Al-MukhtasarNuh · 71:1–28

Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur

نوح

Nuh

Noah · Meccan · 28 ayahs

71:1Page 570

إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦٓ أَنۡ أَنذِرۡ قَوۡمَكَ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ ١

Indeed, We sent Noah to his people, [saying], "Warn your people before there comes to them a painful punishment."

بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دەرتلىك ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈن ئەۋەتتۇق.

71:2Page 570

قَالَ يَٰقَوۡمِ إِنِّي لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٌ ٢

He said, "O my people, indeed I am to you a clear warner -

نۇھ قەۋمىگە ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى شۇنداق بىر ئازابتىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەنكى ئەگەر تەۋبە قىلمىساڭلار ئۇ ئازاب سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.

71:3Page 570

أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ ٣

To worship Allāh, fear Him and obey me.

مېنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ دەيدىغىنىم شۇكى، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مەن سىلەرنى بۇيرۇغان ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

71:4Page 570

يَغۡفِرۡ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُؤَخِّرۡكُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ إِذَا جَآءَ لَا يُؤَخَّرُۚ لَوۡ كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٤

He [i.e., Allāh] will forgive you of your sins and delay you for a specified term. Indeed, the time [set by] Allāh, when it comes, will not be delayed, if you only knew."

ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەندىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭلارنى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۇزارتىدۇ. سىلەر بۇ دۇنيادا تۇرغان مۇددەتچە يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىسىلەر. ھەقىقەتەن ئۆلۈم كەلگەن چاغدا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. كاشكى سىلەر بۇنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە شېرىك ھەم ئازغۇنلۇقتىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار.

71:5Page 570

قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوۡتُ قَوۡمِي لَيۡلٗا وَنَهَارٗا ٥

He said, "My Lord, indeed I invited my people [to truth] night and day.

نۇھ ئېيتتى: ئەي رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى ساڭا قۇلچىلىق قىلىشقا ۋە سېنى بىر دەپ بىلىشكە كېچە - كۈندۈز ئىزچىل دەۋەت قىلدىم.

71:6Page 570

فَلَمۡ يَزِدۡهُمۡ دُعَآءِيٓ إِلَّا فِرَارٗا ٦

But my invitation increased them not except in flight [i.e., aversion].

مېنىڭ ئۇلارغا قىلغان دەۋىتىم پەقەت ئۇلارنى مەن چاقىرغان نەرسىدىن نەپرەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.

71:7Page 570

وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوۡتُهُمۡ لِتَغۡفِرَ لَهُمۡ جَعَلُوٓاْ أَصَٰبِعَهُمۡ فِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَٱسۡتَغۡشَوۡاْ ثِيَابَهُمۡ وَأَصَرُّواْ وَٱسۡتَكۡبَرُواْ ٱسۡتِكۡبَارٗا ٧

And indeed, every time I invited them that You may forgive them, they put their fingers in their ears, covered themselves with their garments,1 persisted, and were arrogant with [great] arrogance.

مەن قاچانكى ئۇلارنى يالغۇز ساڭا قۇلچىلىق قىلىش، ساڭا ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭگە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشقا دەۋەت قىلسام، ئۇلار مېنىڭ دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن باشلىرىنى كىيىملىرى بىلەن چۈمكىۋېلىشتى. ئۇلار شېرىك ئۈستىدە ئىزچىل تۇردى ھەمدە مەن ئۇلارنى چاقىرغان دىننى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى.

71:8Page 570

ثُمَّ إِنِّي دَعَوۡتُهُمۡ جِهَارٗا ٨

Then I invited them publicly.

ئى پەرۋەردىگارىم! ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم.

71:9Page 570

ثُمَّ إِنِّيٓ أَعۡلَنتُ لَهُمۡ وَأَسۡرَرۡتُ لَهُمۡ إِسۡرَارٗا ٩

Then I announced to them and [also] confided to them secretly

ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم. ئۇلارنى دەۋەت قىلىشتا تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللاندىم.

71:10Page 570

فَقُلۡتُ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ إِنَّهُۥ كَانَ غَفَّارٗا ١٠

And said, 'Ask forgiveness of your Lord. Indeed, He is ever a Perpetual Forgiver.

