Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
Al-Hijr 15:81–99
15:81Page 266
وَءَاتَيۡنَٰهُمۡ ءَايَٰتِنَا فَكَانُواْ عَنۡهَا مُعۡرِضِينَ ٨١
And We gave them Our signs, but from them they were turning away.
بىز پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ھۆججەتلەرنى بەردۇق، ئۇ تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار بۇ مۆجىزىدىن ئىبرەت ئالمىدى ۋە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.
15:82Page 266
وَكَانُواْ يَنۡحِتُونَ مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتًا ءَامِنِينَ ٨٢
And they used to carve from the mountains, houses, feeling secure.
ئۇلار تاغلارنى تېشىپ ئازابتىن خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن ئۆيلەرنى .ياسايدۇ
كۈن چېقىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى قاتتىق چوقانلىق ئازاب تۇتتى.
15:84Page 266
فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ ٨٤
So nothing availed them [from] what they used to earn.
ئۇلارنىڭ كەسىپ قىلىپ تاپقان ماللىرى ۋە ياسىغان ئۆيلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى.
15:85Page 266
وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۗ وَإِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَأٓتِيَةٞۖ فَٱصۡفَحِ ٱلصَّفۡحَ ٱلۡجَمِيلَ ٨٥
And We have not created the heavens and earth and that between them except in truth. And indeed, the Hour is coming; so forgive with gracious forgiveness.
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھېكمەتسىز ياكى بىكارغا ياراتمىدۇق، ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى ھەق ۋە ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولىشى قەتئىدۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن يۈز ئۆرىگىن ۋە ئۇلارنى .چېرايلىقچە ئەپۇ قىلغىن
15:86Page 266
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلۡخَلَّٰقُ ٱلۡعَلِيمُ ٨٦
Indeed, your Lord - He is the Knowing Creator.
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
15:87Page 266
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ سَبۡعٗا مِّنَ ٱلۡمَثَانِي وَٱلۡقُرۡءَانَ ٱلۡعَظِيمَ ٨٧
And We have certainly given you, [O Muḥammad], seven of the often repeated [verses]1 and the great Qur’ān.
ھەقىقەتەن ساڭا كاتتا قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك پاتىھە .سۈرىسىنى بەردۇق
15:88Page 266
لَا تَمُدَّنَّ عَيۡنَيۡكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِلۡمُؤۡمِنِينَ ٨٨
Do not extend your eyes toward that by which We have given enjoyment to [certain] categories of them [i.e., the disbelievers], and do not grieve over them. And lower your wing [i.e., show kindness] to the believers.
بىزنىڭ بەزى كاپىرلارنى بەھرىمان قىلغان يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشىغا قايغۇرمىغىن، مۆئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن.
15:89Page 266
وَقُلۡ إِنِّيٓ أَنَا ٱلنَّذِيرُ ٱلۡمُبِينُ ٨٩
And say, "Indeed, I am the clear warner" -
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دېگىن.
15:90Page 266
كَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَى ٱلۡمُقۡتَسِمِينَ ٩٠
Just as We had revealed [scriptures] to the separators1
ئاللاھنىڭ كىتابىنى پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە كۇپۇر قىلغان) نازىل قىلىنغان ئازابنىڭ ئوخشىشى سىلەرگىمۇ يېتىپ قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن.
قۇرئاننى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر قۇرئاننى سېھىر ياكى جىنكەشلىك ياكى شىئېر دېدى
15:92Page 267
فَوَرَبِّكَ لَنَسۡـَٔلَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ ٩٢
So by your Lord, We will surely question them all
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنىدە قۇرئانى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بارلىق كىشىلەرنى .چوقۇم سوراق قىلىمىز
ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان كۇپىر ۋە ئاسىيلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن چوقۇم سوراق قىلىمىز.
15:94Page 267
فَٱصۡدَعۡ بِمَا تُؤۡمَرُ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٩٤
Then declare what you are commanded1 and turn away from the polytheists.2
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى بۇيرىغان دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىشىنى ئوچۇق ئېلان قىلغىن، مۇشرىكلارنىڭ دېگەن .سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن
15:95Page 267
إِنَّا كَفَيۡنَٰكَ ٱلۡمُسۡتَهۡزِءِينَ ٩٥
Indeed, We are sufficient for you against the mockers
ئۇلاردىن قورقمىغىن، ھەقىقەتەن قۇرەيىش كاپىرلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا سەن ئۈچۈن بىز كۇپايە قىلىمىز.
15:96Page 267
ٱلَّذِينَ يَجۡعَلُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ ٩٦
Who make [equal] with Allāh another deity. But they are going to know.
ئاللاھ بىلەن باشقا مەبۇدلارنى شېرىك قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىلغان .شېرىكتىن ئىبارەت ناچار ئىشىنىڭ ئاقىۋېتىنى يېقىندا بېلىدۇ
15:97Page 267
وَلَقَدۡ نَعۡلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدۡرُكَ بِمَا يَقُولُونَ ٩٧
And We already know that your breast is constrained by what they say.
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشى ۋە مەسخىرە قىلىشىدىن سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
15:98Page 267
فَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ وَكُن مِّنَ ٱلسَّٰجِدِينَ ٩٨
So exalt [Allāh] with praise of your Lord and be of those who prostrate [to Him].
ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق بولمايدىغان سۈپەتلەردىن پاكلاش بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغىن، ئاللاھنى كامالى سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيىلىگىن. ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن بولغىن، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن، بۇ سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سېقىلىشىنىڭ ئىلاجىدۇر
15:99Page 267
وَٱعۡبُدۡ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأۡتِيَكَ ٱلۡيَقِينُ ٩٩
And worship your Lord until there comes to you the certainty [i.e., death].
پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، سەن ھايات بولغان مۇددەتتە ھەتتا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر شۇ ھالەتنى داۋاملاشتۇرغىن.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences