Al-MukhtasarYa-Sin · 36:62–83

Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur

Ya-Sin 36:62–83

36:62Page 444

وَلَقَدۡ أَضَلَّ مِنكُمۡ جِبِلّٗا كَثِيرًاۖ أَفَلَمۡ تَكُونُواْ تَعۡقِلُونَ ٦٢

And he had already led astray from among you much of creation, so did you not use reason?

ھەقىقەتەن شەيتان سىلەردىن كۆپىڭلارنى ئازدۇردى. سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئىتائىتىگە ۋە يالغۇز ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان، دۈشمەنلىكى ئوچۇق - ئاشكارا بولغان دۈشمەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىشتىن توسىدىغان ئەقلىڭلار يوقمىدى؟

36:63Page 444

هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ ٦٣

This is the Hellfire which you were promised.

بۇ سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان جەھەننەمدۇر، جەھەننەم سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا كۆرۈنمەيتتى. لېكىن بۈگۈن سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر.

36:64Page 444

ٱصۡلَوۡهَا ٱلۡيَوۡمَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ ٦٤

[Enter to] burn therein today for what you used to deny."1

ئەمدى ئۇنىڭغا كىرىڭلار، دۇنيادىكى ھاياتىڭلاردا ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقىڭلار سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىڭلار.

36:65Page 444

ٱلۡيَوۡمَ نَخۡتِمُ عَلَىٰٓ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَتُكَلِّمُنَآ أَيۡدِيهِمۡ وَتَشۡهَدُ أَرۡجُلُهُم بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ ٦٥

That Day, We will seal over their mouths, and their hands will speak to Us, and their feet will testify about what they used to earn.

بىز بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىلىرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلالمايدىغان گاچىلارغا ئايلىنىدۇ. بىزگە ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى ئۇلارنىڭ قوللىرى ئېيتىپ بېرىدۇ، پۇتلىرى ئۇلار ئىشلىگەن گۇناھ - مەئسىيەتلەر ۋە ماڭغان يامان يوللار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

36:66Page 444

وَلَوۡ نَشَآءُ لَطَمَسۡنَا عَلَىٰٓ أَعۡيُنِهِمۡ فَٱسۡتَبَقُواْ ٱلصِّرَٰطَ فَأَنَّىٰ يُبۡصِرُونَ ٦٦

And if We willed, We could have obliterated their eyes, and they would race to [find] the path, and how could they see?1

ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرمەس قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار كۆرەلمەيتتى. ئاندىن ئۇلار جەننەت تەرەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن پىلسىرات تەرەپكە يۈگۈرۈشىدۇ. لېكىن ئۇلار كۆزلىرى يوق ھالەتتە ئۇنىڭدىن ئۆتەلىشى ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراقتۇر.

36:67Page 444

وَلَوۡ نَشَآءُ لَمَسَخۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمۡ فَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ مُضِيّٗا وَلَا يَرۡجِعُونَ ٦٧

And if We willed, We could have deformed them, [paralyzing them] in their places so they would not be able to proceed, nor could they return.1

ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ تەقى - تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، پۇتلىرى ئۈستىدىلا ئولتۇرغۇزۇۋېتىشنى خالىساق ئىدۇق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق. ئاندىن ئۇلار تۇرغان يەرلىرىدىن قىمىرلىيالمايتتى ۋە نە ئالدىغا، نە كەينىگە ماڭالمايتتى.

36:68Page 444

وَمَن نُّعَمِّرۡهُ نُنَكِّسۡهُ فِي ٱلۡخَلۡقِۚ أَفَلَا يَعۡقِلُونَ ٦٨

And he to whom We grant long life We reverse in creation;1 so will they not understand?

بىز كىمگە ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسەك، ئۇنى قايتىدىن ئاجىزلىق ھالىتىگە قايتۇرىمىز. ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ، بۇ دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈك جاي ئەمەسلىكىنى، مەڭگۈلۈك جاينىڭ ئاخىرەت ھاياتى ئىكەنلىكىنى پەملىيەلمەمدۇ!؟.

36:69Page 444

وَمَا عَلَّمۡنَٰهُ ٱلشِّعۡرَ وَمَا يَنۢبَغِي لَهُۥٓۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ وَقُرۡءَانٞ مُّبِينٞ ٦٩

And We did not give him [i.e., Prophet Muḥammad (ﷺ)] knowledge of poetry, nor is it befitting for him. It is not but a message and a clear Qur’ān

بىز مۇھەممەدكە شېئىر ئۆگەتكىنىمىز يوق ھەم بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇ تەبىئىتىدىن ئۇنداق ئادەم ئەمەس، سىلەرنىڭ ئۇنى شائىر دەپ بىلجىرلاشلىرىڭلار توغرا بولىدىغان دەرىجىدە ئۇنىڭ خاراكتېرىمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بىز ئۇنىڭغا پەقەت زىكرىنى ۋە ئويلىنىدىغان ئادەم ئۈچۈن روشەن قۇرئاننىلا ئۆگەتتۇق.

36:70Page 444

لِّيُنذِرَ مَن كَانَ حَيّٗا وَيَحِقَّ ٱلۡقَوۡلُ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ ٧٠

To warn whoever is alive1 and justify the word [i.e., decree] against the disbelievers.

(بۇ قۇرئان) قەلبى تىرىك، پاراسەتلىك كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭدىن شۇنداق كىشى مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. كاپىرلارغا ئازاب لايىقتۇر. چۈنكى قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقى ئۇلارغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق باھانىسى قالمىدى.

36:71Page 445

أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا خَلَقۡنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتۡ أَيۡدِينَآ أَنۡعَٰمٗا فَهُمۡ لَهَا مَٰلِكُونَ ٧١

Do they not see that We have created for them from what Our hands1 have made, grazing livestock, and [then] they are their owners?

ئۇلار بىزنىڭ ئۆزلىرىگە چارىپايلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار شۇ چارىپايلارنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتقۇچىلاردۇركى، ئۇ نەرسىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتلىرىگە قاراپ ئىشلىتىدۇ.

36:72Page 445

وَذَلَّلۡنَٰهَا لَهُمۡ فَمِنۡهَا رَكُوبُهُمۡ وَمِنۡهَا يَأۡكُلُونَ ٧٢

And We have tamed them for them, so some of them they ride, and some of them they eat.

بىز ئۇلارغا ئۇ چارىپايلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇ چارىپايلارنىمۇ ئۇلارغا بويسۇنىدىغان قىلىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇنىڭ بىر قىسمىغا مىنىدۇ ۋە يۈكلىرىنى ئارتىدۇ. يەنە بىر قىسمىنىڭ گۆشلىرىنى يەيدۇ.

36:73Page 445

وَلَهُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَمَشَارِبُۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ ٧٣

And for them therein are [other] benefits and drinks, so will they not be grateful?

بۇ چارىپايلاردا ئۇلار ئۈچۈن مېنىش ۋە گۆشلىرىنى يېيىشتىن باشقا يەنە تىۋىتلىرى، قىغلىرى، يۇڭلىرى ۋە پۇللىرىغا ئوخشاش كۆپلىگەن مەنپەئەتلەر بار. ئۇلار بۇ نەرسىلەردىن بىساتلارنى ۋە كىيىم - كېچەكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ سۈتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئىچىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇشۇنچىۋالا كۆپ نېئمەتلەرنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نېئمەتلەرنى ئىلتىپات قىلغان ئاللاھ تائالاغا شۈكرى قىلمامدۇ!؟

36:74Page 445

وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةٗ لَّعَلَّهُمۡ يُنصَرُونَ ٧٤

But they have taken besides Allāh [false] deities that perhaps they would be helped.

مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ نۇرغۇنلىغان ئىلاھلارنى قىلىۋالدى، ئۇلار ئۇ ئىلاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىپ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ چوقۇنىدۇ.

36:75Page 445

لَا يَسۡتَطِيعُونَ نَصۡرَهُمۡ وَهُمۡ لَهُمۡ جُندٞ مُّحۡضَرُونَ ٧٥

They are not able to help them, and they [themselves] are for them soldiers in attendance.1

ئۇلار تۇتۇۋالغان ئاشۇ ئىلاھلار ئۆزلىرىگىمۇ، ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە چوقۇنغان ئىنسانلارغىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ھەممەيلەن ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئۇلاردىن ھەركىم بىربىرىدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدۇ.

36:76Page 445

فَلَا يَحۡزُنكَ قَوۡلُهُمۡۘ إِنَّا نَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَ ٧٦

So let not their speech grieve you. Indeed, We know what they conceal and what they declare.

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ: سەن ھەرگىزمۇ پەيغەمبەر ئەمەس، بىر بولسا سەن بىر شائىر، دېگەندەك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك بوھتانلىرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن. شەكسىزكى بىز ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنىمۇ، ئاشكارا قىلغانلىرىنىمۇ بىلىمىز، بىزگە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بىز ئۇلارنى شۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا جازالايمىز.

36:77Page 445

أَوَلَمۡ يَرَ ٱلۡإِنسَٰنُ أَنَّا خَلَقۡنَٰهُ مِن نُّطۡفَةٖ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٞ مُّبِينٞ ٧٧

Does man not consider that We created him from a [mere] sperm-drop - then at once1 he is a clear adversary?

ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان ئىنسان بىزنىڭ ئۇنى ئىلگىرى مەنىيدىن ياراتقانلىقىمىزنى، ئاندىن كېيىن ئۇ بىر قانچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتۈپ تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغىنىنى ئويلىنىپ باقمامدۇ؟ ئەمدىلىكتە ئۇ ناھايىتى تولا دەتالاش قىلىدىغان جىدەلخور بوپقالدى. ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىگە ئىسپات بولالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمىدىمۇ؟

36:78Page 445

وَضَرَبَ لَنَا مَثَلٗا وَنَسِيَ خَلۡقَهُۥۖ قَالَ مَن يُحۡيِ ٱلۡعِظَٰمَ وَهِيَ رَمِيمٞ ٧٨

And he presents for Us an example1 and forgets his [own] creation. He says, "Who will give life to bones while they are disintegrated?"

بۇ كاپىر بارغانسىرى بىخۇتلىشىپ، قايتا تىرىلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغا چېرىپ كەتكەن سۆڭەكنى دەلىل قىلىپ نادانلىق قىلدى.

36:79Page 445

قُلۡ يُحۡيِيهَا ٱلَّذِيٓ أَنشَأَهَآ أَوَّلَ مَرَّةٖۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلۡقٍ عَلِيمٌ ٧٩

Say, "He will give them life who produced them the first time; and He is, of all creation, Knowing."

ئەي مۇھەممەد! ئۇنىڭغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: بۇ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكنى تۇنجى قېتىم ياراتقان زات تىرگۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنى تۇنجى قېتىم ياراتقان زات ئۇنىڭغا قايتا ھاياتلىق بېرىشتىن ئاجىز ئەمەس. ئۇ زات بولسا پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىنى بىلگۈچى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدىغان ئاللاھ تائالادۇر.

36:80Page 445

ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلشَّجَرِ ٱلۡأَخۡضَرِ نَارٗا فَإِذَآ أَنتُم مِّنۡهُ تُوقِدُونَ ٨٠

[It is] He who made for you from the green tree, fire, and then from it you ignite.

ئەي ئىنسانلار! ئۇ زات سىلەرگە ياپيېشىل، ھۆل دەرەختىن ئوت چىقىرىپ بەردى. سىلەر ئۇ دەرەختىن ئوت چىقىرىسىلەر، يەنى سىلەر ئۇنى قالاپ ئىسىنىسىلەر. دېمەككى، سۇ تېمىپ تۇرىدىغان يېشىل دەرەخ بىلەن لاۋۇلداپ يانىدىغان ئوتتىن ئىبارەت ئىككى زىت نەرسىنى بىر يەرگە كەلتۈرگەن زات ئەلۋەتتە ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىردۇر.

36:81Page 445

أَوَلَيۡسَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِقَٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يَخۡلُقَ مِثۡلَهُمۚ بَلَىٰ وَهُوَ ٱلۡخَلَّٰقُ ٱلۡعَلِيمُ ٨١

Is not He who created the heavens and the earth Able to create the likes of them? Yes, [it is so]; and He is the Knowing Creator.

ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى زور مەخلۇقاتلار بىلەن قوشۇپ ياراتقان زات ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرگۈزۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟! ئۇ زات پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ياراتقۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

36:82Page 445

إِنَّمَآ أَمۡرُهُۥٓ إِذَآ أَرَادَ شَيۡـًٔا أَن يَقُولَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ ٨٢

His command is only when He intends a thing that He says to it, "Be," and it is.

شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بىرەر نەرسىنى ئاپرىدە قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا: ۋۇجۇدقا كەل، دەيدۇ - دە، ئۇ نەرسە شۇ ھامانلا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھاياتلىق ئاتا قىلىشنى، جېنىنى ئېلىشنى، قايتا تىرگۈزۈشنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىرادە قىلىشىمۇ دەل مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

36:83Page 445

فَسُبۡحَٰنَ ٱلَّذِي بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيۡءٖ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ ٨٣

So exalted is He in whose hand is the realm of all things, and to Him you will be returned.

ئاللاھ تائالا مۇشرىكلار نىسبەت بەرگەن ئاجىزلىقتىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. پۈتۈن نەرسىلەر ئۇنىڭ ئىلكىدەدۇركى، ئۇ ئاشۇ نەرسىلەردە ئۆزى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، سىلەر ئاخىرەتتە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences

Contents

Ayat al-Kursi36Al-Kahfpage 42juz 15Bukhari 1Muslim 2999

Style

Theme
Text size
Layout

Читать на русском