Al-MukhtasarAl‑Mu'minun · 23:72–118

Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur

Al-Mu'minun 23:72–118

23:72Page 346

أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ خَرۡجٗا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيۡرٞۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ ٧٢

Or do you, [O Muḥammad], ask them for payment? But the reward of your Lord is best, and He is the best of providers.

ئەي پەيغەمبەر! سەن بۇلارغا ئېلىپ كەلگەن نەرسەڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلىپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار چاقىرىقنى رەت قىلدىمۇ؟ سەندىن بۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگىنى يوق. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا بېرىدىغان مۇكاپاتى ۋە ئەجرى بۇلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇكاپاتىدىن كۆپ ياخشىدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچىدۇر.

23:73Page 346

وَإِنَّكَ لَتَدۡعُوهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ ٧٣

And indeed, you invite them to a straight path.

ئەي پەيغەمبەر! سەن ھەقىقەتەن بۇلارنى ۋە باشقىلارنى ھېچ قانداق ئەگرىلىك بولمىغان ئىسلامدىن ئىبارەت تۈپتۈز يولغا چاقىرىسەن.

23:74Page 346

وَإِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ عَنِ ٱلصِّرَٰطِ لَنَٰكِبُونَ ٧٤

But indeed, those who do not believe in the Hereafter are deviating from the path.

شەكسىزكى ئاخىرەتكە ۋە ئۇ يەردىكى ئازاب ۋە ساۋابقا ئىشەنمەيدىغانلار ئىسلام يولىدىن چەتنەپ، دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان ئەگرى - بۈگرى يولغا ئېغىپ كەتكۈچىلەردۇر.

23:75Page 347

۞ وَلَوۡ رَحِمۡنَٰهُمۡ وَكَشَفۡنَا مَا بِهِم مِّن ضُرّٖ لَّلَجُّواْ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ ٧٥

And even if We gave them mercy and removed what was upon them of affliction, they would persist in their transgression, wandering blindly.

ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلىپ، بېشىغا كەلگەن قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق قاتارلىق كۈلپەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇلار چوقۇم ئىككىلىنىپ، ئالدى - كەينىگە دەسسىگىنىچە ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇقىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ.

23:76Page 347

وَلَقَدۡ أَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ فَمَا ٱسۡتَكَانُواْ لِرَبِّهِمۡ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ ٧٦

And We had gripped them with suffering [as a warning], but they did not yield to their Lord, nor did they humbly supplicate, [and will continue thus]

ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن تۈرلۈك مۇسىبەتلەر بىلەن سىنىدۇق، ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ، باش ئەگىمىدى، بېشىغا مۇسىبەتلەر كەلگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئەيمەنگەن ھالدا دۇئامۇ قىلمىدى.

23:77Page 347

حَتَّىٰٓ إِذَا فَتَحۡنَا عَلَيۡهِم بَابٗا ذَا عَذَابٖ شَدِيدٍ إِذَا هُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ ٧٧

Until when We have opened before them a door of severe punishment, immediately they will be therein in despair.

ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىردىنلا بارلىق قۇتۇلۇش ۋە ياخشىلىقتىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.

23:78Page 347

وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡـِٔدَةَۚ قَلِيلٗا مَّا تَشۡكُرُونَ ٧٨

And it is He who produced for you hearing and vision and hearts [i.e., intellect]; little are you grateful.

ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار! ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئاڭلىشىڭلار ئۈچۈن قۇلاق، كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۆز، چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن قەلبلەرنى ياراتتى. شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر بۇ نېئمەتلەرگە تولىمۇ ئاز شۈكۈر ئېيتىۋاتىسىلەر.

23:79Page 347

وَهُوَ ٱلَّذِي ذَرَأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَإِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ ٧٩

And it is He who has multiplied you throughout the earth, and to Him you will be gathered.

ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغىلا توپلىنىسىلەر.

23:80Page 347

وَهُوَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ وَلَهُ ٱخۡتِلَٰفُ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ ٨٠

And it is He who gives life and causes death, and His is the alternation of the night and the day. Then will you not reason?

پەقەت ئاللاھ تائالالا تىرىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تىرگۈزگۈچى يوق، پەقەت ئاللاھلا جان ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا جان ئالغۇچى يوق. كېچە - كۈندۈزنىڭ قاراڭغۇ - يورۇقلۇقتا ۋە ئۇزۇن - قىسقىلىقتا خىلمۇخىل بولۇشىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بېكىتىدۇ. ئۇنىڭ قۇدرىتى ھەم يارىتىش ۋە پىلانلاشتا يېگانىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمامسىلەر!؟

23:81Page 347

بَلۡ قَالُواْ مِثۡلَ مَا قَالَ ٱلۡأَوَّلُونَ ٨١

Rather,1 they say like what the former peoples said.

