Al-MukhtasarAl‑Anfal · 8:45–75

Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur

Al-Anfal 8:45–75

8:45Page 182

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا لَقِيتُمۡ فِئَةٗ فَٱثۡبُتُواْ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ ٤٥

O you who have believed, when you encounter a company [from the enemy forces], stand firm and remember Allāh much that you may be successful.

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! كاپىرلاردىن بىر جامائەت بىلەن ئۇرۇشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، قورقماڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە تەلەپ قىلغىنىڭلارنى ئاتا قىلىپ، ھەزەر ئەيلىگىنىڭلاردىن يىراق قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىشكە قادىردۇر.

8:46Page 183

وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَنَٰزَعُواْ فَتَفۡشَلُواْ وَتَذۡهَبَ رِيحُكُمۡۖ وَٱصۡبِرُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ ٤٦

And obey Allāh and His Messenger, and do not dispute and [thus] lose courage and [then] your strength would depart; and be patient. Indeed, Allāh is with the patient.

سۆزلىرىڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ۋە پۈتۈن ئەھۋالىڭلاردا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇڭلار. پىكىردە ئىختىلاپلاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئىختىلاپ ئاجىزلىشىشىڭلارنىڭ، قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىڭلارنىڭ ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىڭلارنىڭ كېتىپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. دۈشمىنىڭلارغا ئۇچراشقان چېغىڭلاردا چىدامچان بولۇڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ياردەم، كۈچ ۋە نۇسرەت بېرىش ئارقىلىق سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر. ئاللاھ كىم بىلەن بىرگە بولسا ئۇ كىشى شەكسىز غالىب كېلىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ.

8:47Page 183

وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ خَرَجُواْ مِن دِيَٰرِهِم بَطَرٗا وَرِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ ٤٧

And do not be like those who came forth from their homes insolently and to be seen by people and avert [them] from the way of Allāh. And Allāh is encompassing1 of what they do.

مەككىدىن كىشىلەرگە چوڭچىلىق ۋە رىيا قىلىپ چىققان مۇشرىكلارغا ئوخشاش بولماڭلار. ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ۋە ئۇنىڭغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

8:48Page 183

وَإِذۡ زَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ وَقَالَ لَا غَالِبَ لَكُمُ ٱلۡيَوۡمَ مِنَ ٱلنَّاسِ وَإِنِّي جَارٞ لَّكُمۡۖ فَلَمَّا تَرَآءَتِ ٱلۡفِئَتَانِ نَكَصَ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِ وَقَالَ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّنكُمۡ إِنِّيٓ أَرَىٰ مَا لَا تَرَوۡنَ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَۚ وَٱللَّهُ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ ٤٨

And [remember] when Satan made their deeds pleasing to them and said, "No one can overcome you today from among the people, and indeed, I am your protector." But when the two armies sighted each other, he turned on his heels and said, "Indeed, I am disassociated from you. Indeed, I see what you do not see; indeed, I fear Allāh. And Allāh is severe in penalty."

ئى مۆئمىنلەر! شۇنى يادىڭلارغا ئېلىڭلاركى، شەيتاننىڭ مۇشرىكلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا ۋە ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقتۇرۇشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. شەيتان ئۇلارغا: «بۈگۈن ھېچقانداق كىشى سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن ۋە سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزىمەن» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا (مۆئمىنلەر قوشۇنى بىلەن ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان پەرىشتىلەر بار ئىدى. مۇشرىكلار قوشۇنى بىلەن ئۇلارنى خار قىلىدىغان شەيتان بار ئىدى) شەيتان ئارقىسىغا قاچتى ۋە مۇشرىكلارغا: مەن سىلەردىن ئادا-جۇدا، مەن ھەقىقەتەن مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن پەرىشتىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مېنى ھالاك قىلىشىدىن قورقىمەن. ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۆتۈرۈشكە ھېچكىم قادىر بولالمايدۇ» دېدى.

8:49Page 183

إِذۡ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ غَرَّ هَٰٓؤُلَآءِ دِينُهُمۡۗ وَمَن يَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ ٤٩

[Remember] when the hypocrites and those in whose hearts was disease [i.e., arrogance and disbelief] said, "Their religion has deluded those [Muslims]." But whoever relies upon Allāh - then indeed, Allāh is Exalted in Might and Wise.

شۇنى يادىڭلارغا ئېلىڭلاركى ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەر: «مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ سانى ئاز، تەييارلىقى بوش، دۈشمەنلىرىنىڭ سانى كۆپ، تەييارلىقى پۇختا بولسىمۇ مۆئمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى غەلبە قازىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان دىنى مۆئمىنلەرنى ئالداپ كەتتى» دېدى. ئۇلار، كىمكى يەككە-يېگانە ئاللاھقا تايىنىپ، ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلبىگە ئىشىنىدىكەن ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك ئاجىز بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ئۇنى ھەرگىز خار قىلمايدىغانلىقىنى بىلمىدى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرىدە ۋە ھۆكمىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

8:50Page 183

وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ يَتَوَفَّى ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَضۡرِبُونَ وُجُوهَهُمۡ وَأَدۡبَٰرَهُمۡ وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ ٥٠

And if you could but see when the angels take the souls of those who disbelieved...1 They are striking their faces and their backs and [saying], "Taste the punishment of the Burning Fire.

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر پەرىشتىلەر ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى ئالدىنى قىلىپ كەلسە يۈزلىرىگە، ئارقىسىنى قىلىپ قاچسا ئارقىلىرىغا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ئى كاپىرلار! كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيتتى. ناۋادا سەن بۇنى كۆرگەن بولساڭ كاتتا بىر ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ.

8:51Page 183

ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيۡسَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ ٥١

That is for what your hands have put forth [of evil] and because Allāh is not ever unjust to [His] servants."

ئى كاپىرلار! جانلىرىڭلارنى ئالغان چاغدىكى دەرتلىك ئازاپ، قەبرىلىرىڭلاردىكى ۋە ئاخىرەتتىكى ھالاك قىلغۇچى ئازابنىڭ سەۋەبى دۇنيادا ئۆزۈڭلار قىلغان جىنايەتتۇر. ئاللاھ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.

8:52Page 183

كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيّٞ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ ٥٢

[Theirs is] like the custom of the people of Pharaoh and of those before them. They disbelieved in the signs of Allāh, so Allāh seized them for their sins. Indeed, Allāh is Powerful and severe in penalty.

بۇ كاپىرلارغا چۈشكەن ئازاب ئۇلارغىلا خاس ئەمەس بەلكى ئۇ ھەرقانداق زامان ماكاندا كاپىرلارغا ئىجرا بولىدىغان ئاللاھنىڭ قانۇنيىتىدۇر. بۇ ئازابقا پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كاپىر بولغان چېغىدا ئۇلارمۇ ئۇچرىغان. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبلىك قاتتىق جازالىغان ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئازابىنى چۈشۈرگەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچ قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كىلەلمەيدۇ. ئۆزىگە ئاسى بولغانلارنى قاتتىق ئازابلىغۇچىدۇر.

8:53Page 184

ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ لَمۡ يَكُ مُغَيِّرٗا نِّعۡمَةً أَنۡعَمَهَا عَلَىٰ قَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ ٥٣

That is because Allāh would not change a favor which He had bestowed upon a people until they change what is within themselves. And indeed, Allāh is Hearing and Knowing.

بۇ قاتتىق ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتەن بىر قەۋمگە ئۆز دەرگاھىدىن بىر نېئمەتنى ئاتا قىلسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتىش، توغرا يولدا بولۇش، نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەت ياخشى ھالەتتىن، ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئاسى بولۇش، نېئمەتكە تېنىشتىن ئىبارەت ناچار ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە ئاللاھ نېئمىتىنى ئۇلاردىن تارتىۋالمايدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر. ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس.

8:54Page 184

كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ فَأَهۡلَكۡنَٰهُم بِذُنُوبِهِمۡ وَأَغۡرَقۡنَآ ءَالَ فِرۡعَوۡنَۚ وَكُلّٞ كَانُواْ ظَٰلِمِينَ ٥٤

[Theirs is] like the custom of the people of Pharaoh and of those before them. They denied the signs of their Lord, so We destroyed them for their sins, and We drowned the people of Pharaoh. And all [of them] were wrongdoers.

بۇ كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى پىرئەۋن جامائەتى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن ئىبارەت ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سەۋەپلىك ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. ئاللاھ پىرئەۋن جامائەسىنى دېڭىزغا غەرق قىلىش بىلەن ھالاك قىلدى. پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ھەربىرى ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك زۇلۇم قىلغۇچى ئىدى. ئۇلار بۇ كۇپرىلىقى تۈپەيلى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ھەقلىق بولدى-دە ئاللاھ ئۇلارغا بۇ ئازابنى چۈشۈردى.

8:55Page 184

إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ٥٥

Indeed, the worst of living creatures in the sight of Allāh are those who have disbelieved, and they will not [ever] believe-

زېمىندا مېڭىپ يۈرىدىغانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلار كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغاچقا ئۇلارغا پۈتۈن دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىل، كۆز ۋە قۇلاقتىن ئىبارەت ھىدايەت ۋاستىلىرى تۈگەشكەن.

8:56Page 184

ٱلَّذِينَ عَٰهَدتَّ مِنۡهُمۡ ثُمَّ يَنقُضُونَ عَهۡدَهُمۡ فِي كُلِّ مَرَّةٖ وَهُمۡ لَا يَتَّقُونَ ٥٦

The ones with whom you made a treaty but then they break their pledge every time, and they do not fear Allāh.

سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەنى قۇرەيزە بىلەن مۇئاھىدە تۈزدۈڭ، ئۇلار بولسا ھەر قېتىمدا سەن بىلەن تۈزگەن مۇئاھىدىسىنى بۇزىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار ئاللاھتىن قورقمايدۇ. شۇڭا ئەھدىگە ۋاپا قىلمايدۇ، ئۇلاردىن ئېلىنغان ئەھدىگە ئەمەل قىلمايدۇ.

8:57Page 184

فَإِمَّا تَثۡقَفَنَّهُمۡ فِي ٱلۡحَرۡبِ فَشَرِّدۡ بِهِم مَّنۡ خَلۡفَهُمۡ لَعَلَّهُمۡ يَذَّكَّرُونَ ٥٧

So if you, [O Muḥammad], gain dominance over them in war, disperse by [means of] them those behind them that perhaps they will be reminded.1

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇرۇشتا ئەھدىنى بۇزغانلار بىلەن ئۇرۇشساڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن باشقىلار ئىبرەت ئېلىپ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ۋە ساڭا قارشى دۈشمەنلىرىڭگە ياردەم بېرىشتىن ئەيمىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنى باشقىلار ئىبرەت ئالغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق جازالىغىن.

8:58Page 184

وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِن قَوۡمٍ خِيَانَةٗ فَٱنۢبِذۡ إِلَيۡهِمۡ عَلَىٰ سَوَآءٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡخَآئِنِينَ ٥٨

If you [have reason to] fear from a people betrayal, throw [their treaty] back to them, [putting you] on equal terms.1 Indeed, Allāh does not like traitors.

ئى پەيغەمبەر! ساڭا ئاشكارا بولغان ئىشلاردىن سەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن ئالدامچىلىق ۋە ئەھدىنى بۇزۇشتەك ئىشلارنى سەزسەڭ، ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش بىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇئاھىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىڭنى ئۇقتۇرغىن. ئۇلارغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلمىغىن. ئۇلارغا ئۇقتۇرۇشتىن ئىلگىرى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش خىيانەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى يامان كۆرىدۇ. خىيانەت قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن.

