَإِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ فَكَذَبَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ ٢٧
But if his shirt is torn from the back, then she has lied, and he is of the truthful."
ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا بۇ يۇسۇفنىڭ راستچىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، يۇسۇف ئۇنىڭدىن قاچقان. بۇ چاغدا ئەزىزنىڭ ئايالى يالغانچىدۇر.
12:28Page 238
فَلَمَّا رَءَا قَمِيصَهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ قَالَ إِنَّهُۥ مِن كَيۡدِكُنَّۖ إِنَّ كَيۡدَكُنَّ عَظِيمٞ ٢٨
So when he [i.e., her husband] saw his shirt torn from the back, he said, "Indeed, it is of your [i.e., women's] plan. Indeed, your plan is great [i.e., vehement].
ئەزىز يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىگە ئىشەندى ھەمدە: ئەي ئاياللار جامائەسى! ئايالىم يۇسۇفكە چاپلىغان تۆھمەت سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇركى، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، دېدى.
12:29Page 238
يُوسُفُ أَعۡرِضۡ عَنۡ هَٰذَاۚ وَٱسۡتَغۡفِرِي لِذَنۢبِكِۖ إِنَّكِ كُنتِ مِنَ ٱلۡخَاطِـِٔينَ ٢٩
Joseph, ignore this.1 And, [my wife], ask forgiveness for your sin. Indeed, you were of the sinful."
ئۇ يۇسۇفكە: ئەي يۇسۇف! بۇ ئىشنى بولدى قىلغىن، باشقىلارغا سۆزلەپمۇ يۈرمىگىن. (زۈلەيخا!) سەنمۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىن. سەن ھەقىقەتەن يۇسۇفتىن غەيرى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭ ئۈچۈن گۇناھكارلاردىن بولدۇڭ، دېدى.
12:30Page 238
۞ وَقَالَ نِسۡوَةٞ فِي ٱلۡمَدِينَةِ ٱمۡرَأَتُ ٱلۡعَزِيزِ تُرَٰوِدُ فَتَىٰهَا عَن نَّفۡسِهِۦۖ قَدۡ شَغَفَهَا حُبًّاۖ إِنَّا لَنَرَىٰهَا فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ ٣٠
And women in the city said, "The wife of al-ʿAzeez is seeking to seduce her slave boy; he has impassioned her with love. Indeed, we see her [to be] in clear error."
ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ ئىشى پۈتۈن شەھەرگە پۇر كەتتى، بىر قىسىم ئاياللار ئۇنى ئەيىبلىگەن ھالدا: ئەزىزنىڭ ئايالى ئۆز قۇلىدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىپتۇما؟ ئۇنىڭ سۆيگۈسى زۈلەيخانى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان گەپ. بىز زۈلەيخانىڭ ئۆز قۇلىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئوچۇق - ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز، دېيىشتى.
12:31Page 239
فَلَمَّا سَمِعَتۡ بِمَكۡرِهِنَّ أَرۡسَلَتۡ إِلَيۡهِنَّ وَأَعۡتَدَتۡ لَهُنَّ مُتَّكَـٔٗا وَءَاتَتۡ كُلَّ وَٰحِدَةٖ مِّنۡهُنَّ سِكِّينٗا وَقَالَتِ ٱخۡرُجۡ عَلَيۡهِنَّۖ فَلَمَّا رَأَيۡنَهُۥٓ أَكۡبَرۡنَهُۥ وَقَطَّعۡنَ أَيۡدِيَهُنَّ وَقُلۡنَ حَٰشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا مَلَكٞ كَرِيمٞ ٣١
So when she heard of their scheming, she sent for them and prepared for them a banquet and gave each one of them a knife and said [to Joseph], "Come out before them." And when they saw him, they greatly admired him and cut their hands1 and said, "Perfect is Allāh!2 This is not a man; this is none but a noble angel."
