Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
غافر
Ghafir
The Forgiver · Meccan · 85 ayahs
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.
40:2Page 467
تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ ٢
The revelation of the Book [i.e., the Qur’ān] is from Allāh, the Exalted in Might, the Knowing,
قۇرئان كەرىم ھەممىدىن غالىب بولغۇچى تەڭداشسىز ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن پەيغەمبىرى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغاندۇر.
40:3Page 467
غَافِرِ ٱلذَّنۢبِ وَقَابِلِ ٱلتَّوۡبِ شَدِيدِ ٱلۡعِقَابِ ذِي ٱلطَّوۡلِۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ إِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ ٣
The forgiver of sin, acceptor of repentance, severe in punishment, owner of abundance. There is no deity except Him; to Him is the destination.
ئاللاھ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلمىغانلارنى قاتتىق ئازابلىغۇچىدۇر، پەزلى - مەرھەمەت ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر، قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ قايتىدىغان جايى يالغۇز ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
40:4Page 467
مَا يُجَٰدِلُ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَلَا يَغۡرُرۡكَ تَقَلُّبُهُمۡ فِي ٱلۡبِلَٰدِ ٤
No one disputes concerning the signs of Allāh except those who disbelieve, so be not deceived by their [uninhibited] movement throughout the land.
ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستچىللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئايەتلىرى ھەققىدە پەقەت ئەقلى بۇزۇلغان كاپىرلارلا دەتالاش قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن. ئۇلارنىڭ رىزقىنىڭ كەڭ، باي - باياشات بولغانلىقى سېنى ئالداپ قويمىسۇن. چۈنكى ئۇلارغا بېرىلگەن مۆھلەت ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش پىلانىدۇر.
40:5Page 467
كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ وَٱلۡأَحۡزَابُ مِنۢ بَعۡدِهِمۡۖ وَهَمَّتۡ كُلُّ أُمَّةِۭ بِرَسُولِهِمۡ لِيَأۡخُذُوهُۖ وَجَٰدَلُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ لِيُدۡحِضُواْ بِهِ ٱلۡحَقَّ فَأَخَذۡتُهُمۡۖ فَكَيۡفَ كَانَ عِقَابِ ٥
The people of Noah denied before them and the [disbelieving] factions after them, and every nation intended [a plot] for their messenger to seize him, and they disputed by [using] falsehood to [attempt to] invalidate thereby the truth. So I seized them, and how [terrible] was My penalty.
بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، نۇھ قەۋمىدىن كېيىن مەككە كاپىرلىرىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن گۇرۇھلارمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلىشتى. مەسىلەن، ئاد، سەمۇد، لۇت قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى ۋە پىرئەۋنلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىشقان ئىدى. ھەر بىر ئۈممەت ئۆز پەيغەمبىرىنى تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇندى، ئۇلار ھەقىقەتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرى يېنىدىكى يالغان - ياۋىداقلارغا تايىنىپ دەتالاش قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈممەتلەرنىڭ ھەممىنى جازالىدىم. قېنى ئويلاپ باققىن، مېنىڭ جازايىم قانداق بوپتۇ؟ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر جازا ئىدى.
40:6Page 467
وَكَذَٰلِكَ حَقَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّهُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ ٦
And thus has the word [i.e., decree] of your Lord come into effect upon those who disbelieved that they are companions of the Fire.
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا ئاشۇ ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاكىتىگە ھۆكۈم قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارىڭنىڭ (جازالاش) ھۆكمى كاپىرلارنىڭ دوزاخ ئەھلى بولىدىغانلىقىغا قارار تاپتى.
40:7Page 467
ٱلَّذِينَ يَحۡمِلُونَ ٱلۡعَرۡشَ وَمَنۡ حَوۡلَهُۥ يُسَبِّحُونَ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡ وَيُؤۡمِنُونَ بِهِۦ وَيَسۡتَغۡفِرُونَ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْۖ رَبَّنَا وَسِعۡتَ كُلَّ شَيۡءٖ رَّحۡمَةٗ وَعِلۡمٗا فَٱغۡفِرۡ لِلَّذِينَ تَابُواْ وَٱتَّبَعُواْ سَبِيلَكَ وَقِهِمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ ٧
Those [angels] who carry the Throne and those around it exalt [Allāh] with praise of their Lord and believe in Him and ask forgiveness for those who have believed, [saying], "Our Lord, You have encompassed all things in mercy and knowledge, so forgive those who have repented and followed Your way and protect them from the punishment of Hellfire.
ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئەرشنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنى نالايىق سۈپەتلەردىن پاكلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ ھەمدە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ ئىلمىڭ ۋە رەھمىتىڭ ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىپ، سېنىڭ دىنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابى يېتىپ قېلىشتىن ساقلىغىن.
40:8Page 468
رَبَّنَا وَأَدۡخِلۡهُمۡ جَنَّٰتِ عَدۡنٍ ٱلَّتِي وَعَدتَّهُمۡ وَمَن صَلَحَ مِنۡ ءَابَآئِهِمۡ وَأَزۡوَٰجِهِمۡ وَذُرِّيَّٰتِهِمۡۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ ٨
Our Lord, and admit them to gardens of perpetual residence which You have promised them and whoever was righteous among their forefathers, their spouses and their offspring. Indeed, it is You who is the Exalted in Might, the Wise.