8:59Page 184

وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ سَبَقُوٓاْۚ إِنَّهُمۡ لَا يُعۡجِزُونَ ٥٩

And let not those who disbelieve think they will escape. Indeed, they will not cause failure [to Allāh].

كاپىرلار ئاللاھنىڭ ئازابى ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالدۇق دەپ ئويلىمىسۇن. ئاللاھنىڭ ئازابى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ ۋە ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلالمايدۇ بەلكى ئازاب ئۇلارغا يېتىدۇ.

8:60Page 184

وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن قُوَّةٖ وَمِن رِّبَاطِ ٱلۡخَيۡلِ تُرۡهِبُونَ بِهِۦ عَدُوَّ ٱللَّهِ وَعَدُوَّكُمۡ وَءَاخَرِينَ مِن دُونِهِمۡ لَا تَعۡلَمُونَهُمُ ٱللَّهُ يَعۡلَمُهُمۡۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ ٦٠

And prepare against them whatever you are able of power and of steeds of war1 by which you may terrify the enemy of Allāh and your enemy and others besides them whom you do not know [but] whom Allāh knows. And whatever you spend in the cause of Allāh will be fully repaid to you, and you will not be wronged.

ئى مۆمىنلەر! دۈشمەنلىرىڭلار ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئەسكەرى تەييارلىق قىلىڭلار. يەنى ئوق ئېتىش ۋە ساقلىغان ئاتلارنى ئاللاھ يولىدا تەييارلاڭلار. سىلەر بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ۋە سىلەرگە مۇسىبەت يېتىشنى كۈتۈپ تۇرىدىغان كاپىرلادىن ئىبارەت سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى قورقىتىسىلەر. سىلەر ئۇلارنى بىلمەيدىغان ۋە سىلەرگە يۇشۇرغان ئاداۋەتنىمۇ بىلمەيدىغان بەلكى ئاللاھ ئۇلارنى ۋە ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يۇشۇرغان نەرسىلەرنى بىلىدىغان باشقا قەۋملەرنى قورقىتىسىلەر. سىلەر سەرپ قىلغان مال ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئاللاھ دۇنيادا ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرگە ئاخىرەتتە كەمەيتمەستىن تولۇق ساۋاپ بېرىدۇ. ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشقا ئالدىراڭلار.

8:61Page 184

۞ وَإِن جَنَحُواْ لِلسَّلۡمِ فَٱجۡنَحۡ لَهَا وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ ٦١

And if they incline to peace, then incline to it [also] and rely upon Allāh. Indeed, it is He who is the Hearing, the Knowing.

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سۈلھىگە ۋە ئۇرۇش قىلماسلىققا مايىل بولسا سەنمۇ شۇنىڭغا مايىل بولغىن ۋە ئۇلار بىلەن مۇئاھىدە قىلغىن. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئاللاھقا ئىشەنگىن، ئاللاھ سېنى ھەرگىز خار قىلمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. نىيەتلىرىنى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

8:62Page 185

وَإِن يُرِيدُوٓاْ أَن يَخۡدَعُوكَ فَإِنَّ حَسۡبَكَ ٱللَّهُۚ هُوَ ٱلَّذِيٓ أَيَّدَكَ بِنَصۡرِهِۦ وَبِٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٦٢

But if they intend to deceive you - then sufficient for you is Allāh. It is He who supported you with His help and with the believers

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى ۋە ئۇرۇش قىلماسلىق بىلەن سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ شەكسىز ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى ۋە ھىلە-مىكرىدىن ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سېنى ئۆز ياردىمى بىلەن، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلاردىن ئىبارەت مۆئمىنلەرنىڭ ياردىمى بىلەن سېنى كۈچلەندۈردى.