ئەزىزنىڭ ئايالى باشقا ئاياللارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى سۆز - چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭمۇ يۇسۇفنى كۆرسە ئۆزىنى توغرا چۈشىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارنى مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلدى، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدىغان يەرنى مامۇق كۆرپىلەر ۋە ياستۇقلار بىلەن بېزىدى ھەمدە تەكلىپ قىلىنغان ئاياللارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن گۆش پارچىلايدىغان پىچاق تۇتقۇزدى. ئاندىن يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا: ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىن، دېدى. ئۇلار يۇسۇفنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ھۆسىن - جامالىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى ھەمدە ئەقلى لال بولۇپ، گۆش پارچىلايدىغان پىچاقلار بىلەن قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار دېدىكى، ئاللاھ پاكتۇر، بۇ بالا ئىنسان ئەمەس، بۇ بالىدىكى گۈزەل جامال ئىنسانىيەت ئىچىدە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇ پەقەت ئۇلۇغ پەرىشتىلەرنىڭ بىرى ئىكەن، دېيىشتى.
12:32Page 239
قَالَتۡ فَذَٰلِكُنَّ ٱلَّذِي لُمۡتُنَّنِي فِيهِۖ وَلَقَدۡ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفۡسِهِۦ فَٱسۡتَعۡصَمَۖ وَلَئِن لَّمۡ يَفۡعَلۡ مَآ ءَامُرُهُۥ لَيُسۡجَنَنَّ وَلَيَكُونٗا مِّنَ ٱلصَّٰغِرِينَ ٣٢
She said, "That is the one about whom you blamed me. And I certainly sought to seduce him, but he firmly refused; and if he will not do what I order him, he will surely be imprisoned and will be of those debased."
ئەزىزنىڭ ئايالى بۇ ئاياللارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى كۆرۈپ: ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنى ئەيىبلىشىڭلارغا سەۋەب بولغان بالا مانا مۇشۇ. مەن زادى ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، ئۇنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن نەيرەڭلەر ئىشلەتتىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ تەلىپىمگە كۆنمىدى. ئەگەر ئۇ يەنە تەلىپىمگە كۆنمىسە چوقۇم زىندانغا تاشلىنىپ، زىنداندىكى بىچارىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، دېدى.
12:33Page 239
قَالَ رَبِّ ٱلسِّجۡنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدۡعُونَنِيٓ إِلَيۡهِۖ وَإِلَّا تَصۡرِفۡ عَنِّي كَيۡدَهُنَّ أَصۡبُ إِلَيۡهِنَّ وَأَكُن مِّنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ ٣٣
He said, "My Lord, prison is more to my liking than that to which they invite me. And if You do not avert from me their plan, I might incline toward them and [thus] be of the ignorant."
يۇسۇف ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! زۈلەيخا تەھدىت سالغان زىندان ماڭا نىسبەتەن ئۇلار ئۈندەۋاتقان ناشايان قىلمىشتىن سۆيۈملۈكراقتۇر. مۇبادا سەن مەندىن ئۇلارنىڭ نەيرەڭلىرىنى توسۇپ قالمىساڭ ئۇلارغا مايىل بوپقالىمەن، ناۋادا ئۇلارغا مايىل بوپقالسام نادانلاردىن بولىمەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە بويۇن ئېگىپ سالىمەن، دەپ يالۋۇردى.
12:34Page 239
فَٱسۡتَجَابَ لَهُۥ رَبُّهُۥ فَصَرَفَ عَنۡهُ كَيۡدَهُنَّۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ ٣٤
So his Lord responded to him and averted from him their plan. Indeed, He is the Hearing, the Knowing.
ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئەزىزنىڭ ئايالى ۋە شەھەردىكى باشقا ئاياللارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈۋەتتى. شۈبھىسىزكى ئاللاھ تائالا يۇسۇفنىڭ ۋە ھەر قانداق دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يۇسۇفنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
12:35Page 239
ثُمَّ بَدَا لَهُم مِّنۢ بَعۡدِ مَا رَأَوُاْ ٱلۡأٓيَٰتِ لَيَسۡجُنُنَّهُۥ حَتَّىٰ حِينٖ ٣٥
Then it appeared to them after they had seen the signs1 that he [i.e., al-ʿAzeez] should surely imprison him for a time.2
ئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى يۇسۇفنىڭ پاكلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ سەتچىلىك تارقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى بىر مەزگىل زىندانغا تاشلاشنى قارار قىلىشتى.
12:36Page 239
وَدَخَلَ مَعَهُ ٱلسِّجۡنَ فَتَيَانِۖ قَالَ أَحَدُهُمَآ إِنِّيٓ أَرَىٰنِيٓ أَعۡصِرُ خَمۡرٗاۖ وَقَالَ ٱلۡأٓخَرُ إِنِّيٓ أَرَىٰنِيٓ أَحۡمِلُ فَوۡقَ رَأۡسِي خُبۡزٗا تَأۡكُلُ ٱلطَّيۡرُ مِنۡهُۖ نَبِّئۡنَا بِتَأۡوِيلِهِۦٓۖ إِنَّا نَرَىٰكَ مِنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٣٦
And there entered the prison with him two young men. One of them said, "Indeed, I have seen myself [in a dream] pressing [grapes for] wine." The other said, "Indeed, I have seen myself carrying upon my head [some] bread, from which the birds were eating. Inform us of its interpretation; indeed, we see you to be of those who do good."
شۇنداق قىلىىپ ئۇلار يۇسۇفنى زىندانغا تاشلىدى، باشقا ئىككى ياشمۇ يۇسۇف بىلەن بىرگە زىندانغا تاشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى يۇسۇفكە: مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە ھاراق ئۈچۈن ئۈزۈم سىقىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، دېدى. يەنە بىرى: مەن چۈشۈمدە بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەكمەن، قۇشلار ئۇ ناندىن يەۋاتقۇدەك. ئەي يۇسۇف! بىزگە چۈشىمىزدە كۆرگەنلىرىمىزنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز ھەقىقەتەن سېنى ئېھسان قىلغۇچىلاردىن دەپ ئويلايمىز، دېدى.
12:37Page 239
قَالَ لَا يَأۡتِيكُمَا طَعَامٞ تُرۡزَقَانِهِۦٓ إِلَّا نَبَّأۡتُكُمَا بِتَأۡوِيلِهِۦ قَبۡلَ أَن يَأۡتِيَكُمَاۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّيٓۚ إِنِّي تَرَكۡتُ مِلَّةَ قَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ كَٰفِرُونَ ٣٧
He said, "You will not receive food that is provided to you except that I will inform you of its interpretation before it comes to you. That is from what my Lord has taught me. Indeed, I have left the religion of a people who do not believe in Allāh, and they, in the Hereafter, are disbelievers.
يۇسۇف: ئىككىڭلارغا پادىشاھ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كېلىدىغان تاماق كېلىپ بولغۇچە سىلەرگە كۆرگەن چۈشۈڭلارنىڭ تەبىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن، مەن بىلىدىغان بۇ تەبىر رەببىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇركى، ئۇ نە كاھىنلىق، نە مۇنەججىملىك ئەمەس. مەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتماي، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم، دېدى.
12:38Page 240
وَٱتَّبَعۡتُ مِلَّةَ ءَابَآءِيٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۚ مَا كَانَ لَنَآ أَن نُّشۡرِكَ بِٱللَّهِ مِن شَيۡءٖۚ ذَٰلِكَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ عَلَيۡنَا وَعَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ ٣٨
And I have followed the religion of my fathers, Abraham, Isaac and Jacob. And it was not for us to associate anything with Allāh. That is from the favor of Allāh upon us and upon the people, but most of the people are not grateful.
مەن ئەجدادلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىمكى، ئۇ ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىش دىنىدۇر. بىزنىڭ ئاللاھقا باشقا بىرىنى شېرىك قىلىشىمىز توغرا ئەمەس. ئۇ بىردىنبىر يېگانە زاتتۇر. مانا بۇ مەن ۋە ئەجداتلىرىم ئىشەنگەن تەۋھىد ۋە ئىماندۇركى، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق بىزنى ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنى نائىل قىلغان پەزلى - مەرھەمىتىدۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلماي، ئەكسىچە تۇزكورلۇق قىلىدۇ.
12:39Page 240
يَٰصَٰحِبَيِ ٱلسِّجۡنِ ءَأَرۡبَابٞ مُّتَفَرِّقُونَ خَيۡرٌ أَمِ ٱللَّهُ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّارُ ٣٩
O [my] two companions of prison, are separate lords better or Allāh, the One,1 the Prevailing?2
ئاندىن يۇسۇف زىنداندىكى ئىككى يىگىتكە مۇنداق دېدى: كۆپ ئىلاھلارغا چوقۇنغان ياخشىمۇ ياكى شېرىكى يوق، تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە، يەككە - يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان ياخشىمۇ؟
12:40Page 240
مَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِهِۦٓ إِلَّآ أَسۡمَآءٗ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِ أَمَرَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ ٤٠
You worship not besides Him except [mere] names you have named them,1 you and your fathers, for which Allāh has sent down no evidence. Legislation is not but for Allāh. He has commanded that you worship not except Him. That is the correct religion, but most of the people do not know.
سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار پەقەت قۇرۇق ناملاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنى سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئىلاھ دەپ ئاتىۋالدىڭلار، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىلاھ بولۇشقا قىلچە سالاھىيىتى يوق، سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئىلاھ دەپ ئاتىۋېلىشىڭلارنىڭ توغرىلىقىغا ئاللاھ تائالا بىرەر پاكىت چۈشۈرگىنىمۇ يوق. پۈتۈن مەخلۇقاتلار ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھقا خاستۇر، ئۆزۈڭلار ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملارغا ئەمەس. ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى شېرىك قىلىشىڭلارنى چەكلىدى. مانا بۇ تەۋھىد بىردىنبىر توغرا دىندۇر. ئۇنىڭدا قەتئىي ئەگرىلىك يوق، لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم مەخلۇقاتلىرىغا چوقۇنىدۇ.
12:41Page 240
يَٰصَٰحِبَيِ ٱلسِّجۡنِ أَمَّآ أَحَدُكُمَا فَيَسۡقِي رَبَّهُۥ خَمۡرٗاۖ وَأَمَّا ٱلۡأٓخَرُ فَيُصۡلَبُ فَتَأۡكُلُ ٱلطَّيۡرُ مِن رَّأۡسِهِۦۚ قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ ٱلَّذِي فِيهِ تَسۡتَفۡتِيَانِ ٤١
O two companions of prison, as for one of you, he will give drink to his master of wine; but as for the other, he will be crucified, and the birds will eat from his head. The matter has been decreed about which you both inquire."
ئەي زىندانداشلار! ھاراق ئۈچۈن ئۈزۈم سىقىپ چۈش كۆرگىنىڭلارغا كەلسەك، ئۇ زىنداندىن چىقىپ، يەنە پادىشاھنىڭ ساقىيلىقىنى قىلىدۇ. ئەمما ئۆزىنى بېشىدا نان كۆتۈرۈۋالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇشلار يەۋاتقان ھالەتتە كۆرگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، قۇشلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ گۆشىدىن يەيدۇ. سىلەر تەبىرىنى سورىغان ئىش ھەققىدە ئاللىبۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولدى. شۇڭا بۇ ئىش شەكسىز يۈز بېرىدۇ.