ئۇلار كۇپرىدا ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرى ۋە ئەجداتلىرى نېمە دېگەن بولسا شۇنى ئەزۋەيلەشتى.

23:82Page 347

قَالُوٓاْ أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ ٨٢

They said, "When we have died and become dust and bones, are we indeed to be resurrected?

ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى) يىراق ساناپ ۋە ئىنكار قىلىپ: بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ كەتسەكمۇ ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ دېيىشتى.

23:83Page 347

لَقَدۡ وُعِدۡنَا نَحۡنُ وَءَابَآؤُنَا هَٰذَا مِن قَبۡلُ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٨٣

We have been promised this, we and our forefathers, before; this is not but legends of the former peoples."

ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشتىن ئىبارەت بۇ ۋەدە بۇندىن بۇرۇن بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزغىمۇ ۋەدە قىلىنغان ئىدى، ئەمما بىز بۇ ۋەدىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بۇ پەقەت ئىلگىرىكىلەرنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىدۇر.

23:84Page 347

قُل لِّمَنِ ٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهَآ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٨٤

Say, [O Muḥammad], "To whom belongs the earth and whoever is in it, if you should know?"

ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ كاپىرلارغا: بۇ زېمىن ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى كىمنىڭ؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار، دېگىن.

23:85Page 347

سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ ٨٥

They will say, "To Allāh." Say, "Then will you not remember?"

ئۇلار چوقۇم: زېمىن ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ، دەيدۇ. سەن ئۇلارغا: زېمىن ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ سىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ دېگىن.

23:86Page 347

قُلۡ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ ٱلسَّبۡعِ وَرَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ ٨٦

Say, "Who is Lord of the seven heavens and Lord of the Great Throne?"

ئۇلارغا: يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ھەممىدىن كاتتا بولغان ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟ دېگىن.

23:87Page 347

سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ ٨٧

They will say, "[They belong] to Allāh." Say, "Then will you not fear Him?"

ئۇلار چوقۇم: يەتتە ئاسمان ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئامان بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ دېگىن.

23:88Page 347

قُلۡ مَنۢ بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيۡهِ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٨٨

Say, "In whose hand is the realm of all things - and He protects while none can protect against Him - if you should know?"

ئۇلارغا: ھەممە نەرسىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ ھېچ نەرسە ئىگىدارچىلىقىنىڭ سىرتىدا قالمايدىغان، بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى خاپىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان، ئۇ خاپىلىق يەتكۈزمەكچى بولغان كىشىنى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ئازابنى قايتۇرالايدىغان ھېچكىم بولمىغان زات كىم؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار، دېگىن.

23:89Page 347

سَيَقُولُونَ لِلَّهِۚ قُلۡ فَأَنَّىٰ تُسۡحَرُونَ ٨٩

They will say, "[All belongs] to Allāh." Say, "Then how are you deluded?"

ئۇلار چوقۇم: ھەممە نەرسە قولىدا بولغان زات ئاللاھ، دەيدۇ. ئۇلارغا: ئەقلىڭلار نەگە كەتتى؟ بۇلارنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئاللاھتىن باشقىغا چوقۇنىسىلەر؟ دېگىن.

23:90Page 348

بَلۡ أَتَيۡنَٰهُم بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ ٩٠

Rather, We have brought them the truth, and indeed they are liars.

ئەمەلىيەت ئۇلار دەۋا قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى بىز ھېچ قانداق شەك بولمىغان ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكى ۋە بالىسى بارلىقىنى دەۋا قىلىشىدا ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر.

23:91Page 348

مَا ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ مِن وَلَدٖ وَمَا كَانَ مَعَهُۥ مِنۡ إِلَٰهٍۚ إِذٗا لَّذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهِۭ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ ٩١

Allāh has not taken any son, nor has there ever been with Him any deity. [If there had been], then each deity would have taken what it created, and some of them would have [sought to] overcome others. Exalted is Allāh above what they describe [concerning Him].

كاپىرلار بىلجىرلىغاندەك ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭ بىلەن باشقا ھەقىقىي مەبۇدمۇ يوق. مۇبادا ئاللاھ بىلەن باشقا بىر ھەقىقىي مەبۇد بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھەر بىر مەبۇد ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنى ئىگىلەيتتى ھەمدە بىر - بىرىنى يېڭىۋالاتتى - دە، كائىناتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ھېچنەرسە يۈز بەرگىنى يوق. دېمەك بۇ، ھەقىقىي مەبۇدنىڭ پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەردى. ئۇ مۇشرىكلار سۈپەتلىگەن بالىسى ۋە شېرىكى بولۇش دېگەندەك نالايىق سۈپەتلەردىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر.

23:92Page 348

عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ ٩٢

[He is] Knower of the unseen and the witnessed, so high is He above what they associate [with Him].

ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىدىن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ۋە كۆرگىلى بولىدىغان، شۇنداقلا سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا شېرىكى بولۇشتىن تولىمۇ بۈيۈكتۇر.

23:93Page 348

قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ ٩٣

Say, [O Muḥammad], "My Lord, if You should show me that which they are promised,

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا بۇ مۇشرىكلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىدىغان بولساڭ،

23:94Page 348

رَبِّ فَلَا تَجۡعَلۡنِي فِي ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ ٩٤

My Lord, then do not place me among the wrongdoing people."

ئەي رەببىم! ناۋادا سەن ئۇلارنى ئازابلاپ، مەن بۇنىڭغا شاھىت بوپقالسام، مېنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا قىلمىغىنكى، ئۇلارغا كەلگەن ئازاب ماڭىمۇ كەپقالمىسۇن.

23:95Page 348

وَإِنَّا عَلَىٰٓ أَن نُّرِيَكَ مَا نَعِدُهُمۡ لَقَٰدِرُونَ ٩٥

And indeed, We are Able to show you what We have promised them.

بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز، نە بۇنىڭدىن، نە باشقا ھېچبىر ئىشتىن ئاجىز كەلمەيمىز.

23:96Page 348

ٱدۡفَعۡ بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ ٱلسَّيِّئَةَۚ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَصِفُونَ ٩٦

Repel, by [means of] what is best, [their] evil. We are most knowing of what they describe.

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈۋېتىش ئارقىلىق يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە سەۋر قىلغىن. بىز مۇشرىكلار سۈپەتلىگەن شېرىك ۋە يالغانچىلىقنى ھەمدە سېنى سېھىرگەر، ساراڭ دېگەنگە ئوخشاش نالايىق سۆزلەر بىلەن قارىلىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.

23:97Page 348

وَقُل رَّبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنۡ هَمَزَٰتِ ٱلشَّيَٰطِينِ ٩٧

And say, "My Lord, I seek refuge in You from the incitements of the devils,

ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن.

23:98Page 348

وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَن يَحۡضُرُونِ ٩٨

And I seek refuge in You, my Lord, lest they be present with me."

پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ مېنىڭ ئىشلىرىمدىن ھەر قاندىقىدا ماڭا ھەمراھ بولۇۋېلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن.

23:99Page 348

حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ رَبِّ ٱرۡجِعُونِ ٩٩

[For such is the state of the disbelievers] until, when death comes to one of them, he says, "My Lord, send me back

ناۋادا بۇ مۇشرىكلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كېلىپ، ئۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرسە ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە ھەم ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە سەل قارىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! مېنى دۇنياغا قايتۇرغىن.

23:100Page 348

لَعَلِّيٓ أَعۡمَلُ صَٰلِحٗا فِيمَا تَرَكۡتُۚ كـَلَّآۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَآئِلُهَاۖ وَمِن وَرَآئِهِم بَرۡزَخٌ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ ١٠٠

That I might do righteousness in that which I left behind."1 No! It is only a word he is saying; and behind them is a barrier until the Day they are resurrected.

مەن دۇنياغا قايتىپ قالسام ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىم مۇمكىن، دەيدۇ. ئەمەلىيەت سەن تەلەپ قىلغاندەك ئەمەس. بۇ پەقەتلا قۇرۇق گەپ. مۇبادا ئۇ دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز ۋەدىسىدە تۇرمايتتى. ئۆلۈپ كەتكەن بۇ كىشىلەر تاكى قايتا تىرىلىپ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا توپلانغانغا قەدەر دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى بىر توسۇقنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، شۇڭا قولدىن كەتكەننى قايتۇرۇۋېلىپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى تۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇ توسۇقتىن دۇنياغا قايتالمايدۇ.

23:101Page 348

فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَلَآ أَنسَابَ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ وَلَا يَتَسَآءَلُونَ ١٠١

So when the Horn is blown, no relationship will there be among them that Day, nor will they ask about one another.

سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە قىيامەتنىڭ بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالغان چاغدا ئۇلار ئاخىرەتنىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋاللىرى بىلەن قېلىپ، ئۆزئارا نەسەبلىرى بىلەن پەخىر قىلىشىدىغان ئىش بولمايدۇ، ئۆز ھالى بىلەن ئاۋارە بولۇپ بىر - بىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سورىشالمايدۇ.

23:102Page 348

فَمَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ ١٠٢

And those whose scales are heavy [with good deeds] - it is they who are the successful.

ياخشىلىق تارازىسى ئېغىر كېلىپ ياخشىلىقى يامانلىقىنى بېسىپ چۈشكەنلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ، ئەنسىرىگەن ئىشتىن يىراق قىلىنىدۇ.

23:103Page 348

وَمَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فِي جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ ١٠٣

But those whose scales are light - those are the ones who have lost their souls, [being] in Hell, abiding eternally.

تارازىسى يەڭگىل كېلىپ يامانلىقى ياخشىلىقىنى بېسىپ چۈشكەنلەرگە كەلسەك، بۇلار ئۆزلىرىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئىمان ئېيتىش ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىبارەت پايدىلىق ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەن ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر. ئۇلار جەھەننەمنىڭ ئوتىغا كىرىپ، شۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ، قەتئىي چىقالمايدۇ.

23:104Page 348

تَلۡفَحُ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ وَهُمۡ فِيهَا كَٰلِحُونَ ١٠٤

The Fire will sear their faces, and they therein will have taut smiles.1

ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، چىرايلىرى قاتتىق تۈرۈلگەنلىكتىن ئۈستۈن كالپۇكى قورۇلۇپ، ئاستىن كالپۇكى ساڭگىلاپ، چىشلىرى چىقىپ بەتبەشىرە بوپكېتىدۇ.

23:105Page 349

أَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَكُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ ١٠٥

[It will be said], "Were not My verses recited to you and you used to deny them?"

ئۇلارنى ئەيىبلەپ دېيىلىدۇكى، سىلەرگە دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئوقۇپ بېرىلسە، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلمىغانمىدىڭلار؟

23:106Page 349

قَالُواْ رَبَّنَا غَلَبَتۡ عَلَيۡنَا شِقۡوَتُنَا وَكُنَّا قَوۡمٗا ضَآلِّينَ ١٠٦

They will say, "Our Lord, our wretchedness overcame us, and we were a people astray.

ئۇلار ئېيتىدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ ئەزەلىي ئىلمىڭدە بىزنىڭ بەدبەخت بولۇشىمىز پۈتۈلۈپ كەتكەن بولغاچقا بىز ھەقتىن ئازغۇچىلاردىن بولدۇق.

23:107Page 349

رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡهَا فَإِنۡ عُدۡنَا فَإِنَّا ظَٰلِمُونَ ١٠٧

Our Lord, remove us from it, and if we were to return [to evil], we would indeed be wrongdoers."

ئەي رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز يەنە ئىلگىرىكى كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇلۇققا قايتىپ قالساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زالىم قىلغۇچىلاردىن بولىمىز - دە، ئۇ چاغدا ھېچقانداق باھانىمىز قالمايدۇ.

23:108Page 349

قَالَ ٱخۡسَـُٔواْ فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ ١٠٨

He will say, "Remain despised therein and do not speak to Me.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: دوزاختا خارلىنىپ، ئازابلانغان ھالدا قېلىڭلار، ئازابنىڭ يەڭگىللىشى توغرىسىدا ماڭا ئېغىز ئاچماڭلار.

23:109Page 349

إِنَّهُۥ كَانَ فَرِيقٞ مِّنۡ عِبَادِي يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَا وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰحِمِينَ ١٠٩

Indeed, there was a party of My servants who said, 'Our Lord, we have believed, so forgive us and have mercy upon us, and You are the best of the merciful.'

ھەقىقەتەن بەندىلىرىمدىن ماڭا ئىمان ئېيتقان بىر تۈركۈم كىشىلەر: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ساڭا ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھمىتىڭ بىلەن مەرھەمەت قىلغىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن، دەيتتى.

23:110Page 349

فَٱتَّخَذۡتُمُوهُمۡ سِخۡرِيًّا حَتَّىٰٓ أَنسَوۡكُمۡ ذِكۡرِي وَكُنتُم مِّنۡهُمۡ تَضۡحَكُونَ ١١٠

But you took them in mockery to the point that they made you forget My remembrance, and you used to laugh at them.

سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلغان مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتى قىلىۋېلىپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، مازاق قىلاتتىڭلار. نەتىجىدە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش سىلەرگە ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇردى، سىلەر داۋاملىق ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ، كۈلەتتىڭلار.