ئۇلارغا: ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن ئۆزىگە تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دېدىم.

71:11Page 571

يُرۡسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيۡكُم مِّدۡرَارٗا ١١

He will send [rain from] the sky upon you in [continuing] showers

ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئېھتىياجلىق بولغىنىڭلاردا ئارقىمۇ-ئارقا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرگە قەھەتچىلىك يەتمەيدۇ.

71:12Page 571

وَيُمۡدِدۡكُم بِأَمۡوَٰلٖ وَبَنِينَ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ جَنَّٰتٖ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ أَنۡهَٰرٗا ١٢

And give you increase in wealth and children and provide for you gardens and provide for you rivers.

ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلارنى ئاتا قىلىدۇ. سىلەرگە باغ - بوستانلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرىدىن يەيسىلەر. ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىسىلەر، زىرائەتلىرىڭلارنى ۋە مال - چارۋىلىرىڭلارنى سۇغىرىسىلەر.

71:13Page 571

مَّا لَكُمۡ لَا تَرۡجُونَ لِلَّهِ وَقَارٗا ١٣

What is [the matter] with you that you do not attribute to Allāh [due] grandeur

ئەي قەۋمىم! سىلەرگە نېمە بولدى؟ ئاللاھقا پەرۋاسىزلارچە ئاسىيلىق قىلغان ۋاقتىڭلاردا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمەنمەمسىلەر؟

71:14Page 571

وَقَدۡ خَلَقَكُمۡ أَطۡوَارًا ١٤

While He has created you in stages?1

ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى ئىسپىرمىلىق ھالىتى، ئۇيۇل قان ھالىتى، بىر چاينام گۆش ھالىتى قاتارلىق باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى.

71:15Page 571

أَلَمۡ تَرَوۡاْ كَيۡفَ خَلَقَ ٱللَّهُ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ طِبَاقٗا ١٥

Do you not consider how Allāh has created seven heavens in layers1

سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ يەتتە قات ئاسماننى بىر - بىرىنىڭ ئۈستىدە قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟

71:16Page 571

وَجَعَلَ ٱلۡقَمَرَ فِيهِنَّ نُورٗا وَجَعَلَ ٱلشَّمۡسَ سِرَاجٗا ١٦

And made the moon therein a [reflected] light and made the sun a burning lamp?

ئاللاھ ئاينى دۇنيا ئاسمىنىدا زېمىن ئەھلى ئۈچۈن نۇر قىلدى، قۇياشنى نۇر چاچىدىغان چىراق قىلدى.

71:17Page 571

وَٱللَّهُ أَنۢبَتَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ نَبَاتٗا ١٧

And Allāh has caused you to grow from the earth a [progressive] growth.

ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى. ئاندىن سىلەر شۇ تۇپراق سىلەرگە ئۆستۈرۈپ بەرگەن نېئمەتلەردىن غىزالىنىۋاتىسىلەر.

71:18Page 571

ثُمَّ يُعِيدُكُمۡ فِيهَا وَيُخۡرِجُكُمۡ إِخۡرَاجٗا ١٨

Then He will return you into it and extract you [another] extraction.

ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن يەنە شۇ تۇپراققا قايتۇرىدۇ، ئاندىن يەنە شۇ تۇپراقتىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن چىقىرىدۇ.

71:19Page 571

وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ بِسَاطٗا ١٩

And Allāh has made for you the earth an expanse

يەرلىشىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى.

71:20Page 571

لِّتَسۡلُكُواْ مِنۡهَا سُبُلٗا فِجَاجٗا ٢٠

That you may follow therein roads of passage.'"

ھالال كەسىپ قىلىشقا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا كەڭرى يوللارنى قىلدى.

71:21Page 571

قَالَ نُوحٞ رَّبِّ إِنَّهُمۡ عَصَوۡنِي وَٱتَّبَعُواْ مَن لَّمۡ يَزِدۡهُ مَالُهُۥ وَوَلَدُهُۥٓ إِلَّا خَسَارٗا ٢١

Noah said, "My Lord, indeed they have disobeyed me and followed him whose wealth and children will not increase him except in loss.