12:42Page 240
وَقَالَ لِلَّذِي ظَنَّ أَنَّهُۥ نَاجٖ مِّنۡهُمَا ٱذۡكُرۡنِي عِندَ رَبِّكَ فَأَنسَىٰهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ ذِكۡرَ رَبِّهِۦ فَلَبِثَ فِي ٱلسِّجۡنِ بِضۡعَ سِنِينَ ٤٢
And he said to the one whom he knew would go free, "Mention me before your master." But Satan made him forget the mention [to] his master, and he [i.e., Joseph] remained in prison several years.
يۇسۇف ئىككىسدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ دەپ قارىغان پادىشاھنىڭ ساقىيسىغا: خوجايىنىڭنىڭ ھۇزۇرىدا مېنىڭ گېپىمنى قىلىپ قويغىن، ئۇ مېنى زىنداندىن چىقىرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دېدى. شەيتان ساقىيغا پادىشاھنىڭ ھۇرۇزىدا يۇسۇفنى ئەسلەشنى ئۇنتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف مۇشۇ ئىشتىن كېيىن يەنە بىر قانچە يىل زىندندا يېتىپ قالدى.
12:43Page 240
وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ إِنِّيٓ أَرَىٰ سَبۡعَ بَقَرَٰتٖ سِمَانٖ يَأۡكُلُهُنَّ سَبۡعٌ عِجَافٞ وَسَبۡعَ سُنۢبُلَٰتٍ خُضۡرٖ وَأُخَرَ يَابِسَٰتٖۖ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَأُ أَفۡتُونِي فِي رُءۡيَٰيَ إِن كُنتُمۡ لِلرُّءۡيَا تَعۡبُرُونَ ٤٣
And [subsequently] the king said, "Indeed, I have seen [in a dream] seven fat cows being eaten by seven [that were] lean, and seven green spikes [of grain] and others [that were] dry. O eminent ones, explain to me my vision, if you should interpret visions."
پادىشاھ ئېيتتى: مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە سېمىز كالىنى يەتتە ئورۇق كالا يەپ كەتكەنلىكىنى، يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆردۈم. ئەي مۆتىۋەرلەر! ئەگەر سىلەر چۈش تەبىرىنى بىلىدىغان بولساڭلار، مېنىڭ مۇشۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار.
12:44Page 241
قَالُوٓاْ أَضۡغَٰثُ أَحۡلَٰمٖۖ وَمَا نَحۡنُ بِتَأۡوِيلِ ٱلۡأَحۡلَٰمِ بِعَٰلِمِينَ ٤٤
They said, "[It is but] a mixture of false dreams, and we are not learned in the interpretation of dreams."
ئۇلار: سىلىنىڭ كۆرگەنلىرى بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بۇنداق چۈشنىڭ تەبىرى بولمايدۇ، بىز بۇنداق قالايمىقان چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمەيمىز، دېيىشتى.
12:45Page 241
وَقَالَ ٱلَّذِي نَجَا مِنۡهُمَا وَٱدَّكَرَ بَعۡدَ أُمَّةٍ أَنَا۠ أُنَبِّئُكُم بِتَأۡوِيلِهِۦ فَأَرۡسِلُونِ ٤٥
But the one who was freed and remembered after a time said, "I will inform you of its interpretation, so send me forth."
زىنداندىكى ئىككى يىگىتتىن قۇتۇلۇپ چىققان ساقىي يۇسۇفنى ۋە ئۇنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن ئېسىگە ئېلىپ: مەن پادىشاھىمىزنىڭ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلىدىغان بىرىدىن سورىغىنىمدىن كېيىن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن، ئەي پادىشاھىم! مېنى يۇسۇفنىڭ يېنىغا ئەۋەتسىلە، ئۇ سىلىنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بېرەلەيدۇ، دېدى.
12:46Page 241
يُوسُفُ أَيُّهَا ٱلصِّدِّيقُ أَفۡتِنَا فِي سَبۡعِ بَقَرَٰتٖ سِمَانٖ يَأۡكُلُهُنَّ سَبۡعٌ عِجَافٞ وَسَبۡعِ سُنۢبُلَٰتٍ خُضۡرٖ وَأُخَرَ يَابِسَٰتٖ لَّعَلِّيٓ أَرۡجِعُ إِلَى ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَعۡلَمُونَ ٤٦
[He said], "Joseph, O man of truth, explain to us about seven fat cows eaten by seven [that were] lean, and seven green spikes [of grain] and others [that were] dry - that I may return to the people [i.e., the king and his court]; perhaps they will know [about you]."