پەرىشتىلەر ئېيتىدۇ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مۇئمىنلەرنى ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتلەرگە كىرگۈزگىن. ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، ئاياللىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ئەمىلى ياخشى بولغانلارنىمۇ شۇلار بىلەن بىرگە كىرگۈزگىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېچكىم سېنى يېڭەلمەيدۇ. تەقدىرىڭ ۋە پىلانلىشىڭدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىسەن.
40:9Page 468
وَقِهِمُ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ وَمَن تَقِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ يَوۡمَئِذٖ فَقَدۡ رَحِمۡتَهُۥۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ ٩
And protect them from the evil consequences [of their deeds]. And he whom You protect from evil consequences that Day - You will have given him mercy. And that is the great attainment."
پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، ئۇلارنى يامان ئىشلار سەۋەبلىك ئازابقا دۇچار قىلمىغىن. سەن قىيامەت كۈنى كىمنى يامان ئەمەللىرىگە قارىتا جازالىنىشتىن ساقلاپ قالساڭ، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن. بۇ ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدىغان بۈيۈك غەلىبىدۇر.
40:10Page 468
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُنَادَوۡنَ لَمَقۡتُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُ مِن مَّقۡتِكُمۡ أَنفُسَكُمۡ إِذۡ تُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلۡإِيمَٰنِ فَتَكۡفُرُونَ ١٠
Indeed, those who disbelieve will be addressed, "The hatred of Allāh for you was [even] greater than your hatred of yourselves [this Day in Hell] when you were invited to faith, but you disbelieved [i.e., refused]."
شۈبھىسىزكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىپ، ئۆزلىرىگە غەزەپلەنگەن ۋە غەزىپىنى ئاشكارىلىغان چاغدا ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ بىر - بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىنمۇ كۈچلۈكتۇر. ئەينى چاغدا دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىلغىنىڭلاردا ئۇنىڭغا كاپىر بولۇپ، باشقا ئىلاھلارنى (مەبۇد) قىلىۋالغان ئىدىڭلار، دەپ نىدا قىلىنىدۇ.
40:11Page 468
قَالُواْ رَبَّنَآ أَمَتَّنَا ٱثۡنَتَيۡنِ وَأَحۡيَيۡتَنَا ٱثۡنَتَيۡنِ فَٱعۡتَرَفۡنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلۡ إِلَىٰ خُرُوجٖ مِّن سَبِيلٖ ١١
They will say, "Our Lord, You made us lifeless twice and gave us life twice, and we have confessed our sins. So is there to an exit any way?"
كاپىرلار ئىقرارى ۋە تەۋبىسى ئەسقاتمايدىغان چاغدا گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈردۈڭ، چۈنكى بىز ئەسلى يوق ئىدۇق، بىزنى بار قىلدىڭ، ئاندىن بىزنى ئۆلتۈردۈڭ. بىزنى يوقتىن بار قىلىش ۋە قايتا تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق ئىككى قېتىم ھاياتلىق بەردىڭ. بىز قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق. شۇڭا بىز ھاياتلىققا قايتىپ، ئەمەللىرىمىزنى ياخشىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن دوزاختىن چىقىشقا پۇرسەت بارمۇ؟ ئۇ چاغدا سەنمۇ بىزدىن رازى بولۇپ قالاتتىڭ، دەيدۇ.
40:12Page 468
ذَٰلِكُم بِأَنَّهُۥٓ إِذَا دُعِيَ ٱللَّهُ وَحۡدَهُۥ كَفَرۡتُمۡ وَإِن يُشۡرَكۡ بِهِۦ تُؤۡمِنُواْۚ فَٱلۡحُكۡمُ لِلَّهِ ٱلۡعَلِيِّ ٱلۡكَبِيرِ ١٢
[They will be told], "That is because, when Allāh was called upon alone, you disbelieved; but if others were associated with Him, you believed. So the judgement is with Allāh, the Most High, the Grand."
سىلەر دۇچار بولغان بۇ ئازاب شۇ سەۋەبتىندۇركى، يالغۇز ئاللاھقا چاقىرىق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھېچ كىمنى شېرىك قىلماسلىققا دەۋەت قىلىنغىنىڭلاردا سىلەر ئۇنىڭغا كاپىر بولۇپ، شېرىكلەرنى قىلدىڭلار. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلگىنىدە ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلار. ئەمدى ھۆكۈم يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ زاتىدا، بېكتىشىدە ۋە باشقۇرۇشىدا ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ئۇ ھەممىدىن بۈيۈك بولۇپ، ھەر نەرسە ئۇنىڭدىن تۆۋەندۇر.
40:13Page 468
هُوَ ٱلَّذِي يُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ وَيُنَزِّلُ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ رِزۡقٗاۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَن يُنِيبُ ١٣
It is He who shows you His signs and sends down to you from the sky, provision. But none will remember except he who turns back [in repentance].
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتراپى ئالەمدە ۋە ئۆزۈڭلاردا ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. سىلەر رىزىقلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، زىرائەتلەر ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ (ئۈنۈپ چىقىشىغا) سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن پەقەت سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا پەند - نەسىھەت ئالىدۇ.