نۇھ ئېيتتى: ئەي رەببىم! ھەقىقەتەن مېنىڭ قەۋمىم سېنى بىر دەپ بىلىش ۋە يالغۇز ساڭىلا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت مەن ئۇلارنى بۇيرۇغان ئىشتا ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارغا ئەگەشتى. سەن ئۇلارنىڭ كاتتىلىرىغا مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا ئىنئام قىلغان ئىدىڭ. سېنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىنئاملىرىڭ ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىۋەتتى.

71:22Page 571

وَمَكَرُواْ مَكۡرٗا كُبَّارٗا ٢٢

And they conspired an immense conspiracy

ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۆز ئارىسىدىكى ئەقىلسىزلەرنى نۇھقا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈپ چوڭ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتى.

71:23Page 571

وَقَالُواْ لَا تَذَرُنَّ ءَالِهَتَكُمۡ وَلَا تَذَرُنَّ وَدّٗا وَلَا سُوَاعٗا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسۡرٗا ٢٣

And said, 'Never leave your gods and never leave Wadd or Suwāʿ or Yaghūth and Yaʿūq and Nasr.'1

ئۇلار ئەگەشكۈچىلىرىگە: مەبۇدلىرىڭلارغا چوقۇنۇشنى تەرك ئەتمەڭلار، يەنى ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسردىن ئىبارەت بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇشنى ھەرگىز تاشلىماڭلار، دېدى.

71:24Page 571

وَقَدۡ أَضَلُّواْ كَثِيرٗاۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا ضَلَٰلٗا ٢٤

And already they have misled many. And, [my Lord], do not increase the wrongdoers except in error."

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ مەبۇدلىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئى پەرۋەردىگارىم! كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىقتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى پەقەت ھەقىقەتتىن تېخىمۇ ئازدۇرۇۋەتكىن.

71:25Page 571

مِّمَّا خَطِيٓـَٰٔتِهِمۡ أُغۡرِقُواْ فَأُدۡخِلُواْ نَارٗا فَلَمۡ يَجِدُواْ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَنصَارٗا ٢٥

Because of their sins they were drowned and put into the Fire, and they found not for themselves besides Allāh [any] helpers.

ئۇلار سادىر قىلغان خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن دۇنيادا توپان بىلەن غەرق قىلىندى. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇدۇل دوزاخقا كىرگۈزىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى سۇغا غەرق بولۇشتىن ۋە دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمايدۇ.

71:26Page 571

وَقَالَ نُوحٞ رَّبِّ لَا تَذَرۡ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ دَيَّارًا ٢٦

And Noah said, "My Lord, do not leave upon the earth from among the disbelievers an inhabitant.

ئاللاھ تائالا نۇھقا ئۇنىڭ قەۋمىدىن (مۇشۇ چاغقىچە) ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقىلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا نۇھ ئېيتتى: ئى پەرۋەردىگارىم! يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرىدىغان كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن.

71:27Page 571

إِنَّكَ إِن تَذَرۡهُمۡ يُضِلُّواْ عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوٓاْ إِلَّا فَاجِرٗا كَفَّارٗا ٢٧

Indeed, if You leave them, they will mislead Your servants and not beget except [every] wicked one and [confirmed] disbeliever.

پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر ئۇلارنى ساق قويۇپ، مۆھلەت بەرسەڭ، ئۇلار سېنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلاردىن دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلار ساڭا ئىتائەت قىلمايدىغان پاجىر ۋە سېنىڭ نېئمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلمايدىغان ئەشەددىي كاپىر بولىدۇ.

71:28Page 571

رَّبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيۡتِيَ مُؤۡمِنٗا وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا تَبَارَۢا ٢٨

My Lord, forgive me and my parents and whoever enters my house a believer and the believing men and believing women. And do not increase the wrongdoers except in destruction."

پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ ۋە ئاتا - ئانامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەنلەرنىڭ ھەمدە بارلىق مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن. كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا پەقەت ھالاكەت ۋە زىيانكارلىقنى زىيادە قىلغىن.

Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences

Contents

Ayat al-Kursi36Al-Kahfpage 42juz 15Bukhari 1Muslim 2999

Style

Theme
Text size
Layout

Читать на русском