Al-MukhtasarAl‑Ma'idah · 5:115–120

Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur

Al-Ma'idah 5:115–120

5:115Page 127

قَالَ ٱللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيۡكُمۡۖ فَمَن يَكۡفُرۡ بَعۡدُ مِنكُمۡ فَإِنِّيٓ أُعَذِّبُهُۥ عَذَابٗا لَّآ أُعَذِّبُهُۥٓ أَحَدٗا مِّنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ ١١٥

Allāh said, "Indeed, I will send it down to you, but whoever disbelieves afterwards from among you - then indeed will I punish him with a punishment by which I have not punished anyone among the worlds."

ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن سىلەر چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان داستىخاننى چوقۇم چۈشۈرۈپ بېرىمەن. كىمكى داستىخان چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن كاپىر بولىدىكەن، پەقەت ئۆزىگىلا مالامەت قىلسۇن، ئۇنى شۇنداق قاتتىق ئازابلايمەنكى، ھېچ كىمنى ئۇنداق ئازابلىمايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ روشەن مۆجىزىنىڭ شاھىدى بولۇپ تۇرۇپمۇ كاپىر بولغانلىقى قارشىلىشىش كۇپرىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسىنى روياپقا چىقىرىپ، داستىخاننى چۈشۈرۈپ بەردى.

5:116Page 127

وَإِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ءَأَنتَ قُلۡتَ لِلنَّاسِ ٱتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيۡنِ مِن دُونِ ٱللَّهِۖ قَالَ سُبۡحَٰنَكَ مَا يَكُونُ لِيٓ أَنۡ أَقُولَ مَا لَيۡسَ لِي بِحَقٍّۚ إِن كُنتُ قُلۡتُهُۥ فَقَدۡ عَلِمۡتَهُۥۚ تَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِي وَلَآ أَعۡلَمُ مَا فِي نَفۡسِكَۚ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ ١١٦

And [beware the Day] when Allāh will say, "O Jesus, Son of Mary, did you say to the people, 'Take me and my mother as deities besides Allāh?'" He will say, "Exalted are You! It was not for me to say that to which I have no right. If I had said it, You would have known it. You know what is within myself, and I do not know what is within Yourself. Indeed, it is You who is Knower of the unseen.

قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدىغان ۋاقىتنى ئەسلىگىن: ئەي مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە: ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانام ئىككىمىزنى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار دېگەنمىدىڭ؟ ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەرھال ئاللاھ تائالانى نالايىق سۈپەتلەردىن پاكلاپ: مېنىڭ ئۇلارغا ھەق سۆزدىن باشقىنى دېيىشىم مۇمكىن ئەمەس، مەن ئۇنداق سۆزنى دېگەن تەقدىردە سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. چۈنكى ساڭا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. سەن ھەتتا كۆڭلۈمدە يوشۇرغان سىرلارنىمۇ بىلىپ تۇرىسەن، ئەمما مەن سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكىنى بىلمەيمەن. شەكسىزكى پەقەت سەنلا ھەر قانداق غەيىبنى، ھەر قانچە مەخپىينى ۋە ھەر قانداق ئاشكارىنى بىلىپ تۇرىدىغان زات سەن.

5:117Page 127

مَا قُلۡتُ لَهُمۡ إِلَّا مَآ أَمَرۡتَنِي بِهِۦٓ أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۚ وَكُنتُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا مَّا دُمۡتُ فِيهِمۡۖ فَلَمَّا تَوَفَّيۡتَنِي كُنتَ أَنتَ ٱلرَّقِيبَ عَلَيۡهِمۡۚ وَأَنتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ ١١٧

I said not to them except what You commanded me - to worship Allāh, my Lord and your Lord. And I was a witness over them as long as I was among them; but when You took me up, You were the Observer over them, and You are, over all things, Witness.

ئىيسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا: مەن كىشىلەرگە پەقەت سەن مېنى دېيىشكە بۇيرۇغان سۆزنىلا دېدىم، يەنى ئۇلارنى يالغۇز ساڭىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدۇم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، سەن مېنى تىرىك پېتىم ئاسمانغا ئېچىقىپ كېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇش مۇددىتىمنى ئاخىرلاشتۇرغىنىڭدا، ئەي رەببىم! سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە كۆزەتچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىگە ھازىر بولغۇچىسەن، سەندىن ھېچ نەرسە يوشۇرۇن قالمايدۇ. دېمەك؛ مېنىڭ ئۇلارغا دېگەنلىرىممۇ ۋە مەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىمۇ ساڭا مەخپىي قالمايدۇ.

5:118Page 127

إِن تُعَذِّبۡهُمۡ فَإِنَّهُمۡ عِبَادُكَۖ وَإِن تَغۡفِرۡ لَهُمۡ فَإِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ ١١٨

If You should punish them - indeed they are Your servants; but if You forgive them - indeed it is You who is the Exalted in Might, the Wise."

ئەي پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ھەقىقەتەن ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ، ئۇلارغا خالىغىنىڭنى قىلالايسەن. ئەگەر ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارغا مەغپىرەت قىلىش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلساڭ، سېنى بۇنىڭدىنمۇ توسۇپ قالغۇچى يوق. سەن ھېچقاچان يېڭىلمەيدىغان مۇتلەق غالىب زاتتۇرسەن، پىلانلىرىڭدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى سەن.

5:119Page 127

قَالَ ٱللَّهُ هَٰذَا يَوۡمُ يَنفَعُ ٱلصَّٰدِقِينَ صِدۡقُهُمۡۚ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ ١١٩

Allāh will say, "This is the Day when the truthful will benefit from their truthfulness." For them are gardens [in Paradise] beneath which rivers flow, wherein they will abide forever, Allāh being pleased with them, and they with Him. That is the great attainment.

ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: بۈگۈن نىيەتلىرى ساپ، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرى سەمىمىي بولغانلارنىڭ سەمىمىيىتى ئەسقاتىدىغان بىر كۈندۇر. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتلەر باركى، ئۇ جەننەتلەرنىڭ سارايلىرى ۋە دەل-دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلارغا ئۆلۈم كەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى، ئەمدى ئۇلارغا قەتئىي غەزەبلەنمەيدۇ. ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئېرىشكەن ئۈزۈلمەس نازۇنېئمەتلەر ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن مەمنۇن بولدى. بۇ مۇكاپات ۋە مەمنۇنىيەت كاتتا غەلىبىدۇركى، ھېچقانداق غەلىبە بۇنىڭغا تەڭ كەلمەيدۇ.

5:120Page 127

لِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا فِيهِنَّۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرُۢ ١٢٠

To Allāh belongs the dominion of the heavens and the earth and whatever is within them. And He is over all things competent.

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز بىر ئاللاھقىلا خاستۇر، چۈنكى ئاللاھ ئۇ ئىككىسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر. ئاسمان-زېمىندىكى جىمى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىمۇ ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە تاقابىل تۇرالمايدۇ.

Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences

Contents

Ayat al-Kursi36Al-Kahfpage 42juz 15Bukhari 1Muslim 2999

Style

Theme
Text size
Layout

Читать на русском