8:63Page 185

وَأَلَّفَ بَيۡنَ قُلُوبِهِمۡۚ لَوۡ أَنفَقۡتَ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا مَّآ أَلَّفۡتَ بَيۡنَ قُلُوبِهِمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ أَلَّفَ بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّهُۥ عَزِيزٌ حَكِيمٞ ٦٣

And brought together their hearts. If you had spent all that is in the earth, you could not have brought their hearts together; but Allāh brought them together. Indeed, He is Exalted in Might and Wise.

ئاللاھ بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن ساڭا ياردەم قىلغان مۆئمىنلەرنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈردى. ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى مال-دۇنيانى سەرپ قىلساڭمۇ بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ. لېكىن يەككە-يېگانە ئاللاھ ئۇلارنى بىرلەشتۈردى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرنى بەلگىلەش ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، شەرئىي ھۆكۈمنى يولغا قويۇشىتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

8:64Page 185

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ حَسۡبُكَ ٱللَّهُ وَمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٦٤

O Prophet, sufficient for you is Allāh and for whoever follows you of the believers.

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ شۈبھىسىزكى دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. سەن بىلەن بىرگە بولغان مۆئمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئىشەنگىن ۋە ئۇنىڭغا تايانغىن.

8:65Page 185

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ حَرِّضِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ عَلَى ٱلۡقِتَالِۚ إِن يَكُن مِّنكُمۡ عِشۡرُونَ صَٰبِرُونَ يَغۡلِبُواْ مِاْئَتَيۡنِۚ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّاْئَةٞ يَغۡلِبُوٓاْ أَلۡفٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَفۡقَهُونَ ٦٥

O Prophet, urge the believers to battle. If there are among you twenty [who are] steadfast, they will overcome two hundred. And if there are among you one hundred [who are steadfast], they will overcome a thousand of those who have disbelieved because they are a people who do not understand.

ئى پەيغەمبەر! مۆئمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ھىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللار بىلەن ئۇرۇشقا قىزىقتۇرغىن. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەردىن كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىداملىق 20 ئادەم بولسا ئۇلار كاپىىرلاردىن 200 نى يېڭەلەيدۇ. ئەگەر سىلەردىن چىداملىق 100 ئادەم بولسا كاپىرلاردىن 1000 ئادەمنى يېڭەلەيدۇ. چۈنكى كاپىرلار ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ياردەم بېرىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش قانۇنيىتىنى چۈشەنمەيدىغان، ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىنى بىلمەيدىغان قەۋمدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.

8:66Page 185

ٱلۡـَٰٔنَ خَفَّفَ ٱللَّهُ عَنكُمۡ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمۡ ضَعۡفٗاۚ فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّاْئَةٞ صَابِرَةٞ يَغۡلِبُواْ مِاْئَتَيۡنِۚ وَإِن يَكُن مِّنكُمۡ أَلۡفٞ يَغۡلِبُوٓاْ أَلۡفَيۡنِ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ ٦٦

Now, Allāh has lightened [the hardship] for you, and He knows that among you is weakness. So if there are from you one hundred [who are] steadfast, they will overcome two hundred. And if there are among you a thousand, they will overcome two thousand by permission of Allāh. And Allāh is with the steadfast.

ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلگەچكە سىلەرگە مەرھەمەت قىلىپ سىلەردىن ھازىر يىنىكلەتتى. سىلەردىن بىر ئادەمگە كاپىرلاردىن 10 ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن 2 ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى ۋاجىپ قىلدى. ئەگەر سىلەردىن كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىداملىق 100 ئادەم بولسا ئۇلاردىن 200 نى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن چىداملىق1000 ئادەم بولسا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلاردىن 2000 نى يېڭىدۇ. ئاللاھ مۆئمىنلەر ئىچىدىن سەۋر قىلغۇچىلارنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ

8:67Page 185

مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَكُونَ لَهُۥٓ أَسۡرَىٰ حَتَّىٰ يُثۡخِنَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ تُرِيدُونَ عَرَضَ ٱلدُّنۡيَا وَٱللَّهُ يُرِيدُ ٱلۡأٓخِرَةَۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ ٦٧

It is not for a prophet to have captives [of war] until he inflicts a massacre [upon Allāh's enemies] in the land. You [i.e., some Muslims] desire the commodities of this world,1 but Allāh desires [for you] the Hereafter. And Allāh is Exalted in Might and Wise.