40:14Page 468
فَٱدۡعُواْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ ١٤
So invoke Allāh, [being] sincere to Him in religion, although the disbelievers dislike it.
ئى مۇئمىنلەر! گەرچە كاپىرلار ياقتۇرمىغان ۋە ئۆچ كۆرگەن تەقدىردىمۇ تائەت - ئىبادەتتە ۋە دۇئادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەستىن، ئىخلاس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار.
40:15Page 468
رَفِيعُ ٱلدَّرَجَٰتِ ذُو ٱلۡعَرۡشِ يُلۡقِي ٱلرُّوحَ مِنۡ أَمۡرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوۡمَ ٱلتَّلَاقِ ١٥
[He is] the Exalted above [all] degrees, Owner of the Throne; He places the inspiration of His command [i.e., revelation] upon whom He wills of His servants to warn of the Day of Meeting.
ئاللاھ خالىس دۇئا قىلىنىشقا ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق زاتتۇر. ئۇ مەرتىۋىسى ئەڭ يۈكسەك زاتتۇركى، پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن پەرقلىقتۇر. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ بەندىلىرىنىڭ تىرىك ياشاپ، باشقىلارنىڭ (قەلبلىرىنىمۇ) تىرىلدۈرۈشى ئۈچۈن، ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ۋەھىي نازىل قىلىدۇ.
40:16Page 468
يَوۡمَ هُم بَٰرِزُونَۖ لَا يَخۡفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِنۡهُمۡ شَيۡءٞۚ لِّمَنِ ٱلۡمُلۡكُ ٱلۡيَوۡمَۖ لِلَّهِ ٱلۡوَٰحِدِ ٱلۡقَهَّارِ ١٦
The Day they come forth nothing concerning them will be concealed from Allāh. To whom belongs [all] sovereignty this Day? To Allāh, the One, the Prevailing.1
ئۇ كۈندە ئۇلار بىر تۈزلەڭلىككە توپلىنىدىغان بولۇپ، ھەممىسى ئوپئوچۇق كۆرۈنىدۇ، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى، ئەمەللىرى ۋە جازا - مۇكاپاتلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. (ئۇ كۈندە) ئاللاھ: بۈگۈن پادىشاھلىق كىمنىڭ ئىلكىدە؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ چاغدا پەقەت بىرلا جاۋاب چىقىدۇ. يەنى پادىشاھلىق زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە يەككە - يېگانە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى بويسۇندۇرغان ۋە ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئەگكەن قۇدرەتلىك زاتتۇر.
40:17Page 469
ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡۚ لَا ظُلۡمَ ٱلۡيَوۡمَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ ١٧
This Day every soul will be recompensed for what it earned. No injustice today! Indeed, Allāh is swift in account.
بۇ كۈندە ھەر كىم قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يەنى ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامان ئەمەل قىلغان بولسا جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ كۈندە قىلچە ئۇۋالچىلىق بولمايدۇ. چۈنكى ھۆكۈم قىلغۇچى ئادالەتلىك ئاللاھتۇر. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
40:18Page 469
وَأَنذِرۡهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡأٓزِفَةِ إِذِ ٱلۡقُلُوبُ لَدَى ٱلۡحَنَاجِرِ كَٰظِمِينَۚ مَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ حَمِيمٖ وَلَا شَفِيعٖ يُطَاعُ ١٨
And warn them, [O Muḥammad], of the Approaching Day, when hearts are at the throats, filled [with distress]. For the wrongdoers there will be no devoted friend and no intercessor [who is] obeyed.
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. بۇ قىيامەت تولىمۇ يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا ئۇ چوقۇم كېلىدۇ. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس. ئۇ كۈندە قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن يۈرەكلەر بوغۇزلارغا قاپلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار سۈكۈتكە چۆمىدۇ. ئۇلاردىن ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلغاندىن باشقا ھېچكىم گەپ قىلالمايدۇ. شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ نە بىر دوستى، نە بىر يېقىنى بولمايدۇ. بار دەپ پەرەز قىلىنغان تەقدىردىمۇ، گېپى ئۆتىدىغان بىرەر شاپائەتچىسى بولمايدۇ.
40:19Page 469
يَعۡلَمُ خَآئِنَةَ ٱلۡأَعۡيُنِ وَمَا تُخۡفِي ٱلصُّدُورُ ١٩
He knows that which deceives the eyes and what the breasts conceal.
ئاللاھ كۆزلەرنىڭ ئوغرىلىقچە قاراشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كۆڭۈللەردىكى سىرلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
40:20Page 469
وَٱللَّهُ يَقۡضِي بِٱلۡحَقِّۖ وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَقۡضُونَ بِشَيۡءٍۗ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ ٢٠
And Allāh judges with truth, while those they invoke1 besides Him judge not with anything. Indeed, Allāh - He is the Hearing, the Seeing.
ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ياخشىلىقلار كېمەيتىلىش، يامانلىقلار كۆپەيتىلىش ئارقىلىق ھېچكىمگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ. مۇشىركلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار ھېچنېمىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھېچ نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ۋە ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارغا شۇ نىيەت ۋە ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
40:21Page 469
۞ أَوَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ كَانُواْ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُواْ هُمۡ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗ وَءَاثَارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمۡ وَمَا كَانَ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٖ ٢١
Have they not traveled through the land and observed how was the end of those who were before them? They were greater than them in strength and in impression on the land, but Allāh seized them for their sins. And they had not from Allāh any protector.