23:111Page 349

إِنِّي جَزَيۡتُهُمُ ٱلۡيَوۡمَ بِمَا صَبَرُوٓاْ أَنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ ١١١

Indeed, I have rewarded them this Day for their patient endurance - that they are the attainers [of success]."

بۇ مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ تائىتىگە ۋە سىلەردىن ئۇچرىغان ئەزىيەتلەرگە سەۋرچان بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى چوقۇم جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمەن.

23:112Page 349

قَٰلَ كَمۡ لَبِثۡتُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ عَدَدَ سِنِينَ ١١٢

[Allāh] will say, "How long did you remain on earth in number of years?"

ئاللاھ ئۇلارغا: زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟ قانچىلىك ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار؟ دەيدۇ.

23:113Page 349

قَالُواْ لَبِثۡنَا يَوۡمًا أَوۡ بَعۡضَ يَوۡمٖ فَسۡـَٔلِ ٱلۡعَآدِّينَ ١١٣

They will say, "We remained a day or part of a day; ask those who enumerate."

ئاندىن ئۇلار جاۋابەن: بىز دۇنيادا بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق. ئاي، كۈنلەرنى ھېسابلىغۇچى پەرىشتىلەردىن سوراپ باققىن، دەيدۇ.

23:114Page 349

قَٰلَ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗاۖ لَّوۡ أَنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ١١٤

He will say, "You stayed not but a little - if only you had known.

ئاللاھ ئۇلارغا: سىلەر دۇنيادا ئازغىنە تۇردۇڭلار، ئەگەر سىلەر دۇنيادا قانچىلىك تۇرغىنىڭلارنى بىلگەن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە سەۋر قىلىشىڭلار تېخىمۇ ئاسان بولاتتى، دەيدۇ.

23:115Page 349

أَفَحَسِبۡتُمۡ أَنَّمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ عَبَثٗا وَأَنَّكُمۡ إِلَيۡنَا لَا تُرۡجَعُونَ ١١٥

Then did you think that We created you uselessly and that to Us you would not be returned?"

ئەي ئىنسانلار! سىلەر بىزنى ئۆزۈڭلارنى بىكارغا، ھېكمەتسىز ياراتتى، شۇڭا بىز خۇددى چارىپايلاردەك جازا - مۇكاپاتقا تارتىلمايمىز، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايمىز، دەپ ئويلامسىلەر؟

23:116Page 349

فَتَعَٰلَى ٱللَّهُ ٱلۡمَلِكُ ٱلۡحَقُّۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡكَرِيمِ ١١٦

So exalted is Allāh, the Sovereign,1 the Truth;2 there is no deity except Him, Lord of the Noble Throne.

مەخلۇقاتلىرىنى ئۆزى خالىغىنىچە باشقۇرغۇچى، ھەممىنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھ ھەقتۇر، ۋەدىسىمۇ ھەقتۇر، سۆزىمۇ ھەقتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر. ئەڭ كاتتا مەخلۇقنىڭ رەببى بولغان زات ئەلۋەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ رەببىدۇر.

23:117Page 349

وَمَن يَدۡعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ لَا بُرۡهَٰنَ لَهُۥ بِهِۦ فَإِنَّمَا حِسَابُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلۡكَٰفِرُونَ ١١٧

And whoever invokes besides Allāh another deity for which he has no proof - then his account is only with his Lord. Indeed, the disbelievers will not succeed.

كىمكى ئاللاھقا قوشۇپ قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق دەلىل - پاكىت بولمىغان (ئاللاھتىن باشقا بارلىق مەبۇدلار مۇشۇنداق) باشقا بىر مەبۇدقا چوقۇنىدىكەن، ئۇ قىلغان يامان ئەمىلىنىڭ جازاسىنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا تارتىدۇ. ئاللاھ ئۇنى ئازابلاش ئارقىلىق جازالايدۇ. شەكسىزكى كاپىرلار كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ، ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇپمۇ قالالمايدۇ.

23:118Page 349

وَقُل رَّبِّ ٱغۡفِرۡ وَٱرۡحَمۡ وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلرَّٰحِمِينَ ١١٨

And, [O Muḥammad], say, "My Lord, forgive and have mercy, and You are the best of the merciful."

ئەي پەيغەمبەر: رەببىم! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن مەرھەمەت قىلغىن، سەن گۇناھكارغىمۇ رەھىم قىلىپ، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن، دېگىن.

Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences

Contents

Ayat al-Kursi36Al-Kahfpage 42juz 15Bukhari 1Muslim 2999

Style

Theme
Text size
Layout

Читать на русском