پەيغەمبەرگە كاپىرلار مۆئمىنلەر بىلەن قايتا ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان كاپىرلارنى ئەسىر ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. ئى مۆمىنلەر! سىلەر بەدر ئەسىرلىرىدىن پىدىيە ئېلىشنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ دىنغا ياردەم بېرىش ۋە دىننى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان ئاخرەتنى خالايدۇ. ئاللاھ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە باشقۇرىشىدا غالىبدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرى ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

8:68Page 185

لَّوۡلَا كِتَٰبٞ مِّنَ ٱللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمۡ فِيمَآ أَخَذۡتُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ ٦٨

If not for a decree from Allāh that preceded,1 you would have been touched for what you took by a great punishment.

سىلەرگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىش، ئەسىرلەردىن پىدىيە ئېلىشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى ئاللاھنىڭ بۇلارنى رۇخسەت قىلىش ھەققىدىكى ۋەھيىسى چۈشۈشتىن ئىلگىرى غەنىمەت ۋە پىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرەپتىن قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولاتتىڭلار.

8:69Page 185

فَكُلُواْ مِمَّا غَنِمۡتُمۡ حَلَٰلٗا طَيِّبٗاۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٦٩

So consume what you have taken of war booty [as being] lawful and good, and fear Allāh. Indeed, Allāh is Forgiving and Merciful.

ئى مۆئمىنلەر! كاپىرلاردىن ئالغان غەنىمەتنى يەڭلار، ئۇ سىلەرگە ھالالدۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھدىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆئمىن بەندىلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.

8:70Page 186

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّمَن فِيٓ أَيۡدِيكُم مِّنَ ٱلۡأَسۡرَىٰٓ إِن يَعۡلَمِ ٱللَّهُ فِي قُلُوبِكُمۡ خَيۡرٗا يُؤۡتِكُمۡ خَيۡرٗا مِّمَّآ أُخِذَ مِنكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ ٧٠

O Prophet, say to whoever is in your hands of the captives, "If Allāh knows [any] good in your hearts, He will give you [something] better than what was taken from you, and He will forgive you; and Allāh is Forgiving and Merciful."

ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى بەدر كۈنى ئەسىر ئالغان ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھ قەلبىڭلاردىكى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى مەقسەتنى بىلسە سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان پىدىيەدىنمۇ ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ. سىلەردىن ئېلىنغان پىدىيەگە قايغۇرۇپ كەتمەڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە كۆيۈمچاندۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى مۇسۇلمان بولغانلار ئىچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردا ئەمىلىلەشكەن.

8:71Page 186

وَإِن يُرِيدُواْ خِيَانَتَكَ فَقَدۡ خَانُواْ ٱللَّهَ مِن قَبۡلُ فَأَمۡكَنَ مِنۡهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ ٧١

But if they intend to betray you - then they have already betrayed Allāh before, and He empowered [you] over them. And Allāh is Knowing and Wise.

ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاشكارىلىغان سۆزى ئارقىلىق (يەنى ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولسا ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى. ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم ئاتا قىلدى. ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگىنى ئۆلتۈرۈلدى، ئەسىر ئېلىنغىنى ئەسىر ئېلىندى. ئەگەر ئۇلار قايتا خىيانەت قىلماقچى بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش (جازانى) كۈتسۇن. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچىدۇر. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

8:72Page 186

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يُهَاجِرُواْ مَا لَكُم مِّن وَلَٰيَتِهِم مِّن شَيۡءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُواْۚ وَإِنِ ٱسۡتَنصَرُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ فَعَلَيۡكُمُ ٱلنَّصۡرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ ٧٢

Indeed, those who have believed and emigrated and fought with their wealth and lives in the cause of Allāh and those who gave shelter and aided - they are allies of one another. But those who believed and did not emigrate - for you there is no support of them until they emigrate. And if they seek help of you for the religion, then you must help, except against a people between yourselves and whom is a treaty. And Allāh is Seeing of what you do.

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى تەستىقلىغانلار، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغانلار، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ياكى خاتىرجەم ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلالايدىغان ئورۇنغا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ماللىرى ۋە جانلىرىنى سەرپ قىلىپ جىھاد قىلغانلار، ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە جاي بەرگەن ۋە ياردەم بەرگەن ئەنە شۇ مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغان ئەنسارىلار بىر-بىرىگە ئىگە چىقىپ ياردەمدە بولىدۇ. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلمىغان كىشىلەر ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغۇچە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ھىمايە قىلىش سىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار ئەمەس. ئەگەر ئۇلارغا كاپىرلار زۇلۇم قىلىپ، ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇلارغا دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولۇپ، ئۇلار ئەھدىنى بۇزمىغان بولسا ياردەم بەرمىسەڭلىمۇ بولىدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

8:73Page 186

وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٍۚ إِلَّا تَفۡعَلُوهُ تَكُن فِتۡنَةٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَفَسَادٞ كَبِيرٞ ٧٣

And those who disbelieved are allies of one another. If you do not do so [i.e., ally yourselves with other believers], there will be fitnah [i.e., disbelief and oppression] on earth and great corruption.

كاپىرلارنى كۇپرىلىق جەملەيدۇ، ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. مۆئمىن كاپىرلانى دوست تۇتمايدۇ. ئەگەر سىلەر مۆئمىنلەرنى دوست تۇتۇپ، كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتمىساڭلار دىنى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ياردەم بەرگۈدەك كىشىنى تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە مۆئمىنلەر ئىچىدە پىتنە يۈز بېرىدۇ. زىمىندا ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىنمۇ چوڭراق پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ.

8:74Page 186

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ حَقّٗاۚ لَّهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ ٧٤

But those who have believed and emigrated and fought in the cause of Allāh and those who gave shelter and aided - it is they who are the believers, truly. For them is forgiveness and noble provision.

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغانلار ئەنە شۇلار ھەقىقى ئىمان سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنگەنلەردۇر. ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى: گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىش ۋە جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل رىزىققا مۇشەررەپ قىلىشتۇر.

8:75Page 186

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنۢ بَعۡدُ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ مَعَكُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ مِنكُمۡۚ وَأُوْلُواْ ٱلۡأَرۡحَامِ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلَىٰ بِبَعۡضٖ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ ٧٥

And those who believed after [the initial emigration] and emigrated and fought with you - they are of you. But those of [blood] relationship are more entitled [to inheritance] in the decree of Allāh.1 Indeed, Allāh is Knowing of all things.

ئى مۆمىنلەر! مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن كېيىن ئىمان ئېيتقانلار، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن، كۇپرى كەلىمىسىنىڭ تۆۋەن بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئەنە شۇلار سىلەرگە تەۋە. سىلەر بەھرىمان بولغان ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ. سىلەر ئۆتۈگەن مەجبۇريەتنى ئۆتەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئۇرۇق-تۇققانلار بىر-بىرىگە مىراسخور بولۇشتا ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان( كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان) ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ھىجرەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن(بىر-بىرىدىن) مىراس ئالىدىغانلاردىن ھەقلىقراقتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ بەندىلىرىگە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى بەندىلەر ئۈچۈن يولغا قويىدۇ.

Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences

Contents

Ayat al-Kursi36Al-Kahfpage 42juz 15Bukhari 1Muslim 2999

Style

Theme
Text size
Layout

Читать на русском