ساقىي يۇسۇفنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ئەي راستچىل يۇسۇف! بىزگە چۈشىدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرگەن كىشىنىڭ چۈشىنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، مەن بۇنى پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىكىلەرگە يەتكۈزسەم، بەلكىم ئۇلار بۇ ئارقىلىق پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىپ، سېنىڭ پەزىلىتىڭنى ۋە مەرتىۋەڭنى بىلىپ قالار، دېدى.
12:47Page 241
قَالَ تَزۡرَعُونَ سَبۡعَ سِنِينَ دَأَبٗا فَمَا حَصَدتُّمۡ فَذَرُوهُ فِي سُنۢبُلِهِۦٓ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّا تَأۡكُلُونَ ٤٧
[Joseph] said, "You will plant for seven years consecutively; and what you harvest leave in its spikes, except a little from which you will eat.
يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بۇ چۈشكە تەبىر بېرىپ: سىلەر چوقۇم يەتتە يىل ئارقىمۇ-ئارقا تېرىقچىلىق قىلىڭلار، بۇ يەتتە يىلدىن ھەر يىلدا ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يەيدىغان ئازغىنە ئاشلىقتىن باشقىسىنى مىتە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشىقى بىلەن قويۇڭلار، دېدى.
12:48Page 241
ثُمَّ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ سَبۡعٞ شِدَادٞ يَأۡكُلۡنَ مَا قَدَّمۡتُمۡ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّا تُحۡصِنُونَ ٤٨
Then will come after that seven difficult [years] which will consume what you advanced [i.e., saved] for them, except a little from which you will store.
ئاندىن سىلەر تېرىقچىلىق قىلغان مول ھوسۇللۇق يەتتە يىلدىن كېيىن ئۇدا يەتتە يىل قەھەتچىلىك بولىدۇ، پۇقرالار بۇ يەتتە يىلدا مولچىلىق يىللاردا ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ساقلىۋالىدىغان ئازغىنە ئاشلىقتىن باشقا ھەممىنى يەپ تۈگىتىدۇ.
12:49Page 241
ثُمَّ يَأۡتِي مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ عَامٞ فِيهِ يُغَاثُ ٱلنَّاسُ وَفِيهِ يَعۡصِرُونَ ٤٩
Then will come after that a year in which the people will be given rain and in which they will press [olives and grapes]."
ئاندىن ئاشۇ قەھەتچىلىك يىللىرىدىن كېيىن بىر يىل كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا يامغۇرلار يېغىپ، زىرائەتلەر كۆكلەيدۇ، پۇقرالار يەنە شەربەت ئۈچۈن كېتەرلىك ئۈزۈم، زەيتۇن ۋە شېكەر قومۇشى دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى يىغىدۇ.
12:50Page 241
وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ ٱئۡتُونِي بِهِۦۖ فَلَمَّا جَآءَهُ ٱلرَّسُولُ قَالَ ٱرۡجِعۡ إِلَىٰ رَبِّكَ فَسۡـَٔلۡهُ مَا بَالُ ٱلنِّسۡوَةِ ٱلَّٰتِي قَطَّعۡنَ أَيۡدِيَهُنَّۚ إِنَّ رَبِّي بِكَيۡدِهِنَّ عَلِيمٞ ٥٠
And the king said, "Bring him to me." But when the messenger came to him, [Joseph] said, "Return to your master and ask him what is the case of the women who cut their hands. Indeed, my Lord is Knowing of their plan."