بۇ مۇشرىكلار زېمىندا سەپەر قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان ئىدى. ئۇلار ماۋۇلاردىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ، يەر يۈزىدە ماۋۇلار قالدۇرالمىغان ئىزنالارنى قالدۇرغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلى ھالاك قىلىۋەتتى. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن توسۇپ قالىدىغان ھېچبىر كۈچ بولمىدى.
40:22Page 469
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَانَت تَّأۡتِيهِمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَكَفَرُواْ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ قَوِيّٞ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ ٢٢
That was because their messengers were coming to them with clear proofs, but they disbelieved, so Allāh seized them. Indeed, He is Powerful and severe in punishment.
ئۇلارغا كەلگەن بۇ ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى ئاللاھ تەرەپتىن روشەن دەلىللەر ۋە قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى. ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ ئاللاھ ئۇلارنى جازالاپ ھالاك قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئۆزىگە كاپىر بولغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى قاتتىق ئازابلىغۇچىدۇر.
40:23Page 469
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَٰتِنَا وَسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ ٢٣
And We did certainly send Moses with Our signs and a clear authority1
بىز مۇسانى پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا روشەن مۆجىزىلىرىمىز ۋە كەسكىن دەلىل - پاكىتلار بىلەن ئەۋەتتۇق.
40:24Page 469
إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَ وَقَٰرُونَ فَقَالُواْ سَٰحِرٞ كَذَّابٞ ٢٤
To Pharaoh, Hāmān and Qārūn, but they said, "[He is] a magician and a liar."
بىز مۇسانى پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا روشەن مۆجىزىلىرىمىز ۋە كەسكىن دەلىل - پاكىتلار بىلەن ئەۋەتتۇق. ئاندىن ئۇلار: مۇسا بىر سېھىرگەر ھەم ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان يالغانچىدۇر، دېيىشتى.
40:25Page 469
فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلۡحَقِّ مِنۡ عِندِنَا قَالُواْ ٱقۡتُلُوٓاْ أَبۡنَآءَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ وَٱسۡتَحۡيُواْ نِسَآءَهُمۡۚ وَمَا كَيۡدُ ٱلۡكَٰفِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ ٢٥
And when he brought them the truth from Us, they said, "Kill the sons of those who have believed with him and keep their women alive." But the plan of the disbelievers is not except in error.
مۇسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ راست (پەيغەمبەرلىكىنى) ئىسپاتلايدىغان دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەندە پىرئەۋن: مۇسا بىلەن بىرگە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ قاتتىق ئەلەم قىلىش ئۈچۈن ئاياللىرىنى ھايات قالدۇرۇڭلار، دېدى. مۇئمىنلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش پەرمانى بېرىش ئارقىلىق كاپىر بولغانلارنىڭ سۇيىقەستلىرى چوقۇم بەربات بولىدۇ، ئۇنىڭ قىلچە تەسىر كۈچى قالمايدۇ.
40:26Page 470
وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ ذَرُونِيٓ أَقۡتُلۡ مُوسَىٰ وَلۡيَدۡعُ رَبَّهُۥٓۖ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمۡ أَوۡ أَن يُظۡهِرَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡفَسَادَ ٢٦
And Pharaoh said, "Let me kill Moses and let him call upon his Lord. Indeed, I fear that he will change your religion or that he will cause corruption1 in the land."
پىرئەۋن ئېيتتى: ماڭا يول قويۇڭلار، مەن مۇسانى جازالاش يۈزىسىدىن ئۆلتۈرىمەن. ئۇ ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنى چاقىرىپ باقسۇن. مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنى چاقىرىشىغا پەرۋا قىلمايمەن. مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى يەر يۈزىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە خانىۋەيرانچىلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
40:27Page 470
وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِنِّي عُذۡتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٖ لَّا يُؤۡمِنُ بِيَوۡمِ ٱلۡحِسَابِ ٢٧
But Moses said, "Indeed, I have sought refuge in my Lord and your Lord from every arrogant one who does not believe in the Day of Account."
مۇسا پىرئەۋننىڭ تەھدىت سالغانلىقىنى ئۇقۇپ: ھەقىقەتەن مەن ھەقتىن ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ۋە ئۇ كۈندىكى ھېساب ھەم جازا - مۇكاپاتلارغا ئىشەنمەيدىغان ھەر قانداق چوڭچىدىن ئۆزۈمنىڭ ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارغا سىغىنىپ، پاناھلىق تىلەيمەن.
40:28Page 470
وَقَالَ رَجُلٞ مُّؤۡمِنٞ مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَكۡتُمُ إِيمَٰنَهُۥٓ أَتَقۡتُلُونَ رَجُلًا أَن يَقُولَ رَبِّيَ ٱللَّهُ وَقَدۡ جَآءَكُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ مِن رَّبِّكُمۡۖ وَإِن يَكُ كَٰذِبٗا فَعَلَيۡهِ كَذِبُهُۥۖ وَإِن يَكُ صَادِقٗا يُصِبۡكُم بَعۡضُ ٱلَّذِي يَعِدُكُمۡۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَنۡ هُوَ مُسۡرِفٞ كَذَّابٞ ٢٨
And a believing man from the family of Pharaoh who concealed his faith said, "Do you kill a man [merely] because he says, 'My Lord is Allāh' while he has brought you clear proofs from your Lord? And if he should be lying, then upon him is [the consequence of] his lie; but if he should be truthful, there will strike you some of what he promises you. Indeed, Allāh does not guide one who is a transgressor and a liar.
