Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
الأعلى
Al-A'la
The Most High · Meccan · 19 ayahs
پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن بولغان پەرۋەردىگارىڭنى زىكرى قىلغان ۋە ئۇلۇغلىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ تەسبىھ ئېيتقىن.
ئۇ ئىنساننى بېجىرىم شەكىلدە ياراتتى ۋە قامىتىنى راۋرۇس قىلدى.
ئۇ پۈتكۈل خالايىقنىڭ جىنسلىرىنى، تۈرلىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى بېكىتتى ھەمدە ھەر قانداق مەخلۇقنى ئۆزىگە مۇناسىپ ۋە ماس تەرەپكە يېتەكلىدى.
ئۇ زېمىندىن چارىپايلىرىڭلارنى باقىدىغان ئوت - چۆپلەرنى چىقاردى.
ئاندىن ئۇ ئوت - چۆپلەر ھۆل ياشىرىپ بولغاندىن كېيىن قارامتۇل قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلاندۇردى.
87:6Page 591
سَنُقۡرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰٓ ٦
We will make you recite, [O Muḥammad], and you will not forget,
ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ، قەلبىڭگە توپلاپ بېرىمىز، ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسەن. شۇڭ سەن ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قىلغىنىڭدەك، جىبرىئىل بىلەن تەڭ ئوقۇمىغىن.
87:7Page 591
إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ وَمَا يَخۡفَىٰ ٧
Except what Allāh should will. Indeed, He knows what is declared and what is hidden.
لېكىن ئاللاھ بىرەر ھېكمەت تۈپەيلىدىن سېنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشىڭنى خالىغان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قالىسەن. شەكسىزكى ئاللاھ ئاشكارىنى ۋە مەخپىينى بىلىدۇ، بۇ ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
بىز ساڭا جەننەتكە كىرىشكە ۋەسىلە بولىدىغان ئەمەللەردىن ئاللاھ رازى بولىدىغانلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىمىز.
بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان ئارقىلىق كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغىن، ئۇلار ۋەز - نەسىھەتكە قۇلاقلا سالىدىكەن، ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن.
سېنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىڭنى ئاللاھتىن قورقىدىغان ئادەم قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋەز - نەسىھەتتىن مەنپەئەت ئالىدۇ.
كاپىر ۋەز - نەسىھەتتىن يىراق تۇرىدۇ ۋە قاچىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاخىرەتتە دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ بەدبەخت ئىنساندۇر.
87:12Page 591
ٱلَّذِي يَصۡلَى ٱلنَّارَ ٱلۡكُبۡرَىٰ ١٢
[He] who will [enter and] burn in the greatest Fire,
ئاخىرەتتە ئۇلۇغ ئوتقا كىرىدىغان كىشى ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ ۋە مەڭگۈ ئازابىنى چېكىدۇ.
ئاندىن ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ بىراقلا ئازابتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ يا تۈزۈكرەك ياشىيالمايدۇ.
شېرىكتىن ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن پاكلانغان ئادەم كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتتى.
ئۇ پەرۋەردىگارى يولغا قويغان شەكىلدە ئۇنى زىكىر قىلاتتى ھەمدە نامازنى تەلەپكە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلاتتى.
بەلكى سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئالدىغا قويىسىلەر، ئۇنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىسىلەر، ھالبۇكى ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقلەر بار.
ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ھەمدە ئۇنىڭدىكى مال - ماتا ۋە نازۇ-نېئمەتلەردىن كۆپ ياخشى ھەم ئارتۇقتۇر. چۈنكى ئاخىرەتتە قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر بار.
شەكسىزكى بىز سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەن بۇ ئىشلار ۋە خەۋەرلەر قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان سەھىپىلەردۇر.
ئۇ بولسا ئىبراھىم ۋە مۇساغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەردۇر.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences