Al-Mukhtasar · Tafsir · in Uyghur
الغاشية
Al-Ghashiyah
The Overwhelming · Meccan · 26 ayahs
88:1Page 592
هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلۡغَٰشِيَةِ ١
Has there reached you the report of the Overwhelming [event]?
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا قورقۇنچلۇق ھالەتلىرى ئىنسانلارنى تەرەپ - تەرەپتىن قورشىۋالغان قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلار يا بەدبەخت بولىدۇ يا بەختلىك بولىدۇ. بەدبەختلەرنىڭ چىرايلىرى ناھايىتى بىچارە، خار بولىدۇ.
بەدبەختلەر سۆرىلىپ تۇرىدىغان زەنجىرلەر ۋە باغلىنىدىغان كىشەنلەر سەۋەبىدىن چارچاپ ھالىدىن كەتكۈچىلەردۇر.
ئاشۇ ئادەملەر ھارارىتى قاتتىق بولغان قىززىق ئوتقا كىرىدۇ.
تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇلاقنىڭ سۈيىدىن سۇغىرىلىدۇ.
88:6Page 592
لَّيۡسَ لَهُمۡ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٖ ٦
For them there will be no food except from a poisonous, thorny plant
ئۇلار غىزالىنىدىغانغا شىبرىق دەپ ئاتىلىدىغان، قۇرۇغاندا زەھەرگە ئايلىنىدىغان ئەڭ نىجىس، ئەڭ سېسىق بىر خىل ئۆسۈملۈكتىن باشقا ھېچقاندا يېمەكلىك بولمايدۇ.
88:7Page 592
لَّا يُسۡمِنُ وَلَا يُغۡنِي مِن جُوعٖ ٧
Which neither nourishes nor avails against hunger.
ئۇ ئۆسۈملۈك يېگۈچىنى يا سەمرىتمەيدۇ، يا ئاچلىقىنى پەسەيتمەيدۇ.
ئۇ كۈندە نۇرغۇن بەختلىك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھۇزۇر - ھالاۋەت ۋە شاد - خۇراملىققا چۆمىدۇ.
ئۇلار دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن مەمنۇن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنىڭ ھەسسىلىنىپ ساقلانغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ.
جەننەتتە چەكلەنگەن سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئاساسسىز، بىكار گەپمۇ ئاڭلىمايدۇ.
بۇ جەننەتتە سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىپ، داۋاملىق ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بار بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆزلىرى خالىغىنىچە بەھرىمەن بولىدۇ.
ئۇ جەننەتتە ئېگىز كارىۋاتلار بار.
ئىچىملىك ئۈچۈن قاتار تىزىلغان قەدەھلەر بار.
يانمۇيان، رەتلىك تىزىلغان ياستۇقلار بار.
ھەممە يەردە سېلىنغان بىساتلار بار.
88:17Page 592
أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى ٱلۡإِبِلِ كَيۡفَ خُلِقَتۡ ١٧
Then do they not look at the camels - how they are created?
ئۇلار ئاللاھنىڭ تۆگىنى قانداق ياراتقانلىقىغا ۋە ئۇنى ئادەمزاتقا بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىگە تەپەككۇر نەزىرى بىلەن قارىمامدۇ؟
ئۇلار ئاسماننىڭ قانداق ئېگىز بىنا قىلىنغانلىقىغا قارىمامدۇكى، ئاسمان ئۇلارنىڭ ئۈستىدە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلانغان بىر ئۆگزە ھالىتىدە بولدى.
تاغلارنىڭ قانداق تىكلىنىپ، زېمىننىڭ ئىنسانلارنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن شۇ تاغلار ئارقىلىق قانداق مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىغا قارىمامدۇ؟
زېمىننىڭ قانداق يېيىلغانلىقىغا ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدە يەرلىشىشى ئۈچۈن قانداق تەييارلانغانلىقىغا قارىمامدۇ؟
88:21Page 592
فَذَكِّرۡ إِنَّمَآ أَنتَ مُذَكِّرٞ ٢١
So remind, [O Muḥammad]; you are only a reminder.
ئەي پەيغەمبەر! بۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتقىن. سەن پەقەت ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن. سەندىن پەقەت ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشتىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىش ئىشىغا كەلسەك، بۇ ئىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
سەن ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلاشقا مەسئۇل ئەمەسسەن.
لېكىن ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغان ئادەمگە كەلسەك،
88:24Page 592
فَيُعَذِّبُهُ ٱللَّهُ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَكۡبَرَ ٢٤
Then Allāh will punish him with the greatest punishment.
ئاللاھ قىيامەت كۈنى بۇنداق ئادەمنى جەھەننەمگە مەڭگۈلۈك مەھكۇم قىلىش ئارقىلىق ئەڭ قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.
ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ.
ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىش پەقەت بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر، سېنىڭ ياكى قانداقتۇر باشقا بىرىنىڭ بۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ.
Text: Quranic Universal Library (Tarteel), via spa5k/tafsir_api (MIT), at a fixed version. The ayahs: Quran Foundation. Sources and licences