پىرئەۋن خانىدانىغا تەۋە، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئەمما ئۆز قەۋمىدىن ئىمانىنى يوشۇرىدىغان مۇئمىن بىر كىشى ئېيتتى: رەببىم ئاللاھ، دېيىشتىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان ئادەمنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلدى. ناۋادا ئۇ يالغانچى بوپقالسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ئەگەر راست ئېيتقان بولسا، سىلەرگە ئۇ ۋەدە قىلىۋاتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى تېزلا كېلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەلگىلىمىلىرىدىن ئېشىپ، ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە يالغاننى توقۇغانلارنى ھەقكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
40:29Page 470
يَٰقَوۡمِ لَكُمُ ٱلۡمُلۡكُ ٱلۡيَوۡمَ ظَٰهِرِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِنۢ بَأۡسِ ٱللَّهِ إِن جَآءَنَاۚ قَالَ فِرۡعَوۡنُ مَآ أُرِيكُمۡ إِلَّا مَآ أَرَىٰ وَمَآ أَهۡدِيكُمۡ إِلَّا سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ ٢٩
O my people, sovereignty is yours today, [your being] dominant in the land. But who would protect us from the punishment of Allāh if it came to us?" Pharaoh said, "I do not show you except what I see, and I do not guide you except to the way of right conduct."
ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولغاچقا مىسىر زېمىنىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە سىلەر. ناۋادا مۇسانى ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبتىن بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ قالسا، بىزگە كىم ياردەم بېرەلەيدۇ؟ پىرئەۋن: (بارچە ئىشلار) پەقەت مېنىڭ قارارىم ۋە ھۆكمىم بويىچە بولىدۇ. مەن يامانلىق ھەم بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇسانى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغىلا باشلايمەن، دېدى.
40:30Page 470
وَقَالَ ٱلَّذِيٓ ءَامَنَ يَٰقَوۡمِ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُم مِّثۡلَ يَوۡمِ ٱلۡأَحۡزَابِ ٣٠
And he who believed said, "O my people, indeed I fear for you [a fate] like the day of the companies1 -
مۇئمىن كىشى قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ: ( ناۋادا مۇسانى چەكتىن ئېشىپ، ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولساڭلار) مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە شۇنداق بىر ئازابنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەنكى، بۇ ئازاب ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدىن پەيغەمبەرلىرىگە قارشى توپلانغان، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشىغا ئۇچرىغان گۇرۇھلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشايدۇ.
40:31Page 470
مِثۡلَ دَأۡبِ قَوۡمِ نُوحٖ وَعَادٖ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡۚ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلۡمٗا لِّلۡعِبَادِ ٣١
Like the custom of the people of Noah and of ʿAad and Thamūd and those after them. And Allāh wants no injustice for [His] servants.
(بۇنداق ھالاكەتكە ئۇچراش) نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋمى ھەمدە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرگە ئوخشاش كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىمۇ كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلغان ئىدى. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ. پەقەتلا ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇكى، (بۇ ئازاب ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا) لايىق جازادۇر.
40:32Page 470
وَيَٰقَوۡمِ إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ يَوۡمَ ٱلتَّنَادِ ٣٢
And O my people, indeed I fear for you the Day of Calling1 -
ئى قەۋمىم! ھەقىقەتەن مەن سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇ شۇنداق بىر كۈنكى، ئۇ كۈندە كىشىلەر ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ياكى يۈز - ئابرۇي مۇشۇ قورقۇنچلۇق مەيداندا ئەسقېتىپ قالارمىكى دەپ ئويلاپ بىر - بىرىنى چاقىرىشىدۇ.
40:33Page 470
يَوۡمَ تُوَلُّونَ مُدۡبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنۡ عَاصِمٖۗ وَمَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنۡ هَادٖ ٣٣
The Day you will turn your backs fleeing; there is not for you from Allāh any protector. And whoever Allāh sends astray - there is not for him any guide.
ئۇ كۈندە سىلەر دوزاختىن قورقۇپ ئارقاڭلارغا قاچىسىلەر؟ ئەمما سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالايدىغان ھېچ نەرسە يوق. ئاللاھ كىمنى خار قىلىپ، ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلمايدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. چۈنكى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
40:34Page 471
وَلَقَدۡ جَآءَكُمۡ يُوسُفُ مِن قَبۡلُ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَمَا زِلۡتُمۡ فِي شَكّٖ مِّمَّا جَآءَكُم بِهِۦۖ حَتَّىٰٓ إِذَا هَلَكَ قُلۡتُمۡ لَن يَبۡعَثَ ٱللَّهُ مِنۢ بَعۡدِهِۦ رَسُولٗاۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَنۡ هُوَ مُسۡرِفٞ مُّرۡتَابٌ ٣٤
And Joseph had already come to you before with clear proofs, but you remained in doubt of that which he brought to you, until when he died, you said, 'Never will Allāh send a messenger after him.' Thus does Allāh leave astray he who is a transgressor and skeptic."
شەكسىزكى سىلەرگە مۇسادىن ئىلگىرى يۇسۇفمۇ ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما سىلەر داۋاملىق ئۇ ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن شەكتە بولۇپ، ئىنكار قىلىپ كەلدىڭلار. ھەتتا ئۇ ۋاپات بولغاندا تېخىمۇ شەكلىنىپ، گۇمانىڭلار تېخىمۇ كۈچىيىپ: ئاللاھ ئەمدى ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ، دېدىڭلار. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، يەككە - يېگانىلىكىدە شەك قىلغان ھەر كىمنى خۇددى سىلەرنىڭ ھەقتىن ئېزىپ كەتكىنىڭلاردەك ئازدۇرىدۇ.
40:35Page 471
ٱلَّذِينَ يُجَٰدِلُونَ فِيٓ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ سُلۡطَٰنٍ أَتَىٰهُمۡۖ كَبُرَ مَقۡتًا عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ كَذَٰلِكَ يَطۡبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلۡبِ مُتَكَبِّرٖ جَبَّارٖ ٣٥
Those who dispute concerning the signs of Allāh without an authority1 having come to them - great is hatred [of them] in the sight of Allāh and in the sight of those who have believed. Thus does Allāh seal over every heart [belonging to] an arrogant tyrant.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاساسسىزغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە كەلگەن بىرەر دەلىل - پاكىتسىز دەتالاش قىلىدىغانلارنىڭ دەتالاشلىرى ئاللاھنىڭ ھەمدە ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئېغىر يامان كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا خۇددى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان بۇ ئادەملەرنىڭ قەلبلىرىنى مۆھۈرلىۋەتكىنىگە ئوخشاش، ھەقىقەتتىن باش تارتقان، تەكەببۇرلۇق قىلغان ھەر كىمنىڭ قەلبىنى مۆھۈرلىۋېتىدۇ - دە، ئۇ نە توغرىنى تاپالمايدۇ، نە ياخشىلىق تەرەپكە ماڭالمايدۇ.
40:36Page 471
وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ يَٰهَٰمَٰنُ ٱبۡنِ لِي صَرۡحٗا لَّعَلِّيٓ أَبۡلُغُ ٱلۡأَسۡبَٰبَ ٣٦
And Pharaoh said, "O Hāmān, construct for me a tower that I might reach the ways1 -
پىرئەۋن ۋەزىرى ھامانغا ئېيتتى: ئەي ھامان! ماڭا ئېگىز بىر بىنا سالغىنكى، بەلكىم مەن (ئاسمانغا بارىدىغان) يوللارنى تېپىۋالارمەن.
40:37Page 471
أَسۡبَٰبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰٓ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُۥ كَٰذِبٗاۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرۡعَوۡنَ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَصُدَّ عَنِ ٱلسَّبِيلِۚ وَمَا كَيۡدُ فِرۡعَوۡنَ إِلَّا فِي تَبَابٖ ٣٧
The ways into the heavens - so that I may look at the deity of Moses; but indeed, I think he is a liar." And thus was made attractive to Pharaoh the evil of his deed, and he was averted from the [right] way. And the plan of Pharaoh was not except in ruin.
ئاسمانلارغا يەتكۈزىدىغان يوللارنى تېپىۋالسام، مۇسانىڭ ھەقىقىي مەبۇد دەۋالغان مەبۇدىغا قاراپ باقارمەن. شەكسىزكى مەن مۇسانى ئۆز دەۋاسىدا چوقۇم يالغانچى، دەپ قارايمەن. پىرئەۋننىڭ ناچار قىلمىشى ئۇنىڭغا ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇ ئەينى چاغدا ھاماندىن (ئورۇنسىز بىر) ئىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ھەق يولىدىن ئازغۇنلۇق يولىغا بۇرۇۋېتىلدى. پىرئەۋن ئۆزىنىڭ ئاساسسىز سەپسەتىلىرىنى بازارغا سېلىپ، مۇسا ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئاساسسىزغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھىيلە - مىكرى پەقەت قۇرۇق ئاۋارىچىلىقتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىش ۋە تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىش ھەمدە قەتئىي ئاخىرلاشمايدىغان بەدبەختلىكتۇر.
40:38Page 471
وَقَالَ ٱلَّذِيٓ ءَامَنَ يَٰقَوۡمِ ٱتَّبِعُونِ أَهۡدِكُمۡ سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ ٣٨
And he who believed said, "O my people, follow me; I will guide you to the way of right conduct.
پىرئەۋىن خانىدانىدىن ئىمان ئېيتقان ھېلىقى كىشى قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ ھەم ئۇلارغا ھەق يولنى كۆرسىتىپ ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار. مەن سىلەرنى باشلاپ ماڭىمەن ھەمدە توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ھەقىقەتكە يېتەكلەيمەن.
40:39Page 471
يَٰقَوۡمِ إِنَّمَا هَٰذِهِ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا مَتَٰعٞ وَإِنَّ ٱلۡأٓخِرَةَ هِيَ دَارُ ٱلۡقَرَارِ ٣٩
O my people, this worldly life is only [temporary] enjoyment, and indeed, the Hereafter - that is the home of [permanent] settlement.