پادىشاھقا يۇسۇفنىڭ بەرگەن تەبىرى يېتىپ كەلگەندە پادىشاھ چاپارمەنلىرىگە: يۇسۇفنى زىنداندىن چىقىرىپ، يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. پادىشاھنىڭ ئەلچىسى يۇسۇفنىڭ يېنىغا كەلگەندە يۇسۇف زىنداندىن چىقماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقى ئاشكارا بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا: خوجايىنىڭنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ، ئۇنىڭدىن قوللىرىنى كېسىۋالغان ئاياللارنىڭ ئىشىنى سوراپ باققىن. شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئاللاھقا بۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېدى.
12:51Page 241
قَالَ مَا خَطۡبُكُنَّ إِذۡ رَٰوَدتُّنَّ يُوسُفَ عَن نَّفۡسِهِۦۚ قُلۡنَ حَٰشَ لِلَّهِ مَا عَلِمۡنَا عَلَيۡهِ مِن سُوٓءٖۚ قَالَتِ ٱمۡرَأَتُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡـَٰٔنَ حَصۡحَصَ ٱلۡحَقُّ أَنَا۠ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفۡسِهِۦ وَإِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ ٥١
Said [the king to the women], "What was your condition when you sought to seduce Joseph?" They said, "Perfect is Allāh!1 We know about him no evil." The wife of al-ʿAzeez said, "Now the truth has become evident. It was I who sought to seduce him, and indeed, he is of the truthful.
پادىشاھ(ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ) : «سىلەر يۇسۇفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟» دېدى، ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر، ئاللاھ بىلەن قەسەم! يۇسۇفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز»دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئەزىزنىڭ خوتۇنى ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقىنى ئىقرار قىلىپ: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنى ئازدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، لېكىن ئۇ ماڭا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنمىدى، يۇسۇف ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ سۆزىدە راستچىللاردىن ئىدى، مېنىڭ بۆھتانلىرىمدىن پاك ئېدى» دېدى
12:52Page 241
ذَٰلِكَ لِيَعۡلَمَ أَنِّي لَمۡ أَخُنۡهُ بِٱلۡغَيۡبِ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي كَيۡدَ ٱلۡخَآئِنِينَ ٥٢
That is so he [i.e., al-ʿAzeez] will know that I did not betray him in [his] absence and that Allāh does not guide the plan of betrayers.
ئەزىزنىڭ ئايالى: مەن ئۆزۈمنىڭ يۇسۇفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمدىكى مەقسەت، يۇسۇفنىڭ ئۆزى يوق يەردە مېنىڭ ئۇنىڭغا بوھتان چاپلىمىغىنىمنى بىلىپ قېلىشى ئۈچۈندۇر. ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ماڭا ئاللاھ تائالانىڭ يالغانچى، نەيرەڭۋازلارنىڭ ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغانلىقى ئايان بولدى، دېدى.
12:53Page 242
۞ وَمَآ أُبَرِّئُ نَفۡسِيٓۚ إِنَّ ٱلنَّفۡسَ لَأَمَّارَةُۢ بِٱلسُّوٓءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّيٓۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٥٣
And I do not acquit myself. Indeed, the soul is a persistent enjoiner of evil, except those upon which my Lord has mercy. Indeed, my Lord is Forgiving and Merciful."1
ئەزىزنىڭ ئايالى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: مەن پەقەت يامانلىقنى ئويلىمىدىم دېيەلمەيمەن ھەم ئۆزۈمنى بۇنداق دەپ ئاقلاش نىيىتىممۇ يوق. چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلى تولىمۇ ھەۋەسكار، ئۇنىڭ ھەۋىسىنى تىزگىنلەش قىيىن بولغاچقا ئىنساننى يامانلىققا كۆپ بۇيرۇيدۇ. لېكىن ئاللاھ رەھىم قىلغان ھەمدە ئىنساننى يامانلىققا بۇيرۇشتىن ساقلاپ قالغان كۆڭۈللەر بۇنىڭ سىرتىدا. شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھىر - شەپقەتلىكتۇر.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences