Al-MukhtasarAz‑Zumar · 39:49–75

Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur

Az-Zumar 39:49–75

39:49Page 464

فَإِذَا مَسَّ ٱلۡإِنسَٰنَ ضُرّٞ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلۡنَٰهُ نِعۡمَةٗ مِّنَّا قَالَ إِنَّمَآ أُوتِيتُهُۥ عَلَىٰ عِلۡمِۭۚ بَلۡ هِيَ فِتۡنَةٞ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ٤٩

And when adversity touches man, he calls upon Us; then when We bestow on him a favor from Us, he says, "I have only been given it because of [my] knowledge." Rather, it is a trial, but most of them do not know.

كاپىر ئىنسانغا كېسەللىك ياكى يوقسۇللۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان مۇسىبەتلەر كەلسە، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىز ئۈچۈن بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇنىڭغا ساغلاملىق ياكى مال - دۇنيادىن ئىبارەت نېئمەت بەرگىنىمىزدە ئۇ: شەكسىزكى ئاللاھ بۇلارنى ماڭا مېنىڭ مۇشۇنىڭغا لايىق ئىكەنلىكىمنى بىلگەچكە بەردى، دەيدۇ. ھالبۇكى ئۇ بىر سىناق ۋە تۇيدۇرماي جازالاشتۇر. لېكىن كاپىرلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەي، ئاللاھ بەرگەن نېئمەتلەرگە ئالدىنىپ قالىدۇ.

39:50Page 464

قَدۡ قَالَهَا ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ ٥٠

Those before them had already said it, but they were not availed by what they used to earn.

بۇ گەپنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكى كاپىرلارمۇ قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى مال - دۇنيا ۋە مەرتىۋە ھېچنەرسىگە ئەسقاتمىغان ئىدى.

39:51Page 464

فَأَصَابَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُواْۚ وَٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡ هَٰٓؤُلَآءِ سَيُصِيبُهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُواْ وَمَا هُم بِمُعۡجِزِينَ ٥١

And the evil consequences of what they earned struck them. And those who have wronged of these [people] will be struck [i.e., afflicted] by the evil consequences of what they earned; and they will not cause failure.1

ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلىگەن شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئىبارەت يامانلىقلارنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇ كەلگەنلەر ئىچىدىن شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارمۇ ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاشلا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇلار ھەرگىز ئاللاھتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە ئاللاھنى يېڭەلمەيدۇ.

39:52Page 464

أَوَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ ٥٢

Do they not know that Allāh extends provision for whom He wills and restricts [it]? Indeed in that are signs for a people who believe.

بۇ مۇشرىكلارمۇ ئىلگىرىكىلەر دېگەننى دېدى. ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ شۈكرى قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ. سەۋر قىلامدۇ ياكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ۋايسامدۇ؟ دەپ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. شەكسىزكى رىزىقنىڭ كەڭ - تار قىلىنىشىدىن ئىبارەت مەزكۇر ئىشلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلار بار. چۈنكى ئۇلار دەلىل - پاكىتلاردىن مەنپەئەت ئالالايدۇ. كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلار دەلىل - پاكىتلارنىڭ يېنىدىن يۈز ئۆرۈگەن پېتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.

39:53Page 464

۞ قُلۡ يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ أَسۡرَفُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ لَا تَقۡنَطُواْ مِن رَّحۡمَةِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَغۡفِرُ ٱلذُّنُوبَ جَمِيعًاۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ ٥٣

Say, "O My servants who have transgressed against themselves [by sinning], do not despair of the mercy of Allāh. Indeed, Allāh forgives all sins.1 Indeed, it is He who is the Forgiving, the Merciful."

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق چەكتىن ئاشقان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغانلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچى، ئۇلارغا كۆيۈمچان زاتتۇر.

39:54Page 464

وَأَنِيبُوٓاْ إِلَىٰ رَبِّكُمۡ وَأَسۡلِمُواْ لَهُۥ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَكُمُ ٱلۡعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ ٥٤

And return [in repentance] to your Lord and submit to Him before the punishment comes upon you; then you will not be helped.

قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئازاب كېلىپ، نە بۇتلىرىڭلار، نە بالا - چاقىلىرىڭلار ئىچىدىن سىلەرنىڭ ئازابتىن قۇتۇلۇشۇڭلارغا ياردەم بېرىدىغان بىرىنى تاپالماي قېلىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋبە ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن قايتىڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار.

39:55Page 464

وَٱتَّبِعُوٓاْ أَحۡسَنَ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكُم مِّن رَّبِّكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَكُمُ ٱلۡعَذَابُ بَغۡتَةٗ وَأَنتُمۡ لَا تَشۡعُرُونَ ٥٥

And follow the best of what was revealed to you from your Lord [i.e., the Qur’ān] before the punishment comes upon you suddenly while you do not perceive,

سىلەر ھېس قىلىپ، تەۋبە قىلىۋالغۇدەك پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدىغان ئازاب ئۇشتۇمتۇت كېلىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭلار پەيغەمبەمبىرىگە نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار.

39:56Page 464

أَن تَقُولَ نَفۡسٞ يَٰحَسۡرَتَىٰ عَلَىٰ مَا فَرَّطتُ فِي جَنۢبِ ٱللَّهِ وَإِن كُنتُ لَمِنَ ٱلسَّٰخِرِينَ ٥٦

Lest a soul should say,1 "Oh, [how great is] my regret over what I neglected in regard to Allāh and that I was among the mockers."

بۇلارنى شۇنىڭدىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن قىلىڭلاركى، قىيامەت كۈنى پۇشايماننىڭ قاتتىقلىقىدىن ھەر كىم كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئاللاھ ئالدىدا كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا ھەمدە مۇئمىنلەرنى ۋە ئىتائەتمەنلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقىغا ھەسرەت - نادامەت چېكىدۇ.

39:57Page 465

أَوۡ تَقُولَ لَوۡ أَنَّ ٱللَّهَ هَدَىٰنِي لَكُنتُ مِنَ ٱلۡمُتَّقِينَ ٥٧

Or [lest] it say, "If only Allāh had guided me, I would have been among the righteous."

ياكى تەقدىرنى باھانە قىلىپ: ناۋادا ئاللاھ مېنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇپ تەقۋادارلاردىن بولغان بولاتتىم، دەيدۇ.

39:58Page 465

أَوۡ تَقُولَ حِينَ تَرَى ٱلۡعَذَابَ لَوۡ أَنَّ لِي كَرَّةٗ فَأَكُونَ مِنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ ٥٨

Or [lest] it say when it sees the punishment, "If only I had another turn1 so I could be among the doers of good."

ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئارزۇ قىلىپ: كاشكى دۇنياغا قايتالىغان بولسام ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالغان بولاتتىم، دەيدۇ.

39:59Page 465

بَلَىٰ قَدۡ جَآءَتۡكَ ءَايَٰتِي فَكَذَّبۡتَ بِهَا وَٱسۡتَكۡبَرۡتَ وَكُنتَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ ٥٩

But yes, there had come to you My verses, but you denied them and were arrogant, and you were among the disbelievers.

بۇ ئىش سېنىڭ دېگىنىڭدەك ھىدايەتنى ئۈمىد قىلىپ قويۇش بىلەنلا بولمايدۇ. ساڭا مېنىڭ ئايەتلىرىم كەلدى، لېكىن سەن ئۇنى ئىنكار قىلىپ، تەكەببۇرلۇق قىلدىڭ، ئاللاھقا، ئۇنىڭ ئايەتلىرىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغۇچىلاردىن بولدۇڭ.

39:60Page 465

وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ تَرَى ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ عَلَى ٱللَّهِ وُجُوهُهُم مُّسۡوَدَّةٌۚ أَلَيۡسَ فِي جَهَنَّمَ مَثۡوٗى لِّلۡمُتَكَبِّرِينَ ٦٠

And on the Day of Resurrection you will see those who lied about Allāh [with] their faces blackened. Is there not in Hell a residence for the arrogant?

قىيامەت كۈنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنىڭ يۈزلىرىنىڭ قاپقارا بوپكەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. بۇ ئۇلارنىڭ بەدبەختلىكىنىڭ نىشانىدۇر. جەھەننەمدە ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن چوڭچىلىق قىلغۇچىلارغا يەر يوقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، شەكسىزكى دوزاختا ئۇلارنىڭ ئورنى بار.

39:61Page 465

وَيُنَجِّي ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ بِمَفَازَتِهِمۡ لَا يَمَسُّهُمُ ٱلسُّوٓءُ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٦١

And Allāh will save those who feared Him by their attainment;1 no evil will touch them, nor will they grieve.

ئاللاھ تائالا پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارنى نىجاتلىق ئورنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۇلارغا ئازاب يەتمەيدۇ، ئۇلار قولدىن كەتكەن دۇنياۋى نېسىۋىلىرىگە قايغۇرمايدۇ.

39:62Page 465

ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٞ ٦٢

Allāh is the Creator of all things, and He is, over all things, Disposer of affairs.

ئاللاھ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ياراتقۇچى يوقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر، ئىشىنى خالىغىنىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىدۇ.

39:63Page 465

لَّهُۥ مَقَالِيدُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ ٦٣

To Him belong the keys of the heavens and the earth. And they who disbelieve in the verses of Allāh - it is those who are the losers.

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ياخشىلىق خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، خالىغان كىشىگە بەرمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا ئىماندىن مەھرۇم بولغان بولسا، ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك دوزاخقا كىرىدۇ.

39:64Page 465

قُلۡ أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَأۡمُرُوٓنِّيٓ أَعۡبُدُ أَيُّهَا ٱلۡجَٰهِلُونَ ٦٤

Say, [O Muḥammad], "Is it other than Allāh that you order me to worship, O ignorant ones?"

ئى پەيغەمبەر! سەندىن بۇتلىرىغا چوقۇنۇشۇڭنى تەلەپ قىلىۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، -ئەي پەرۋەردىگارىنى بىلمەيدىغانلار!- سىلەر مېنى ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇۋاتامسىلەر؟ قۇلچىلىق پەقەت يالغۇز ئاللاھقا تېگىشلىك. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن باشقىسىغا قەتئىي قۇلچىلىق قىلمايمەن.

39:65Page 465

وَلَقَدۡ أُوحِيَ إِلَيۡكَ وَإِلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكَ لَئِنۡ أَشۡرَكۡتَ لَيَحۡبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ ٦٥

And it was already revealed to you and to those before you that if you should associate [anything] with Allāh, your work would surely become worthless, and you would surely be among the losers.

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: ناۋادا ئاللاھقا باشقىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلساڭ، ياخشى ئەمەللىرىڭنىڭ ساۋابى چوقۇم بىكار بوپكېتىدۇ ھەمدە سەن بۇ دۇنيادا دىنىڭدىن قۇرۇق قېلىپ، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىسەن.

39:66Page 465

بَلِ ٱللَّهَ فَٱعۡبُدۡ وَكُن مِّنَ ٱلشَّٰكِرِينَ ٦٦

Rather, worship [only] Allāh and be among the grateful.

يالغۇز ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلغىن، ئۇنىڭغا ھېچ بىرىنى شېرىك قىلمىغىن، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولغىن.

39:67Page 465

وَمَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦ وَٱلۡأَرۡضُ جَمِيعٗا قَبۡضَتُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَٱلسَّمَٰوَٰتُ مَطۡوِيَّٰتُۢ بِيَمِينِهِۦۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ ٦٧

They have not appraised Allāh with true appraisal,1 while the earth entirely will be [within] His grip2 on the Day of Resurrection, and the heavens will be folded in His right hand.3 Exalted is He and high above what they associate with Him.

مۇشرىكلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئۇلۇغلىمىدى، چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ئۇنىڭ ئاجىز مەخلۇقلىرىنى شېرىك قىلىپ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن بىخەۋەر قالدى. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى تاغلار، دەل - دەرەخلەر، دەريالار ۋە دېڭىزلار ھەممىسىنىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدىغانلىقى، يەتتە قات ئاسماننىڭ ئاللانىڭ قولىدا قاتلىنىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ دېگەنلىرىدىن ۋە ئېتىقادلىرىدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر.

39:68Page 466

وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَصَعِقَ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا مَن شَآءَ ٱللَّهُۖ ثُمَّ نُفِخَ فِيهِ أُخۡرَىٰ فَإِذَا هُمۡ قِيَامٞ يَنظُرُونَ ٦٨

And the Horn will be blown, and whoever is in the heavens and whoever is on the earth will fall dead except whom Allāh wills. Then it will be blown again, and at once they will be standing, looking on.

سۇر چېلىشقا مۇئەككەل پەرىشتە بۇرغۇدا سۇر چالغان كۈندە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئۆلىدۇ. ئاندىن پەرىشتە قايتا تىرىلىش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم سۇر چالىدۇ. بۇ چاغدا تىرىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ.

39:69Page 466

وَأَشۡرَقَتِ ٱلۡأَرۡضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ ٱلۡكِتَٰبُ وَجِاْيٓءَ بِٱلنَّبِيِّـۧنَ وَٱلشُّهَدَآءِ وَقُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡحَقِّ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ ٦٩

And the earth will shine with the light of its Lord, and the record [of deeds] will be placed, and the prophets and the witnesses will be brought, and it will be judged between them in truth, and they will not be wronged.

ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئاشكارا بولغان، ئىنسانلارنىڭ نامە ئەمەللىرى تارقىتىپ بېرىلگەن، پەيغەمبەرلەر كەلتۈرۈلگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغان چاغدا زېمىن نۇرلىنىپ كېتىدۇ. بەندىلەر بۇ كۈندە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، يەنى بىر كىمنىڭ بىرەر يامانلىقى كۆپىيىپ قالىدىغان ياكى بىرەر ياخشىلىقى كېمىيىپ كېتىدىغان ئىش بولمايدۇ.

39:70Page 466

وَوُفِّيَتۡ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا عَمِلَتۡ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِمَا يَفۡعَلُونَ ٧٠

And every soul will be fully compensated [for] what it did; and He is most knowing1 of what they do.

ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ جازا - مۇكاپاتىنى مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ياخشى - يامان ئەمىلىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارغا مۇشۇ كۈندە ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

39:71Page 466

وَسِيقَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِلَىٰ جَهَنَّمَ زُمَرًاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا فُتِحَتۡ أَبۡوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمۡ خَزَنَتُهَآ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَتۡلُونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِ رَبِّكُمۡ وَيُنذِرُونَكُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَاۚ قَالُواْ بَلَىٰ وَلَٰكِنۡ حَقَّتۡ كَلِمَةُ ٱلۡعَذَابِ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ ٧١

And those who disbelieved will be driven to Hell in groups until, when they reach it, its gates are opened and its keepers will say, "Did there not come to you messengers from yourselves, reciting to you the verses of your Lord and warning you of the meeting of this Day of yours?" They will say, "Yes, but the word [i.e., decree] of punishment has come into effect upon the disbelievers."

پەرىشتىلەر كاپىرلارنى جەھەننەمگە توپ - توپ ھالەتتە ھەيدەيدۇ. ھەتتاكى ئۇلار جەھەننەمگە كەلگەن چاغدا جەھەننەمگە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇلار كاپىرلارنى كايىش بىلەن كۈتۈۋېلىپ مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن پەيغەمبەرلەر كېلىپ، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىپ، سىلەرنى قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب بولغان ئۇچرىشىشتىن قورقۇتمىغانمىدى؟ كاپىرلار ئىقرار قىلىپ: ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بولغان ئىدى. لېكىن ئازاب ھۆكمى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. بىز كاپىر بولغان ئىدۇق، دېيىشىدۇ.

39:72Page 466

قِيلَ ٱدۡخُلُوٓاْ أَبۡوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ فَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلۡمُتَكَبِّرِينَ ٧٢

[To them] it will be said, "Enter the gates of Hell to abide eternally therein, and wretched is the residence of the arrogant."

ئۇلارغا خارلىق ھېس قىلدۇرۇش ھەم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە دوزازختىن چىقىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرش يۈزىسىدىن: جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار ۋە جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار. ھەقىقەتكە تەكەببۇرلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى نېمىدىگەن يامان! دېيىلىدۇ.

39:73Page 466

وَسِيقَ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ إِلَى ٱلۡجَنَّةِ زُمَرًاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا وَفُتِحَتۡ أَبۡوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمۡ خَزَنَتُهَا سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡ طِبۡتُمۡ فَٱدۡخُلُوهَا خَٰلِدِينَ ٧٣

But those who feared their Lord will be driven to Paradise in groups until, when they reach it while its gates have been opened and its keepers say, "Peace be upon you; you have become pure; so enter it to abide eternally therein," [they will enter].1

پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان مۇئمىنلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى توپ - توپ بولغان ھالدا ھۆرمەتلەپ ئېلىپ ماڭىدۇ. ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ. جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: سىلەر ئەمدى ھەر قانداق زىيانلىق نەرسىدىن ۋە ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەردىن خاتىرجەم بولدۇڭلار. سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلار پاك ئىدى. شۇڭا ئەمدى جەننەتكە كىرىپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، دەيدۇ.

39:74Page 466

وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي صَدَقَنَا وَعۡدَهُۥ وَأَوۡرَثَنَا ٱلۡأَرۡضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ ٱلۡجَنَّةِ حَيۡثُ نَشَآءُۖ فَنِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ ٧٤

And they will say, "Praise to Allāh, who has fulfilled for us His promise and made us inherit the earth [so] we may settle in Paradise wherever we will. And excellent is the reward of [righteous] workers."

مۇئمىنلەر جەننەتكە كىرگەن ۋاقىتتا: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەن بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ بىزنى جەننەتكە كىرگۈزۈشنى ۋەدە قىلغان ئىدى. بىزنى جەننەتنىڭ زېمىنىغا ۋارىس قىلدى. بىز جەننەتتىن ئۆزىمىز خالىغان يەردە تۇرىمىز. پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتى نېمىدىگەن ياخشى! دەيدۇ.

39:75Page 467

وَتَرَى ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ حَآفِّينَ مِنۡ حَوۡلِ ٱلۡعَرۡشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡۚ وَقُضِيَ بَيۡنَهُم بِٱلۡحَقِّۚ وَقِيلَ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٧٥

And you will see the angels surrounding the Throne, exalting [Allāh] with praise of their Lord. And it will be judged between them in truth, and it will be said, "[All] praise to Allāh, Lord of the worlds."

ھەممە ھازىر بولغان بۇ كۈندە پەرىشتىلەر ئەرشنى قورشاپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنى كاپىرلار دېگەن نالايىق سۆزلەردىن پاكلايدۇ. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. يەنى ھۆرمەتكە لايىق بولغانلارنى ھۆرمەتلەپ، ئازابقا تېگىشلىك بولغانلارنى ئازابلايدۇ. (ئاخىرىدا) دېيىلىدۇكى، جىمى ھەمدۇسانا مۇئمىن بەندىلىرىگە رەھمىتى بىلەن، كاپىر بەندىلىرىگە ئازاب بىلەن ھۆكۈم قىلغان پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن!.

Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences

Contents

Ayat al-Kursi36Al-Kahfpage 42juz 15Bukhari 1Muslim 2999

Style

Theme
Text size
Layout

Читать на русском