ئەي قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئۈزۈلۈپ قالىدىغان نازۇنېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشتۇر. شۇڭا سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ ئۆتكۈنچى نازۇنېئمەتلىرى ئالداپ قويمىسۇن. ئاخىرەت بولسا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، مەڭگۈلۈك نېئمەتلەرنىڭ جايىدۇركى، ھەقىقىي تۇرىدىغان جاي شۇدۇر. شۇڭا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق شۇ جاي ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە بېرىلىپ ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.
40:40Page 471
مَنۡ عَمِلَ سَيِّئَةٗ فَلَا يُجۡزَىٰٓ إِلَّا مِثۡلَهَاۖ وَمَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا مِّن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ يُرۡزَقُونَ فِيهَا بِغَيۡرِ حِسَابٖ ٤٠
Whoever does an evil deed will not be recompensed except by the like thereof; but whoever does righteousness, whether male or female, while he is a believer - those will enter Paradise, being given provision therein without account.
كىمكى بىرەر يامان ئىش قىلىدىكەن، چوقۇم قىلغىنىغا تۇشلۇق جازالىنىدۇ، ئۇنىڭغا جازا كۆپەيتىلمەيدۇ. مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ھالدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، ئاشۇنداق گۈزەل سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتتە ساقلاپ قويغان، مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ھېسابسىز مېۋە - چېۋىلەر ۋە نېئمەتلەر بىلەن رىزىقلاندۇرىدۇ.
40:41Page 472
۞ وَيَٰقَوۡمِ مَا لِيٓ أَدۡعُوكُمۡ إِلَى ٱلنَّجَوٰةِ وَتَدۡعُونَنِيٓ إِلَى ٱلنَّارِ ٤١
And O my people, how is it that I invite you to salvation while you invite me to the Fire?
ئەي قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ھەم ياخشى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى زىيانكارلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتسام، سىلەر مېنى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا ھەم ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىپ دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەرغۇ!
40:42Page 472
تَدۡعُونَنِي لِأَكۡفُرَ بِٱللَّهِ وَأُشۡرِكَ بِهِۦ مَا لَيۡسَ لِي بِهِۦ عِلۡمٞ وَأَنَا۠ أَدۡعُوكُمۡ إِلَى ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡغَفَّٰرِ ٤٢
You invite me to disbelieve in Allāh and associate with Him that of which I have no knowledge, and I invite you to the Exalted in Might, the Perpetual Forgiver.1
سىلەر مىنى ئاللاھقا كاپىر قىلىش ۋە ئاللاھقا قوشۇپ چوقۇنۇشنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىم يوق نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىغا چاقىرىۋاتىسىلەر. ھالبۇكى مەن سىلەرنى ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، غالىب، بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىمەن.
40:43Page 472
لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدۡعُونَنِيٓ إِلَيۡهِ لَيۡسَ لَهُۥ دَعۡوَةٞ فِي ٱلدُّنۡيَا وَلَا فِي ٱلۡأٓخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَآ إِلَى ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ هُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ ٤٣
Assuredly, that to which you invite me has no [response to a] supplication in this world or in the Hereafter; and indeed, our return is to Allāh, and indeed, the transgressors will be companions of the Fire.
ئەمەلىيەتتە سىلەر مېنى ئىمان ئېيتىشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ دۇئا قىلىنىشقا لاياقىتى يوق. چۈنكى ئۇ دۇئا قىلغانلارغا ئىجابەت قىلالمايدۇ. شەكسىزكى بىز ھەممىمىز يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىمىز. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردە ھەددىدىن ئاشقانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىشى كەسكىن بولغانلاردۇر.
40:44Page 472
فَسَتَذۡكُرُونَ مَآ أَقُولُ لَكُمۡۚ وَأُفَوِّضُ أَمۡرِيٓ إِلَى ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرُۢ بِٱلۡعِبَادِ ٤٤
And you will remember what I [now] say to you, and I entrust my affair to Allāh. Indeed, Allāh is Seeing of [His] servants."
ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ نەسىھىتىگە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى: ئۇزۇنغا قالماي قىلغان نەسىھەتلىرىمنى ئەسلەپ، ئۇنى قوبۇل قىلمىغانلىقىڭلارغا ھەسرەت چېكىسىلەر. مەن پۈتۈن ئىشىلىرىمنى يالغۇز ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. شەكسىزكى ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
40:45Page 472
فَوَقَىٰهُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِ مَا مَكَرُواْۖ وَحَاقَ بِـَٔالِ فِرۡعَوۡنَ سُوٓءُ ٱلۡعَذَابِ ٤٥
So Allāh protected him from the evils they plotted, and the people of Pharaoh were enveloped by the worst of punishment -
پىرئەۋن جامائەسى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن ساقلاپ قالدى. پىرئەۋن تەۋەلىكى سۇغا غەرق بولدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا غەرق قىلىۋەتتى.
40:46Page 472
ٱلنَّارُ يُعۡرَضُونَ عَلَيۡهَا غُدُوّٗا وَعَشِيّٗاۚ وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ أَدۡخِلُوٓاْ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ أَشَدَّ ٱلۡعَذَابِ ٤٦
The Fire; they are exposed to it morning and evening.1 And the Day the Hour appears [it will be said], "Make the people of Pharaoh enter the severest punishment."
ئۇلار ئۆلگىنىدىن كېيىن قەبرىلىرىدە ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا: ئەي پىرئەۋننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى! دۇنيادا كاپىر بولۇپ، ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرىڭلار، دېيىلىدۇ.
40:47Page 472
وَإِذۡ يَتَحَآجُّونَ فِي ٱلنَّارِ فَيَقُولُ ٱلضُّعَفَٰٓؤُاْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُنَّا لَكُمۡ تَبَعٗا فَهَلۡ أَنتُم مُّغۡنُونَ عَنَّا نَصِيبٗا مِّنَ ٱلنَّارِ ٤٧
And [mention] when they will argue within the Fire, and the weak will say to those who had been arrogant, "Indeed, we were [only] your followers, so will you relieve us of a share of the Fire?"
ئى پەيغەمبەر! (ئىنسانلارغا) سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۇ چاغدا دوزاخ ئەھلىدىن ئەگەشكۈچىلەر بىلەن ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئۆزئارا دەتالاش قىلىشىپ، بوزەك قىلىنغان ئەگەشكۈچىلەر تەكەببۇر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: شۈبھىسىزكى، بىز دۇنيادا سىلەرگە ئازغۇنلۇقتا ئەگەشكۈچىلەر ئىدۇق، ئەمدى سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق بولسىمۇ ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟ دەيدۇ.
40:48Page 472
قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُوٓاْ إِنَّا كُلّٞ فِيهَآ إِنَّ ٱللَّهَ قَدۡ حَكَمَ بَيۡنَ ٱلۡعِبَادِ ٤٨
Those who had been arrogant will say, "Indeed, all [of us] are in it. Indeed, Allāh has judged between the servants."
ھاكاۋۇر ئەگەشتۈرگۈچىلەر: بىز (مەيلى ئەگەشكۈچى بولايلى ياكى ئەگەشتۈرگۈچى بولايلى) شەكسىز دوزاخقا كىرىمىز. بىزدىن ھېچكىم ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ئازراقمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالالمايدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كىمگە تېگىشلىك جازاسىنى بەردى، دەيدۇ.
40:49Page 472
وَقَالَ ٱلَّذِينَ فِي ٱلنَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ٱدۡعُواْ رَبَّكُمۡ يُخَفِّفۡ عَنَّا يَوۡمٗا مِّنَ ٱلۡعَذَابِ ٤٩
And those in the Fire will say to the keepers of Hell, "Supplicate your Lord to lighten for us a day from the punishment."
ئەگەشكۈچى ۋە ئەگەشتۈرگۈچىلەردىن دوزاختا ئازابقا مەھكۇم بولغانلار دوزاختىن چىقىپ، تەۋبە قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھاياتىي دۇنياغا قايتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن چاغدا دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلساڭلار، بىزدىن بۇ داۋاملىق ئازابتىن بىرەر كۈنلۈك ئازابنى بولسىمۇ يېنىكلەتكەن بولسا، دەيدۇ.
40:50Page 473
قَالُوٓاْ أَوَلَمۡ تَكُ تَأۡتِيكُمۡ رُسُلُكُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ قَالُواْ بَلَىٰۚ قَالُواْ فَٱدۡعُواْۗ وَمَا دُعَٰٓؤُاْ ٱلۡكَٰفِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَٰلٍ ٥٠
They will say, "Did there not come to you your messengers with clear proofs?" They will say, "Yes." They will reply, "Then supplicate [yourselves], but the supplication of the disbelievers is not except in error [i.e., futility]."
دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشىتلەر كاپىرلارغا جاۋابەن: سىلەرگە پەيغەمبەرلىرىڭلار روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟ دەيدۇ. كاپىرلار: ئەلۋەتتە، ئۇلار بىزگە روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ: ئۆزۈڭلار دۇئا قىلىڭلار. بىز كاپىرلار ئۈچۈن ئارىغا چۈشۈپ ئولتۇرمايمىز، دەيدۇ. ئەمما كاپىرلارنىڭ دۇئاسى ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قىلغان دۇئالىرى پۈتۈنلەي بىكارغا كېتىدۇ.
40:51Page 473
إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَيَوۡمَ يَقُومُ ٱلۡأَشۡهَٰدُ ٥١
Indeed, We will support Our messengers and those who believe during the life of this world and on the Day when the witnesses will stand -
شەك - شۈبھىسىزكى بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنىڭ دەلىل- پاكىتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ، دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا نۇسرەت ئاتا قىلىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شۇنداقلا ھاياتىي دۇنيادا ئۇلارغا قارشى سەپتە بولغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ جازالاش ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىمىز. (بۇ ئىشلار) پەيغەمبەرلەر، پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلەر (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى) يەتكۈزگەنلىكى، ئەمما ئۈممەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشىدۇ.
40:52Page 473
يَوۡمَ لَا يَنفَعُ ٱلظَّٰلِمِينَ مَعۡذِرَتُهُمۡۖ وَلَهُمُ ٱللَّعۡنَةُ وَلَهُمۡ سُوٓءُ ٱلدَّارِ ٥٢
The Day their excuse will not benefit the wrongdoers, and they will have the curse, and they will have the worst home [i.e., Hell].
ئۇ كۈندە كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى زۇلۇمدىن ئاقلاشلىرى قىلچە ئەسقاتمايدۇ. ئۇ كۈندە ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences